ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئالدىنقى ھەپتىنىڭ بەشى كەچتە ھىندىستاننىڭ ئۇتتار ئىشتاتىنىڭ گولاكپۇر شەھىرىدىكى ساقچىلار شۇ جايدىكى ۋوگزالدا بىر تۈركۈم ئوغرىلارنى قولغا ئالغان. ساقچىلار ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئوغرىلانغان 44 يانفوننى تاپقان، يەنە باشقا زاڭ مال (نەق پۇل ھەميانى قاتارلىقلار)نىمۇ قوشۇپ ھېسابلىغاندا، ئۇلارنىڭ ئوغرىلىغان ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن بىر مىليون رۇپىيە ئەتراپىدا ئىكەن. ساقچىلار يەنە ئۇلارنىڭ بەدىنىدىن بىر تاپانچا ۋە بىر تىغلىق ئەسۋابنى بايقىغان، بۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ قارىماققا بىر چوڭ دېلو ئىكەن! لېكىن ساقچىلار كېيىنكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ھىندىستانلىقلار ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قالغان، بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇچىغا چىققان ئەسكىلىكىدىن ئەمەس، بەلكى كىشىلەر بۇ ئوغرىلارنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭكىدىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىدىن بولغان.
ئىشلار مۇنداق: بۇ ئوغرىلار ئوخشاش بىر ئوغرىلىق شايكىسىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ شايكىنىڭ كاتتىبېشىنىڭ ئىسمى مانوجى، بۇ يىل 35 ياش، ئۇنىڭ قول ئاستىدا يەنە 19 ياشلىق ۋە 15 ياشلىق ئىككى ئىنىسى بار. بۇ ئۈچەيلەننىڭ ناھايىتى ياخشى ئويى بار بولۇپ، ئۇلار بىر ئوغرىلىق شايكىسىنى «ئوغرى شىركەت» قىلىپ قۇرۇپ چىقىپلا قالماي، يەنە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش، ئىش ئورنى بويىچە تەربىيلەش، پىراكتىكا قىلىش، ھەتتا مائاش تارقىتىش قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن.
ئۇلار بىر قىسىم نامرات كەنتلەردىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىپ، مەخسۇس مائارىپ ئارقا كۆرۈنۈشى بار، ئەمما ئىنتايىن نامرات ياشلارنى ئىزدەيدىكەن. بۇ كىشىلەر ھىندى تىلىنى راۋان سۆزلىيەلەيدۇ، ئاندىن ئۇلارغا يارىشىملىق كىيىم ماسلاشتۇرۇپ كىيسە، كىشىلەر توپىغا ئاسانلا كىرىۋالالايدۇ، ساقچىلارنىڭ گۇمانىنى ئاسانلىقچە قوزغىيالمايدۇ.
ئوغرى «خىزمەتكە چۈشكەن»دىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئوغرىلىق ۋە قېچىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئۈچ ئايلىق تەربىيلەش مەزگىلى بار ئىكەن. ئۈچ ئايدىن كېيىن پىراكتىكا مەزگىلىگە كىرگەندە مانوجى ئۇلارغا ئاددىي، كىچىك ۋەزىپىلەرنى تەقسىم قىلىپ، تېخنىكىسىنى سىناپ باقىدىكەن، ئەگەر بۇ ۋەزىپە تاماملانسا، ئۇلار رەسمىي ئىشقا كىرىدىكەن. بۇ ئوغرىلار ھەرقايسى ۋوگزاللارغا تارقالغان بولۇپ، ئۇلار بېلەت سېتىۋېلىپ پويىزغا چىقىدۇ، ئاندىن تېزلىكتە دېلو سادىر قىلىپ، قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىشتىن بۇرۇن خەتەرلىك رايوندىن چېكىنىپ چىقىشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر راستتىنلا باشقىلار بايقاپ قالسا، ئۇلارنىڭ يېنىدىكى ھەمراھلىرى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنى قورقۇتۇپ، ئۇلارغا قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كېتىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگىلى بولىدۇ.
بۇ خىل ھەرىكەت ئەندىزىسى گەرچە ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق نىشانى بولسا كىشىلەرنىڭ يانفونى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن ئوغرى تېلېفوننى بېكەتتە ساقلاۋاتقان كىچىك كاتتىباشلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، كىچىك كاتتىباشلارنى يەنە بىر تۇتاش تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىكى جىنايەت گۇرۇھلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، جىنايەت گۇرۇھى بۇلارنى جىنايەت شايكىلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، يانفون بېنگال ۋە نېپالغا ئەتكەس قىلىنىپ، بىر قەدەر تۆۋەن باھادا سېتىلىدۇ.
تۆۋەن قاتلامدىكى بۇ «خىزمەتچىلەر»گە كەلسەك، ئۇلارنىڭ بۇنچە كۆپ ئويلىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇلار پەقەت كۆڭۈل قويۇپ نەرسە ئوغرىلىسىلا بولىدۇ. مانوجىمۇ قول ئاستىدىكى خىزمەتچىلەرگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ، مەيلى ئۇ يانفوننى ئوغرىلىغان ياكى ئوغرىلىمىغان بولسۇن، ھەر ئايدا قول ئاستىدىكى خىزمەتچىلەرگە 15 مىڭ رۇپىيە (تەخمىنەن 1200 يۈەن خەلق پۇلى) مۇقۇم مائاش بېرىپ تۇرىدىكەن.
بۇ پۇلغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، چۈنكى ھىندىستاننىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئاران 5340 رۇپىيە (تەخمىنەن 454 يۈەن خەلق پۇلى)، گەرچە ھەر بىر ئىشتات ئەھۋالغا ئاساسەن تەڭشىسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا بۇ مائاش ئۇلارنىڭ جېنىنى بىر ئاي ياخشى بېقىشىغا يېتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئوغرىلار ئالىدىغان بۇ مائاش ئەڭ تۆۋەن مائاشنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە باراۋەر بولۇپ، ئادەتتە يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتىن چىقىپلا كۆپ پۇل تېپىش ئارزۇسىغا دەل ماس كېلىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇقىم مائاشىدىن باشقا بۇ ئوغرىلار يەنە تاماق تولۇقلىمىسى ۋە قاتناش تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار «خىزمەت» مەزگىلىدە تاماق ۋە ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش ھەققىنى كاتتىباشلارنى ئاتچوت قىلدۇرالايدۇ، بۇ تەمىنات بەك ياخشى دېيىشكە بولىدۇ.
نۇرغۇن تورداشلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئوغرىلىق شىركىتىگە كىرىپ ئىشلىگۈسى كېلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان، ئۇلار مۇنداق دېيىشكەن:
«مۇقىم ئىش ھەققى، تاماق ياردەم پۇلى، كاماندىروپكا ياردەم پۇلى، نەق مەيدان خىزمىتى، تەۋەككۈلچىلىك ۋە تەسىر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ. راستىنى ئېيتسام بۇ مېنىڭ ھازىرقى خىزمىتىمدىن كۆپ ياخشى، شۇڭا مەن قەيەرگە بېرىپ قىسقىچە تەرجىمىھالىمنى تاپشۇرىمەن.»
«باج تاپشۇرۇشنى ئويلاشمىساقمۇ بولىدىكەنغۇ!»
«بۇ بىر توپ كىشىلەر دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ تىپتىكى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر ۋە IT شىركەتلىرىگە قارىغاندا خىزمەتچىلەرگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ.»
«باج مەلۇم قىلىش ھاجەتسىز، مىكرو باشقۇرۇش يوق، يۇقىرىنىڭ ھەر قانداق كىچىك تەپسىلاتلىرىنىمۇ يوق، ھەر ھەپتىدە 70 سائەت خىزمەت قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. نېمىدېگەن پەيزى خىزمەت!»
«مانا بۇ ئۇتتار پىرادېشىنىڭ بىردىنبىر ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى.»
لېكىن ناھايىتى ئەپسۇسكى، بۇنداق «ياخشى» ئىش ئورنى ئاخىرى يەنىلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. يېقىندا ئۇلار ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، ساقچىلار 200دىن ئارتۇق تېلېكامېرا ئارقىلىق بۇ شايكىنى ئىز قوغلاپ، قولغا ئالغان. شۇنىڭ بىلەن ئوغرىلارنىڭ شىركىتى تاقىلىپ قالغان.
بۇ خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن كۆپچىلىك سەل چەكتىن ئېشىپ كەتكەندەك ھېس قىلىشى مۇمكىن، لېكىن ھىندىستانغا ئوخشاش ئاجايىپ بىر دۆلەتتە، مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق. ئىقتىسادىي مەسىلە تۈپەيلىدىن ھىندىستاندىكى نۇرغۇن كىشىلەر تۇرمۇش ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا مەجبۇر بولغان، لېكىن ئۇلاردا يەنە بىر خىل غەلىتە «تەشكىلات» پەيدا بولغان، مەسىلەن، بۇ شىركەت ياكى «ئوغرى مەكتىپى» دېگەندەك.
ھىندىستاننىڭ مادھىيا ئىشتاتىدىكى مەلۇم بىر نامرات كەنتتە، بىر ياش-ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى تەربىيلەش بازىسى بار ئىكەن. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى بۇ يەرگە جىنايەت ئۆتكۈزۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە ئەۋەتسە، يەنە 200-300 مىڭ رۇپىيە (تەخمىنەن 20 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) ئوقۇش پۇلى تۆلىشى كېرەك ئىكەن!
بالىلار بۇ يەردە ھەر خىل مەشىقلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، مەسىلەن ئادەم كۆپ جايلاردا ئوغرىلىق قىلىش، ئادەم ئاز جايلاردا بۇلاڭچىلىق قىلىش، باشقىلارنىڭ بانكا ھېساباتىنى ئوغرىلاش، يەنە ساقچىلارنىڭ قولغا ئېلىشىدىن قۇتۇلۇش دېگەندەك. بولۇپمۇ تۇتۇش دەرسىدە ئەگەر مۇئەللىم تۇتۇۋالسا، بالا قاتتىق تاياق يەيدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن قېچىشنى مەشىق قىلىشتا ياخشى قىلالمىسا تاياق يېيىشتىن باشقا ئامال يوق.
ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن بۇ بالىلار گۇرۇھقا قوشۇلىدۇ، ئۇلار ھەر يىلى 300 مىڭ رۇپىيەدىن 500 مىڭ رۇپىيەگىچە (تەخمىنەن 30-40 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) تاپالايدۇ، بۇ تېخى ئوقۇش پۈتكۈزۈشنى ھۆددىگە ئالغان بىلەن باراۋەر.
(ئوغرىلار مەكتىپى)
قانداق دېسەك بولار، ھىندىستان ھەقىقەتەن غەلىتە دۆلەت بولۇشقا مۇناسىپ، ھەتتا ئوغرىلارمۇ مۇشۇنداق تەربىيلىنىش ۋە ئىمتىيازدىن بەھرىمان بولالايدۇ، ئەمما قانداقلا بولمىسۇن بۇنداق قىلىشنى ھەممىسى قانۇنسىز ئىشلار ئاقىۋېتى ئېنىقكى ياخشى بولمايدۇ...