مېگاننىڭ دادىسى: بۇرۇنقى كۈيئوغلۇم شاھزادە خاررىدىن مىڭ ياخشى

文摘   2025-01-08 21:47   海南  

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

مېگان ماركېلنىڭ دادىسى توماس ماركېل يېقىندا يەنە ئوتتۇرىغا چىقىپ كۈيئوغلى شاھزادە خاررىنى ئوچۇقتىن-ئوچۇق ئەيىبلەپلا قالماي، يەنە شاھزادە خاررى بىلەن مېگاننىڭ تۇنجى يولدىشىنى «سېلىشتۇرۇش»نى ئۇنتۇپ قالمىغان.

«شاھزادە خاررىغا قارىغاندا، مەن بۇرۇنقى كۈيئوغلۇمنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمەن!»

توماس ماركېل يېقىندا ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خاررىغا بولغان نارازىلىقىنى قىلچە يوشۇرماستىن ئاممىغا ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇ ھەتتا ئوچۇقتىن-ئوچۇق ئۆزىنىڭ مېگاننىڭ سابىق يولدىشى فىلىم ئىشلىگۈچى ترېۋور ئېنگلسوننى شاھزادە خاررىغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

توماس مۇنداق دېدى: «مەن ترېۋورنى ھەقىقەتەن بەك ياخشى كۆرىمەن. ئۇ ياخشى ئادەم، مېنىڭچە ئۇ ئۆزىمۇ مېگاننىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى بىلەلمىدى.»

كىشىنى سەل ئوڭايسىزلاندۇرىدىغىنى شۇكى، توماس ھازىرقى كۈيئوغلى شاھزادە خاررىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان.

ھازىرقى كۈيئوغلىنىڭ بىۋاسىتە ئىسمىنى ئاتاپ تەنقىد قىلىش، مېگاننىڭ دادىسىنىڭ باغرى تاشلىق دەرىجىسىنى ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.

ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، مېگان بىلەن ترېۋورنىڭ توي تۇرمۇشى 2011-يىلى باشلىنىپ، 2013-يىلى ئاخىرلاشقان.

گەرچە بۇ توي تۇرمۇشى ئۈچ يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت داۋاملاشقان بولسىمۇ، لېكىن توماس قىزى مېگان بىلەن ترېۋورنى «تېخىمۇ ماس كېلىدۇ» دەپ قارىغان، ھەتتا مېگان بۇرۇنقى ئېرىنى تاللىسا، ھەممە ئىشنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

توماس ھازىرقى كۈيئوغلى شاھزادە خاررىدىن «رازى بولمىغان»لىقىدىن باشقا، يەنە نەۋرىسى بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ بۇ ئىشنى تىلغا ئالغىنىدا بىئارامچىلىق ھىس قىلغان ھالدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن نەۋرىلىرىمنى مەڭگۈ كۆرەلمەسلىكىم مۇمكىن.»

توماسنىڭ نەۋرىلىرى بىلەن «كۆرۈشۈشتىن ئۈمىد يوق بولۇش قارىشى» قۇرۇق گەپ ئەمەس بولۇپ، مېگان بىلەن دادىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلغاندىن بۇيان، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئالاقىسى بولۇپ باقمىغانىكەن.

توماس زىيارەتتە يەنە مۇنداق دېدى: «مەن مېگاننى ياخشى كۆرىمەن، بۇ نۇقتا مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ. مېنىڭ دەرۋازام قىزىم ئۈچۈن مەڭگۈ ئوچۇق.»

گەرچە ئاڭلىماققا مېگاننىڭ دادىسىنىڭ قىزىغا بولغان مۇھەببىتى ناھايىتى چوڭقۇر ھەم كەڭ قورساقلىققا تولغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خاررى بىلەن مېگانغا بولغان «ئۆتكۈر باھاسى» بىلەن، ئادەمنى بۇ مۇھەببەتنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىدىن سەل گۇمانلاندۇرىدۇ.

بەزى تورداشلار ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، مېگاننىڭ دادىسىنى مەسخىرە قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئىشىك ئوچۇق بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا سىز ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ قالايمىقان ۋارقىرىماڭ!»

ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەت نېمە ئۈچۈن مۇشۇ دەرىجىگە يېتىدۇ؟

مېگان بىلەن ئۇنىڭ دادىسى توماسنىڭ مۇناسىۋىتى زادى قانداق قىلىپ «ھېچقانداق باردى-كەلدى قىلىشماسلىق» دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى؟

ئەمەلىيەتتە، بۇ ئاتا-بالا مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشىنى 2018-يىلىدىكى مېگان بىلەن خاررىنىڭ تويىدىن بۇرۇنقى ۋاقىتلارغىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ.

ئەينى چاغدا، تاراتقۇلار توماسنىڭ ماراقچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى بىر قىسىم ئۆزىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەيدىغان سۈرەتلەرنى تارتىپ ئېلان قىلىشقا ياللىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى،

بۇ ئىش مېگاننىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇ دادىسىنىڭ ماراقچىلارنى تەكلىپ قىلىپ كەينىدىن ئوغۇرلۇقچە سۈرەتكە تارتىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلالمىدى، يەنە بىر قىسىم سەلبىي خەۋەرلەرنى دادىسى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا سېتىپ بەرگەن دەپ گۇمانلاندى، شۇنداق قىلىپ ئاتا-بالا ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى تىزلا بۇزۇلدى.

توماس كېيىن كۆپ قېتىم ئاشكارا كەچۈرۈم سورىغان، ھەتتا زىيارەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا «يەككە-يېگانە ھالەتتە تۇرۇپ قالغانلىقىنى، باشقا تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇلنى ئويلاپ يېتەلمىگەنلىكى»نى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مېگان دادىسىنى كەچۈرمەيدىغاندەك قىلاتتى.

مېگان 2021-يىلى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەنىدى: «مەن ناھايىتى ئازابلاندىم، لېكىن مەن ئاللىقاچان دادامدىن ئايرىلىپ قالدىم.»

بۇ بىر جۈملە سۆز ئىككى ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئوڭشالمايدىغان دەرىجىگە ئاپىرىپ قويدى.

مېگاننىڭ دادىسى توماس بۇ سۆزلەرگە مۇنداق ئىنكاس قايتۇردى: «بۇ بەك رەھىمسىزلىك بولدى!»

ئۇ قىزى مېگاننىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىدىن ئاغرىنىپلا قالماي، يەنە غەزىپىنى شاھزادە خاررىغا قاراتتى. بىر قېتىملىق ئەنگلىيە تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا، ئۇ غەزەپ بىلەن مۇنداق دېگەنىدى: «بوۋا-مومىلارنى نەۋرىلىرىنى كۆرۈش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش ئىنتايىن رەھىمسىز قىلمىش!»

ئۇ ھەتتا مېگان بىلەن خاررىنىڭ قەستەن يوق باھانىلەر بىلەن ئۆزىنى نەۋرىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن توسقانلىقىنى بىلدۈردىغان سۆزلەرنى قىلدى. گەرچە ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى ناھايىتى ئورۇنلۇقتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن تورداشلار بەس-بەستە ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

نېمىلا دېگەن بىلەن، توماسنىڭ بۇ «ئاشكارا ئەيىبلەش» قىلمىشلىرى ئادەتتىكى ئائىلە ئىچىدىكى ئىشلارنى «ماراقچىلار ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىغا خەۋەر قىلىپ سوۋغات قىلىش»قا ئايلاندۇرۇپ قويغاندەك بىلىنىدۇ.

مېگاننىڭ ئائىلە ئىشلىرى مانا ئەمدى «ئومۇمىي خەلق مۇزاكىرىسى تېمىسى»غا ئايلاندى. توماسنىڭ بۇ سۆزلىرى خەۋەر قىلىنىشى بىلەنلا، دەرھاللا توردا كىشىلەرنىڭ قىزغىن مۇنازىرىلىرىنى قوزغىدى.

بەزى تورداشلار چاقچاق قىلىپ مۇنداق دېيىشتى: «بۇ ۋەقەلىكنىڭ تەرەققىياتى ئەنگلىيە تىياتىرى <دونتون قورۇقى> (唐顿庄园)غا يېتىشىۋالاي دەپ قالدى، كېيىنكى قىسىمدا مېگاننىڭ ئانىسىنىڭ مەيدانغا چىقىدىغان ۋاقتى كەلدىمۇ؟»

يەنە بەزىلەر چاقچاق قىلىپ مۇنداق دېيىشتى: «بولمىسا خاررى بىلەن توماس <قېيىنئاتام كەلدى> ناملىق ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىسى ئىشلىسۇن، مېنىڭچە كۆرۈلۈش نىسبىتى چوقۇم بەك يۇقىرى بولىدۇ!»

ئەلۋەتتە، ئامما ئارىسىدىمۇ ئەستايىدىل پىكىر قىلىش سادالىرى پەيدا بولدى.

نۇرغۇن كىشىلەر توماسنىڭ سۆز-ھەرىكىتىنىڭ ئۆزى بىلەن قىزىنىڭ ئاداۋىتىنى «ئىستېمال» قىلىۋاتقانلىقى، ھەتتا قەستەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىق گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بەزىلەر مۇنداق دېيىشتى: «ئەگەر ئۇ راستتىنلا مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلىسا، نېمە ئۈچۈن ھەمىشە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ۋارقىراپ-جارقىراپ قۇرۇق پاراڭ ساتىدۇ؟ ئۆزى قىزى بىلەن شەخسىي ئالاقە قىلسا بولىدىغۇ؟»

توماسنىڭ چىقىش نۇقتىسى ياخشى ياكى يامان بولسۇن، بىر نۇقتا ناھايىتى روشەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ «ئائىلە ئىشى» ھازىر پۈتۈنلەي ئاممىنىڭ سۆھبەت ماتېرىيالىغا ئايلانغان.

مېگانغا نىسبەتەن دادىسىنىڭ بۇ ئاشكارا سۆزلىرى ئېنىقكى بىر خىل غايەت زور بېسىم ئىدى.

توماسقا نىسبەتەن بۇنداق ئاشكارا گەپ قىلىش قىزىنىڭ قەلبىنى راستتىنلا ئاچالامدۇ-يوق، بۇمۇ بىر چوڭ سوئال بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ.

بەلكىم، بۇ ئاتا-بالا مۇناسىۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى پەقەت «سېنارىيە سىرتىدىكى» ھەقىقىي تۇرمۇشتا يۈز بېرىشى مۇمكىن. لېكىن ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېخى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمەلگە ئاشمايدىكەن.

نېمىلا دېگەن بىلەن، يارىشىش ئۈچۈن پەقەت «ئوچۇق ئىشىك»لا ئەمەس، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىرىنچى قەدەمنى بېسىشنى خالىشى تېخىمۇ كېرەك بولىدۇ.

رومانلار
ياۋايى ھەۋەس
جانغا زامىن ئايال ئالاھىدە خادىم
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ



ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز

تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552

Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章