بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى لاكنوۋدا بەش ئائىلىلىك زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئائىلىسىدىكىلەر قوشنىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلغانكەن، دادىسى بادار دېلوغا چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلىنىپ يوقاپ كەتكەن، ئوغلى ئارشاد قولغا ئېلىنغان بولۇپ، دېلو يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.
شۇ يەر ۋاقتى 1-يانۋاردىكى خەۋەرگە قارىغاندا، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى لاكنوۋدىكى بىر مېھمانخانىدا پاجىئە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇ يەردە تۇرىدىغان ئانا-بالا بەش ئادەم قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.
ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، جەسەتتىكى يارا ئىزىدىن قارىغاندا ئۇلار بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۆلۈشتىن بۇرۇن ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسەتمىگەن ئىكەن. تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى شۇكى، ئۇلارنىڭ بىلىكى كېسىلىپ، قان چىقىپ قەستەن قانسىراپ ئۆلگەنلىكتەك كۆرۈنۈش بارلىققا كەلگەن.
ئارقىدىن ھىندىستان ساقچىلىرى ئارشاد ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ بىر ئائىلىدىكى ئوغۇل ئىكەنلىكىنى، ئۇ ئۆز ئانىسىنى ۋە تۆت ئاچا-سىڭىلىنى ئۆلتۈرگەنلىكىدىن گۇمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئارشاد زەھەرلىك قولىنى سانجىشتىن بۇرۇن زەھەرلىك دورا ئارىلاشتۇرۇلغان يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكنى ئانىسى ۋە تۆت ئاچا-سىڭىلغا بەرگەن. بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن بىر ۋىدېيو ئالاقە تورىدا پەيدا بولغان، ۋىدېيودىكى بۇ ئەر دەل ئارشاد بولۇپ، ئۇ ئانا-بالا بولۇپ بەش ئادەمنى «قوغداش» ئۈچۈن ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ قوشنىسىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى ئۇ قوشنىسىنىڭ ھەيدەرئابادتا ئاچا-سىڭىللىرىنى سېتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
ئارشاد ۋىدىيودا مۇنداق دېگەن: «قوشنىمىز مال-مۈلكىمىزنى ئىگىلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ،يەنە ھەيدەرئاباد شەھىرىدە ئاچا-سىڭىللىرىمنى سېتىۋېتىشنى پىلانلىدى. مەن بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويمايمەن.» ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ئاگرا مەھەللىسىدىن كەلگەن رەھىمسىز بېسىم ۋە پاراكەندىچىلىكنىڭ ئۇنى بۇ كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان جىنايەتنى سادىر قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى ئېيتقان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، قەستكە ئۇچرىغان بۇ ئانىنىڭ ئىسمى ئاسما بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە قازا قىلغان تۆت قىزى 19 ياشلىق ئالسىيا، 18 ياشلىق رەمىئېن، 16 ياش ئاكسا ۋە توققۇز ياش ئالىيە ئىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ئائىلىنىڭ ئائىلە باشلىقى بولغان 55 ياشلىق دادىسى موھاد بادار بۇ دەھشەتلىك قىرغىنچىلىققا قاتناشقان دەپ گۇمان قىلىنغان، لېكىن ئۇنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان، شۇ جايدىكى ساقچىلار ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقان ئىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئارشاد دادىسىنى ئۇزىتىپ قويۇپ، چارباغ بېكىتىگە ئاپىرىپ قويغان، ئارقىدىن ئۇ ئۆزى پىيادە ساقچى ئىدارىسىغا بارغان. ئۇنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، ساقچىلار قاتىللىق قورالىنى تاپقان، بۇ تىغلىق ئەسۋاب ۋە ئارغامچا قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
دېلونى رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىشكە مەسئۇل ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى راۋىنا تەيياگى مۇنداق دېگەن: «بۇ مېھمانساراينىڭ 109 نومۇرلۇق ياتىقىدا بەش جەسەت بايقالدى. شۇ جايدىكى ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ئارشاد ئىسىملىك تەخمىنەن 24 ياشلىق ئاگرا شەھىرىدە تۇرىدىغان بىر ئەرنى قولغا ئالغان. دەسلەپكى سوراق جەريانىدا ئۇ ئائىلە ماجراسى تۈپەيلىدىن ئۆزىنىڭ تۆت ئاچىسى ۋە ئانىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا سوراق قىلىنىۋاتىدۇ.»
بىرلەشمە ساقچى مەخسۇس خادىمى بابىلو كۇمارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار مېھمانخانا خىزمەتچىلىرىدىن سوراپ، ئانا-بالا بەشىنىڭ 12-ئاينىڭ 30-كۈنى يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلگەن، شۇ چاغدا يەنە ئىككى ئەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلار بادار بىلەن ئارشاد بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
كۇمار مۇنداق دېگەن: «بىز يەنىلا يېقىن ئەتراپتىكى مېھمانساراي خىزمەتچىلىرىنى تەكشۈرۈۋاتىمىز، ھەر قانداق تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان ھامان، بىز دەرھال تاراتقۇلار بىلەن ئورتاقلىشىمىز».