ئايالى: مەن شاھرۇھ خاننىڭ مەستانىسى ئەمەس

文摘   2025-01-08 21:47   海南  

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

شاھرۇھ خاننىڭ ئايالى گورى خان 17 يىلدىن كېيىن قايتا ئېكران يۈزىدە پەيدا بولۇپ ئۆزى ۋە ئائىلىسى توغرىلىق ئېلىپ بېرىلغان زىيارەتكە قاتناشتى.

شۇنداق قىلىپ ئالدىنقى قېتىمقى پارىڭىمىزنىڭ داۋامىغا كەلسەك گورى خان ئۇنىڭ ئائىلىدىكى ئادەتلىرى ۋە ناھايىتى چىقىشقاق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كېلىپ ئادەتتە ئۇنىڭ بىرەر كىنوسىنى ياقتۇرمىسا ئۇدۇل ئېيتىدىغانلىقىنى دېدى ۋە: «بۇنى باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا مەن ئۇنىڭ مەستانىسى ئەمەس» دېدى.

بۇ دېگىنى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ كىنولىرىنىڭ ھەممىنى ياقتۇرمايمەن دېگەنلىك ئەمەس. ئۇنىڭ مەستانىلىرى ئۇنىڭ ئالقىشلانمىغان كىنولىرى بولسىمۇ كۆرۈۋېرىشى مۇمكىن. ئەمما گورى خان ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئۇ شاھرۇھ خان رول ئالغان تېخى قويۇلمىغان كىنولارنى جەريانى ۋە ياكى سېنارىيەسىدىن خەۋەر تاپقاندا ئۇنىڭغا ئوچۇق-ئاشكارا قىلىپ داۋاملىق ئىشلىمەسلىكنى ياكى كىنونى قوبۇل قىلماسلىقنى ئېيتىدىكەن.

ئۇ: «مەن ئادەتتە ئۇنىڭ بىلەن قانداق سۆھبەتلىشىشنى ياخشى بىلىمەن. لېكىن شۇنداقتىمۇ سۆھبەت تېمىسى كىنو توغرىلىق بولغاندا ناھايىتى ئېھتىيات قىلىمەن. ئۇنىڭغا ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن گەپنى ئەگىتىپ تۇرۇپ دەيمەنيۇ ئەمما مەقسىىتىمنى چوقۇم ئېيتىمەن. پەقەت بولمىغاندا يېقىن دوستلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئېيتقۇزىمەن» دېدى.

دېمەك شاھرۇھ خاننىڭ كىنولىرىنىڭ مۇۋەپپقىيەت قازىشىنىدىكى يەنە بىر چوڭ سەۋەب ئايالىنىڭ ئۇنى مۇشۇنداق قوللاپ مېڭىشى ئىكەندە. مەستانە بولۇش بەك ئاسان. ئەمما ئۇنىڭغا قارشى سۆزلەرنى پەقەت ئايالى بولغان كىشىلا يۈز-تۇرانە ئېيتالايدۇ ئەلۋەتتە. ئۇنىڭغا ئەينەك بولالايدىغان كىشى ئەلۋەتتە ئۆيىدىكى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىنى بولۇشى كېرەك.

ئەمدى بۇ يەردىكى پاراڭ تەبىئىيلا شاھرۇھ خاننىڭ قىزىغا يۆتكەلدى. ئۇ ئاپىسى توغرىلىق سۆزلىگەنلىرنى ئۈنگە ئېلىپ ئەۋەتكەن ئىدى. سۇھانا خان: «ئاپامنى سۈپەتلەش توغرا كەلسە بىرلا ئېغىز سۆزنى قىلىمەن. ئۇ ئۆزىگە ناھايىتى ئىشنىدىغان ئايال. ئۆزى خالىمىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلمايدۇ. يەنە كېلىپ بۇنى تولىمۇ ئەدەپ بىلەن رەت قىلىشنى بىلىدۇ. ئۆزىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ مەن مۇشۇ تەرىپىنى دورىيالىسام دەپ ئويلايمەن» دېدى. ئارقىدىن: «مەن ئاپامنى بەزىدە ئائىلىمىزنىڭ ۋاستىچىسى دەپ ئويلايمەن. ئۇ ئائىلىمىزدىكى ھەرقانداق ئىشنى بىرەر پارچە رەسىم بولسىمۇ باشقىلار كۆرۈشتىن ئاۋۋال ئۆزۈم بىر كۆرۈپ باقسام دەيدۇ. شۇڭا بىرەر قېتىممۇ ئۇنىڭغا كۆرسەتمەي تۇرۇپ مكرو بىلوگىمدا سۈرەتلىرىمنى ھەمبەھىرلىيەلمەيمەن» دېدى.

ئۇ يەنە ئاپىسى توغرىلىق ناھايىتى قىزىقارلىق گەپلەرنى قىلىپ بەردى: «بەزىدە تېخى بىز ئامېرىكىدا ياكى لوندوندا ساياھەت قىلىۋاتقىنىمىزدا ئۇ ئۈستى-بېشىغا تۈزۈكمۇ كىيىنمەيلا سىرتقا چىقىۋېرىدۇ. ئۆزى خالىغان پېتى يۈرىدۇ. ئاندىن يولدا بىرەرسى ئەگەر يول سوراپ قالىدىغان بولسا تېخى ئىنگىلىزتىلى بىلمەيدىغان قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ. بۇ پەقەت ئۇنىڭ ئاشۇ ئادەم بىلەن گەپ قىلىشنى خالىمىغانلىقى ئىكەنلىكىنى بىزلا بىلىمىز، ئاپام ئازراقمۇ قاتتىق تەلەپ قويمايدۇ. ئۇ تەلەپچان ئەمەس. مېنىڭچە بۇ ئىشتا ئۇ ئەڭ ھورۇن بولسا كېرەك. شۇڭا كۆپىنچە ھە بوپتۇ خالىغىنىڭلاردەك بولسۇن دەپلا تۈگىتىدۇ» دەپ كۈلدى.

پاھ پاھ پاراڭنىڭ قىزىقى كەينىدە بولدى. سۇھانا خان: ئىككىلىنپمۇ ئولتۇرماستىن «ئاپام مەخپىيەتلىك ساقلىيالمايدۇ» دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ گورى خانمۇ ئۆزىنى بېسىۋالالماي قاقاھلاپ كۈلۈۋەتتى. سۇھانا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇنى مەن بىر قېتىم تاسادىپىي بايقاپ قالغان ئىدىم. بىر قېتىم تېلفوندا ئۇنىڭغا بىر گەپنى دېمەك بولۇپ ئاپا لېكىن ئاۋۋال دەپ قوياي بۇ گەپنى ھېچكىمگە دېسىڭىز بولمايدۇ»

دېۋىدىم، يېنىمدا تۇرغان ئىنىم ئابراھىم گېپىمىزنى ئاڭلاپ: «ياق ئۇ دەۋېتىدۇ. ئۇ مېنىڭ دەپ بەرگەن گەپلىرىمنىڭ ھەممىنى ئۆزىنىڭ دوستلىرىغا دەۋېتىدۇ. بولمىسا دېيىشتىن بۇرۇن مەنمۇ مىڭ قېتىملاپ ۋەدە ئالىمەن» دېگەن. سۇھانا مۇشۇ ئىشتىن كېيىن بىلىپ قالغان ئىكەن. بۇ ئاپىسىنىڭ ئەڭ ياقتۇرمايدىغان تەرىپى ئىكەن.

يەنە ئاپىسىنىڭ ئەڭ كۈلكىلىك تەرىپى توغرىلىق توختالغاندا گەپنىڭ تېخىمۇ قىزىقى چىقتى. ئۇ: «ئاپام نەدىلا بولسا راھەت كىيىنسەم دەپ ئويلايدۇ. شۇڭا ئۇنى بەزىدە ناھايىتى مودا كىيىنىۋالسا ھەيران قالماڭ چۈنكى ئۇزۇن چاپاننىڭ ئۈستىگە بەلباغ تاقىۋالغان چىرايلىق ھالىتىنىلا كۆرىسىز، ئەمما ئىچىدىكىسى بەلكىم ئۇخلاش كىيمى بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ سەپەرگە چىققاندا تېخىمۇ شۇنداق. ئۇ ئايروپىلاندا ھەمىشە ئۇخلاش كىيمى بىلەن يۈرىدۇ. بايا ئېيتىقىنىمدەك سىرتى ئۇزۇن چاپان، ئايروپىلانغا چىققان ھامان ئۇنى ئۇخلاش كىيمى بىلەن كۆرىسىز» دېدى. پاھ پاھ، شاھرۇھ خان ئائىلىسى توغرىلىق قىزى توغرىلىق نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىۋالدىڭلار-ھە؟ قېنى ئەمىسە بۇندىن كېيىن دىققىتىڭلار داۋاملىق مۇشۇ يەردە بولسۇن-ھە؟!

رومانلار
ياۋايى ھەۋەس
جانغا زامىن ئايال ئالاھىدە خادىم
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ



ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز

تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552

Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章