ئۈندىدار ساللونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجمىسى:
2023-يىلى بېكھام ئەر-ئايالنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمى نېتفلىكستا قويۇلۇپ، ئەنگلىيە رايونىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى رېكورتىنى يارىتىپ، شاھزادە مېگان ئەر-ئايالنىڭ «خاررى-مېگان»نىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.
(بېكھام ئەر-ئايال)
خاررى بلەن مېگانغا سېلىشتۇرغاندا بېكھام ئەر-ئايال ئالاقە تورىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. جەمئىي تۆت قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە ئىلگىرى ئاشكارىلانمىغان نۇرغۇن ئائىلە سۈرىتى ۋە باشقا سۈرەتلىرىنى ھەمبەھرىلىگەن، يەنە ھەر خىل كونا سىرلارنى ئاشكارىلىغان.
(بېكھام ۋە ۋىكتورىيە)
مەسىلەن، بېكھام كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ۋىكتورىيەنىڭ ئۆزى دەۋاتقان «مائاشلىقلار قاتلىمى»دا ئەمەسلىكىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە روللىس رويىستا ئولتۇرغانلىقىنى ئېيتقان.
بېكھام ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ ناچار ھالىتىنى ئەسلىگەن.
ئىككەيلەن ھەتتا ھۆججەتلىك فىلىمدە بېكھام 20 يىل ئىلگىرى ئۆزى يالغۇز ئىسپانىيەدە تۇرغان ۋاقتىدا يۈز بەرگەن «ئاشنىدارچىلىق»نى قايتا تىلغا ئالغان. ھۆججەتلىك فىلىم زىيارەت جەريانىدا دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ چىراي ئىپادىسى ئازابلىق بولۇپ، كامېراغا تىكىلىپ قارىمىغان. بېكھام ئۆزىنى قاچۇرۇپ، شۇ مەزگىللەردە ئۆزلىرىنىڭ ھەر كۈنى باش بەتكە چىققانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ۋىكتورىيە بىلەن جاپا-مۇشەققەتكە دۇچ كەلگەنلىكىنى، ھەر كۈنى ئۆزىنى سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنداقلا ۋىكتورىيەنىڭ بۇلارغا قانداق چىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى دېگەن.
ۋىكتورىيە بولسا ئەڭ ئاخىرقى بىر قىسىم زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا كۆز ياشلىرىنى زورىغا بېسىۋېلىپ، شۇ مەزگىلنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ جاپالىق مەزگىل، شۇنداقلا ھاياتىدىكى ئەڭ جاپالىق دەقىقە ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئەمدى ئۆزى بىلەن ۋىكتورىيەنى بىر-بىرىگە كۆيۈنىدۇ، بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بولىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈن ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى قالايمىقان بولۇپ كەتكەنلىكتىن، بېكھامدىن ھەقىقىي نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى مەخپىي خەۋەرلەر، مەزمۇنى مول بولغان بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ قويۇلۇشى خېلى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان، تۇنجى ھەپتىلىك كۆرۈلۈش نىسبىتى 3 مىليون 800 مىڭدىن ئاشقان. يېقىندا تاراتقۇلار ئۇلارغا بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى سۈرەتكە ئالغاندىن بۇيانقى بۇ ئىككىيلەننىڭ كىرىمىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىۋاتقانلىقىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ بەرگەن...
بۇ ھۆججەتلىك فىلىم ئېنىقلا بېكھام ئەر-ئايال بولۇپ، ئۇلار قىزغىنلىق ۋە ئېقىم مىقدارىغا ئېرىشكەن. ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلغان ئىككىنچى كۈنى بېكھامنىڭ ئالاقە تورىدىكى مەستانىلىرىنىڭ سانى قىسقىغىنە 24 سائەت ئىچىدە 106 مىڭ ئادەم كۆپەيگەن.
ۋىكتورىيەنىڭ ئالاقە سۇپىسىدىكى مەستانىلىرىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشقان، ئۇنىڭ بىر ئالاقە تورىدىكى ئەگەشكۈچىلىرى 1 مىليون 200 مىڭدىن 2 مىليون 200 مىڭغا يەتكەن. نېتفلكىس ئارقىدىنلا يەنە ۋىكتورىيەگە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئېقىم مىقدارىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى تەبىئىي ھالدا سودا قىممىتى ۋە ھەر خىل كىرىم ئېلىپ كەلگەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ياساش شىركىتىگە ياردەملىشىپ 11 مىليون 900 مىڭ فوندستېرلىڭ كىرىم قىلغان. بېكھام ماركىسىنىڭ بۇ ھۆججەتلىك فىلىم سەۋەبىدىن، 2023-يىلى ئۆز ماركىسىنىڭ پايدىسى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئېشىپ، سېتىش سوممىسى 72 مىليون 300 مىڭ فوندستېرلىڭغا يېتىپ، 2022-يىلىدىكىدىن %2 يۇقىرى بولغان، پايدا 29 مىليون فوندستېرلىڭغا يېقىن ئېشىپ، 2022-يىلىدىكى 12 مىليون 800 مىڭ فوندستېرلىڭدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان.
(بېكھام ئەر-ئايال سودا ئىمپېرىيەسى)
شۇنى دېمەي تۇرالمايمىزكى گەرچە بېكھام ئەر-ئايال ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ساھەسىدە ئىقتىدار جەھەتتە گۇمانغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىككىسى ئىزچىل سودا تالانتى بار ئىدى. گەرچە بېكھام 12 يىل بۇرۇنلا كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىللاردا ئۇنىڭ سودا قىممىتى ئازراقمۇ چۈشۈپ باقمىغان، داۋاملىق ئاشقان.
ئادىداسنىڭ ئۆمۈرلۈك توختامى، CK ۋە پېپسى كولا، ماسېراتى، جاگۇئار، سامسۇڭ، دىرول، Ali express قاتارلىق چوڭ ماركىلارنىڭ ئېلان توختاملىرىدىنمۇ نۇرغۇن پايدا ئالىدۇ.
ئۇ يەنە ماتراس شىركىتى Tayple، قازان ياساش سودىگىرى SharkNinja بىلەن مىليون فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى ئېلان توختامى ئىمزالىغان.
(بېكھام)
ئۇنىڭدىن باشقا، بېكھامنىڭ مىئامى خەلقئارا پۇتبول كۇلۇبىنىڭ قىممىتىمۇ شىددەت بىلەن ئاشقان. 2023-يىلى 7-ئايدا لېئونېل مېسسى توختام ئىمزالاشنى قارار قىلغاندىن كېيىن كۇلۇبنىڭ قىممىتى 790 مىليون فوندستېرلىڭغا ئۆرلىگەن. بېكھام ئۇنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە خوجايىنلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سېتىۋالغان چاغدا پەقەت 2 مىليون 990 مىڭ فوندستېرلىڭ خەجلەپ، تەلۋىلەرچە 40 ھەسسە پايدا ئالغان.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بېكھام پاي كونترول شىركىتى DRJB ئۇ 2023-يىلى پايچىكلارغا 22 مىليون 600 مىڭ فوندستېرلىڭ ئادەتتىكى پاي ئۆسۈمى تۆلىگەن، 2024-يىلىنىڭ بېشىدا يەنە 40 مىليون 500 مىڭ فوندستېرلىڭ ئادەتتىكى پاي ئۆسۈمى تۆلىگەن پاي ئۆسۈمى، ئالاھىدە پاي ئۆسۈمىنى ھېسابلىساق، جەمئىي 99 مىليون فوندستېرلىڭ پاي ئۆسۈمى بار، پاي ئۆسۈمى، سان جەھەتتىن ئېيتقاندا پايدىسى زور دەرىجىدە ئاشقان.
(بېكھام ئائىلىسىدىكىلەر)
ۋىكتورىيەگە كەلسەك شەخسىي ماركا شىركەتلىرى كۆپ يىللاردىن بۇيان زىيان تارتقان، ئەمما 2023-يىلى سېتىش سوممىسىمۇ %52 ئېشىپ، 89 مىليون 100 مىڭ فوندستېرلىڭغا يەتكەن، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا يىللىق سېتىش كىرىمىگە ئېرىشىشنى پىلانلىغان، يەنى 100 مىليون فوندستېرلىڭلىق كىرىم نىشانى.
2023-يىلى ۋىكتورىيە بىلەن مودا پارچە سېتىش تور سودىسى Mytheresa ھەمكارلىشىپ مەخسۇس سېتىش يۈرۈشلۈكىنى ئېلان قىلىپ، ئىسپانىيە ئېگىز كوچا ماركىسى Mango بىلەن ھەمكارلىشىپ زور پايدا ئالغان.
ئىسپانىيە خانىشى
(بېكھام ئەر-ئايال)
تېرە ئاسراش ساھەسىدە، ئۇ يەنە ئۆزى ھەۋەس قىلىدىغان گېرمانىيەنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تېرە ئاسراش بۇيۇمى Austinus Bader بىلەن داغ يوقىتىش مەلھىمىنى بازارغا سالغان.
(داغ يوقىتىش مەلھىمى)
ۋىكتورىيە «يۈز يىللىق روھ» بىلەن ھەمكارلىشىپ بىر يۈرۈش قول سائەتلەرنى بازارغا سالغان، بۇ قول سائەتنىڭ سېتىلىش باھاسى 24 مىڭ فوندستېرلىڭغا يېتىدۇ. شۇڭا 2023-يىلى ۋىكتورىيە ماركىسىنىڭ توپ سېتىش، تور ۋە بايراقدار پارچە سېتىش دۇكانلىرىنىڭ سېتىلىشى زور دەرىجىدە ئاشقان.
(ۋىكتورىيە ماركا ھەمكارلىقى)
10-ئايدا بېكھام ئەر-ئايال 60 مىليون فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى ھەشەمەتلىك تۇرالغۇ سېتىۋالغان بولۇپ، بۇ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇدىن بىسكان قولتۇقىنى كۆرگىلى بولىدىكەن، ئۇ بېكھامنىڭ مىئامى خەلقئارا پۇتبول كۇلۇبىغا ناھايىتى يېقىن ئىكەن.
ئەمەلىيەتتە 2020-يىلىلا بېكھام ئەر-ئايال 18 مىليون 329 مىڭ 300 فوندستېرلىڭ خەجلەپ مىئامى شەھەر مەركىزىدىكى بىنادىن بىر يۈرۈش يۇقىرى قەۋەتلىك ياتاق سېتىۋالغان، بۇ قېتىم ھەشەمەتلىك ئۆي سېتىۋېلىش بەلكىم مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ ئىككىسىدىن باشقا ئۇلار يەنە لوندوننىڭ غەربىي قىسمىدا 31 مىليون فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى بىر داچىسى بار.
12 مىليون فوندستېرلىڭ قىممىتىدىكى كوتسۋولدنىڭ يېزا مۈلكى بار. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئەر-ئايال ئىككىسى 26 مىليون 300 مىڭ فوندستېرلىڭدىن ئارتۇق يۇقىرى باھادا ئامېرىكىنىڭ بىفلېي ئارامگاھىدىكى ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسىنى سېتىۋەتكەن، سېتىۋالغان باھاسى 17 مىليون 530 مىڭ فوندستېرلىڭ بولۇپ، پايدىسى 10 مىليون فوندستېرلىڭغا يېقىنلاشقان. ئۇ ئىككىسى كۈندە يېتىپ پۇل تاپىدىغان بولۇپ قالغان.
«يەكشەنبىلىك تايمىس گېزىتى» بايلار تىزىملىكىدە بۇ يىل 5-ئايدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بېكھام ئەر-ئايالنىڭ ساپ مۈلكى 455 مىليون فوندستېرلىڭ بولۇپ، 2023-يىلىدىكى 425 مىليون فوندستېرلىڭدىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سودا ئىمپېرىيەسى يىلدىن-يىلغا زورايغان. بۇ ئىككىيلەننى كاللىسى ئىشلەيدىغان، شۇنداقلا ھەقىقىي سودىغا ئېپى بار ئەر-خوتۇنلار دېيىشكە بولىدۇ.