ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇم بولسۇنكى، يېقىندا مېگان يەنە چوڭ ئىش پەيدا قىلغان. 2025-يىلىنىڭ تۇنجى كۈنى، ئۇ ئۈن-تىنسىز ھالدا ئالاقە تورى ھېسابات نومۇرى قۇرغان، بۇ ھېسابات نومۇرى «meghan» دەپ ئاتالغان. ئۇ شەخسىي تونۇشتۇرۇشقا پەقەت قىسقىلا بىر جۈملە سۆزنى يازغان: «مېگان، ساسېكس كېنەز خانىم».
ئۇ بىرىنچى يازمىسىدا، دېڭىز بويىدا 2025-يىلىنى كۈتۈۋالغانلىقى توغرىسىدىكى ۋىدېيونى يوللىغان. بۇ خاررى بىلەن مېگاننىڭ ئۆيى ئەتراپىدىكى تىنچ دېڭىز ساھىلى بولۇپ، قارىماققا شاھزادە خاررى ئۆزى سۈرەتكە ئالغاندەك كۆرۈنگەن، ئۇ ئاق رەڭلىك يۈرۈشلۈك كىيىم كىيىپ، يالاڭ ئاياغ دېڭىز ساھىلىغا قاراپ ماڭغان، قارا چاچلىرى خۇددى دېڭىز يۇسۇنىغا ئوخشاپ قالغان.
ئۇ قويۇق بۇلۇت ئاستىدا دېڭىز سۈيىنىڭ يېنىدىكى ساھىلغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، «2025» دېگەن ساننى يازغان. قارىماققا ئىنتايىن ئەركىن كۆرۈنگەن.
لېكىن مەستانىلەر بۇ ۋىدېيونىڭ نەچچە قېتىم سۈرەتكە ئېلىنغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ يۈگۈرۈپ يۈرگەن ئاشۇ يولدا، ئىلگىرى 2025 دەپ يېزىلغان ئىزلار بار ئىكەن.
روشەنكى، بۇ ئاددىي بىر قېتىملىق سۈرەتكە ئېلىش ئارقىلىق تۇرمۇشنى خاتىرىلەش بولماستىن، بەلكى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلانغان قايتا مەيدانغا چىقىش ماھارىتى ئىكەن. نېمىلا دېگەن بىلەن، ئۇ ئىلگىرى ئالاقە تاراتقۇلىرىدىن مەڭگۈ چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مېگاننىڭ ئۇزۇن يىل يۈرگۈزگەن ئالاقە تورى ئاكونتى بار بولۇپ، ئەينى چاغدا خاررى بىلەن بولغان مۇھەببىتى ئاشكارىلانغاچقا، مەستانىسى 3 مىليونغا يەتكەن. ئۇ چاغدا ئۇ يەنىلا ھوللىۋودنىڭ ئايال چولپىنى بولۇپ، مەستانىلىرىمۇ كۆپ، گەپ-سۆزلىرىمۇ بىر قەدەر ئەركىن ئىكەن.
نۇرغۇن تاراتقۇلار ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ئالاقە تورى ئاكونتىنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنى، قارىماققا بىر قەدەر «جۇشقۇن» ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ شەخسىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلغان تور چولپانلىرى بىلەن روشەن پەرقى بارلىقىنى باھالاپ چىققان. ئۇ ئالاقە تورىدا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى، ساياھىتى ۋە ئىئانە پائالىيەتلىرىدىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرىنى ھەمبەھرىلىگەن، مۇھەببىتىنى نامايان قىلغان، ھەتتا سىياسىي كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
روشەنكى، بۇنداق ئالاقە ھېسابات نومۇرىنىڭ بولۇشىغا ئەنگىلىيە خان جەمەتى رۇخسەت قىلمىغان، شۇڭا 2018-يىلى شاھزادە خاررى بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، مېگاننىڭ ئالاقە تورى سەپىرىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولغان. خان جەمەتىنىڭ ئەنئەنىسىگە ئاساسەن، ئۇ «كېنسىڭتون رويال»نىڭ ئەزاسىغا ئايلانغان.
ئەڭ دەسلەپتە خاررى بىلەن مېگان، ۋىليام كەيتلەر بىر ھېسابات نومۇرىنى ئورتاقلاشقان. كېيىن، ئاكا-ئۇكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئاستا-ئاستا بۇزۇلۇشىغا ئەگىشىپ، خاررى-مېگان ئايرىم ھالدا «ساسېكس رويال»نى ئوتتۇرىغا چىقارغان.
ئۇنىڭ ئۈستىگە خان جەمەتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ساسېكس رويال تەبىئىيلا ئىشلىتىلىشتىن توختىغان.
ئۇلار خان جەمەتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، دائىم سۆھبەت جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ ئالاقە تاراتقۇلىرىدا يولۇققان «ئۆچمەنلىكى» ئۈستىدە توختالغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ «بەرداشلىق بېرەلمىگۈدەك» ھاقارەتكە ئۇچرىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ھاقارەتكە ئۇچرىغان ئادەملەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئالاقە تورىغا مەڭگۈ قايتماسلىققا ۋەدە بەرگەن. ئەلۋەتتە، بەلكىم دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كىرەك، مېگاننىڭ بۇ قېتىم ئالاقە تورىغا قايتىپ يوللىغان يازمىسىغا باھا بەرگىلى بولمايدىكەن. كىشىلەرنىڭ بىردىنبىر قىلالايدىغىنى ئۇنىڭغا ئەگىشىش ۋە قوللاش ئىكەن.
لېكىن، كىشىلەر ناھايىتى تېزلا مېگاننىڭ نېمە ئۈچۈن ئالاقە تورىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن، يەنى ئۇ تۈنۈگۈن ئىككىنچى تەشۋىقات فىلىمىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ نېتفلىكس ئاشپەزلىك پىروگراممىسى «سىزنى ياخشى كۆرىدىغان مېگان»نى تەشۋىق قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «كۆپچىلىك بىلەن بۇنى ئورتاقلاشقانلىقىمدىن بەك ھاياجانلاندىم! سىلەرنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش بۇ پىروگراممىنى ياقتۇرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ پروگراممىنى ئىشلەش جەريانى مەن ئۈچۈن تولىمۇ ياخشى بولدى. كۆپچىلىكنىڭ يېڭى بىر يىلىدا ھەممە ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن، بىزنىڭ قالتىس فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىمىز ۋە نېتفلكىس ئەترىتىگە ئالاھىدە رەھمەت، سىلەرنىڭ قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت، شۇنداقلا ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقىڭلارغا رەھمەت. مەن يەنىلا بۇرۇنقىدەك مېگان».
بۇ تاماق ئېتىش پىروگراممىسى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى قويۇلىدىكەن، جەمئىي سەككىز قىسىم بولۇپ، ھەر قىسىمى يېرىم سائەت ئىكەن. بۇ پىروگراممىدا مېگان ئېنىقلا «مۇكەممەل ئائىلە ئايالى» سۈپىتىدە ئائىلە ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى تۈرلۈك تەجرىبىلىرىنى ھەمبەھرىلىگەن. مەسىلەن تاماق ئېتىش، گۈل تىزىش، داڭلىق دوست-بۇرادەرلەر بىلەن بىللە يىغىلىش ئۆتكۈزۈش دېگەندەك.
مېگان بۇ يېڭى تۈرگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، چۈنكى بۇ ئۇ ۋە خاررىنىڭ نېتفلكىس بىلەن قىممەت توختام ئىمزالىغاندىن كېيىنكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق پۇرسىتى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ نېتفلكىس بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىش-ھەمكارلاشماسلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل بولۇپ قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇلار نېتفلىكس بىلەن توختام ئىمزالىغاندىن كېيىن تۆت ھۆججەتلىك فىلىم ئېلان قىلغان، لېكىن پەقەت 2022-يىلىدىكى «خاررى بىلەن مېگان» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمىلا نۇرغۇن خان جەمەتىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن كەڭ خەلقنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، تەستە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. قالغان ئۈچ ھۆججەتلىك فېلىمى «تۇغما رەھبەر»، «قورقماس قەلب» ۋە «ئات توپى» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نېتفلىكىسنىڭ مەغلۇبىيىتى دەپ قارىلىپ، ئانچە چوڭ ئىنكاس قوزغىيالمىغان.
ھازىر، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتى مېگاننىڭ يېڭى شەخسىي تۈرى «سىزنى ياخشى كۆرىدىغان مېگان»غا مەركەزلەشكەن. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى ئۇلارنىڭ 100 مىليون دوللارلىق توختامىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ نېتفلىكس بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىش ياكى ھەمكارلاشماسلىقىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ھالقا، دەپ قارىغان. شۇڭا، تېخىمۇ كۆپ تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، مېگان يەنە نۇرغۇن داڭلىق چولپان دوستلىرىنى مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلغان بولۇپ، سەپ شەكلى ئىنتايىن ھەشەمەتلىك ئىكەن.
لېكىن، پىروگرامما قويۇلماي تۇرۇپلا، كىشىلەرنىڭ تىل-ئاھانىتىگە قالغان. نېمىلا دېگەن بىلەن ئۆتكەن 20 يىلدا، مېگان ئىزچىل ئۆزىگە «مۇستەقىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئايال»نىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ كەلگەن. ئاندىن، ھازىر تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ، «ئەنئەنىۋى ئائىلە ئايالى»نىڭ يولىنى ئىگىلىۋېلىشقا باشلىغان، شۇڭا بۇ 180 گىرادۇسلۇق چوڭ ئۆزگىرىشنى نۇرغۇن كىشىلەر قوبۇل قىلالمىغان.
يەنە كېلىپ، بۇرۇنقى «ئائىلە ئايالى» سەركەردىلىرىدىن بولۇپ ئۆتكەن چولپانلار ھەقىقەتەن بۇ جەھەتتە خېلىلا كامالەتكە يەتكەن. مەسىلەن، ئامېرىكا ئائىلە ئىشلىرى ئايال پادىشاھى مارتا ستېۋارت (Mara Stewart) ئۆزىنىڭ كىتاب، پىروگراممىلىرىدا سانسىزلىغان ئەمەلىي ماھارەتلەرنى ھەمبەھرىلىگەن بولۇپ، كىم ئۆگەنسە، شۇ مەنپەئەتلەنگەن.
ئەمما نۆۋەتتىىكى ئىلان قىلىنغان تەشۋىق فىلىمدىن قارىغاندا، مېگان بۇ جەھەتتە ئالاھىدە گەۋدىلەنمىگەندەك، ھەتتا پۈتۈنلەي باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى يۆتكەپ كەلگەندەك كۆرۈنگەن.
ئالدى بىلەن، سۈرەتكە ئېلىش مەيدانى خاررى بىلەن مېگاننىڭ ئۆيى ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئىجارىگە ئالغان 5 مىليون قىممىتىدىكى ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ ئىكەن. تورداشلار ئاچچىقى بىلەن مۇنداق دېيىشكەن: «مېگان ئۆزىنىڭ قانداق ئائىلە ئايالى بولغانلىقىنى باشقىلارنىڭ ئۆيىدە سۈرەتكە ئېلىشى كېرەكمۇ؟».
ئىككىنچىدىن، تەشۋىق فىلىمدە، مېگاننىڭ تاماشىبىنلارغا ھەمبەھرلىگەن كىچىك ماھارىتى «خانقىز»نى باش تېما قىلغان ئىشتىھانى ئاچىدىغان قورۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. لېكىن، بۇ قورۇما ھەقىقەتەنمۇ توردا مودا بولغان قورۇما بولۇپ، سانسىزلىغان كىشىلەر بۇ قورۇمىنى ئورتاقلىشىپ بولغان.
مېگاننىڭ تەشۋىق فىلىم سۈرىتى.
2015-يىلىدىن بۇيان، بۇ قورۇمىنىڭ تىزىملىكى نۇرغۇن يېمەك-ئىچمەك بىلوگلىرى ۋە ھەر قايسى چوڭ ئالاقە تور بېكەتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدە پەيدا بولغان. ھەتتا 2018-يىلى يەنە ئامېرىكىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ژۇرنىلى «First For Women»غا چىققان، ئۇنىڭدىن كېيىن 2023-يىلىغا كەلگەندە يەنە بىر قېتىم داڭلىق ئالاقە تورى ئاكونتى «Hooks World»دا پەيدا بولغان. مېگاننىڭ تاماق رىسالىسى ئاساسەن ئۆتمۈشتىكى قورۇمىلارنى كۆچۈرۈپ كەلگەن بولۇپ، ھېچقانداق يېڭىلىق قوشۇلمىغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، مېگان تەشۋىق فىلىمدە يەنە ھەسەل ھەرىسى بېقىپ ھەسەل چىقىرىپ باقماقچى بولغان. ئەمما بۇ كەيتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك قىزىقىشىنىڭ بىرى، كامىلامۇ قىزغىن ھەرە باققۇچى بولۇپ، داچىدا مەخسۇس ھەرە بېقىش ئۆيى بار ئىكەن. ئۇنداقتا، بۇ مېگاننىڭ ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ قىزىقىشىنى يەنە دورىغانلىقىمۇ؟
مېگاننىڭ تەشۋىق فىلىمى.
2023-يىلى 5-ئايدا كەيت ھەرە كۆنىكىدىكى ھەرىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماقتا.
تېخىمۇ گۇمانلىق يېرى شۇكى، كىشىلەر ئۇنىڭ پىروگراممىسىنىڭ باشقا بىر پىروگرامما بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ پىروگرامما ئوخشاشلا ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان ئەنگىلىيەنىڭ كىنەز خانىمى ئېمما ۋېموس 2015-يىلى ئىشلىگەن تاماق ئېتىش پىروگراممىسى «ئېممانىڭ ئاشخانىسى»غا ئوخشايدىكەن.
بۇ كىنەز خانىم داڭلىق ئاشپەزلىك ئۇستىلىرىنىڭ مۇسابىقىسىگە قاتناشقۇچى بولۇپ، يەنە ئۆزىنىڭ قورۇقىدا توققۇز يىللىق تاماق ئېتىش پىروگراممىسى ئۆتكۈزگەن. ۋەھالەنكى، كىشىلەرنىڭ بايقىشىچە تەخسىدىن تارتىپ كىيىنىشكىچە، ئىككىلىسى ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.
نۇرغۇن كىشىلەر مېگاننىڭ دورىشىنى قەستەن تەقلىد قىلىۋاتىدۇ، دەپ قاراپ مۇنداق دېگەن: «ئېمما قارىماققا تېخىمۇ تەبىئىي كۆرۈنىدىكەن، مېگان دائىم سېنارىيە بويىچە ئويۇن قويىدۇ».
لېكىن، ئەڭ تەنقىد قىلىنغىنى يەنىلا مېگاننىڭ ھەشەمەتچىلىكى بولۇشى مۇمكىن. مېگاننىڭ ھۆججەتلىك فىلىملىرىدە پەيدا بولغان «نەپىس تۇرمۇش»نى پەقەت بايلارلا ئويلىشالايدىكەن.
ئۇ ئىشلەتكەن ئوچاقنىڭ باھاسى 15 مىڭ فوندستېرلىڭ بولۇپ، ئاشخانا جابدۇقلىرىنىڭ يەككە باھاسى 250 فوندستېرلىڭ ئەتراپىدا ئىكەن، ئارىلاشتۇرۇش ماشىنىسىنىڭ باھاسى 450 فوندستېرلىڭ، ئاش تاختىسىنىڭ باھاسى 60 فوندستېرلىڭ، سالات قاچىسىنىڭ باھاسى 280 فوندستېرلىڭ، تاماق تەخسىسى 57 فوندستېرلىڭ (بىر فوندستېرلىڭ تەخمىنەن توققۇز يۈەنگە تەڭ) ئىكەن.
ئامېرىكا تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى ئوبزورچىسى مېگان مەكىن (Megan McKhen) بۇ پىروگراممىغا «زامانغا لايىق ئەمەس!» دەپ بىۋاسىتە رەددىيە بەرگەن! ئۇنىڭ قارىشىچە، مېگاننىڭ ئاشپەزلىك پىروگراممىسى پۈتۈنلەي رېئاللىقتىن ھالقىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلارغا نىسبەتەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىكەن، نېمىلا دېگەن بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر ھازىر كۆكتات سېتىۋېلىش پۇلىنىمۇ چىقارالماي قالغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھازىر ئۇ ئەنگلىيەلىك ئاقسۆڭەك ئەمەس، بەلكى قايتىدىن ئامېرىكىلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن ئۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھەقىقىي، ئەسلى ئېكولوگىيەلىك، ياسالما بولمىغان نەرسىلەرنى ئالماقچى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلىدۇ».
مېگان مەككېننىڭ دادىسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى ۋاپات بولغان مۇھىم شەخس جون مەككېن.
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «تەشۋىق فىلىمدىكى بارلىق مەزمۇنلار كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەنگەن ۋە ئىشلەنگەن بولۇپ، رېئاللىقتىن پۈتۈنلەي ھالقىپ كەتكەن. بىزنىڭ ھازىرقى بۇ دۆلىتىمىز غەزەپكە، مۇقىمسىزلىققا ۋە جىددىيلىككە تولغان، بۇ خىل ئوي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. بۇ دەل نېمىشقا پۈتۈن دۇنيانىڭ سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى. سىز كۆز ئالدىڭىزدىكى رېئاللىققا پۈتۈنلەي سەل قارىدىڭىز».
لېكىن قانداقلا بولمىسۇن، تەنقىدكە ئۇچراپ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتسىمۇ ئوخشاشلا غەلىبە قازانغان بولىدۇ. ئەگەر مېگاننىڭ بۇ ئاشپەزلىك پىروگراممىسى ھەقىقەتەن يېتەرلىك تالاش-تارتىش پەيدا قىلالىسا، كۆرۈلۈش نىسبىتى يەنىلا ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.