ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
2024-يىلى 12-ئايدا NBA ۋاسكېتبول چولپىنى، بۇقا كوماندىسىنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى مايكول جوردان (Michael Jordan)نىڭ چىكاگودىكى ھايلاند باغچىسىغا جايلاشقان ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسى 9 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق باھا بىلەن سېتىلدى. بۇ ئۆينى سېتىۋالغۇچى ئۆي ئاپتوموبىلى ۋە ئۆي ئاپتوموبىلى باغچىسىغا مەبلەغ سالغۇچىسى جون كۇپېر (John Cooper) ئىكەن. بۇ سودا جورداننىڭ 12 يىلغا يېقىن سېتىش تىرىشچانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە 56 مىڭ كىۋادرات فۇت (تەخمىنەن 5200 كىۋادرات مېتىر)لىق بۇ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇغا يېڭى كۈچ قوشقان.
بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن جون كۇپېر HAN Capital شىركىتىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى بولۇپ، بۇ شىركەت ئاساسلىقى ئاپتوماتىك ساقلاش ۋە ئۆي ئاپتوموبىل باغچىسىغا مەبلەغ سېلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىكەن. «لىنكولىن گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كۇپېرنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى بۇ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇنىڭ ئىلگىرىكى 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن قويۇلغان باھاسىدىن خېلىلا تۆۋەن بولۇپ، بۇ ئۆيگە ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق قويۇلغان باھا 15 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولغان.
كۇپېر ھازىر چىكاگودا تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسىدا تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ، دوستلىرى بىلەن بىللە ۋاسكېتبول ۋە گولف توپنىڭ خۇشاللىقىدىن ھۇزۇرلانماقتا. بۇ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇغا ئۆي ئىچى ۋاسكېتبول مەيدانى سەپلىنىپلا قالماي، يەنە گولف توپ مەشىق مەيدانىمۇ بار ئىكەن.
كۇپېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 1-ئايدا بۇ ئۆي-زېمىن خوجىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر قىسىم پىلانلارنى ئېلان قىلىدىكەن ھەمدە ئىشىك ئالدىدىكى «23» دېگەن لوگونى ساقلاپ قېلىپ، جورداننىڭ كىلاسسىك مۇسابىقە كىيىمىگە ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆزىنىڭ كەڭ كۆلەملىك يېڭىلاش پىلانى يوق بولۇپ، بۇ ئۆينىڭ ئۆزى ناھايىتى مۇكەممەل، ئۇنىڭ تارىخىغا ھۆرمەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ، دەپ قارايدىكەن.
گەرچە كۇپېر بۇ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇنى پۈتۈن كۈنلۈك تۇرالغۇ قىلىشنى ئويلاشمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ مەبلەغ سېلىشقا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن قارىغان. HAN Capital شىركىتىنى ئالېكىس بىلەن نىك تۇراك ئاكا-ئۇكىلار قۇرغان، كۇپېر ئۈچىنچى ھەمكارلاشقۇچى. بۇ شىركەت ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئاپتوماتىك ساقلاش ئۆيى، ئۆي ئاپتوموبىلى ۋە ئۆي ئاپتوموبىل باغچىسى، دالىدا قونىدىغانلار ئىشلىتىدىغان ئەپلىك ئۆي ۋە ئادەتتىكى ئۆيلەرنى سېلىش قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 2022-يىلى ئۇلار چىكاگونىڭ غەربىي شىمالى ۋە ۋىلمېتتىكى ئۆي-مۈلۈك خوجىدارلىق كەسپىنى 32 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا، شۇنداقلا 17 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق باھا بىلەن ئىندىئانا ئىشتاتىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۆي-مۈلۈك خوجىدارلىق كەسپىنى ساتقان ئىدى.
بۇ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ 1995-يىلى سېلىنغان بولۇپ، جورداننىڭ چىكاگو بۇقا كوماندىسىدىكى شانلىق مەزگىلىگە توغرا كەلگەن، بۇ ھەشەمەتلىك تۇرۇلغۇنىڭ توققۇز ھۇجرىسى، 15 تولۇق ئەسلىھەلىك مۇنچىسى، تۆت يىرىم ئەسلىھەلىك مۇنچىسى، تېننىس توپ مەيدانى، سىگارت ئارام ئېلىش ئۆيى ۋە بەلگە خاراكتېرلىك «23-نومۇر» دەرۋازىسىدىن باشقا يەنە ۋاسكېتبول ۋە گولف توپقا مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلىرى بار.
جوردان 1990-يىللاردىلا ئائىلىسى ئۈچۈن بۇ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇنى سېتىۋالغان، لېكىن 2006-يىلىدىن كېيىن يەنىلا بۇ ئۆي-زېمىننى ساقلاپ قالغان. گەرچە بۇ ئۆي-زېمىن ھەشەمەتلىك ئەسلىھەلەر ۋە NBA رىۋايىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، ئەمما چىكاگو رايونىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ھەشەمەتلىك ئۆي-مۈلۈك بازىرىدا، ئۇنىڭ باھاسى خىرىسقا دۇچ كەلگەن.
جورداننىڭ ئۆيىنىڭ سېتىلىش باھاسى چىكاگو رايونىدىكى ھەشەمەتلىك ئۆي ئىگىلىرى ئومۇميۈزلۈك دۇچ كېلىۋاتقان زىيان يۈزلىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. يېقىندا لىنكولىن باغچىسىدىكى بىر ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ 15 مىليون 250 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق باھا بىلەن سېتىشقا پۈتۈشكەن بولۇپ، ئەسلىدىكى قويۇلغان باھاسى 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن.
گەرچە جورداننىڭ بۇ ئۆيىنىڭ سېتىلىش باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەشەمەتلىك ئۆي سودىسى يەنىلا بۇ يىل چىكاگو رايونىدىكى تۆتىنچى يۇقىرى تۇرالغۇ سودىسى ھېسابلىنىدىكەن.
نۆۋەتتە، جوردان ئايالى ۋىۋىت پرىتو بىلەن فىلورىدادا تۇرىۋاتقان بولۇپ، ياز پەسلى كەلگەندە چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىدىكەن.