بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك قىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بلانكا تايلاند ساياھىتىدە پىلنى يۇيۇندۇرۇۋاتقاندا سوقۇلۇش سەۋەبىدىن قازا قىلغان، ئۇ ئەمدىلا 22 ياشتا ئىكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ياۋنو ئارىلى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى تاقالغان. 2024-يىلى 39 ئادەم پىلنىڭ ھۇجۇمىدا قازا قىلغان.
بلانكا ئولجانگۇرىن گارسىيا ئىسپانىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ۋاللادولىدتىن كەلگەن قىزلار داشۆسى ناۋارا داشۆسىدە ئوقۇغان، قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت قوش ئۇنۋانىغا ئىگە. بلانكا تەتىلدىن پايدىلىنىپ تايلاندقا كېلىپ، باشقا دۆلەتنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھېس قىلغان، لېكىن بەختكە قارشى تىراگېدىيەگە ئۇچراپ، ئېغىر يارىلىنىپ 22 ياشلىق ھاياتىدىن ئايرىلغان.
شۇ يەر ۋاقتى 4-يانۋاردىكى خەۋەرگە قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى بلانكا تايلاندتىكى ياۋنو ئارىلى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى ياۋنو شۇ جاينىڭ ئالاھىدە ساياھەت تۈرىنى ھېس قىلماقچى بولغان، يەنى پىلنى يۇيۇندۇرۇش.
ياۋنو ئارىلى تايلاندنىڭ ئاندامان دېڭىزىدىكى بىر ئارال بولۇپ، پۇجى ئارىلى بىلەن جيامى ئارىلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، دېڭىز ساھىلى، مانگروۋا ئورمانلىقى، كاۋچۇك ئېكىنزارلىق ۋە بېلىقچىلىق كەنتى بىلەن داڭلىق. ئىگىلىنىشىچە، پىلنى يۇيۇش تايلاندقا كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىلەر قولدىن بېرىپ قويۇشنى خالىمايدىغان تۈر بولۇپ، گەرچە چىقىم ئانچە ئەرزان بولمىسىمۇ. بۇ تۈردە پىل بىلەن بىللە سۇ ئوينىيالايدىكەن ھەم ئۇنى يۇيۇندۇرالايدىكەن، يەنە پىلغا يېمەكلىك بېرەلەيدىكەن، ئەلۋەتتە ساياھەتچىلەرمۇ شۇ جاينىڭ پەسىللىك مېۋىلىرىنى تېتىپ باقسا بولىدىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بلانكا پىلنى يۇيۇندۇرۇۋاتقاندا تۇيۇقسىز پىلغا قاتتىق سوقۇلۇپ كېتىپ، پىل ئۇنى ئېغىر يارىلاندۇرغان. ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بلانكانى پىل چىشى زەخىملەندۈرگەن بولۇپ، گەرچە تېز سۈرئەتتە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.
ئىسپانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇ تىراگېدىيەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى دەلىللىگەن ھەمدە مۇنداق دېگەن: «بىز ئىسپانىيەلىك بىر ساياھەتچىنىڭ ۋەقەدە بەختكە قارشى قازا قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلەيمىز. ئىسپانىيەنىڭ باڭكوكتا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بارلىق زۆرۈر بولغان كونسۇل ياردەملىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.»
ئىگىلىنىشىچە، بلانكانىڭ جەسىتى پۇجى ئارىلىدىكى بىر دوختۇرخانىغا يۆتكەپ كېلىنگەن بولۇپ، ئۇ يەردە ئۆيگە قايتىش تەرتىپى تەييارلانغان.
بلانكانىڭ يىگىتى فرانسىسكو لايىقىنىڭ ۋەقەگە ئۇچرىشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭغا زور روھىي زەربە بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 18 ئادەم بىلانكانىڭ پىلنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرگەن. ئىگىلىنىشىچە، فىرانسىسكو بىلەن بلانكا تايلاندتىكى بىر كىچىك ئارالدا تونۇشقان.
ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى يەنە فرانسىسكو بىلەن ئىسپانىيە مەلىكىسى لېئونورنىڭ مەكتەپداش ئىكەنلىكىنى، ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى زاراگوزا ھەربىي شۆيۈەنىدە ئوقۇغانلىقىغا دىققەت قىلغان. فىرانسىسكو يەنىلا زالاگوزادا ئوقۇشى كېرەك ئىكەن، لېكىن لېئونولمۇ مارىن دېڭىز ئارمىيە شۆيۈەنىدە ئوقۇۋېتىپتۇ. تەختكە چىقىشنىڭ بىرىنچى ۋارىسى بولغان لېئونور دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئىسپانىيەدىكى ئۈچ ھەربىي مەكتەپتە بىر يىل ئوقۇغان، بىر يىل مەشىق قىلغان، كېيىن ئۇ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇغان.
ئۇ بلانكانىڭ ئىشىنى سۆزلەپ بەرگەن. تايلاندتىكى ساقچىلارنىڭ دەلىللىشىچە، ئىسپانىيەلىك ياش ساياھەتچىلەر پاجىئەگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ياۋنو ئارىلى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى تاقالغان، قاچان قايتا ئېچىلىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
ھايۋانات مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، پىلنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى ئاز بولۇپ، بۇمۇ «پىلنى يۇيۇنۇش»تەك تۈرنىڭ ئىنتايىن مودا بولۇشىدىكى سەۋەب ئىكەن. لېكىن ئەگەر پىللار تەھدىتكە ئۇچرىسا ياكى بالىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللانسا ھۇجۇم قىلىدىكەن، ئەينى چاغدا پىل ساياھەتچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغانلىقتىن جىددىيلىشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلىلا 39 ئادەم پىلنىڭ ھۇجۇمىدا قازا قىلغان.