جياڭ نەن شەھىرىدىكى مەلۇم بىر قەدىمىي قاشتېشى ئويمىچىلىق دۇكىنى ئىچىدە بىر ياش قولىدىكى ياپيېشىل قاشتېشىنى سىيلاپ ئولتۇراتتى، بۇ ياش ئۇچىسىغا قارىماققا ناھايىتى ئەرزان كۆرىنىدىغان مايكا كىيىۋالغان بولۇپ، دۇكاندىكى بۇ نەپىس بېزىلىشلار بىلەن زادىلا ماسلاشمىغان ئىدى، دۇكاننىڭ ئىچىدىكى قاشتېشى ئويما ۋە ئاسارە ئەتىقە ھەۋەسكارلىرى باشقىچە نەزىرى بىلەن بۇ يىگىتقا قاراپ قوياتتى.
-غوڭ! غوڭ!
دەل شۇ چاغدا سىرتتىكى ئاپتوموبىل موتورىنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى، كوچىدىكى تىمتاسلىق بىردىنلا بۇزۇلۇپ، پىيادىلەر بەس-بەستە يول بەردى، قېنىق قوڭۇر رەڭلىك بېنلىي ماركىلىق ماشىنا ئەڭ ئالدىدا، كەينىدە بەش قارا رەڭلىك مېرسېدېس ماشىنا رەتلىك تىزىلىپ قاشتېشى ئويمىچىلىق دۇكىنىنىڭ ئالدىدا توختىدى، ئاندىن ماشىنا ئىشىكى ئېچىلدى، قارا كىيىملىك ئون قوغدىغۇچى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ماشىنىدىن چۈشتى، ئارقىدىن كىيىنىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، سالاپەتلىك بىر مويسىپىت ماشىنىدىن چۈشۈپ، قوغدىغۇچىلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، دۇكان تەرەپكە قاراپ كەلدى، دۇكاندىكى خېرىدارلارنىڭ ھەممىسى مويسىپىت بوۋايغا قاراپ:
-بۇ قەيەردىن كەلگەن كاتتا ئەرباب؟-دەپ بىر-بىرىدىن سوراشقا باشلىدى.
كىيىنىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان ھېلىقى بوۋاي دۇكانغا كىرىپ ئەتراپقا كۆز يۈگۈرتتى، ئاندىن بايىقى ياش يىگىتنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى، ياش يىگىتنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىم ئۇنى بۇ مويسىپىت بوۋاينىڭ ياللانما ئىشىچىسىدەك كۆرسىتىپ قوياتتى، بىراق بۇ مويسىپىت بوۋاي ياش يىگىتنى باشقىچە ھۆرمەتلەيدىغاندەك قىلاتتى.
-فېڭ بەگزادە، بۇ مېنىڭ بەشىنچى قېتىم سىزنى تەكلىپ قىلىشىم! بۈگۈنگە قەدەر لۇ جەمەتىدىن ھېچكىم ھوقۇق تۇتمىدى، سىز ھازىر بىردىنبىر ۋارىس، لۇ جەمەتى سىزنىڭ بارلىق ھوقۇقلارنى قولىڭىزغا ئۆتكۈزۈۋېلىشىڭىزنى ساقلاپ تۇرىدۇ!-دېدى بوۋاي ھۆرمەت بىلەن لۇ فېڭغا قاراپ.
-بەگزادە؟-دۇكاندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھاڭ-تاڭ قالدى، لۇ فېڭ قولىدا بىر قاشتاش ھەيكەلنى ئويناۋاتاتقان بولۇپ، چىرايىدىن ھەسرەت تۆكۈلۈپ تۇراتتى، كۆزلىرىدىن بولسا پەرۋاسىزلىق چىقىپ تۇراتتى.
-لۇ ئائىلىسىدە ھوقۇق تۇتىدىغان ئادەم بولمىسا، مەندەك بىر تاشلاندۇق ئوغۇل بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟-لۇ فېڭ قاشتاش ھەيكەلنى مال جازىسىغا قويۇپ، بۇرۇلۇپ بوۋايغا قارىدى.
-فېڭ بەگزادە، لېكىن سىزمۇ لۇ جەمەتىنىڭ بالىسىغۇ!-دېدى بوۋاي ئامالسىز.
-مەن كىچىكىمدىن تارتىپ باشقىلار بىلەن مەلۇم بىر نەرسىنى تالىشىشنى ياخشى كۆرمەيتتىم، مەيلى مەرتىۋە ياكى جەمەت بايلىقى بولسۇن، مەن باشقىلارغا دادىللىق بىلەن يول قوياتتىم، شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار مېنى ئۆينىڭ غوجايىنىنىڭ ئورنىنى تارتىۋالغاندەك ھېس قىلىپ، مېنى لۇ جەمەتىدىن قوغلاپ چىقاردى. ئەينى چاغدا لۇ جەمەتى مېنى كېتىشكە قىستىغان، بۈگۈنكى كۈندە لۇ جەمەتى تەس كۈندە قېلىپ، مېنى ئېسىگە ئالدىمۇ؟ ھا...ھا...ھا... مەن لۇ فېڭ چاقىرغان ھامان كېلىدىغان، قولىغا تاياق ئالغان ھامان كەينىگە ئۆرۈلۈپ قاچىدىغان لالما ئىتمۇ؟ لېكىن دېمىسىمۇ توغرا، ئۆز جەمەتىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئادەمنىڭ ئەلۋەتتە بىر ئۆلۈپ قالاي دېگەن ئىت بىلەن ھېچقانداق پەرقى بولمايدۇ، شۇڭا لۇ جەمەتى ئەمدى مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا دەخلى قىلمىسۇن، مەن لۇ فېڭ مۇشۇنداق يالغۇز ياشاپ ئۆلۈپ كېتىشكە رازى!-لۇ فېڭ گېپىنى تۈگىتىپ، دۇكاندار ئوراپ قويغان قاشتاش ئويمىنى ئېلىپ، قىلچە تارتىشماستىن بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى، ئىشىك ئالدىدىكى نەچچە مىليون يۈەنلىك ماشىنىغا لۇ فېڭ كۆز قىرىنى سېلىپمۇ قويمىدى، ئارقىسىدىن قاراپ قالغان مويسىپىت بوۋاي ھەسرەتلەنگىنىچە چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ قويدى.
-ئىشلار بېجىرىلىپ بولدىمۇ؟-دېدى بوۋاي دۇكان خوجايىنىغا قاراپ.
-خاتىرجەم بولۇڭ خوجايىن، قاشتېشى ئويمىسى سىز ئېلىپ كەلگەن ھېلىقى ھەيكەلگە ئالماشتۇرۇلدى.-دېدى دۇكان خوجايىنى مەمنۇنلۇق بىلەن، بوۋايمۇ بېشىنى يەڭگىل لىڭشىتتى.
گەرچە لۇ فېڭ لۇ جەمەتىگە قايتىشنى خالىمىسىمۇ، ئەمما قانداقلا بولمىسۇن، ھازىرقى لۇ فېڭ لۇ جەمەتىنىڭ بىردىنبىر ۋارىسى، ئەمدى لۇ فېڭنىڭ تۇرمۇشى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۈگۈندىن باشلاپ ھەممە ئىشتا ئۆزگىرىش بولىدۇ.
-لۇ فېڭ بەگزادە، لۇ جەمەتى ئۈچ يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە، ۋەيران بولسا ھەرگىز بولمايدۇ! شۇڭا مەندىن ھەرگىزمۇ ئاغرىنماڭ!-دېدى بوۋاي ئۇھ تارتىپ.
ئارقىدىن دەرھال بىر تېلېفون بېرىپ، گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېيتتى:
-ئەتە لۇ فېڭ بەگزادە تۇرۇشلۇق جەمەت كارخانىسىنىڭ تەبرىكلەش مۇراسىمى، چوقۇم كاتتا سوۋغات تەييارلاڭلار!
......
جياڭ نەندىكى جى ئائىلىسىنىڭ پۈتكۈل جياڭ نەن شەھىرىدە خېلى نامى بار، گەرچە ئۇلارنى باشلامچى كارخانا دېگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى پۈتكۈل رايونلاردىمۇ داڭقى بار، ئۈچ يىل ئىلگىرى لۇ فېڭ لۇ جەمەتىدىن چىقىپ كېتىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەرلەرگە بارغان، ئاندىن جى بوۋاينىڭ مېھىر-شەپقىتىگە ئېرىشىپ، جى ئائىلىسىنىڭ ئەتىۋارلىق قىزىنى ئۆز ئەمرىگە ئالغان.
لۇ فېڭ بىلەن جى بوۋاينىڭ ئوتتۇرىسىدا نېمە ئىش بولغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، ئەمما بۇ توي مۇراسىمى پۈتكۈل جياڭ نەن شەھىرىنى چۆچۈتۈۋەتتى، جى ئائىلىسىنىڭ كىچىك قىزى جى شۆيۈ ئەزەلدىن جى بوۋاينىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن، جى شۆيۈنىڭ گۈزەللىكى نۇرغۇن بايلارنى «ساراڭ» قىلغان بولسىمۇ، بىراق جى شۆيۈنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمىگەن، مۇشۇنداق چىرايلىق ۋە نازاكەتلىك بىر قىز لۇ فېڭدەك كۆزگە چېلىقمايدىغان كېرەكسىز نەرسىگە ياتلىق بولغاچقا، پۈتكۈل جياڭ نەن شەھىرىدىكى كىشىلەر ھەيران قالغان ئىدى، پەقەت جى بوۋاينىڭ ئۆزىلا لۇ فېڭنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى بىلەتتى، ئەمما لۇ فېڭ توي قىلىپ بىر ئايدىن كېيىن، جى بوۋاينىڭ تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ قازا قىلدى ھەمدە لۇ فېڭنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ مەڭگۈلۈك ئېلىپ كەتتى، شۇنىڭدىن كېيىن لۇ فېڭنىڭ سالاھىيىتى بىر سىرغا ئايلىنىپ قالدى ھەمدە يەنە باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى كېرەكسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى، لۇ فېڭمۇ شۇ ۋاقىتتا جى بوۋاينىڭ مېھىر-شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن جى ئائىلىسىدە قېلىشنى تاللىدى، ئويلىمىغان يەردىن ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزى جى شۆيۈنى راستىنلا ياخشى كۆرۈپ قالدى.
ئۈچ يىلدىن بۇيان لۇ فېڭ نۇرغۇن مەسخىرىلەرنى باشتىن كەچۈردى، مەيلى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بولسۇن ياكى باشقىلار بولسۇن، لۇ فېڭنى پەقەت بىر ھايانكەش دەپ قارايتتى، بىراق لۇ فېڭمۇ تەن بەردى، چۈنكى ھەر قانداق بىر خىل تۇرمۇش ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشسا ئادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. لۇ فېڭ بايا يۈز بەرگەن ئىشنى قايتىدىن ئويلاپ قالدى، لېكىن كۆڭلىدە ھېچقانداق بىر داۋالغۇش بولمىدى، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ قويسىلا، دەرھال ھەممە ئادەم ئەيمىنىدىغان جەمەت بايۋەچچىسىگە ئايلىنىپ، 100 مىليارد يۈەنلىك مال-مۈلۈككە ئىگە بولىدۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا رەت قىلدى، چوڭ جەمەت قارىماققا گۈللەپ ياشنىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ جەمەتنىڭ ئىچى بىر خىل رەزىللىك بىلەن تولغان، لۇ فېڭ كىچىكىدىن تارتىپلا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېنىق كۆرۈپ چوڭ بولغان، شۇڭا پەقەت يەپ-ئىچىپ، تاماشا قىلىپ ئۆلۈپ كېتىشنى خالايدىغان تۇرمۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن ئۇ شۇنداق ياشىغان بولسىمۇ، يەنىلا باشقىلار ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارىلىپ، لۇ جەمەتىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى، ئۇلار ئەينى چاغدا، پۈتۈن كۈچى بىلەن جەمەتتىن قوغلاپ چىقارغان تاشلاندۇق بىر بالىنىڭ ئەمدىلىكتە پۈتۈن جەمەتنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان ئىدى.
-بىراق مېنىڭ ھازىر پەقەت بىر كېرەكسىز ئادەم بولغۇم بار!-دېدى لۇ فېڭ ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ.
...
لۇ فېڭ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايالنىڭ ئاچچىقلانغان ھالدا كرېسلودا ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى. بۇ ئوتتۇرا ياشلىق ئايال دەل لۇ فېڭنىڭ قېيىنئانىسى تاڭ چيۇيۈن ئىدى، لۇ فېڭ ئىشىكتىن كىرىپ كەلگەندىن كېيىن، تاڭ چيۇيۈن خۇددى ئادەم يەيدىغاندەك لۇ فېڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى.
-سىز نېمە قىلغىلى باردىڭىز؟ كۆكتات سېتىۋېلىش ئۈچۈن شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت كېتەمدۇ؟ سىز يەپ-ئىچىپ كۈن ئۆتكۈزۈشتىن باشقا نېمىنى بىلىسىز؟-دېدى تاڭ چيۇيۈن غەزەپلەنگەن ھالدا لۇ فېڭغا ئالىيىپ تۇرۇپ.
-ئاپا، كۆكتات بازىرى بىلەن مەھەللىمىزنىڭ ئارىلىقى بەش كىلومېتىر كېلىدۇ، مەن پىيادە قايتىپ كەلدىم!-دېدى لۇ فېڭ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ.
-يەنە مېنى ئاپا دەپ چاقىرىدىغان يۈزىڭىز بارمۇ؟ كۆكتات سېتىۋالسىڭىزمۇ باشقىلاردىن ئېشىپ قالغان نەرسىنى تاللاپ ئالىسىز، سىز نومۇس قىلىشنى بىلمىسىڭىزمۇ مەن نومۇس قىلىمەن. مەن راستىنىلا شۆيۈنىڭ بوۋىسىنىڭ ئەينى چاغدا قانداق ئويلىغانلىقىنى بىلەلمىدىم.-تاڭ چيۇيۈن لۇ فېڭنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ خاپا بولدى، لۇ فېڭ گەپ قىلماي جىم تۇردى، چۈنكى بۇ تاڭ چيۇيۈن ئۇنىڭ قېيىنئانىسى ئىدى خالاس، پەقەت ئۈچ يىل بۇرۇن ئىچ كۈيئوغۇل بولغانلىقى ئۈچۈن لۇ فېڭ تاڭ چيۇيۈن ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالىيىشىغا ئۇچرىغان ئىدى.
تاراق-تۇرۇق!
دەل شۇ چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ، ئېگىز بويلۇق بىر قىز كىرىپ كەلدى، ئۈستى قىسمىغا ئاق كۆڭلەك كىيگەن، ئاستى تەرىپىگە قارا رەڭلىك يوپكا كىيگەن، يەنە قارا رەڭلىك پايپاق كىيىگەن بۇ قىز شۇ ئەسنادا ئۆزىنىڭ جەزبىدار قىياپىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى، بۇ قىزنىڭ گۈزەللىكى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى بۇ يۇرتنىڭ گۈزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ بېرەتتى، بۇ شەھەردىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ناھايىتى چىرايلىق، بىراق جى شۆيۈ دەل ئۇلارنىڭ ئىچدىكى ئەڭ داڭلىقى ئىدى، ئۇ دەل لۇ فېڭنىڭ نامدا بار، ئەمەلىيەتتە يوق خوتۇنى ئىدى، جى شۆيۈ ئۆي ئىچىگە بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن، ئىختىيارسىز قوشۇمىسى تۈرۈلدى.
-لۇ فېڭ، سىز تاماق ئەتمەي بۇ يەردە ئۆرە تۇرۇپ نېمە قىلىسىز؟-جى شۆيۈ خۇددى ناتونۇش ئادەمگە گەپ قىلىۋاتقاندەك تەلەپپۇزدا گەپ قىلاتتى.
-شۆيۈ سىز ئاخىرى كەلدىڭىز، بىلەمسىز؟ بۈگۈن بۇ لۇ فېڭ دېگەن چۈپرەندە بىزنىڭ جەمەتىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ بولدى!-دېدى تاڭ چيۇيۈن قاتتىق غەزەپلىنىپ.
-نېمە بولدى؟-جى شۆيۈ لۇ فېڭغا مەنسىتمىگەندەك بىر قاراپ قويدى.
لۇ فېڭ جى جەمەتىگە كىرگەندىن بۇيان جى جەمەتىنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئىشلارنى ئاز قىلمىغان ئىدى، شۇڭا جى شۆيۈ بۇ ئىشلارغا ئاللىقاچان كۆنۈپ بولغان ئىدى.
لۇ فېڭ بۇ چاغدا سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدى، چۈنكى ئۇ ئىلگىرى كۆكتات بازىرىدا ئەڭ ئەرزان كۆكتاتلارنى تاللاشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان ئىدى، شۇڭا بۇ ئىشنى تاڭ چيۇيۈنننىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىسىمۇ، جى شۆيۈنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايتتى.
-ئۇ كۆكتات بازىرىغا بېرىپ ئەڭ ئەرزان، ھېچكىم ئالمايدىغان كۆكتاتلارنى تاللاپتۇ، ئاندىن قايتىپ كېلىپ ئاشۇ كۆكتاتلاردا بىزگە تاماق ئېتىپ بەرمەكچى بولىۋاتىدۇ، بىزنىڭ مەھەللىدىكىلەر كۆرۈپ قاپتۇ، سىز باشقىلارنىڭ بىزنى نېمە دەپ مازاق قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنسىز، ئۇلار بىزنى «ئەڭ باي تىلەمچىلەر» دېيىشىدىكەن، بۇنى سىز ئاڭلاپ باقتىڭىزمۇ؟-دېدى تاڭ چيۇيۈن سۆزلىگەنسېرى خاپا ۋە ھاياجانلىنىپ، جى شۆيۈ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قاپىقى تۈرۈلدى، بۇ ئىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئۇيات ئىش ئىدى.
بىراق جى شۆيۈنىڭ قوشۇمىلىرى يەنە ئېچىلىپ، تاڭ چيۇيۈنگە قاراپ:
-ئاپا، ئۇنىڭغا پۇل بەرمىدىڭىزمۇ؟ پۇل بولمىسا ئۇ قانداق كۆكتات سېتىۋالىدۇ؟
-مەن... ئۇ ئوغۇل بالا تۇرۇپ، كۆكتات سېتىۋالغاندىمۇ قېيىنئانىسىدىن پۇل سورامدۇ؟ ئۇ ئۆزى پۇل تېپىشنى بىلمەمدىكەن؟-دېدى تاڭ چيۇيۈن قىزىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئۆكتەملەرچە جاۋاب قايتۇردى.
-سىز ئۆزىڭىز ئەينى چاغدا لۇ فېڭنى خىزمەت قىلمىسۇن، ئۆينىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرىغا ياردەملەشسۇن دېگەن ئىدىڭىزغۇ ئاپا؟-جى شۆيۈنىڭ چىرايلىق قوشۇمىلىرى يەنە بىر قېتىم تۈرۈلدى.
گەرچە جى شۆيۈ لۇ فېڭنى كۆزگە ئىلمىسىمۇ، لېكىن بۇ ئىش ھەقىقەتەن تاڭ چيۇيۈننىڭ خاتالىقى ئىدى.
-ھىم! مەن ئۇنى خىزمەت قىلسۇن دېسەممۇ، ئۇ نېمە قىلالايدۇ؟ ئۇنىڭ قولىدىن نېمە ئىش كېلىدۇ؟-تاڭ چيۇيۈن دىمىقىنى قېقىپ قويۇپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتتى.
......
كەچلىك تاماق ۋاقتىدا ھەممەيلەننىڭ كەيپىياتى باشقىچە ئىدى، تاڭ چيۇيۈن يەنىلا بايىقى ئىشلار ئۈچۈن خاپا بولۇپ ئولتۇراتتى.
-ئەتە تيەن جى كارخانىسىنىڭ زىياپەت زالىدا شىركەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ يىللىق تەبرىكلەش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزىدۇ، بۇ ئەڭ مۇھىم ئىش، سوۋغاتنى تەييارلاپ بولدىڭىزمۇ؟-دەپ سورىدى تاڭ چيۇيۈن.
-مەن لۇ فېڭنى تەييارلاشقا بۇيرۇدۇم، مەن سىزگە تاپىلىغان نەرسىلەرنى تولۇق سېتىۋالدىڭىزمۇ؟-دېدى جى شۆيۈ كۈلۈپ تۇرۇپ.
-سېتىۋالدىم، ھەممە پۇلۇمنى خەجلەپ بولدۇم، شۇڭا كۆكتات سېتىۋالغان ۋاقتىمدا...-لۇ فېڭ بېشىنى لىڭشىتىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ سوۋغات قۇتىسىنى ئالماقچى بولدى، ئەمما جى شۆيۈنىڭ بىر قاراشتىنلا لۇ فېڭنىڭ سېتىۋالغان نەرسىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە قىزىقمايدىغانلىقىنى چىقىپ تۇراتتى، شۇ تاپتا جى شۆيۈ بوۋىسىنىڭ نېمىشقا ئۆزىنى قولىدىن ھېچقانداق ئىش كەلمەيدىغان بۇ ئەرگە ئۆزىنى ياتلىق قىلغانلىقىنى ئەسلا چۈشەنمىگەن ئىدى. جى بوۋاي ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن، جى شۆيۈنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، لۇ فېڭغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى، يەنە لۇ فېڭنى مەڭگۈ ھۆرمەتلىشىنى تاپىلىغان ئىدى، شۇ چاغلاردا جى شۆيۈ ھەيران قالغان ئىدى، چۈنكى بوۋىسى ئەزەلدىن ئۇنىڭغا يالغان سۆزلىمەيتتى، ئەجەبا لۇ فېڭنىڭ باشقا سىرلىق سالاھىيىتى بارمۇ؟ بۇ سوئاللار جى شۆيۈنىڭ قەلبىدە نۇرغۇن قېتىم تەكرارلاندى، لېكىن ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ لۇفېڭنىڭ ھېچقانداق يارقىن نۇقتىسىنى كۆرەلمىدى، تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇش، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشتىن باشقا، جى شۆيۈ لۇ فېڭنىڭ يەنە نېمە قىلالايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
-ئەتە جى جەمەتىنىڭ بارلىق شىرەم تۇغقانلىرى ۋە ئۆز گۇرۇھىغا قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى نەق مەيدانغا كېلىدۇ، يەنە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى يۈز-ئابرۇيلۇق كىشىلەرمۇ كېلىدۇ، سىز ھەرگىز قالايمىقان گەپ قىلماڭ.-دېدى جى شۆيۈ سوغۇق تەلەپپۇزدا.
-باشقىلار سىزنى مەسخىرە قىلسىمۇ، سىز يەنىلا چىداپ تۇرۇشىڭىز كېرەك! بىزنىڭ يۈزىمىز ھېلىمۇ بەك چۈشۈپ كەتتى، مېنىڭ سىزنىڭ سەۋەبىڭىزدىن تېخىمۇ شەرمەندە بولغۇم يوق.-دېدى تاڭ چيۇيۈنمۇ گەپ قىستۇرۇپ، لۇ فېڭ پەرۋا قىلمىغان قىياپەتتە ئازراق بېشىنى لىڭشىتتى، جى شۆيۈمۇ لۇ فېڭغا قاراپ قويۇپ، ھەش-پەش دېگۈچە پەس كويغا چۈشتى، بىراق لۇ فېڭ جى شۆيۈنىڭ پوزىتسىيىسىدىن نارازى بولمىدى.
......
ئەتىسى جى جەمەتىنىڭ كارخانا شىركىتى بىناسىنىڭ ئالدىدا.
شىركەت بىناسىنىڭ ئالدىدا ئادەملەر مىغ-مىغ بولۇپ، بىنانىڭ ئالدى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەنىدى، ئىشىك ئالدىدا ھە دېسىلا مىليون يۈەنلىك ئېسىل ماشىنىلار توختاپ، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايتتى، بىنانىڭ ئالدى ئوڭ-سول ئىككى تەرىپىگە ئون دانە ھۆرمەت توپى تىزىلغان بولۇپ، قارىماققا ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى، تامغا نۇرغۇن ئۇزۇن لوزۇنكىلار ئېسىلغان بولۇپ، ئۇنى جياڭ نەن شەھىرىدىكى چوڭ-كىچىك كارخانىلار ئېلىپ كەلگەنىدى، بۇ خىل ھەشەمەتلىك كۆرۈنۈشتىن جى جەمەتىنىڭ چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى ئورنىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، جى شۆيۈ جى جەمەتىنىڭ ئادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جى جەمەتى توپلىشىدىغان ئايرىم بىر ئۆينى ھازىرلاپ قويغان ئىدى، جى شۆيۈ بۇ ئۆيگە كىرگەندە، جى جەمەتىنىڭ نۇرغۇن تۇققانلىرى كېلىپ بولغان بولۇپ، جى شۆيۈ كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇلار بىلەن سالاملاشتى، لۇ فېڭ بولسا بۇ ئىشلاغا ئاللىبۇرۇن كۆنۈپ قالغان بولۇپ، پەقەت جى شۆيۈنىڭ كەينىدە جىمجىت ئەگىشىپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى، لېكىن ئۇ شۇنداق قىلغاندىمۇ، بەزىلەر يەنىلا ئۇنى مازاق قىلىشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتاتتى.
جى شۆيۈنىڭ نەۋرە ئاكىسى جى خۇڭيۈ ھەر قېتىم لۇ فېڭنى كۆرگەندە، چوقۇم ئۇنى بىر قېتىم تەڭقىسلىقتا قويۇپ، كۆپچىلىككە خۇشاللىق ئاتا قىلاتتى، چۈنكى ئۇ ئىزچىل لۇ فېڭ دېگەن بۇ ئىچ كۈيئوغۇلنى جى جەمەتىنىڭ يۈزىگە داغ تەككۈزدى دەپ ئويلايتتى، ئەگەر لۇ فېڭ بولمىغان بولسا، جى جەمەتى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنىڭ كۈلكىسىگە قالمىغان بولاتتى.
-لۇ فېڭ، سىز كەپسىزغۇ؟ ھا...ھا... قولىڭىزدىكى نېمە نەرسە؟-دېدى جى خۇڭيۈ قىزىقچىلىق قىلىپ.
جى جەمەتىدىكى باشقا كىشىلەرمۇ ناھايىتى لۇ فېڭنى مەسخىرە قىلىۋاتاتتى، چۈنكى ئۇلار لۇ فېڭنىڭ قولىدىكى نەرسىنىڭ بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.
-شىركەتنىڭ تەبرىكلەش مۇراسىمىغا ئاتاپ سوۋغا قىلدىم.-دەپ جاۋاب بەردى جى شۆيۈ لۇ فېڭنىڭ ئورنىدا.
جى خۇڭيۈ كۈلۈپ قويۇپ:
-بۇ قانداق نەرسە؟ نېمىشقا ئېچىپ كۆپچىلىككە كۆرسەتمەيسىز؟-دېدى.
بۇ چاغدا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تەقەززالىق بىلەن قاراپ تۇراتتى، بىراق ئۇلارنىڭ كۈتۈۋاتقىنى لۇ فېڭنىڭ بىرەر ياخشى نەرسىنى ئېلىپ چىقىشى بولماستىن، بەلكى لۇ فېڭنىڭ بارچە كىشىلەر ئالدىدا رەسۋا بولۇشى ئىدى، جى شۆيۈمۇ جىددىيلەشكەن ھالدا لۇ فېڭغا قارىدى، ئۇمۇ لۇ فېڭنىڭ زادى نېمە سېتىۋالغانلىقىنى بىلمەيتتى، جى شۆيۈ بۇ چاغدا ئۆزىنىڭ بالدۇرراق لۇ فېڭنىڭ تەييارلىغان نەرسىسىنى كۆرۈپ بېقىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلغان ئىدى.
-مەيلى نېمە سېتىۋالسۇن، ھەممىسى لۇ فېڭنىڭ كۆڭلى، بۇنى پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولامدۇ؟-جى شۆيۈنىڭ چىرايلىق قاشلىرى كىشىلەرنى بىر ئاز جىددىيلەشتۈرۈپ قويغان ئىدى.
لۇ فېڭ جى شۆيۈگە ھەيرانلىق بىلەن قارىدى، ئۇ جى شۆيۈنىڭ ئۆزىگە ياردەم قىلىپ گەپ قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
-خاتالاشتىڭىز! بىزنىڭ جى جەمەتى چاڭ جياڭنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا 100 يىلدىن ئارتۇق تەرەققىي قىلغان بولۇپ، زەردار دەپ ئاتالمىسىمۇ، لېكىن ئىككىنچى دەرىجىلىك جەمەت بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، چوڭ جەمەتنىڭ چوڭ جەمەتتەك بولۇشى تەبىئىي، بۇ خىل ئىنتايىن مۇھىم سورۇندا، ئەگەر بىر تال قىممەتلىك سوۋغاتنى ئېلىپ چىقالمىغان بولسا، ئۇ ھالدا جى جەمەتىنىڭ نامىغا داغ تەگكۈزگەن بولمامدۇ؟-جى خۇڭيۈ يەنىلا لۇ فېڭنى قويۇپ بېرىشنى ئويلاشمىغاندەك قىلاتتى، جى شۆيۈ مۇشۇنداق يوشۇرغانسېرى، جى خۇڭيۈ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا لۇ فېڭنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ئېچىپ، ھەممە ئادەمنىڭ كۈلكىسىگە قالدۇرۇشنى ئويلىغان ئىدى.
-ئېچىڭە!-جى خۇڭيۈ قولى بىلەن لۇ فېڭنىڭ قولىدىكى سوۋغاتنى كۆرسەتتى، لۇ فېڭ بۇرنىنىڭ ئۇچىنى سىلاپ قويۇپ گەپ قىلمىدى، لېكىن جى شۆيۈ لۇ فېڭنىڭ ئالدىغا كېلىپ، جى خۇڭيۈنىڭ داۋاملىق مەسخىرە قىلىشىنى توسۇل قالماقچى بولدى.
-جى خۇڭيۈ، سىز نېمە دېمەكچى، بۇ سوۋغا شىركەتنىڭ تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۈچۈن ئالاھىدە سېتىۋېلىنغان، بۇنى سىزگە كۆرسەتمىسەم، ئەجىبا سىزنىڭ مەجبۇرىي ئېچىپ كۆرۈپ باققىدىغان ھوقۇقىڭىز بارمىتى؟-جى خۇڭيۈ جى شۆيۈنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدى.
-مەن... مەن... مېنىڭ ئەلۋەتتە ھوقۇقۇم بار، بۇ كېرەكسىز سولتەكنىڭ قانداق نەرسە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا قىزىقىپ قالدىم، شۇڭا مەن ئالدىن بىر قېتىم تەكشۈرۈپ باقاي، ئەگەر ئەخلەت بولسا تاشلىۋەتسەم، بۇ ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولماس؟-جى خۇڭيۈ گەپنى باشقا مەنىگە ئۆزگەرتىپ.
-سىرتتا شۇنچە كۆپ مېھمان بار تۇرسا، بۇنداق ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلساڭلار قاملىشامدۇ؟-دەل شۇ چاغدا ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەر كىرىپ كەلدى، بۇ جى جەمەتىنىڭ كەسپىنىڭ ھازىرقى باش مۇدىرى جى لېشەن بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە بىر سالاھىيىتى جى خۇڭيۈنىڭ دادىسى ئىدى، دەل ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقى سەۋەبىدىن، جى خۇڭيۈ مۇشۇنداق قاراملىق بىلەن چوڭ-چوڭ گەپ قىلالايتتى.
-تاغا!
-دادا!
-ئاكا!
بۇ چاغدا جى خۇڭيۈ ۋە جى جەمەتىدىكى بارلىق كىشىلەر ھۆرمەت بىلەن جى لېشەنگە سالام قىلدى، جى لېشەن چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە بولمىغان ھالدا بېشىنى لىڭشىتىپ، لۇ فېڭ بىلەن جى شۆيۈنى كۆرۈپ، كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى.
-شىركەتنىڭ تەبرىكلەش مۇراسىمى باشلاندى، مەن بىلەن بىللە سىرتقا چىقىڭلار!-جى لېشەن سۆزىنى قىلىپ بولۇپ، بۇرۇلۇپلا سىرتقا قاراپ ماڭدى، باشقىلار ئۇنىڭغا ئالدىراپ ئەگەشتى.
-نېرى تۇرۇڭ!-جى خۇڭيۈ يولسىزلىق بىلەن لۇ فېڭنى سوقۇپ، ئۇنى يەنە بىر قېتىم مەسخىرە قىلدى.
-جياڭ نەندىكى سۈن جەمەتى ۋاڭ شىجىنىڭ بىر يۈرۈش ھۆسنخەت ۋە رەسىمىنى سوۋغا قىلدى، ئاندىن جى جەمەتىنىڭ كارخانىسىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى!
جياڭ نەن شەھىرىدىكى ھەر قايسى چوڭ-كىچىك كارخانا ئىگىلىرى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلىغان سوۋغاتلىرىنى تەقدىم قىلىشقا باشلىدى، شۇ تاپتا نەق مەيدان قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەنىدى، ھەربىر كىشىنىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلىنەتتى.
-ئەڭ ئاخىرقىسى، جى جەمەتىنىڭ ئاسراندى قىزى جى شۆيۈنىڭ سوۋغىتى!-دېدى رىياسەتچى يۇقىرى ئاۋازدا.
لۇ فېڭ ئادەتتىكى بىر قۇتىنى تۇتقىنىچە ئاستا قەدەملەر بىلەن ئالدىغا كەلدى، مەيلى جى جەمەتى ياكى جياڭ نەن شەھىرىدىكى چوڭ- كىچىك كۈچلەر ۋەكىلى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ چىرايىدا مەسخىرىلىك چىقىپ تۇراتتى.
جى خۇڭيۈنىڭ چىرايىدىمۇ تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، لۇ فېڭنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا سەھنىگە چىقىپ سوۋغا بېرىشى، تەبىئىيكى ئۇنىڭ مەقسىتى ئىدى، ئۇ ھەممە ئادەمنى لۇفېڭنىڭ شەرمەندە بولغانلىقىنى كۆرسۇن دەيدۇ، لۇ فېڭ قۇتىنى ئۈستەل يۈزىگە قويۇپ، ئاندىن ئاستا ئاچتى، قۇتىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ھەممەيلەن ئېغىزىنى ئېچىشىپ، ھاڭ-تاڭ قېلىشتى، قۇتىنىڭ ئىچىدىكىسى ئاپئاق، نۇقسانسىز قاشتېشى ھەيكەل بولۇپ، كىشىگە ئىنتايىن قىممەت باھالىقتەك تۇيغۇ بېرەتتى، ئەمما لۇ فېڭمۇ ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالدى، چۈنكى بۇ قاشتېشى ھەيكىلىنى لۇ فېڭ سېتىۋالمىغان ئىدى.
ئۇ ھەقىقەتەن بىر سېھرىي كۈچكە ئىگە ھايۋان ھەيكىلىنى تاللىغان، ئۇ قەدىمكى زاماندىكى سېھرىي كۈچكە ئىگە ھايۋان بولۇش سۈپىتى بىلەن كىشلەرگە ئامەت ئېلىپ كېلەلەيدىكەن، لېكىن لۇ فېڭ ھازىرقى بۇ ھايۋان ھەيكىلىنى تاللىمىغان ئىدى.
-لۇ فېڭ، سىزنىڭ زادى نېمە غەرىزىڭىز بار؟ ئويلىمىغان يەردىن بىر ياۋۇز ھايۋاننىڭ ھەيكىلىنى ئېلىپ كەپسىز؟-دەل شۇ چاغدا ئىزچىل سۈكۈتتە تۇرغان جى خۇڭيۈ تۇيۇقسىز سوغۇق تەلەپپۇزدا گەپ قىلدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قېلىشتى، چۈنكى ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى لۇ فېڭنى ئەرزان باھالىق نەرسىنى چىقىرىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى، لېكىن ھازىر قارايدىغان بولسا، بۇ ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى نەرسە ئەمەس، شۇڭا جى خۇڭيۈ يەنە قانداق قۇسۇر تاپالايدۇ؟
-بۇ ھايۋان ھەيكىلى ۋەھشى مەخلۇقنىڭ بېشارىتى، سىزنىڭ بۇنى سوۋغا قىلىشىڭىز بىزنىڭ جەمەتىمىزگە بالايىئاپەتنىڭ كېلىشىنى تىلىگەنلىكىڭىز، سىزدەك قولىدىن ھېچقانداق ئىش كەلمەيدىغان نانقېپى بىزنىڭ كاتتا جەمەتىمىزگە ئىچ كۈيئوغۇل بولدىڭىز، بىراق بۈگۈنكى كۈندە بىزگە ھاقارەت قىلىشقا پېتىنىپسىز، سىزنىڭ ۋىجدانىڭىز بارمۇ؟-جى خۇڭيۈ غەزەپلىنىپ، لۇ فېڭنى تىرىك يۇتۇۋېتىدىغاندەك قىلاتتى، ئۇنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى خالىسىلا، ھەر ۋاقىت لۇ فېڭنى دەسسەپ تۇرالايتتى، لېكىن بۈگۈن ئويلىمىغان يەردىن ئۆزى سەتلىشىپ قالدى، شۇڭا قەلبىدىكى غەزەپ ئوتىنى باسالمىغان ئىدى.
ئۇنىڭ غەزەپلەنگىنى لۇ فېڭ سوۋغا قىلغان نەرسە ئەمەس، بەلكى لۇ فېڭنىڭ قىممەتلىك بۇيۇمنى سوۋغا قىلغانلىقىدا ئىدى، لۇ فېڭ سەل-پەل قوشۇمىسىنى تۈردى، جى خۇڭيۈ ئۇنى سەتلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ھەقىقەتەن ۋاسىتە تاللىمىغان ئىدى.
-دادا! لۇ فېڭ مۇشۇنداق ياخشى كۈنلەردە يىرتقۇچ ھايۋاننىڭ قاشتېشى ھەيكىلىدىن بىرنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ، بۇنىڭ بىلەن كارىڭىز يوقمۇ؟-جى خۇڭيۈ ئارقىدىنلا بۇرۇلۇپ جى لېشەنگە قارىدى.
جياڭ نەن شەھىرىدىكى باشقا كارخانا ۋەكىللىرى بۇ چاغدا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى، نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ باشقىلارنىڭ ئائىلە ئىشى ئىدى.
جى لېشەننىڭ قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ، لۇ فېڭغا قارىدى.
-بۇ ۋەھشىي يىرتقۇچ ئاچكۆزلۈكنىڭ سىمۋولى، سىزنىڭ بۇ نەرسىنى سوۋغا قىلغىنىڭىز جى ئائىلىسىنىڭ ئىگىلىكىنى يۇتۇۋېلىپ، جى ئائىلىسىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ؟ لۇ فېڭ، سىزنىڭ قارا نىيىتىڭىز خېلى يامان ئىكەن.- جى لېشەن لۇ فېڭنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ تۇرۇپ.
مەيداندىكى كەيپىيات ناھايىتى غەلىتە بولۇپ، جى ئائىلىسىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى خۇشال ھالدا جى شۆيۈ بىلەن لۇ فېڭنىڭ تاماشاسىنى كۆرۈۋاتاتتى.
-لۇ جەمەتىنىڭ سوۋغىتى كەلدى!-دەل شۇ چاغدا ئىشىك سىرتىدىن ياڭراق بىز ئاۋاز ئاڭلاندى.
لۇ جەمەتى؟-كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ھاڭۋېقىپ قالدى.
نەق مەيداندا شۇنچە كۆپ ئادەم بولۇپ، پەقەت لۇ فېڭنىڭ فامىلىسىلا لۇ ئىدى، لېكىن كىشىلەر لۇ فېڭنى بۇ لۇ جەمەتى بىلەن بىللە ئويلىمىغان ئىدى.
-لۇ جەمەتى؟ جياڭ نەن شەھىرىدە بىر لۇ جەمەتى بارمۇ؟-جى لېشەنمۇ بىر ئاز تاسادىپىيلىق ھېس قىلدى، لېكىن كۆپ گەپ قىلمىدى، قارشى تەرەپ بۇنداق داغدۇغا بىلەن سوۋغات ئېلىپ كەلگەندە ئۆزى چوقۇم ئالدىغا چىقىپ كۈتىۋېلىشى كېرەك، كېيىنكى بىر سېكۇنتتا، بىر توپ قارا كىيىملىك كىشىلەر ئارقا-ئارقىدىن زىياپەت زالىغا كىردى.
-ھەرقايسىلىرى كىم بولىسىزلەركىن؟-دەپ سورىدى جى لېشەن يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشىدىن.
-جى جەمەت شىركىتىنىڭ تەبرىكلەش مۇراسىمىدا، بىزنىڭ لۇ جەمەتى چوقۇم سوۋغا ئېلىپ كېلىشى كېرەك! ئۇنىڭدىن باشقا، بىز بەگزادىمىزگە ۋاكالىتەن قەرز قايتۇردۇق.-ئوتتۇرا ياشلىق ئەر سوغۇققىنە سۆزلەۋېتىپ، يېنىدىكى ساندۇقنى ئېچىشقا بۇيرۇق قىلدى.
-بەگزادە؟ يەنە تېخى قەرزنى قايتۇرامسىز؟-جى لېشەن داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. بىر نەچچە چوڭ ساندۇقنىڭ ئېچىلىشى بىلەن، ئىچىدىكى نەرسىلەرمۇ كۆپچىلىكنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى، بەزى قىممەتلىك ھۆسنخەت ۋە رەسىملەرنى چىقىرىۋەتكەندە، پۈتۈنلەي ئاق رەڭلىك قاشتاش ھەيكەل بارلىق كىشىلەرنىڭ كۆزىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.
بىراق نەق مەيداندا كۆزى ئۆتكۈر كىشى بىر قاراپلا بۇ قاشتاش ھەيكەلنىڭ لۇ فېڭ ئېلىپ كەلگەن ھېلىقى ھەيكەلگە ئوخشاپ ئوپمۇ-ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالدى، چوڭ-كىچىكلىكى بولسۇن، ئاق قاشتېشىنىڭ رەڭگى بولسۇن، لۇ فېڭ ئېلىپ كەلگەن بۇ قاشتېشى بىلەن بىر جۈپتەك قىلاتتى.
-بۇ جى جەمەت كارخانىسىنىڭ بەش يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا ئاتىغان سوۋغىتىمىز! قوبۇل قىلغايسىز!- ئوتتۇرا ياشلىق يىگىت سۆزلەۋېتىپ، يەنە باشقا بىر نەچچە ساندۇقنى كۆرسەتتى،-بۇلار بەگزادىنىڭ ئورنىدا قايتۇرۇلىدىغان قەرزلەردۇر.
-بۇ نېمە؟-جى لېشەن داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى.
ساندۇق ئېچىلىپ، قىزىل رەڭ كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى، ھەممىسى قىزىل رەڭلىك نەق پۇل ئىدى!
-نەق پۇل تويلۇق، 9 مىليون 990 مىڭ يۈەن!
-نېمە؟ تويلۇق...-جى لېشەننىڭ كۆزلىرى قېتىپ قالدى، 9 مىليون 990 مىڭ يۈەن نەق پۇلمۇ تويلۇق ئورنىدا سوۋغا قىلىنامدۇ؟
-توغرا، لۇ جەمەتىمىزنىڭ كىچىك بەگزادىسى جى جەمەتىنىڭ ئالتۇن قىزى بىلەن توي قىلغان تۇرسا، تويلۇق بەرمىسەك قانداق بولىدۇ؟-دېدى ئوتتۇرا ياشلىق كىشى كۈلۈپ، ئارقىدىن نەق پۇلنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇشقا بۇيرۇق قىلدى.
9 مىليون 990 مىڭ يۈەن قىزىل رەڭلىك نەق پۇل، ھەر بىر باغلىمى 10 مىڭ يۈەن بولۇپ، توپتوغرا 900 نەچچە باغلام نەق پۇل ئۈستەلگە رەتلىك تىزىلغان ئىدى.
پۈتكۈل زالدا مەيلى جى جەمەتىدىكى كۆپچىلىك بولسۇن ياكى تەبرىكلەشكە كەلگەن جياڭ نەن بايلىرى بولسۇن، ھەممىسى تىمتاسلىققا چۆمگەن ئىدى، بايىقى قاشتېشى ھازىر نەق مەيداندىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، پەقەت بۇ 9 مىليون 990 مىڭ يۈەنلىك تويلۇق ھەممە ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.
جياڭنەن قانداقلا بولمىسۇن بىر كىچىك شەھەر، مىليادىرلار ئەلۋەتتە ئالاھىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
بىراق ھازىر لۇ جەمەتى مەرتلىك بىلەن نەچچە 10 مىليون يۈەن تويلۇق بەردى، بۇ زادى نېمە ئىش؟ جى لېشەنمۇ نۇرغۇن بوران -چاپقۇنلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن داڭلىق بىر جەمەتنىڭ باشقۇرغۇچىسى ببولسىمۇ، لېكىن بۇ چاغدا ئۇ ھەقىقەتەن تېڭىرقاپ قالغانىدى. بۇ لۇ جەمەتىنىڭ بەگزادىسى جى جەمەتىنىڭ قايسى قىزىغا كۆزى چۈشۈپ قالغاندۇ؟ دېگەن سوئال شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ كاللىسىدا توختىماي قايتىلىنىۋاتاتتى، بۇنداق يۇقىرى سوممىلىق تويلۇق ئالدىدا، جى لېشەن ھېچقانداق رەت قىلىش سەۋەبىنى تاپالمىدى، ئۇ ھەتتا جى جەمەتىنىڭ ھېلىقى پۇلدارلىرىنىڭ پىكرىنىمۇ سورىمىسىمۇ بولاتتى، چۈنكى ئۇ ھېچكىمنىڭ رەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلەتتى، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولدى، جى جەمەتىدىكى جى شۆيۈ بىلەن تەڭ دېمەتلىك قىزلارنىڭ ھەممىسى بىر پەس ھاياجانلىنىپ كەتتى، ئۇلار بۇ لۇ جەمەتىنىڭ قەيەردىن پەيدا بولغانلىقىنى بىلمىسىمۇ، بۇنچە كۆپ تويلۇق بېرەلىگەنلەرنىڭ ئادەتتىكى جەمەت ئەمەس ئىكەنلىكىنى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى، چۈنكى زەردارغا ياتلىق بولۇپ، «مەلىكە»نىڭ تۇرمۇشىنى كەچۈرۈش ھەر بىر قىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇسى ھېسابلىنىدۇ، بىراق جى شۆيۈ ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ قويدى، چۈنكى ئۇنىڭ سالاھىيىتى توي قىلغان ئايال بولغاچقا، شۇڭا بۇ نەرسىلەرنى ئۆزى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق دەپ ئويلايتى.
-ئاق قاشتېشى تەبرىكلەش مۇراسىمىنىڭ سوۋغىسى! 9 مىليون 990 مىڭ يۈەن تويلۇق بايۋەتچىنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئارتۇق گەپنى مەن دېسەم بولمايدۇ، مەن پەقەت نەرسىلەرنى ئاپىرىپ بېرىشكە مەسئۇل، كېيىنكى ئىشلارنى بايۋەتچە سىلەر بىلەن سۆزلىشىدۇ.-دېدى ئوتتۇرا ياشلىق يىگىت ئىنتايىن تەمكىنلىك بىلەن، ئاندىن قىلچىلىك ئەزمىلىك قىلماستىن ئادەملىرىنى باشلاپ ئۇدۇللا كېتىپ قالدى، جى لېشەن ئۇلارنىڭ كەيندىن يۈگۈرۈپ چىقىپ ئۇزىتىپ قويماقچى بولدى، لېكىن ئۇ كىشىلەر ناھايىتى تېزلا غايىب بولغان ئىدى.
جى لېشەن كۆڭلىدە بۇ ئادەم زادى نېمە دېمەكچى، لۇ جەمەتى نېمە ئۈچۈن جى جەمەتىگە قەرز قايتۇرىدۇ؟ تويلۇقنى تويلۇق دېسە بولاتتىغۇ؟ نېمە ئۈچۈن قەرز قايتۇرۇش دەيدۇ؟ ئەجىبا لۇ جەمەتى يەنە جى جەمەتىگە تويلۇق قەرز بولۇپ قالدىمۇ؟
جى لېشەنگە ئايانكى، جى جەمەتى ھەرگىز لۇ جەمەتىدەك بۇنداق چوڭ جەمەت بىلەن ئېلىم-بېرىش قىلىپ باقمىغان، ئۇنداقتا ئۆلارنىڭ سۆزىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ جى لېشەننىڭ ئۆزى ھەتتا لۇ فامىلىلىك كىشىنىمۇ تونۇمايتتى، بۇمۇ توغرا ئەمەس، جى شۆيۈنىڭ ئېرى لۇ فېڭنىڭ فامىلىسى دەل لۇ ئىدى، بىراق لۇفېڭ دېگەن كېرەكسىز نەرسە مۇشۇنداق زەردار بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ ئەگەر راستىنىلا شۇنداق بولسا، بۇ ھەقىقەتەن چوڭ بىر بىمەنىلىك ھېسابلىنىدۇ، شۇ تاپتا ھەممە ئادەم چوڭ زالدىكى 9 مىليون 990 مىڭ يۈەن نەق پۇلغا قاراپ، نەپەس ئېلىشلىرىمۇ تېزلىشىپ كەتكەن ئىدى.
(داۋامىنى بۇنى بېسىپ ئوقۇڭ: زەردار كۈيئوغۇل
زەردار كۈيئوغۇل |