ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بۇ ھېكايىنى سۆزلەشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن بالىسى بار ئاتا-ئانىلاردىن سوراپ باقايلى، بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش جەريانىدا، سىلەر ئۆزۈڭلارنى قورقىتىدىغان قانداق ئىشلارغا يولۇقتۇڭلار؟ ئىنتايىن پۇشايمان قىلىدىغان، ھەتتا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئىشلار يۈز بەرگەنمۇ؟
يېقىندا ئامېرىكىنىڭ مىسسۇرى ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن بوۋاقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋەقەسى سانسىزلىغان كىشىلەرنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان، ھەمدە توردا غۇلغۇلا قوزغىغان. ئەمدىلا توققۇز ئايلىق بولغان بالا ۋايلون (Waylon) دوختۇرخانىنىڭ ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە قاتتىق تىركىشىۋاتقان بولۇپ، دوختۇر ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك مېيىپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. بۇ تىراگېدىيەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب دەل ئاپىسىنىڭ يىگىتى جوردان بوگېس (Jordan Boggess)نىڭ بىر قېتىملىق «قوپال قۇچاقلىشى» ئىكەن.
ئەسلىدە غەم-ئەندىشىسىز چوڭ بولىدىغان بۇ كىچىك ھاياتلىق ھازىر قازا قىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان. بۇ ئىشنىڭ جەريانى ئادەمنى غەزەپلەندۈرىدىكەن ھەم ئېچىندۇرىدىكەن. ساقچىلارنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈنى، ئەينى چاغدا كىچىك ۋايلوننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان ئانىسى بېسسى (Bessie) قىسقا ۋاقىت ئايرىلىپ ھاجەتخانىغا بارماقچى بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىنى بوۋاقلار سەكرىمە ئورۇندۇقىغا قويۇپ، ئوغۇل دوستى بوگېسقا ۋاقتىنچە بالىغا قاراپ قويۇشنى تاپىلىغان. بۇ بوگېسنىڭ كىچىك ۋايلوننى تۇنجى قېتىم كۆرۈشى ئەمەس بولۇپ، ئۇلار خىلى «تونۇشلار»دىن بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بېسسى بىلەن ئارىلاشقىنىغا خېلى ئۇزۇن بولغان. لېكىن بۇ قېتىم ۋايلون تۇيۇقسىز قاتتىق يىغلاشقا باشلىغان، ھەتتا توختىماي قۇسقان. بەلكىم بالىنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن، بوگېس «تەلۋىلەرچە» قارار چىقىرىپ، ۋايلوننى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئويناتقان. ئەمما بوگېسنىڭ بۇ ئوينىتىش نۇسخىسى سەل كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بولۇپ، يەنى ئۇ ۋايلوننى ئاسمانغا ئېتىپ، ئاندىن ئىككى قولى بىلەن تۇتۇۋالغان.
تۇنجى قېتىم ھەر ھالدا ئوڭۇشلۇق بولغان، بوگېس ئوڭۇشلۇق ھالدا بالىنى تۇتۇۋالالىغان. ۋايلونمۇ ناھايىتى خۇشال بولغاندەك قىلغان، ئەمما ئىككىنچى قېتىم، بوگس بالىنى يەنە بىر قېتىم ئاسمانغا ئاتقاندا، كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرگەن، يەنى ئۇنىڭ قولى سىيرىلىپ كېتىپ، كىچىك ۋايلون يەرگە قاتتىق يىقىلىپ چۈشكەن، ئارقىدىنلا قاتتىق يىغلاشقا باشلىغان. ئەگەر ئالدىدىكى ئۇسۇل تېخى كىشىنى ھەيران قالدۇرالمىسا، ئۇنداقتا بوگسنىڭ كېيىنكى ئۇسۇلى «ئادەمنى قورقۇتۇپ جېنىنى ئالىدۇ» دېيىشكە بولىدىكەن، بوگس دەرھال بالىنىڭ ئانىسىدىن ياردەم سورىمىغان، بالىنىڭ يارىسىنى تەكشۈرمىگەن، بەلكى يەنە بىر خىل ئۇسۇل بىلەن بالىنى قاتتىق قۇچاقلاپ، تاكى ۋايلون چىرقىراپ يىغلاشتىن پۈتۈنلەي توختىغانغا قەدەر چىڭ قۇچاقلاپ تۇرغان.
ئۇنىڭ ۋايلون ئېغىر دەرىجىدە يىقىلسىمۇ ئۇنى قۇتقۇزۇۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان-قىلمىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىكەن، ئەمما ئۇنىڭ بۇ قۇچاقلىشى ئاساسەن «بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇش مەشغۇلاتى» بولۇپ، بىۋاستە كىچىك ۋايلوننىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. كېيىن، ۋايلوننىڭ ئانىسى بېسسى بالىنىڭ قارىماققا ئۇخلاۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە سۈمۈرۈش خاراكتېرلىك تۇنجۇقۇپ قېلىش، نەپەس توختاش ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالىنىڭ بېشىدا يەنە روشەن قان ئۇيۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ شۇندىلا ئىشنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلغان. ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى يېتىپ كەلگەندە، بالىنىڭ نەپەس ئېلىشىنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئۆزىنىڭ قۇسۇقىنى سۈمۈرۈۋالغانلىقىنى بايقىغان. ئارقىدىن، ئۇ كانزاس شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىغا جىددىي ئاپىرىلغان، دىياگنوز قويۇش نەتىجىسى «خورلاش خاراكتېرلىك باش سىرتى يارىسى» بولۇپ، ئېغىر دەرىجىدە مېڭىگە قان چۈشۈش ۋە باش قىسمى يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. دوختۇر قىلچە يۈز خاتىرە قىلماستىن بۇ يارىلىنىشلارنىڭ ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنى، بەلكى بالىلارنى خورلاشنىڭ تىپىك ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىچارە كىچىك ۋايلون دوختۇرخانىغا كىرىپلا نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسىغا قويۇلۇپ، كېسەللىك ئەھۋالىمۇ دەرھال خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسى ئىششىشقا باشلىغان، يەنە كۆپ قېتىم تۇتقاقلىق كېسىلى كۆرۈلگەن. تېببىي خادىملار ھەتتا ئائىلە ئەزالىرىغا ئالاھىدە ئەھۋال يۈز بېرىپ، بالا ھايات قالسىمۇ، مەڭگۈ گەپ قىلالماسلىقى، ئۆزى تاماق يېيەلمەسلىكى، ھەتتا بىر ئۆمۈر چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ۋايلوننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يۈرىكى لەختە-لەختە بولۇپ كەتكەن.
كىچىك ۋايلوننىڭ نەۋرە ئاچىسى جادېن زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «بۇنداق كىچىك بالىنىڭ كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ ھاياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش ھەقىقەتەن كىشىنى ئازابلايدۇ. بالىلار بۇ خىل قورقۇنچ ۋە ئازابقا بەرداشلىق بەرمەي، غەم-ئەندىشىسىز تۇرمۇش كەچۈرۈشى كېرەك».
ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مەن ئانا بولغان بولسام، بالام قۇسقان بولسا، مەن ئۇنى ھەرگىز كۆتۈرۈپ ئاسمانغا ئاتمايتتىم، مەيلى قانداق ئەھۋال ئاستىدا بولسۇن بۇ كارغا كېلىدىغان ئامال ئەمەس ئىدى. ھەر قېتىم ئۇنىڭ كېسەلخانىسىغا كىرگىنىڭىزدە كەينى-كەينىدىن چىتىلىۋاتقان ئۆلچەش ماشىنىلىرىنى، ھەممىلا يەردە ۋېنا تومۇرىغا ئوكۇل سېلىش پومپىسىنى كۆرىسىز، كېسەلخانىدا دائىم سېستىرالار بار. بۇ بەك ئىچىنىشلىق».
كىچىك ۋايلوننىڭ مومىسى كىرىستامۇ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «دوختۇر بىزگە ۋايلوننىڭ ئەمدى ئەسلىدىكى بالا ئەمەسلىكىنى، ئەگەر ئۇ ھايات قالالىسا، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا تايىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى، مەن ئازابىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەشكە ئامالسىز. ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز بالىلارنى قوغداش، ئۇلارغا ھەمراھ بولۇش. بۇ مەن باشتىن كەچۈرگەن ئەڭ قىيىن ئىش».
بوگېسنىڭ قىلمىشىدىن كۆپچىلىكنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن، تورداشلارمۇ قايناپ كەتكەن، ئۇلار مۇنداق دېيىشكەن: «ئاياللار قاچانمۇ كىچىك بالىسا بولغاندا، بىر ئەرنى تۇرمۇشقا ئېلىپ كىرىشنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنە!».
«مېنىڭ تۆت قىزىم بار. ئاپامنىڭ مەن ئىرىم (ئۇلارنىڭ ئۆز دادىسى)دىن ئايرىلغاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ ماڭا دېگەن سۆزى، قىزلىرىڭىز 18 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن، ھېچكىم بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقماڭ، بولغان. ئۇ 1990-يىللىرىنىڭ ئاخىرى ئىدى. مەن ئۇنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلىغانلىقىمدىن بەك خۇشال بولدۇم. قىزلىرىم چوڭ بولغاندىن كېيىن، مەن ھازىرقى ئېرىمگە ئۇچراپ قالدىم، ئۇ بىزنى بەك قوغدايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇلايىم ۋە ئاق كۆڭۈل. ئۇ ئۆز بالىسىغا ئوخشاش، قىزلىرىمنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى ياخشى كۆرىدۇ».
«مەن ئىككى بالام 10 ياش ۋە 13 ياش ۋاقتىدا يالغۇز قالغان ئىدىم. مەن بەزى ئۇچرىشىشلارغا چىقىپ باققان، لېكىن ئەزەلدىن دوستۇمنى ئۆيگە قايتىشقا تەكلىپ قىلىپ باقمىدىم، ئۇنى بالىلىرىمنىڭ تۇرمۇشىغا قاتناشتۇرۇپمۇ باقمىدىم، ھەتتا شۇنىڭدىن كېيىنمۇ پەقەت بىر نەچچە قېتىملا ئۇچرىشىشقا چىقتىم. پەقەت كۆڭۈل بۆلۈپ خىزمەت قىلىشنى خالىمايدىغان، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنمايدىغان، بىر پارچە <تاماق بېلىتى> تىپىش ئۈچۈنلا ياشايدىغان ئاياللارغا مەن بەك يىرگىنىمەن. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ خىل ئەھۋال ئادەتتە ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ».
«مەن بۇ ئانىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيمەن، بالىسى ئەمدىلا توققۇز ئايلىق بولغان تۇرسا، ئۇ تېخى يېڭى بىر ئوغۇل دوستىغا ئىشىنىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇزۇپتۇ. بۇ مۇتلەق قىلىشقا بولمايدىغان ئىش. ئۇ بالىنىڭ دادىسى ئەمەس، ئاساسىي جەھەتتىن ناتونۇش ئادەم. ۋاقتىنچە يالغۇز قالسا ھېچقىسى يوق، ئەگەر سىز يالغۇزلىق ھىس قىلسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان دوستىڭىز ياكى تۇغقىنىڭىزنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ، ھەرگىزمۇ ھەقىقىي بىللە ئۆتمەيدىغان ئادەم بىلەن يالغاندىن ئۆي تۇتقان قىياپەتكە كىرىۋالماڭ».
ئەمدى بۇ ۋەقەگە قايتىپ كەلسەك، گەرچە بوگېس ئۆزىنى ئاقلاپ «قولۇم بەك تېيىلغاق بولغاچقا بالىنى تۇتالمىدىم» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۇنىڭ گىپىنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلىغان بولۇپ، يارىلىنىش ئەھۋالى بىلەن «خورلاش خاراكتېرلىك باش يارىسى» پۈتۈنلەي ماس كەلگەن. ساقچىلار بوگېسنى قولغا ئالغان بولۇپ، ئۇ بالىلارنى ئېغىر خورلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. بۇ ئىش خەۋەر قىلىنىشى بىلەنلا، ۋايلوننىڭ ئانىسى بېسسىمۇ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئامما پىكرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ئوغۇل دوستىنىڭ بالىلارنى خورلاش قىلمىشىنى بۇرۇنلا بىلىدىغان-بىلمەيدىغانلىقىدىن گۇمانلانغان.
بۇنىڭغا قارىتا، ئۇ قەتئىي ئىنكار قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن خورلاش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى پۈتۈنلەي بىلمەيمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھازىر مېنىڭ ئوغۇل دوستۇم ئەمەس، مېنى تونۇيدىغان ھەر قانداق ئادەم بىلىدۇ، مەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ بالامغا زىيانكەشلىك قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن».
كىچىك ۋايلوننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھەتتا باشقىلاردىن ئىئانە توپلاشقا باشلىغان بولۇپ، ۋايلوننىڭ دادىسىنىڭ بالىنىڭ ئايرىم بېقىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە، ۋايلون يەنىلا دوختۇرخانىدا «تەستە ھايات قالماقتا». دوختۇر دەسلەپتە ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋايلوننىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان دەسلەپكى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ھېچقانداق مېڭە ھەرىكىتى يوقلۇقىنى ئېيتقان. گەرچە دوختۇرلارنىڭ مۆلچەرى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىمۇ، لېكىن يېقىندا، ۋايلوندا ئازراق ياخشىلىنىش بولغان بولۇپ، ئاندا-ساندا كۆزىنى ئېچىپ، بىلىكىنى ئازراق ھەرىكەتلەندۈرەلىگەن، بۇ ئىش ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئازراق ئۈمىد ئاتا قىلغان.
نۆۋەتتە ساقچىلار بوگېسنى تۇتۇپ قالغان بولۇپ، كېپىللىككە قويۇپ بېرىش پۇرسىتى يوق ئىكەن. بوگېسنىڭ خورلاش شىكايىتىگە قارىتا، ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشى يەنىلا داۋاملاشماقتا. بۇ دېلو جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىغان، كىشىلەر بالىلارغا زوراۋانلىق قىلىش قىلمىشىنى بەس-بەستە ئەيىبلىگەن. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ دېلو يۈز بەرگەن شۇ بىر ھەپتىدە، ئامېرىكا ئاركانزاس ئىشتاتىدىكى بىر دادا داۋىد بېككېر (David Becker)مۇ ئۆزىنىڭ ئۈچ ئايلىق بولغان بالىسىنى خورلاشقا چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلىنىپ، قولغا ئېلىنغان. ساقچىلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېككېر بوۋاقنى ئۇدا ئىككى مىنۇت سىلكىگەنلىكتىن، مېڭىگە قان چۈشۈش، كۆرۈش تور پەردىسىگە قان چۈشۈش ۋە ئومۇرتقىسى زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
مەيلى مىسسۇرى ئىشتاتى بولسۇن ياكى ئاركانزاس ئىشتاتى بولسۇن، بۇ خورلاش ۋەقەلىرى كىشىلەرنى غەزەپلەندۈرگەن ۋە ھەيران قالدۇرغان. بالىلار ئەسلىدە بىخەتەر مۇھىتتا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى كېرەك ئىدى، بۇنداق زوراۋانلىق زەربىسىگە ئۇچرىماسلىقى، يەنە كېلىپ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك ئىدى. ساقچى تەرەپ بۇ خىل دېلونى داۋاملىق چوڭقۇر تەكشۈرىدىغانلىقىنى ھەمدە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئورتاق دىققەت قىلىپ، بۇنداق تىراگېدىيەنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاخىرىدا، بۇ ھېكايىنىڭ باش قەھرىمانى كىچىك ۋايلوننىڭ بۇ ئۆتكەلدىن قەيسەرلىك بىلەن ئۆتۈپ كېتىشىنى، شۇنداقلا كەلگۈسىدە بۇنداق تىراگېدىيەنى باشتىن كەچۈرىدىغان بالىلىرىنىڭ پەيدا بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. كۆپچىلىكتىن سوراپ باقساق، سىلەر بۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟ سۆز قالدۇرۇپ مۇنازىرە قىلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز.