ساۋاقدىشىنى بوزەك قېلىپ13يىللىق قامالغان زومىگەر چىقتى

文摘   2025-01-08 21:47   海南  

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تاراتقۇلار «پەقەت دۆلىتىمدىكىلەرنىلا بوزەك قىلىمەن» دەپ جار سالغان ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق زومىگەر ئىساكو (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)نىڭ 2025-يىلى دۆلىتىگە قايتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان (يەنە بەزى ئۇچۇرلاردا قايتىپ بولغانلىقى ئېيتىلغان). بۇ خەۋەر چىقىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەينى يىلىدىكى بۇ داڭلىق دېلوغا بولغان ئەسلىمىسى قوزغالغان.

2016-يىلى، 19 ياشلىق ئىساكونىڭ زومىگەرلىك دېلوسى بىر مەھەل ئىككى دۆلەتنى زىلزىلىگە سالغان. ئۇ چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان باشقا ئىككى ئوقۇغۇچى ياماتو (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)، (18 ياش)، يۇزىكو (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)، (18 ياش) بىلەن ساۋاقداشلىرىنى تۇتقۇن قىلىش، ئۇرۇش ۋە قىيناش جىنايىتىگە چېتىلىپ قالغان بولۇپ، شۇ چاغدا ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 13 يىللىق، 10 يىللىق ۋە ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار جازا كېمەيتىش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئىساكونىڭ بۇ يىل قويۇپ بېرىلىش ھەمدە دۆلىتىگە قايتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن، ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولۇپ، پۈتۈن دۇنياغا نەزەر سالساق، مەكتەپ زومىگىرى يەنىلا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان قىيىن مەسىلە بولۇپ قالغان.

بۇ زومىگەرلىك ۋەقەسى 2015-يىلى 3-ئايدا لوس ئانژېلېستا يۈز بەرگەن. «لوس ئانژېلېس ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئەڭ دەسلەپتە خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىش تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قىزلىرى ئارىسىدا رېستۇراننىڭ ھېسابات تالونى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ئادەتتىكى تالاش-تارتىش بولۇپ، كېيىن ئېغىر دەرىجىدە تېز سۈرئەتتە كەسكىنلەشكەن. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مىتسۇكى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)نىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا ئۇ بىر ماروژنى دۇكىنىدا قارشى تەرەپ بىلەن تالاش-تارتىش قىلغاندا، ئىساكونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ قىز بىرلىشىپ ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇپ، ئۇنى 20 مىنۇت تىزلىنىشقا، پول ئۈستىدىكى تاماكا قالدۇقى ۋە ماروژنى دېغىنى قولى بىلەن سۈرتۈشكە مەجبۇرلىغان.

بۇ بىرنەچچە كىشىنىڭ ھەممىسى خۇسۇسىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان بولۇپ، بۇ مەكتەپتە نۇرغۇن دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بار ئىكەن. ئىشتىن كېيىنكى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل زومىگەرلىكنىڭ باشلىنىشى ماروژنى دۇكىنىدا يۈز بەرمىگەن. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مىتسۇكى بىلەن ئىساكو ئوخشاش بىر ئوغۇل بالا بىلەن ئارىلاشقانلىقى ئۈچۈن تالاش-تارتىش قىلغان، ئىككىيلەن توردا قارشى تەرەپنى ھاقارەتلىگەن يازمىلارنى يوللىغان. ئەمما ماروژنى دۇكىنىدا تاياق يېگەندىن كېيىن، مىتسۇكى بۇنىڭ پەقەت بىر باشلىنىش ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان.

ئۇنىڭدىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بۇ جىدەلگە قاتناشقان. بىر توپ كىشىلەر مىتسۇكىنى يېقىن ئەتراپتىكى باغچىغا باشلاپ بېرىپ، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، ئېگىز پاشنىلىق ئايىغى بىلەن تەپكەن، ئۇنى نەچچە يۈز كاچات ئۇرغان، يەنە تېخى ئۆچۈرۈلمىگەن تاماكا قالدۇقىنى ئۇنىڭ بەدىنىگە ياققان. ئۇلار ئۇنىڭ چېچىنى كېسىۋېتىپ، ئۇنى يەردىكى قۇم بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ نەق مەيداندا يېيىشكە مەجبۇرلىغان. بىرەيلەن يانفونىدا ئۇنى سۈرەتكە تارتىۋالغان، پۈتكۈل قىيناش جەريانى بەش سائەت داۋاملاشقان.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قىينالغان باغچا.

خورلاش جەريانىدا، بەزىلەر سۈرئەتنى ئاستىلىتىش، ئۇنى ئۇنداق قاتتىق ئۇرماسلىق، يەنە بىر ئاز كېچىكتۈرۈپ «ھۇزۇرلىنىش»نى ئوتتۇرىغا قويغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مىتسۇكى كېيىنكى سوتتا قاراپ چىقىش نەق مەيدانىدا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر بۇ بىر توپ ئادەم چارچاپ قالمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ خورلىشى داۋاملىشىۋەرگەن بولاتتى، مەنمۇ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىن ئىبارەت بۇ زېمىندا ئۆلۈپ قالغان بولاتتىم».

خورلاشتىن كېيىن، زومىگەرلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، يەنە باشقىلارغا دۆڭگەپ قويۇش ئامالىنى ئويلاپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ساقچىغا يالغان سۆزلەشكە مەجبۇرلىغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەر بىۋاسىتە دۆلىتىگە قېچىپ كەتكەن. بۇ ئىشتىن كېيىن مىتسۇكى ساقچىغا مەلۇم قىلغان. بۇ بىر نەچچە زومىگەر باش پىلانلىغۇچى ئەڭ دەسلەپتە جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلغان، ھەتتا ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، قانچىلىك ئىشتى، مەيلى قانداق ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاتا-ئانىمىز ئوتتۇرىغا چىقىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، دېگەندەك پوزىتسىيەدە بولغان. ئىساكو يەنە بىر مەھەل ئۆزىنىڭ پەقەت ئۆز دۆلىتىدىكىلەرنىلا تاللاپ ئۇرۇشسا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەسلا كارى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

لېكىن ناھايىتى تېزلا بۇ ئۈچ باش پىلانلىغۇچى تۇتقۇن قىلىش ۋە قىيناش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. كالىفورنىيە ئىشتاتىدا قىيناش جىنايىتى بېكىتىلسە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىساكو ۋە يەنە بىر ئاساسلىق جىنايەت گۇماندارى ياماتو (بەزى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئۇ ئەينى چاغدا ئساكونىڭ ئوغۇل دوستى ئىكەن) ئەيىبلىنىشتىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە يەنە بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئۇرغان، كۆيدۈرۈپ يارىلاندۇرغان، ئىككىسىنىڭ رەزىللىكى ئويلىغىنىمىزدىنمۇ كۆپ ئىكەن.

قاتمۇقات ئەيىبلەشلەرگە ئۇچراپ، ئۈچەيلەن پۈتۈنلەي ھودۇقۇپ، ئۆزلىرىنىڭ «ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى»دىن ئىبارەت چوڭ بالاغا قالغانلىقىنى بىلگەن. دېلوغا چېتىشلىق ئۈچ جىنايەت گۇماندارىنىڭ يېشى كىچىك بولسىمۇ، بىراق قىلمىشى قەبىھ، ۋاستىسى رەزىل ئىكەن. چۈنكى دېلو ئەھۋالى «قىيناش»نىڭ ئېنىقلىمىسىغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن بولۇپ، «قىيناش»تىن ئىبارەت ئەيىبلەشنى ئېلىپ تاشلاش ناھايىتى تەس ئىكەن، بۇ سوت ئىچىلغاندىن كېيىن، ئۈچەيلەننىڭ ئېغىر قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

بۇ بىر نەچچەيلەننىڭ كېپىللىك پۇلى 3 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، بۇ زومىگەرلەرنىڭ يېراقتىكى ئاتا-ئانىلىرى بۇ چاغدا ھەرىكەتنى باشلىغان. ئەمما ھېچكىممۇ ئويلاپ باقمىغان يەردىن، ناھايىتى تېزلا بۇ دېلودىن ئەجەللىك يەنە بىر دېلو ئوتتۇرىغا چىققان. بەزى تاراتقۇلار ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر جاۋابكارنىڭ دادىسىنىڭ گۇۋاھچىلارغا پارا بېرىشكە ئۇرۇنۇپ، ئىلگىرى ئۆزى «ئادەتلەنگەن ۋاسىتىسى»غا ئوخشاش دېلوغا ئارىلىشىش، «يارىشىش»نى ئۈمىد قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ كېيىن مۇشۇ سەۋەبتىن قولغا ئېلىنغان ھەمدە پارا بېرىشكە ئۇرۇنغان، دەپ ئەيىبلەنگەن.

ئۆزئارا يارىشىش مۇمكىن بولمايدىغاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن، زومىگەرلىك قىلغۇچىلار يەنىلا تەلەي سىناش نىيىتىدە بولۇۋاتقاندەك كۆرۈنگەن. ئەينى چاغدىكى خەۋەرلەردە باش پىلانلىغۇچى ئىساكونىڭ سوتتا بىشەملىك قىلىپ، سوتچىنى ئازراقمۇ كۆزگە ئىلمىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بىراق ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم ئۇنىڭ يۈزىگە قاتتىق ئۇرۇلغان.

ئىساكونىڭ ئادۋوكاتى كېيىن ئۇنىڭ تۈرمىدە يازغان باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتكەن بولۇپ، ئويۇن قويۇۋاتامدۇ ياكى سەمىمىيلىك بىلەن ئەپۇ سوراۋاتامدۇ بۇنى بىلگىلى بولمىغان، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسكى ئادەم ئەمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭ قىلمىشىنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى يازغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ يەردە ۋە دۆلىتىمدە باشقىلارنىڭ مەندىن نەپرەتلەنگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، بەلكىم بۇنداق قاراشقا ئۇچرىشىم توغرا بولسا كېرەك».

ئۇ يەنە كالىفورنىيە ئىشتاتىدا يالغۇز ياشاشنىڭ ئۆزىنى ماددىي مەدەنىيەت پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويغانلىقىنى، ئەڭ يېڭى ئايفونلارنى، چىرايلىق كىيىملەرنى خالىغانچە سېتىۋالالايدىغانلىقىنى، لېكىن ھازىر ئۇ ئاتا-ئانىسىغا بەك كۆپ قەرز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنىمۇ يازغان. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۇلار مېنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش، تېخىمۇ ئەتراپلىق تەربىيە ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا ئەۋەتتى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ نۇرغۇن ئەركىنلىكلەر پەيدا بولدى، لېكىن ئەركىنلىك بەك كۆپ بولۇپ كەتتى، بۇ يەردە مەن يالغۇز ياشاپ ئادىشىپ قالدىم. مەن ئاتا-ئانامغا ئېيتمىدىم، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ مەندىن ئەنسىرەپ قېلىشىنى خالىمايتتىم».

يەنە بىر جىنايەت گۇماندار ياماتونىڭ ئاتا-ئانىسى ئالتە قېتىم ئامېرىكىغا بالىسىنى قۇتقۇزغىلى بارغان، دادىسى «ئەگەر پۇرسەت قايتا كىلىدىغان بولسا، بالامنى ئامېرىكىغا ئەۋەتمەيتتىم» دېگەن.

ياماتو قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن بىر قىسىم زىيارەتلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ «خاتالىقى ئۈستىدە ئويلانغانلىقى»نى ئاشكارىلىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ھېچكىمدىن ئاغرىنمايمەن. بەلكىم مېنىڭ خاتالىقىمدۇ، چۈنكى مەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى ياخشى قىلىشىم كېرەك ئىدى، لېكىن مەن ئۇنداق قىلمىدىم. شۇ چاغدا ئاتا–ئانام يېنىمدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن، نېمە قىلغۇم كەلسە شۇنى قىلىۋەرسەم بولىۋېرەتتى. مېنىڭ ھازىرقى ئارزۇيۇم ئىمكانقەدەر تېز چىقىپ كېتىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىقىم بىلەن ياخشى ياشاش».

بۇ ۋەقە غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تەرەپتە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان باي ئوقۇغۇچىلار توغرىسىدا چوڭ مۇنازىرە قوزغىغان. «لوس ئانژېلېس ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئەينى يىلى ئېيتىشىچە، بۇ خىل دېلولار ئاممىغا چايخانا ۋە كارا ئوكىنى مەركەز قىلغان، يېرىم كېچىدە سىرتتا ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ھەيدىگەن، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ باشقۇرۇشى بولمىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار دۇنياسىنى نامايان قىلغان. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئوخشاش باشقا باي بالىلار بىلەن ئالاقە باغلايدىغان بولۇپ، نازارەت قىلىنمايدىكەن، ئەركىن-ئازادە يۈرىدىكەن، شۇڭا كونتروللۇقىنى يوقىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

باشقا مۇلاھىزىلەر زومىگەرلەرنىڭ قاتتىق جازالىنىشى ۋە پۇل بىلەن ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاخىرى قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىشى قاتارلىق ئەھۋاللارغا مەركەزلەشكەن.

ئون يىل ئۆتۈپ كەتتى، زومىگەرلەر ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىگە قايتىپ كەلدى، ئۇلار تېخى 30 ياشقا كىرمىدى، ھاياتىنى يەنە باشلىسا بولىدۇ، لېكىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ قاباھەتلىك چۈشى بىر ئۆمۈر داۋاملىشىشى مۇمكىن. مەكتەپ زومىگىرىنى چۆرىدىگەن كەسكىن مۇنازىرىلەر يەنىلا بېسىقمىدى.

رومانلار
ياۋايى ھەۋەس
جانغا زامىن ئايال ئالاھىدە خادىم
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ



ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز

تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552

Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章