كۈيئوغۇل بولار مۇشۇنچىلىك بولار ھە

文摘   2025-01-02 21:59   海南  

جياڭجۇڭ يولۇچى توشۇش بېكىتىدىن ئۇچىسىغا قېنىق رەڭلىك پەلتو كىيىپ، قارا كۆزەينەك تاقىغان، قاۋۇل بىر ئەر چىقىپ كەلدى. ئۇ بىر تەرەپتىن ماڭغاچ بىر تەرەپتىن تېلېفون قىلدى.

-تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدىڭىزمۇ؟

-لوڭ قوماندان، تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدۇق، ئون يىل ئىلگىرى سىزنى ئوت دېڭىزىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان ئايالنىڭ ئىسمى تاڭ چۇچۇ، تاڭ چۇچۇ سىزنى ئوت دېڭىزىدىن تارتىپ چىقارغاندىن كېيىن تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ ھايات قالغان بولسىمۇ، پۈتۈن بەدىنىنىڭ %95 قىسمى كۆيۈپ كەتكەن ئىكەن!

بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەر قولىدىكى يان تېلېفوننى چىڭ تۇتۇپ، چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى. گەرچە خۇاشىيادا ياز بولسىمۇ، لېكىن تۆت ئەتراپنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىردىنلا تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇپ، ئەرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي تىترەپ كەتتى.

ئۇنىڭ ئىسمى جياڭ چېن، جياڭ ئائىلىسىدىن، ئون يىل ئىلگىرى جياڭ ئائىلىسىگە قارىتىلغان بىر مەيدان سۇيىقەستتە جياڭ ئائىلىسىگە ئوت كەتكەن بولۇپ، بىر قىز ھېچنېمىگە قارىماي ئوت دېڭىزىغا ئېتىلىپ كىرىپ، ئۇنى ئوت دېڭىزىدىن تارتىپ چىقارغان ئىدى. بىر كېچىدىن كېيىن، جياڭ ئائىلىسىدىكى 38 جاننىڭ ھەممىسى ئوت دېڭىزىغا غەرق بولدى، جياڭجۇڭدىكى بىرىنچى جەمەت جياڭ ئائىلىسىمۇ شۇنىڭ بىلەن بىللە تارىخقا ئايلاندى. جياڭ چېن قۇتقۇزۇۋېلىنغاندىن كېيىن، نەنخۇاڭدا سەرگەردان بولۇپ ياشاپ، ئاخىرى بىر ھەربىي بولۇپ قالدى. ئون يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ بىر نامسىز ئەسكەردىن باش قوماندانغا ئايلانغان ئىدى. ئۇ ئىلگىرى ئۆزى يالغۇز دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىغا بۆسۈپ كىرىپ، دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانىنى تىرىك تۇتقان. شۇنىڭدىن كېيىنلا دۈشمەن شەپىسىنى ئاڭلاپلا يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغان قارا ئەجدىھا دەپ ئاتالغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خۇاشىيا تارىخىدىكى ئەڭ ياش باش قوماندان ئىدى.

قوماندان بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، ئۇ ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ، جياڭجۇڭغا قايتىپ كەلدى، مەقسىتى ياخشىلىققا جاۋاب قايتۇرۇش ھەم ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن ئىدى.

-ماڭا تاڭ چۇچۇنىڭ بارلىق ماتېرىيالى كېرەك.

-لوڭ قوماندان، پوچتا ساندۇقىڭىزغا ئەۋەتتىم!

جياڭ چېن تېلېفوننى قويۇۋېتىپ، پوچتا ساندۇقىدىن كەلگەن ئۇچۇرنى ئاچتى.

«تاڭ چۇچۇ، ئايال،27 ياش، تاڭ ئائىلىسىدىن...»

تاڭ ئائىلىسى جياڭجۇڭدا پەقەت ئىككىنچى دەرىجىلىك جەمەت ھېسابلىناتتى. ئون يىل ئىلگىرى تاڭ چۇچۇ تولۇق ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇيتتى. ئۇ كۈنى يەكشەنبە، ئۇ بىر نەچچە ساۋاقدىشى بىلەن شەھەر سىرتىغا چىقىپ سەيلە قىلغان. كەچقۇرۇن، بىر داچىغا ئوت كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ۋە قۇتقۇزۇڭلار دېگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ، ھېچنېمىگە قارىماي ئوت دېڭىزىغا ئېتىلىپ كىرىپ، بىر ئۆسمۈرنى قۇتقۇزۇپ چىققان، بۇ ئۆسمۈر دەل جياڭ چېن ئىدى.

بۇ تاسادىپىيلىق تاڭ چۇچۇنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى كۆيۈپ يارىلانغان بولسىمۇ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ ھايات قالدى، لېكىن چىرايى %95 بۇزۇلۇپ، پۈتۈن بەدىنى تاتۇق بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ ساۋاقداشلىرىنىڭ نەزىرىدىكى كۈلكە ئوبيېكتىغا، كۆپچىلىكنىڭ تاماقتىن كېيىن مۇزاكىرە قىلىدىغان ئوبيېكتىغا ئايلاندى.

-تاڭ چۇچۇ، ئەينى يىللاردىكى شاپائىتىڭىزگە مەن جياڭ چېن كېيىنكى يېرىم ئۆمرۈم بىلەن جاۋاب قايتۇرىمەن! شياۋ ئائىلىسى، ۋاڭ ئائىلىسى، جاۋ ئائىلىسى، جۇ ئائىلىسى، مەن جياڭ چېن قايتىپ كەلدىم، ئىلگىرى سىلەر تارتىۋالغانلارنى بىر-بىرلەپ قايتۇرۇپ كېلىمەن، جياڭ ئائىلىسىدىكى 38 جانغا سىلەرنىڭ ئىسسىق قېنىڭلار بىلەن تەسەللىي بېرىمەن!

جياڭ چېن مۇشتىنى چىڭ تۈگۈپ، قەدەم تاشلاپ نومۇر تاختىسى يوق بىر سودا ئاپتوموبىلىغا چىقتى. ماشىنا ھەيدىگىنى قارا رەڭلىك ئاسما مايكا، قارا رەڭلىك شەپكە كىيگەن ئەر ئىدى. ئەر ئېغىز ئېچىپ:

-لوڭ قوماندان، ئۈچ كۈندىن كېيىن تاڭ ئائىلىسى تاڭ چۇچۇغا كۈيئوغۇل قوبۇل قىلىدىغان كۈن، تاڭ ئائىلىسىنىڭ خوجايىنى تاڭ تيەنلوڭ پەقەت تاڭ ئائىلىسىگە ئىچ كۈيئوغۇل بولۇپ، تاڭ چۇچۇنى ئەمرىگە ئالسىلا تاڭ ئائىلىسىنىڭ پاناھلىقىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ!-دېدى. جياڭ چېن قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

-كۈيئوغۇل قوبۇل قىلىش، نېمە ئىش بولدى؟-دېدى.

-لوڭ قوماندان، تاڭ ئائىلىسى نېمىلا دېگەن بىلەن بىر چوڭ جەمەت، لېكىن تاڭ چۇچۇ جياڭجۇدىكى بىرىنچى كۆرۈمسىز قىز بولۇپ قالدى، ھېچكىم ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى، يەنە تاڭ ئائىلىسىنىڭ كۈلكە ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالدى، تاڭ ئائىلىسىدىكى بوۋايمۇ تىت-تىت بولۇپ، بۇ ئامالنى ئويلاپ تاپتى، گەرچە تاڭ چۇچۇنىڭ چىرايى پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن تاڭ ئائىلىسىنىڭ ئىگىلىكى بولغاچقا، يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر ئىچ كۈيئوغۇل بولۇپ، تاڭ چۇچۇنى ئەمرىگە ئېلىشنى خالايدىكەن!

تاڭ ئائىلىسىنىڭ داچىسىدا...

بۈگۈن تاڭ ئائىلىسىدىكى مۇھىم كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كەلدى. چۈنكى بۈگۈن تاڭ تيەنلوڭ نەۋرە قىزى تاڭ چۇچۇغا كۈيئوغۇل قوبۇل قىلىدىغان كۈن بولۇپ، تاللاش ئارقىلىق 10 ئادەم بۇ قاتارغا كىردى. داچا زالىدا ئون ئەر كىشى تۇراتتى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قېرى، بەزىلىرى ياش، بەزىلىرى كېلىشكەن، بەزىلىرى سەت ئىدى. بۇ ئون ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ سالاھىيىتى يوق، جياڭ چېنمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئىدى.

تاڭ چۇچۇ بولمىغان بولسا، ئۇ ئون يىل بۇرۇنقى ئوت ئاپىتىدە ئۆلۈپ كەتكەن بولاتتى. تاڭ چۇچۇ بولمىغان بولسا، بۈگۈنكى جياڭ چېن بولمىغان بولاتتى، جەنۇبىي رايوننى زىلزىلىگە سالغان قارا ئەجدىھامۇ بولمىغان بولاتتى.

داچا زالىدىكى سافادا پۈتۈن بەدىنى چىڭ ئورالغان بىر ئايال ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ يۈزىدە ئاق رەڭلىك شايى بار، كونكرېت چىرايىنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايتتى.

جۇڭشەن فورمىسى كىيگەن، ئەجدىھا باشلىق ھاسا تۇتقان بىر بوۋاي ئورنىدىن تۇرۇپ، كۆز ئالدىدىكى ئون ئادەمگە قاراپ:

-ھازىر مەن تاڭ ئائىلىسىگە كۈيئوغۇل بولىدىغان ئادەمنى جاكارلايمەن ... جياڭ چېن!

چىرايى ئاق شايى بىلەن ئورالغان ئايال بۇ گەپنى ئاڭلاپ، بەدىنى ئىختىيارسىز تىترەپ كەتتى. ئۇنىڭ كېيىنكى يېرىم ئۆمرى ئاخىرى يەنىلا باشقىلارنىڭ قارار قىلىشىدەك ئاقىۋەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان ئىدى.

باشقا شاللىنىپ قالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا كېتىپ قالدى. جياڭ چېن تاڭ ئائىلىسىنىڭ داچىسى زالىدا تۈپتۈز تۇرغان بولۇپ، خۇددى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان سۆگەتكە ئوخشايتتى. شۇ ھامان بىر ئەر ئورنىدىن تۇرۇپ، جياڭ چېننىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ، مەسخىرە قىلىپ:

-بۇنىڭدىن كېيىن نەۋرە سىڭلىمغا ياخشىراق مۇئامىلە قىلىڭ، گەرچە ئۇنىڭ چىرايى بۇزۇلۇپ، سەتلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بىر ئايال كىشى، يەنىلا سىزنى رازى قىلالايدۇ!-دېدى.

گەپ قىلغىنى تاڭ ئائىلىسىنىڭ چوڭ نەۋرىسى تاڭ لېي ئىدى. جياڭ چېن تاڭ لېينى كۆزگە ئىلمىدى، ئۇنىڭ نەزىرىدە پەقەت تاڭ چۇچۇلا بار ئىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى سافادا ئولتۇرغان قىزنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالغان بولۇپ، ئۇ قىزنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرەلمىدى. لېكىن ئۇنىڭ يۈزىدىكى ئاق شايىنىڭ ھۆل بولۇپ كەتكەنلىكىدىن، كۆز ياشلىرىنىڭ ئېقىپ چۈشكەنلىكىنى كۆرگىلى بولاتتى.

-چۇ چۇ، ئۆزىڭىز قايتىپ كېتىڭ، مەن قارت ئوينىغىلى كەتتىم. بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئايال بىزار بولۇپ، كەينىگە قاراپمۇ قويماي، ساغرىسىنى تولغاپ كېتىپ قالدى. ئۇ تاڭ چۇچۇنىڭ ئاپىسى خې يەنمېي بولۇپ،  بۇ قىزىدىن بەك ئۈمىدسىزلەنگەن ئىدى. باشقا تاڭ ئائىلىسىنىڭ قىزلىرى ياخشى ئائىلىگە ياتلىق بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قىزى كوچىدىن خالىغانچە بىر ئادەمنى ئىچ كۈيئوغۇل قىلىپ قويىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.

-دادا، مەن شىركەتكە ماڭدىم!

تاڭ چۇچۇنىڭ دادىسى تاڭ بو تاڭ تيەنلوڭ بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، ئالدىراپ-تېنەپ كېتىپ قالدى، تاڭ چۇچۇدەك بۇ قىزى بىلەن كارى بولمىدى. باشقا تاڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نەزىرى جياڭ چېنغا تىكىلگەن بولۇپ، چىرايىدا قىزىقچىلىق ھېسسىياتى بار ئىدى.

جياڭ چېن بولسا تاڭ چۇچۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا قاراپ قولىنى سوزدى. سافادا ئولتۇرۇپ ئىچىدە ياش تۆكىۋاتقان تاڭ چۇچۇ سوزغان چوڭ قولىغا قاراپ، ھاڭۋېقىپ قالدى.

-بۈگۈندىن باشلاپ، مەن سىزنى قوغدايمەن، مەن بار بولسام سىز پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولىسىز، سىز دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئايال بولىسىز!

جاراڭلىق ئاۋاز تاڭ چۇچۇنىڭ قۇلىقىغا كىردى. شۇ تاپتا، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مەسخىرىسىنى ئۇنتۇپ قالغان بولۇپ، كۆزىدە پەقەت بۇ ئېگىز، سۈرلۈك، ئەمما مۇلايىم ئەرلا بار ئىدى. جياڭ چېن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۇنى سافادىن تارتىپ، مۇلايىملىق بىلەن:

-ماڭايلى!-دېدى.

جياڭ چېن تاڭ چۇچۇنى تارتىپ تاڭ ئائىلىسىنىڭ داچىسىدىن ئايرىلدى. داچىنىڭ سىرتىدا نومۇر تاختىسى يوق بىر سودا ئاپتوموبىلى توختىتىلغان ئىدى. ماشىنىنىڭ ئالدىدا قارا رەڭلىك كاستۇم كىيگەن ئىككى ئەر تۇراتتى. جياڭ چېن گاڭگىراپ قالغان تاڭ چۇچۇنى تارتىپ كەلدى. ئىككى ئەر بىردىنلا ئېغىز ئاچتى:

-لوڭ...

جياڭ چېن قولىنى كۆتۈرۈپ، ئىككىيلەننىڭ گېپىنى بۆلۈۋەتكەندىن كېيىن:

-مېنى خان قەسىرىگە ئاپىرىپ قويۇڭلار، مەن خوتۇنۇمنىڭ يارىسىنى داۋالىتىمەن!-دېدى. جياڭ چېن نەنخۇاڭنى زىلزىلىگە سالغان لوڭ قوماندان بولۇپلا قالماي، يەنە خىسلەتلىك تېۋىپ ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن تاڭ چۇچۇنىڭ بەدىنىدىكى تارتۇقنى داۋالاش بەك ئاسان ئىدى.

خان قەسرى...

بۇ جياڭجۇدىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك داچا بولۇپ، كۆلىمى 20 مىڭ كۇۋادىرات مېتىر كېلىدۇ. گۈللۈك، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، گولف توپ مەيدانى، نېمە دېسە شۇ بار.

داچا زالىدا تاڭ چۇچۇ يۇمشاق سافادا ئولتۇرۇپ، ئوردىغا ئوخشايدىغان داچىغا قاراپ سەل گاڭگىراپ قالدى. بوۋىسى ئۇنىڭغا ئەر تېپىپ بەرگەن، ئۇ ۋىجدانلىق كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئەمرىگە ئالمايدىغانلىقىنى، تاڭ ئائىلىسىگە ئىچ كۈيوغۇل بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. گەرچە ئۆزىنىڭ بۇ ئېرىنىڭ سالاھىيىتىنى بىلمىسىمۇ  لېكىن ئۇ ئۇنىڭ شۆھرەتپەرەس، ئالغا ئىنتىلمەيدىغان، تاڭ ئائىلىسىگە ئىچ كۈيئوغۇل بولۇش ئارقىلىق پۇل تاپماقچى بولغان لايغەزەل ئادەم ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان، ئېرىنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ خىيالىي بىر جايغا كېلىپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

جياڭ چېن زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، تاڭ چۇچۇنىڭ يۈزىدىكى شايىنى ئالماقچى بولدى.

ئالدى.

-ئۇنداق قىلماڭ!

تاڭ چۇچۇ ئالاقزادە بولۇپ، دەرھال ئۆزىنى قاچۇردى، ئۇنىڭ تۇرقى بەك قورقۇنچلۇق بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى تاتۇق بىلەن تولغان، ئۇ كۆز ئالدىدىكى ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان، ئەمما ئۇنىڭ ئېرى بولغان بۇ ئەرنىڭ ئۇنىڭ تۇرقىنى كۆرۈپ قورقۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتى. لېكىن جياڭ چېن يەنىلا ئۇنىڭ يۈزىدىكى شايىنى ئېلىۋەتتى.

تاڭ چۇچۇ ناھايىتى جىددىيلىشىپ، يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى، ئۇ ناھايىتى خىجىللىق ھېس قىلىپ، بىرەر يوچۇق تېپىپ كىرىپ كەتكۈسى كەلگەن ئىدى.

جياڭ چېن ئۇنىڭ بېشىنى ئاستا كۆتۈردى. بۇ يۈزنىڭ ھەممىلا يېرى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان تاتۇق بىلەن تولغان بولۇپ، جياڭ چېن بۇ تارتۇقلارنى سىلىغان ۋاقىتتا يۈرىكى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئاغرىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ كاساپىتىدىن بولغان، ئەگەر ئۇنى قۇتقۇزمىغان بولسا، تاڭ چۇچۇ بۇنداق بولۇپ كەتمىگەن بولاتتى.

ئۇنىڭ قەيسەر چىرايىدىن ئىچ ئاغرىتىش چىقىپ، بۇرنى ئېچىشىپ يىغلىۋەتكىلى تاس قالغان ھالدا:

-چۇ چۇ، جاپا چەكتىڭىز!-دېدى.

تاڭ چۇچۇ جياڭ چېننىڭ كۆزىگە توغرا قارىيالماي، ئىككى قولى بىلەن كىيىمىنى ئۇياق-بۇياققا ئۇۋۇلاپ قويدى. جياڭ چېن مۇلايىملىق بىلەن:

-ماڭا ئىشىنىڭ، مەن سىزنى داۋالاپ ساقايتىمەن!-دېدى.

تاڭ چۇچۇ تاتىرىپ، جياڭ چېنغا قاراشقا جۈرئەت قىلالمىدى.

-دورىنى ئېلىپ كېلىڭلار!

جياڭ چېن ئورنىدىن تۇرۇپ، قاتتىق ۋارقىرىدى. بىر دەمدىلا داچىنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلدى، قارا رەڭلىك كاستۇم-بۇرۇلكا كىيگەن ئەرلەر بىر قىسىم ساندۇقلارنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى. ساندۇقنى ئاچقاندىن كېيىن ئىچىدە قىممەت باھالىق جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى كۆرۈنگەن بولۇپ، ھەر بىرى ئىنتايىن بىباھا ئىدى.

جياڭ چېن دورا تەييارلاشقا باشلىدى. دورىنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن، تاڭ چۇچۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، ئىككى قولى بىلەن چاپىنىنىڭ بۇرجىكىنى ئۇۋۇلاۋاتقان تاڭ چۇچۇغا قاراپ، ئۇنىڭ جاراھەت ئىزى بار قولىنى تارتتى، تاڭ چۇچۇ تىترەپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي جاراھەت ئىزى بار قولىنى يىغىۋېلىپ، كەينىگە يوشۇرۇپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، پەس ئاۋازدا:

-سىز، نېمە قىلىۋاتىسىز؟-دېدى.

-چۇ چۇ، قورقماڭ، كىيىمىڭىزنى سېلىۋېتىڭ!

تاڭ چۇچۇ بىردىنلا يىغلاپ كەتتى، ئۇ كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، كۆز يېشى قىلغان ھالدا ئالدىدا تۇرغان جياڭ چېنغا قاراپ يىغلاپ تۇرۇپ:

-شۇنداق، مەن سەت، پۈتۈن بەدىنىم يارا، ئەمدى رازى بولدىڭىزمۇ؟-دېدى.

داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئوقۇڭ: ئەجدىھا كۈيئوغۇل


ئەجدىھا كۈيئوغۇل



Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章