ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ماركۇس رېنتىز بىر خۇسۇسىي رازۋېدچىك بولۇپ، ئۇ گېرمانىيە فرانكفورت پويىز باش پونكىتى ئەتراپىدا بىر خۇسۇسىي رازۋېدكا ئورنى ئاچقان.
رېنتىزنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىككى يىلدا ئۇنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ سودىسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ نۇرغۇن زاكاز تالونىنى تاپشۇرىۋالغان. ئۇلارنىڭ ھاۋالە مەزمۇنى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئۇلارنى «كېسەل رۇخسىتى رازۋېدچىكى» قىلىپ، شىركەتتىكى ئۇزاق مۇددەت كېسەل رۇخسىتى سورىغان مەلۇم بىر قىسىم خىزمەتچىلەرنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ راست–يالغانلىقىنى تەكشۈرمەكچى بولغان. بۇ ئىككى يىلدا ئۇنىڭ شىركىتى ھەر يىلى 1200دەك كېسەللىك رۇخسىتى رازۋېدكا ھاۋالىسىنى تاپشۇرۇۋالغان، بۇ بىر نەچچە يىل ئىلگىرىكىدىن بىر ھەسسە كۆپەيگەن.
كېسەللىك رۇخسىتى رازۋېتكا مۇلازىمىتى.
كېسەل رۇخسىتى رازۋېدچىكىنىڭ سودىسى يەنىلا مۇشۇ بىر نەچچە يىلدا قىزىپ كەتكەن بولۇپ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دۇنيا ئىقتىسادى كاساتلاشقان پەيتتە، گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ كېسەللىك رۇخسىتى نىسبىتى داۋاملىق ئۆرلەپ كەتكەن. ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلى گېرمانىيەلىكلەرنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن ئوتتۇرىچە ئىشتىن قېلىش نىسبىتى %6.8 بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭكىدىن خېلىلا ئېشىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر قاتارىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. فېدېراتسىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى دېستېتىسنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر گېرمانىيە ئىشچىلىرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 15.1 كۈن كېسەل رۇخسىتى ئالغان بولۇپ، بۇ 2021-يىلىدىكى 11.1 كۈندىن يۇقىرىلاپ كەتكەن. ھېسابلاش ئارقىلىق، كېسەللىك سەۋەبىدىن ئىشقا كەلمەسلىك نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى گېرمانىيەنىڭ 2023-يىلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %0.8 تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىقتىسادنىڭ %0.3 چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى مەلۇم بولغان. گېرمانىيەدىكى ئاساسلىق قانۇنلۇق ساغلاملىق سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان «TK»مۇ دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى توققۇز ئېيىدا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كېسەل رۇخسىتى كۈنى 14.13 كۈن بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى».
بۇنداق بولۇشتىكى بىر قىسىم سەۋەبلەر شۇكى، ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، گېرمانىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ كېسەللىك رۇخسىتى سوراش جەريانى ناھايىتى ئاسانلىشىپ كەتكەن، گېرمانىيە كىسەل يامرىغان مەزگىلدە بىر خىل يېڭى تۈزۈمنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ تۈزۈمنى ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كەلگەن، كېسەللىك ئەھۋالى يېنىك بىمارلار بۇ تۈزۈم بويىچە پەقەت دوختۇرغا تېلېفون قىلىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى بايان قىلسىلا، كېسەللىك رۇخسىتىنى بىۋاستە ئالالايدىكەن. بۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن، ئاغرىپ قالمىغان كىشىلەر مىكروفون ياكى تېلېكامېراغا قاراپ بىر نەچچە قېتىم يۆتىلىپ قويسىمۇ، يەنىلا كېسەللىك رۇخسىتى خېتى ئالالايدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن ئىككى كۈندە بىر ئىشچى-خىزمەتچىلەر كەلمەيدىغان، كارخانا دائىم تولۇق مائاش بېرىدىغان ئەھۋال پەيدا بولغاچ، شىركەتلەر خۇسۇسىي رازۋېدچىكلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشكە ياللاپ، باشقىلارنىڭ ئاغرىپ قالغان قىياپەتكە كىرىۋېلىشى ياكى رۇخسەت سوراپ قويۇپ قوشۇمچە خىزمەت قىلىشىدىن ساقلانماقچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن كبسەللىك رۇخسىتى رازۋىدكا كەسپى مانا مۇشۇنداق تەرەققىي قىلغان. رېنتىز شىركەتلەرنىڭ ھاۋالىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت يالغاندىن ئاغرىپ قالغان قىياپەتكە كىرىۋالغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە قوشۇمچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. مەسىلەن، ئۇ ئىلگىرى ھاۋالە بىلەن ئىزىغا چۈشكەن بىر خىزمەتچى، رەسمىي كېسەللىك رۇخسىتى ئالغان مەزگىلدە ئايالىنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن، يەنە بەزىلەر ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسەللىك رۇخسىتى سوراپ ئۆزىنىڭ ئۆيىنى بېزىگەن.
رېنتىز بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېگەن: «رازۋېدچىك تەكلىپ قىلىش ھەققى تۆۋەن بولمىسىمۇ، لېكىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق مەزگىلىدە، كارخانا يەنىلا ئامال قىلىپ ئۈنۈمى تۆۋەن خىزمەتچىلەردىن قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ. ئۇلار دائىم كىسەل رۇخسىتى سورايدىغانلار بىزگە ھىچقانداق پايدا ئىلىپ كىلەلمەيدۇ، شۇڭا كېتىپ قالغىنى ياخشى، دەپ قارايدۇ. ۋەھالەنكى، كېسەل رۇخسىتى رازۋېدچىكى تەكلىپ قىلىشمۇ ھەممە ئىشنى ھەل قىلالمايدۇ، كارخانا تولۇق دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلىغان ھالەتتىمۇ، خىزمەتچىلەرنى جازالاشتا نۇرغۇن توسالغۇلار بار. مەسىلەن، ئىتالىيەلىك بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرى تەشۋىشلىنىش كېسىلىنى باھانە قىلىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك كېسەللىك رۇخسىتى ئالغان، شىركەت خۇسۇسىي رازۋېدچىكنى ياللاپ ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۆيدە ئارام ئالمىغانلىقىنى، بەلكى ھەر كۈنى كەچتە قاۋاقخانىغا بېرىپ ساز چېلىپ ناخشا ئېيتىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن شىركەت شوپۇرنى ناھايىتى تېزلا ئىشتىن بوشاتقان، ئەمما بۇ شوپۇر شىركەتنى سوتقا ئەرز قىلغان. كىم بىلسۇن ئىتالىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى ئەڭ ئاخىرىدا بۇ شوپۇرنىڭ مۇزىكىدىن ھۇزۇرلىنىشى ئۇنىڭ تەشۋىشلىنىش كېسىلىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق، دەپ كېسىم چىقىرىپ، شىركەتنى شوپۇرنىڭ خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ھۆكۈم قىلغان».
رىم گىلادىياتورلار مەيدانى.
ئىسپانىيەدىكى يەنە بىر رازۋېدكا ئورنى بىر شىركەتنىڭ ھاۋالىسى بىلەن باسك رايونىدا ئۇزۇن مۇددەت رۇخسەت سورىغان بىر خىزمەتچىنى تەكشۈرگەن، كېسەل رۇخسىتى رازۋېدچىكى بۇ خىزمەتچىنىڭ كېسەل رۇخسىتى سورىغان مەزگىلىدە بىر شەخسىي گولف توپ كۇلۇبىغا بېرىپ توپ ئوينىغانلىقىنى بايقىغان، رازۋېدچىك ئۇنىڭ ئۇ يەردە گولف توپ ئويناش جەريانىنى سۈرەتكە ئىلىۋالغان، يەنە ئۇنىڭ باسك رايونىدىن باشقا ئىككىنچى تۇرالغۇسىدىكى ھەرىكىتىنىمۇ ئىز قوغلاپ سۈرەتكە ئالغان.
شىركەت رازۋېدچىك تەمىنلىگەن دەلىل-ئىسپاتقا ئاساسەن بۇ خىزمەتچىگە خىزمەتتىن توختىتىش جازاسى بەرگەن، لېكىن خىزمەتچى بۇ جازالاش نەتىجىسىدىن رازى بولماي، نارازىلىق ئەرزى سۇنغان، ئاخىرىدا سوت مەھكىمىسى بۇ خىزمەتچىنىڭ دەۋا تەلىپىنى قوللىغان ھەمدە جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خۇسۇسىي رازۋېدچىك تەمىنلىگەن دەلىل-ئىسپاتنى «شەخسىي بىخەتەرلىك قانۇنى»غا خىلاپ دېگەن، ھېلىقى كېسەل رۇخسىتى رازۋېدچىكىنى تەكلىپ قىلغان شىركەتنىمۇ ئۇ خىزمەتچىگە 15 مىڭ ياۋرو تۆلەم تۆلەشكە، رازۋېدچىكلىق ھەققىنىمۇ تۆلەمگە ھېسابلاپ بېرىشكە بۇيرىغان.
يەنە بىر قىسىم داڭلىق شىركەتلەر، مەسىلەن، تېسلا قاتارلىقلار تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىركەت باشقۇرغۇچىلىرىنى بىۋاسىتە ئەۋەتىپ، ئۆيدە كېسەل رۇخسىتى ئالغان خادىملارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق زاۋۇتلارنىڭ كېسەل رۇخسىتى ئېلىش سەۋەبىدىن ئىشقا چىقماسلىق نىسبىتى يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. لېكىن يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىغان: «كېسەللىك رۇخسىتى كۆپىيىش، ئىشقا چىقماسلىق نىسبىتى يۇقىرى بولۇش مەسىلىسى نەچچە يېلدىن بۇيان نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشى، جەمئىيەت كاپالىتىنىڭ بارغانسېرى ئاجىزلىشىشى، خىزمەت بېسىمىنىڭ بارغانسېرى زورىيىشى، روھىي كېسەللىكنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولغان، بۇ ھەرگىزمۇ ھۇرۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەتلىك كېسەللىك رۇخسىتى ئالغانلىق ئەمەس، ئاتالمىش كېسەللىك رۇخسىتى رازۋېدچىكلىرىنى ياللاپ ئىشلىتىش تۈپ مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان، زۇكام ئالامەتلىرىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ قانداق تەرەققىي قىلغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىمەن، خۇددى ئۆتكەن يىلدىكىگە ئوخشاش. ھازىر ئۇ دائىم قايتا قوزغالماقتا، ئۇلار بىر كۈندىلا ياخشى بولۇپ كېتىشى مۇمكىن، ياكى ئىككى ھەپتە داۋاملىشىشىمۇ مۇمكىن».
يەنە بەزىلەر رۇخسەت سوراشنى توختىتىش تېخىمۇ چوڭ ئاۋارىچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن دەپ قارايدىكەن. ئۇلار مۇنداق دېگەن: «بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، بىزدە قىسمەن نورو يۇقۇمى يۈز بەرگەن، چۈنكى بىر ئىچىملىك دۇكىنىنىڭ خوجايىنى خىزمەتچىلەردىن كېسەل تۇرۇپ ئىشقا بېرىشنى تەلەپ قىلىشتا چىڭ تۇرغان. بۇ دۇكاننىڭ ئەتراپىدا ئۈچ مەكتەپ (باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ) بار بولۇپ، سىز ئۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋىتىنىڭ قانچىلىك ئىغىر ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟».
«ئەگەر ئاغرىپ قالسىڭىز ئىشقا بارماسلىقىڭىز كېرەك، بولمىسا كېسىلىڭىزنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشىڭىز مۇمكىن. بۇ كېسەل كىشىلەرنىڭ خىزمەت قىلالماسلىق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى يۇقۇش مەسىلىسى. بۇ خىل روھىي ھالەتتە، ئۆيدە خىزمەت قىلىشنىڭ تېخىمۇ چوڭ قىممەت بوشلۇقى بار. <يېنىك زۇكام> بولۇپ قالغان ئادەم خىزمەت قىلالماي قالمايدۇ، لېكىن باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويىدۇ».
«قاچاندىن باشلاپ كارخانا بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ ساغلام، ئۈنۈملۈك ئالاقە يولى بەرپا قىلىنىدىغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ قانۇن چېگراسىدا مېڭىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئويلىمايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ».