توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
شۇ يەر ۋاقتى 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكىدىن تايلاندنىڭ باڭكوكتىكى سۇۋاناپۇ ئايرودۇرۇمىغا قاراپ ئۇچقان ئۈچ ئەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى تايلاند پادىشاھى راما X (Rama X) ماخا ۋاجىرالوڭكورن (Maha Vajiralongkorn)نىڭ ئوغلى، توغرىراقىنى ئېيتقاندا، سۈرگۈن قىلىنغان ئوغۇللىرى.
ئەڭ ئوتتۇرىدا ماڭغان ھېلىقى كىشى كىشىلەرگە ناتونۇش ئەمەس، ۋاچاراسورن ۋىۋاچاراۋوكسې (Vacharaesorn Vivacharawongse) راما Xنىڭ ئىككىنچى ئوغلى بولۇپ، ئالدىنقى يىلى يازدا تايلاندقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تايلاند بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا توختىماي قاتراپ يۈرۈپ، پادىشاھلىققا قايتىپ كېلىش نىيىتىدە بولغان.
تاراتقۇلارنىڭ سۈرەتلەردىن قارىغاندا، ئاكا-ئۇكا ئۈچەيلەن باڭكوكقا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ناھايىتى تېزلا ۋات ئارۇن (Wat Arun)غا بارغان، بۇ باڭكوكتىكى بەلگە خاراكتېرلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە، گەرچە بۇ ۋات ئارۇن 17-ئەسىردىن باشلاپ مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۆزگىچە چوققىسىنى راما II بىلەن راما III ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە سالغان.
ئەمەلىيەتتە، راما X ۋە ئۇنىڭ سابىق ئايالى سۇجالىنى ۋىۋاچاراۋسېنىڭ جەمئىي بەش بالىسى بار بولۇپ، تۆت ئوغۇل، بىر قىزى بار ئىكەن. قىزى دەل «دۆلەتنىڭ قوغدىغۇچى» دەپ ئاتالغان مەلىكە سرىۋان ناۋارى (Prince Sirivannavari) بولۇپ، بۇ تۆت ئاكا-ئۇكىنىڭ ئىچىدە ئۈچىنچىسى چاكرىۋا ناۋارى (Chakriva navari، رەسىمنىڭ سول تەرەپتىكىسى) ئىكەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، چاكرىۋا ناۋارى باڭكوكتا مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىپ قالغان بولۇپ، ھازىر مېدىتسىنا لېكتورى ئىكەن.
سۈرەتتىكى ئەڭ ئوڭ تەرىپتىكى سۈزۈك ئەينەك رامكا تاقىۋالغان ئەر، ئاكا-ئۇكىلارنىڭ چوڭى جۇزاۋاچارا ۋىۋاچاراۋوڭسې (Juthavachara Vivacharawongse) بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن، ئۇ راما Xنىڭ چوڭ ئوغلى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر 30 يىل ئىلگىرى ئۇ تايلاندتىن قوغلاپ چىقىرىلمىغان بولسا، ھازىر ئۇ شاھزادە ئۇنۋانى بىلەن دادىسىغا ياردەملىشىپ پادىشاھلىقنى باشقۇرغان بولاتتى. لېكىن ئەزەلدىن قائىدە-يوسۇندىن چىقالمايدىغان، ئېقىمغا ماسلىشالمايدىغان راما Xنىڭ يېنىدا يۈرمەك ھەقىقەتەن تەس بىر ئىش.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ جۇزاۋاچارانىڭ 15 يېشىدا تايلاندتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم يۇرتىغا قايتىشى ھېسابلىنىدىكەن. قارىماققا مىجەزى ياخشى بۇ ئەر، ئىلگىرى ئېمبىرى-رىددېل ئاۋىياتسىيە داشۆسى (Embry-Riddle Aeronautical University)نى پۈتكۈزۈپ، ئاۋىياتسىيە تېخنىكىسى بويىچە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ۋە ئاۋىياتسىيە ئىلمى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، كېيىن يەنە توماس جېففېرسون قانۇن شۆيۈەنىدە ئوقۇغان، قانۇنشۇناسلىق دوكتورى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ھازىر ئامېرىكىدا ئاۋىئاتسىيە قۇرۇلۇشى ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.
بىراق ئۇ لېيا گاۋف (Leah Gough) ئىسىملىك ئامېرىكىلىق بىر ئايال بىلەن توي قىلغاچقا، تايلاند خان جەمەتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئۇنىڭ يەنە شاھزادە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەيلى ئۇ دادىسى بىلەن يارىشىپ قالسۇن ياكى قالمىسۇن، ئۇنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى يوق، ناۋادا ئۇ ھازىرقى ئايالىدىن ئاجرىشىپ كەتمىسىلا.
بۇ ئۈچ ئاكا-ئۇكىنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىكى ۋاتچاراۋى ۋىۋاچاراۋوڭسې (Vatchrawee Vivacharongse) بولۇپ، بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن، ستېتسون داشۆسى (Stetson University)نى پۈتتۈرگەن، ئۇ ھازىر بىر پۇل مۇئامىلە مۇتەخەسسىسى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بويتاق.
يېڭى يىل كىرىشى بىلەن ئىلگىرىكى تايلاند شاھزادىلىرى باڭكوكتا قايتا جەم بولغان، بۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماي قالمىغان، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر «تايلاند خان جەمەتىدە يەنە بىر قېتىملىق زور تەدبىر ياكى بىرەر ئىش يۈز بېرەمدۇ؟» دەپ ھەرخىل پەرەزلەرنى ئوتتۇرغا قويغان. ئەمەلىيەتتە، ۋارىسلىق قىلغۇچىنىڭ ئالتىنچى ئۆمرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان راما X ئىزچىل تۈردە ناھايىتى سىرلىق بولۇپ، ھازىرغىچە تەخت ۋارىسى بەلگىلىمىگەن.
ئۇنىڭ يېنىدا ھازىر پەقەت بىرلا ئوغلى بار بولۇپ، يەنى 19 ياشلىق دىپاڭكورن (Dipangkorn)لا قالغان، لېكىن بۇ شاھزادە گېرمانىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان بولۇپ، كۆپلىگەن تاراتقۇلار ئۇنى تەختكە ۋارىسلىق قىلىدۇ دەپ قاراپ كەلمەكتە. ئەگەر شۇنداق ئاددىي بولىدىغان بولسا، راما X ئۇنى بۇرۇنلا تەخىت ۋارىسى دەپ ئېلان قىلغان بولاتتى، لېكىن ئۇ ئۇنداق قىلمىدى. بۇنىڭدىن باشقا تۆت ئوغلى بۇرۇنلا قوغلىۋېتىلگەچكە، تەخىت ۋارىسىنىڭ ئىشى بارغانسېرى سۇغا چىلاشقان.