ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
لىسا بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئايال. ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرى تولىمۇ كۆڭۈلسىز بولۇپ، مەكتەپتە دائىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ تۇراتتى، لېكىن قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتكەن. ئۇ قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە سودا مەسلىھەتچىسى، بازارلىق يازغۇچى بولۇپ قالغان، نەچچە ئون مىليون مۈلكى بار، ئۇنى كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقتى دېيىشكە بولىدۇ.
(لىسا)
مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىر لىسانىڭ كەيپىياتىغا ئاسانلىقچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان بولۇپ قالغان، لېكىن يېقىندا بىر «كۇنۇپكا پالۋىنى» مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتقان. لىسانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئايال كىشى ئۇنىڭ ئالاقە تورىدىكى پاراڭلىشىش گۇرۇپپىسىدىكى ئايال دوستى ئىكەن.
بۇ ئاياللار پىكىر ئالماشتۇرۇش توپى بولۇپ، كۆپچىلىك بۇ يەردە ھەر خىل كۈندىلىك تېمىلار ئۈستىدە پاراڭلاشسا بولىدىكەن، مەسىلەن، بالا بېقىش، تاماق ئېتىش، شۇنداقلا ئانچە-مۇنچە غەيۋەتلەر بار، ئىشقىلىپ كۆپچىلىك بۇ توپتا خالىغانچە پاراڭلاشسا بولىدۇ.
بىراق لىسا ھەر قېتىم يازما يوللىغاندىن كېيىن، بۇ تورداشنىڭ «ھەرخىل تىللايدىغان، چۈشۈرىدىغان ئىنكاسلارنى» يازىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ پەقەت لىسانىڭ ئۆزىگىلا قارىتىلغان بولۇپ، مەيلى ئۇ نېمە ئەۋەتسۇن، بۇ تورداش دەل ۋاقتىدا يامان باھالارنى بېرىدىكەن. كېيىن بۇ تورداشنىڭ قىلمىشى چەكتىن ئېشىپ كەتكەن، ئۇ ھەر خىل نۇقتىلارنى تېپىپ لىساغا قارا چاپىغان، ئۇنى ياۋۇز، رەھىمسىز ھەم غەلىتە بىر ئانا ۋە خوجايىن دەپ سۈپەتلىگەن.
(بۇ توردىشىنى قوغداش ئۈچۈن لىسا ئۇنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئاشكارىلىمىغان)
ئەمەلىيەتتە لىسا ئاچچىقلانمىغان، تورغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن لىسا بۇ ناچار باھالاردىن ئۆزىنى قاچۇرغان. لېكىن سەككىز يىل ئىلگىرى، تېخى ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تۇرغان لىسا توردىكى ناچار باھالارغا قارىتا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغان، مەسىلەن، «ئۇلار نېمىشقا مېنى تەنقىدلەيدۇ؟ ئۇلارنى كۆرۈپ باقمىغان تۇرسام ئۇلار مېنى نېمىشقا بۇنداق تىللايدۇ؟» دېگەندەك...
لېكىن كېيىن لىسا كاللىسىدىن ئۆتۈپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇرمۇشقا ئېرىشكەن شۇنداقلا توردا ئېنىقكى مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ ھامان بارلىقىنى ھېس قىلغان، ئۇ مۇنداق دېگەن: «سىز مەڭگۈ سېلىشتۇرۇشتىن ساقلىنالمايسىز، ناچار ئادەملەرنىڭ ناچار باھاسى ھامان كۆپ بولىدۇ، پەقەت سىز ئۇنىڭدىن ئازراق ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگەندىلا مانا مۇشۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ.»
بۇ نۇقتىنى ئويلىغاندىن كېيىن، لىسا ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ باشقىلار ھەسەت قىلغۇدەك خېلى مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىنى ھېس قىلغان. لېكىن ئۇ ھەقىقەتەن ھەيران قالغان ئىش نېمىشقا بىر ئوخشاش ئادەم نېمىلا چىقارمىسۇن توختىماي تىللايدۇ؟ زادى نېمىشقا؟ ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ئۇنىڭ دوستى يوقمۇ؟ مۇشۇنداق قىلسا ئۆزىنىڭ يالغۇزلۇقىنى، تاشلىنىپ قالغانلىقىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشمۇ؟
لىسانىڭ كاللىسىغا بۇ ئىش كىرىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئۆزىگە توختىماي قالايمىقان ئىنكاسلارنى يازىدىغان تورداشنى چۈشىنىپ باقماقچى بولغان.
ئۇ بۇ رەزىل باھالىغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنى توپلاشقا باشلىغان. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئادەم تورغا ئانچە پىششىق ئەمەستەك قىلىدۇ، شۇڭا توردا نۇرغۇن شەخسىي ئۇچۇرلارنى قالدۇرۇپ قويغان. لىسا بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى ۋە پوچتا ساندۇقىنى تاپقان، شۇنىڭ بىلەن لىسا ئېلخەت ئەۋەتىپ، ئېلخەت ساندۇقىدا ئۆزىگە بولغان ناچار باھانى تىلغا ئالغان ھەمدە قارشى تەرەپتىن تېلېفونلىشىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى، ئىككىسىنىڭ كۆرۈشۈپ باقسا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى سورىغان، شۇنداقلا ئۇ ئۆزىنىڭ زادى قانداق قىلىپ ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغانلىقىنى بىلمەكچى بولغان. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، قارشى تەرەپ ناھايىتى تېزلا قوشۇلغان. بۇ ئىش لىسانى سەل تەمتىرىتىپ قويغان، چۈنكى لىسا تېلېفونلاشسام ئۇ ھەقىچان ئىچ-باغرىنى تۆكۈپ مېنى تىللاپ پوسكايتىۋېتىدۇ دەپ ئويلىغان.
بىراق لىسا يەنىلا سىنلىق تېلېفون قىلغان. تېلېفون ئۇلىنىشتىن بۇرۇن لىسا كاللىسىدا بۇ رەزىل باھالىغۇچىنىڭ ئەھۋالىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا باشلىغان. ئۇ كاللىسىدا كەسكىن بىر ئايالنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلغان، ئۇنىڭ پوزىتسىيەسى ئېنىق، ئىپادىلەشتىن قورقمايدۇ، ئۇ لىسانىڭ «جىنايەت ئىسپاتى»نى كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنى توختىماي تىللايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ دەپ ئويلىغان.
ئەمما تېلېفون ئۇلانغاندىن كېيىن لىسا پەقەت 71 ياشلىق بىر موماينىلا كۆرۈپ ھەيران قالغان. ئۇنىڭ تىزىغا تېخى توقۇپ بولۇنمىغان كىيىم قويۇلغان بولۇپ، كەينىدىكى تام مەشكە نەۋرىسىنىڭ سۈرىتى قويۇلغانىدى. لىسا كۆز ئالدىدىكى بۇ موماينىڭ ئۆزى نېمە چىقارسا توختىماي تىللايدىغان ھېلىقى ئادەم ئىكەنلىكىنى قىلچىلىكمۇ كاللىسىغا كەلتۈرەلمىگەن.
لىسا موماينىڭ ئۆزىگە قانداق پىكرى بارلىقىنى سورىغان، نەتىجىدە موماي ناھايىتى سەمىمىي بولغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇ لىسانى ياخشى ئادەم دەپ قارايدىكەن. ئۇ دەسلەپتە لىسانى تىللىمىغان، لېكىن نېمىشقىكىن، بىر قېتىم لىسانىڭ بىر پارچە چاپلىقى كۆپچىلىكنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. ئىنكاس رايونىدا، تورداشلار بارغانسېرى ئەيىبلەشكە باشلىغان، نەتىجىدە ئۇمۇ باشقىلارنىڭ مەجبۇرلىشىغا ئۇچراپ، ئانچە ياخشى بولمىغان بىر پارچە ئىنكاس يوللىغان.
نەتىجىدە ئۇ لىساغا قارىتا ناچار باھا بەرگەندىن كېيىن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ (لىساغا ھەقىقىي ئۆچ كىشىلەر) ئۆزى ئۈچۈن ئالقىش ياڭراتقانلىقىنى، يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭ ئالاقە تورىغا ئەگەشكەنلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان. موماي شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭ بىرخىل ئۆزىگە ياخشى ئېقىم ۋە مەستانە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق توختىماي لىسانى تىللايدىغان، چۈشۈرىدىغان ئىنكاسلارنى توختىماي يېزىشقا باشلىغان.
ھازىر لىسا ئۆزى ئىزدەپ كەلدى، بۇ ئېنىقلا ئۇنىڭ زور دىققەت ئېتىبار قوزغىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن. ئۇ لىسادىن كەچۈرۈم سوراپ، ئۆزىنىڭ ئادەتتە بۇنداق قىلمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ خاتالىقنى قايتا سادىر قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھېكايە مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشقان، مومايمۇ كېيىن لىسانىڭ چىقارغان نەرسىلىرىگە ئۇنداق ئىنكاسلارنى يازمايدىغان بولغان.
لېكىن بۇ ئىشنىڭ لىساغا بولغان تەسىرى تېخى ئاخىرلاشمىغان بولۇپ، ئۇ توردىكى رەزىل تەنقىدچىلەر ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشقا باشلىغان. لىسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، توردا ئەزەلدىن ناچار باھا بەرگۈچىلەر كەم ئەمەس ئىكەن، لېكىن توردىكى جىسمانىي ھۇجۇمغا قاتناشقان بۇ كىشىلەر ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئادەم ئەمەس بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىكەن.
تورداشلار بۇ ھېكايىگە ناھايىتى ئەپسۇسلانغان، ئۇلار مۇنداق دېيىشكەن:
«سەلبىي باھالارنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئاكتىپلىق بىلەن كۈچەيتىش ئۇقۇمىنى قولغا كەلتۈرۈش كىشىنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدۇ. بىز پاسسىپ كەيپىياتقا تولغان دۇنيانى ياراتتۇق، ئۇ ئالاقە تورىدىن بىزنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىمىزگە سىڭىپ كىردى.»
«بەخىتكە قارشى ئىجىتمائىي ئالاقە تورى دەل ئاممىۋىي تەپەككۇرنىڭ بىر قىسمى. ئادەم بىر ئۇرۇق ياكى گۇرۇپپىغا موھتاج، شۇڭا ئادەم ئاسانلا ئەقىلگە خىلاپ ئىشلارغا، يەنى گۇرۇھۋازلىق، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ھۇجۇمىغا ئىشىنىشكە ۋە قاتنىشىشقا قايىل بولىدۇ، گەرچە بۇ جەرياندا، ئۇلار ئۆزىنى يوقىتىپ قويسىمۇ.»
بۇ موماينىڭ ھېكايىسى ھەقىقەتەن كۆپچىلىكنىڭ ئىنتېرنېت تورىغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان. ھەر بىر ئادەم ئىنتېرنېت تورىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئەسلىدىنلا ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىگە تەۋە بولمىغان سۆزلەرنى قىلىشى مۇمكىن، پەقەت كۆپچىلىكنىڭ سۆز قىلىشتىن بۇرۇن ئامال بار قايتا ئويلىنىپ بېقىشىنى، كەيپىياتنىڭ ئادەمنى ئالغا يېتەكلىشىگە يول قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز...