توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
چى ۋېي (戚薇) 1984-يىلى سىچۈەننىڭ چېڭدۇ شەھىرىدىكى باياشات ئائىلىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىن تارتىپلا تۇرمۇشى ناھايىتى ياخشى ئۆتكەن. ئاتا-ئانىسى يىراقنى كۆرەر بولۇپ، ئۇنى بالدۇرلا ئىسكىرىپكا چېلىشقا ئەۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن سەنئەت ئۇرۇقى ئۇنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتىپ، كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا بولغان. چى ۋېي ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، جېجياڭ تاراتقۇ شۆيۈەنىنىڭ ئۈنئالغۇ سەنئەت كەسپىگە ئوڭۇشلۇق قوبۇل قىلىنغان، گەرچە بۇ پەردە ئارقىسىدىكى يۆنىلىش بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قەلبىدە چولپانلىق ئارزۇسى بار بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پەردە ئارقىسىدا يوشۇرۇنۇپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان سەھنىگە تەلپۈنگەن.
2006-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان چى ۋېي ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش جاسارىتىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، قەتئىيلىك بىلەن «مېنىڭ قىياپىتىم» (我样我秀) تاللاش سەھنىسىگە چىققان. ئۇ مۇسابىقە مەيدانىدا باشتىن-ئاخىر كېلىشكەن چىرايى بىلەن ناخشا ئېيتىش ماھارىتىنى بىر-بىرىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، ئاخىرىدا مەملىكەت بويىچە 10 كۈچلۈك قاتارىغا كىرەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر قېتىم ئېكراندا پەيدا بولغاندا تاماشىبىنلاردا ئۆچمەس تەسىر قالدۇرغان.
كېيىنكى يىلى چى ۋېي بېيجىڭ داشۆسى شىڭگۇاڭ گۇرۇھى بىلەن توختام ئىمزالاپ، يۈەن چېڭجيې بىلەن «تالانتلىق ئەر-ئايال» مۇزىكا گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، شىركەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى بىلەن «ۋەيتەن 18-نومۇر» ناملىق داڭلىق پىلاستىنكىسىنى بازارغا سالغان، بۇ ناخشا پىلاستىنكىسىنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا، خۇددى ئۇچقۇن يانغىنىغا ئوخشاش، سانسىزلىغان ناخشا مەستانىلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. ماھىر تاللاش مۇسابىقىسىدىن كەلگەن بۇ ئىككى ياش ئۆزىنىڭ تالانتى ۋە بوشاشماي تىرىشىشىغا تايىنىپ، بارا-بارا مۇزىكا ساھەسىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. چى ۋېي بۇ مۇساپىنى بېسىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر چۈشەنگەچكە، سەمىمىيلىك بىلەن: «ھەممە ئىشلار مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتىدۇ، مەن تېخىمۇ كۆپ يوشۇرۇن ئىقتىدارىمنى قېزىشنى ئارزۇ قىلىمەن، بۇنداق بولغاندا كۆپچىلىك مېنى تېخىمۇ ئەتراپلىق تونۇيدۇ، مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمگە گۇۋاھ بولىدۇ» دېگەن.
تۇرمۇشتىكى چى ۋېينىڭ مىجەزى ئوچۇق-يورۇق، بىپەرۋا بولۇپ، دائىم دوستلىرى ئۇنى «چوڭ ئاچا» دەپ قارىغان، يەنە تېخى «يەتتىنچى ئاكا» دېگەن لەقەمگە مۇيەسسەر بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ سەل بوم ئاۋازى ئۇنىڭغا تېخىمۇ باتۇرلۇق بېغىشلىغان بولۇپ، گەرچە ئۇ كىشىنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن سۆز-ھەرىكىتى ئەركىن-ئازادە، يۈەن چېڭجيې بىلەن ھەمكارلاشقاندا، باشقىلار ئۇلارنى ئاشىق-مەشۇق دەپ خاتا چۈشىنىپ قالغان، ئۇلار پەقەت يېقىن ئۆتىدىغان ياخشى ھەمراھى، يۈەن چېڭجيېنىڭ نازاكەتلىك، مۇلايىم مىجەزى چى ۋېي بىلەن بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، ئىككىسى ئىناق ئۆتكەن.
چى ۋېينىڭ نام-شۆھرىتىنىڭ بارغانسېرى ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ كىنو-تېلېۋىزىيە ساھەسىدە بارغانسېرى داڭق چىقارغان، يېقىندا پىلاستىنكا چىقىرىپ، ناخشا خانىشى بولغان، يەنە «ئەخلاقلىق ئانا»، «ساھىبجامالنىڭ ھىيلىسى» (美人心计)، «نۇقسانسىز گۈزەل قىزلار»
چى ۋېينىڭ كەسپى روناق تاپقان، ئەمما پىتنە-پاساتلار ئۇنىڭ سايىسىگە ئوخشاش، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن. 2011-يىلى «مۇھەببەت ئۇيقۇدىن ئويغاندى» ناملىق كىنونى سۈرەتكە ئالغاندا، شۈ جېڭشى بىلەن ئۆسەك سۆزلىرى تارقالغان؛ «ئۆسمۈر رازۋېدچىك دى رېنجيې»غا كەلگەندە، يەنە خۇاڭ زۇڭزې بىلەن فىلىم ئىشلەش مەيدانىدا ئېنىق بولمىغان پىتنە-پاساتلار تارقالغان؛ «نۇقسانسىز زەربە»
چى ۋېي «ناھايىتى تىنچ ئارىلىق» ناملىق سۆھبەت پىروگراممىسىدا جورا تاللاش ئۆلچىمىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇ ساپ ئەر تىپلىرىنى ياخشى كۆرىدىكەن، يەنە تېخى چەتئەللىكلەرگە قىزىقمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇغىنىسى، ھايات ھەمىشە كۈتۈلمىگەن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، «دۇنيادىكى يەنە بىر مەن»نى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا، لى سۇڭخيۇن ئۇنىڭ دۇنياسىغا بۆسۈپ كىرگەن. تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە، لى سۇڭخيۇن چى ۋېيغا نىسبەتەن ئالاھىدە تۇيغۇدا بولمىغان، نېمىلا دېگەن بىلەن چى ۋېينىڭ تاشقى قىياپىتى ئۇنىڭ ئۆتمۈشكە ماس كەلمەيدۇ. ئەمما سۈرەتكە ئېلىش مەيدانىنىڭ تەدرىجىي كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، چى ۋېينىڭ ئوچۇق-يورۇق، سالاپەتلىك خاراكتېرى لى سۇڭخيۇننى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگەن.
چى ۋېي فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ، خىزمەتتە قىلچە بىپەرۋالىق قىلمايدۇ، ئۇنىڭ نازۇك تاشقى قىياپىتىدە بىر خىل نۇقسان بار. لى سۇڭخيۇن ئۇنى تېخىمۇ قەدىرلەيدىغان بولۇپ، ئىككىيلەن باش لىڭشىتىپ دوستلىشىشتىن تەرەققىي قىلىپ يېقىن دوستقا ئايلانغان ھەمدە دائىم ئۇچرىشىپ تۇرغان. كۈنلەر ئۇزارغانسېرى لى سۇڭخيۇن ئىچ-ئىچىدىن ئاشىق بولۇپ قالغان، بىر قېتىملىق يىغىلىشتا، ئۇ تولۇپ تاشقان جاسارەت بىلەن چى ۋېيغا كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ: «بىز مۇھەببەتلىشەيلى!» دېگەن. بۇ گەپ ھاڭۋىقىپ قالغان چى ۋېينىڭ يۈزىنى قىزارتىۋەتكەن، ئۇ كۆپ ئويلانغاندىن كېيىن، لى سۇڭخيۇنغا ماقۇل بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يۈكسەلگەن.
مۇھەببەت ئىشى ئاشكارىلانغان شۇ دەقىقىدە، ئامما ئارىسىدا غۇلغۇلا كۆتۈرۈلۈپ، تاشقى دۇنيانىڭ گۇمانلىرى ئۈزۈلمىگەن. بەزىلەر چى ۋېينىڭ بۇرۇنقى جورا تاللاش ئۆلچىمىنى ئېچىپ، ئۇنى «ئۆزىنىڭ يۈزىگە ئۆزى ئۇردى» دەپ ئەيىبلىگەن، ئەمما چى ۋېي بۇنى بەخت ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىش دەپ قارىغان. تېخىمۇ قىيىن يېرى شۇكى، لى سۇڭخيۇننىڭ سابىق لايىقى ئەن يىشۈەن بۇرۇنلا ھەممە ئادەم بىلىدىغان چولپان ئىدى، ئەينى چاغدا ئىككەيلەننىڭ ھېسسىياتىمۇ كىشىلەرنىڭ تەقەززالىقىنى قوزغىغان، ئەمدىلىكتە چى ۋېي شەرمەندە ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. لى سۇڭخيۇن دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ چۈشەندۈرگەن، لېكىن شۇ چاغدا ئۇنىڭ دۆلەت تىلى سەۋىيەسى چەكلىك بولغاچقا، چۈشەندۈرۈش ئۈنۈمى ياخشى بولمىغان. چى ۋېيمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ سۆز قىلغان، لېكىن كۆپچىلىك يەنىلا ئەن يىشۈەننىڭ زادى قەيەردە ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىغا قىزىقىپ قالغان، بەلكىم چى ۋېينىڭ ئۆزگىچە خاراكتېر سېھرىي كۈچى ھالقىلىق ئامىل بولۇشى مۇمكىن.
چى ۋېينىڭ مىجەزى تۈز، گېپى تۈز، لى سۇڭخيۇنمۇ ئوخشاشلا ساددا، تۈز، تەپەككۇرى ئاددىي. ئۇلارنىڭ مىجەزى بىر-بىرىگە ماسلاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارزۇسى كۈچلۈك، ئىككىسى مۇقىم بولغاندىن كېيىن، توي قىلىشقا تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان. لى سۇڭخيۇن ئىككى ئايدىن كۆپرەك كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، پەقەت بىر مەيدان رومانتىكلىقنى تەلەپ قىلغان. شۇ كۈنلەردە ئۇ ھەر كۈنى سىرتقا چىقىپ بەدەن چېنىقتۇرغان، ئەمەلىيەتتە لى سۇڭخيۇن چى ۋېيغا توي تەكلىپى قويۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىدى. شۇ كۈنى چى ۋېي خالىغانچە ياسىنىپلا نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولغان رومانتىك كۆرۈنۈش، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ نەق مەيدانغا كېلىشى ئۇنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن، ئۇ ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا، كۆزلىرىگە ئىسسىق ياشلارنى ئالغان.
رومانتىكلىقتىن كېيىن، ئىككىيلەن رەسمىي ئەر-خوتۇن بولۇشقان. ئەينى چاغدا چى ۋېينىڭ كەسپى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ئېرى بىلەن شېرىن ئاي ئۆتكۈزگەن، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن تاماشا ساھەسىدىن ۋاقتىنچە چېكىنگەن. شېرىن ئاي مەزگىلىدە، لى سۇڭخيۇن چى ۋېينىڭ ھالىدىن ئەتراپلىق خەۋەر ئالغان، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۆزى تاماق ئېتىپ، تۈرلۈك نازۇ-نېمەتلەرنى تەييارلىغان.
2015-يىلى 1-ئايدا قىزى تۇغۇلغان. ھامىلىدار بولغاندىن باشلاپ، لى سۇڭخيۇن پۈتۈن جەرياندا ھەمراھ بولۇپ، بىرلىكتە تۇغۇت دەرسىگە قاتناشقان، ئېغىر ھامىلىدارلىق رېئاكسىيەسىگە قارىتا، ئۇ مۇلايىملىق بىلەن سەۋرچانلىق بىلەن بىر-بىرلەپ ھەل قىلغان. تۇغۇتتىن كېيىن، لى سۇڭخيۇن كۆپ ئىقتىدارلىق دادا بولۇپ، بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، زاكا ئالماشتۇرۇش، يۇيۇش، ئۇخلىتىش، ھەممە ئىشتا ئۆزى قول سېلىپ قىلغان، ئۇنىڭ سەمىمىي تۆلىگەن بەدىلى چى ۋېينى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن، چى ۋېي ئۇنىڭ خىجىل بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، لى سۇڭخيۇننىڭ «مەن ئاتا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەر قىلىشقا تېگىشلىك ئىش» دېگەن بىر ئېغىز سۆزى چى ۋېينىڭ كۆز ياشلىرىنى ئۆرلىتىۋەتكەن.
قىزى سەل چوڭراق بولغاندا، چى ۋېي تاماشا ساھەسىگە قايتماقچى بولغان، شۇڭا كۆڭلىدە ئىككىلىنىپ قالغان.لى سۇڭخيۇن ئۇنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، كەسكىنلىك بىلەن: «سىز خاتىرجەم ھالدا سىرتقا چىقىپ فىلىم ئىشلەپ پۇل تېپىڭ، ئۆيدە مەن بار» دېگەن. بۇ سۆزنى سىرتتىكىلەر دەسلەپتە چۈشەنمىگەن، ھەتتا لى سۇڭخيۇننى چى ۋېينىڭ پۇلىنى خەجلەۋاتىدۇ دەپ مەسخىرە قىلغان، بۇنىڭ بىلەن پىتنە-ئىغۋا بېسىمى بارغانسېرى ئېشىپ، لى سۇڭخيۇننىڭ ئىچكى مۇداپىئە لىنىيەسى ئاستا-ئاستا گۇمران بولغان. چى ۋېي ئېرىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى سەزگۈرلۈك بىلەن بايقاپ، ئۇنىڭ بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرغان، بىر پەس تەسەللى بەرگەندىن كېيىن، لى سۇڭخيۇن خاتىرجەم بولۇپ، نورمال تۇرمۇشقا قايتقان. ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىشى ئارقىسىدا، قىزى ساغلام چوڭ بولغان ھەمدە ئىش ئۇقىدىغان بولغان.
قىزى مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن، چى ۋېي لى سۇڭخيۇننىڭ قايتىپ كېلىشىگە ياردەم قىلماقچى بولغان، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ ئۆيدە بەك ئۇزۇن بولغاچقا، ئىككىلىنىپ قالغان. چى ۋېي ئۇنىڭغا ئۈزۈكسىز ئىلھام بېرىپ، ئۇنىڭغا جاسارەت ئاتا قىلغان. 2022-يىلى چى ۋېي يەنە بىر قېتىم ھامىلىدار بولغان بولۇپ، يېشى يۇقىرى تۇغۇتلۇق ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەيپىياتىدا داۋالغۇش بىر قەدەر چوڭ بولغان، لى سۇڭخيۇن يەنە ھەر تەرەپلىمە ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، بىر تەرەپتىن قىزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، بىر تەرەپتىن ئايالىغا تەسەللى بەرگەن. 10-ئايدا 38 ياشلىق چى ۋېي تىنچ-ئامان ئوغۇل تۇغقان. ئىككىيلەن تۇنجى بالىسىغا ھامىلىدار بولغاندا، بالىنىڭ بىرى دادىسىنىڭ فامىلىسىنى، يەنە بىرى ئانىسىنىڭ فامىلىسىنى قوللىنىدىغان بولغاچقا، ئوغلىنىڭ فامىلىسى چى ۋېيغا ئەگەشكەن.
بۈگۈنكى كۈندە، چى ۋېي بىلەن لى سۇڭخيۇن ئون يىلدىن كېيىنمۇ بۇرۇنقىدەكلا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ كەلمەكتە، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە بالىلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇشال-خۇرام ئۆتمەكتە، ئۇلار بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.