ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ياپونىيەلىك 36 ياشلىق ئايال تور چولپىنى يۇرىننىڭ بوي ئېگىزلىكى 161 سانتىمېتىر بولۇپ، ھازىر بەدەن ئېغىرلىقى 200 كىلوگىرامغا يەتكەن. سېمىزلىك سەۋەبىدىن نورمال خىزمەت ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئامالسىز قالغان، كوچىغا چىقىپ مال سېتىۋالسىمۇ، يولدىن ئۆتكەنلەرنىڭ غەلىتە كۆزلىرى ئۇنىڭغا تىكىلگەن، ئۇ مانا مۇشۇنداق غەلىتە نەزەرلەرگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. بۇ ئۇنىڭغا دائىم مىڭ جىڭ كېلىدىغان غايەت زور تاشنىڭ ئۇنىڭ قەلبىنى بېسىۋالغاندەك تۇيغۇ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇمۇ بۇ ئىشلارغا قانداق يۈزلىنىشنى بىلىۋالغان.
بۈگۈنكى كۈندە يۇرن ئاخىرى ئۆزىگە ماس كېلىدىغان خىزمەت تېپىپ، تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئورۇقلىغاندىن كېيىن يەنە ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەپ-ئىچىش كەچۈرمىشىنى ئورتاقلاشقان. يۇرىن ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە ئادەتتىكى بەدەن شەكلىگە ئىگە بولۇپ، ئاتا-ئانىسى، ئاچا-سىڭىللىرى ئورۇق ئىدى. ئۇ چاغدا ئورۇقلاش تۇيۇقسىز ناھايىتى مودا بولغان بولۇپ، ئەتراپىدىكى دوستلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئورۇقلاۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن يۇرىن يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىشقا باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەدەن ئېغىرلىقىنىمۇ ساقلاپ قالغان، نەتىجىدە بارغانسېرى ئورۇقلاپ كەتكەن، 17-18 ياش ۋاقتىدا بەدەن ئېغىرلىقى ئاران 30 كىلوگىرام ئەتراپىدا بولغان.
لېكىن ئۇنىڭ بەدەن ئەھۋالىمۇ بارغانسېرى ناچارلىشىپ كەتكەن بولۇپ، كېيىن كۈچلۈك يېمەكلىكلەرنى يېيەلمەيدىغان، ھەتتا سۇ ئىچسىمۇ قۇسىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن. يۇرىن ئىشتىھاسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، ھېچنېمە يېيەلمەي ھەر كۈنى دوختۇرخانىغا بېرىپ ئاسما ئوكۇل ئۇرغۇزۇپ ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا مەجبۇر بولغاچقا، ئائىلىسىدىكىلەر بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئەنسىرىگەن. دەسلەپتە، يۇرىن ھەتتا ئاسما ئوكۇل سېلىشنى رەت قىلىپ، دوختۇردىن: «بۇ ئاسما ئوكۇلنىڭ قانچىلىك كالورىيەسى بار؟» دېگەن. گەرچە ئۇ ئەينى چاغدا بەك ئورۇقلاپ كەتكەن، بەدىنى ئاجىز بولسىمۇ، لېكىن كۆڭلىدە يەنىلا: «مەن يەنىلا ئورۇقلىشىم كېرەك» دەپ ئويلىغان.
يۇرۇن تاماقتىن ئۆزىنى چەكلەپ تەخمىنەن يېرىم يىل ئورۇقلىغاندىن كېيىن يەنە بۇنداق كېتىۋەرسە راستتىنلا ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ، ئازراق ماروژنى يەپ سىناپ باققان. ماروژنى ئېرىپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئۇ باشقا يېمەكلىكلەرنى يېگەنگە قارىغاندا ئۇنىى سەمىرىتىۋەتمەيدىكەنمىش.
ئارقىدىنلا يۇرىن ئاستا-ئاستا تاماق مىقدارىنى كۆپەيتكەن، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي يەنە قۇسۇشقا باشلىغان. ئۇ چاغدا دەل ئاكىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن ناچار ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ، زىيادە يەپ-ئىچىپ، پۈتۈنلەي قۇسۇپ چىقىرىشتەك يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشقا پېتىپ قالغان. ئۇ ئاتا-ئانىسىغا ئۆزىنىڭ تاماق يېگەنلىكىنى ئېيتقان، ئەمەلىيەتتە يېگەن نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوغرىلىقچە قۇسقان، نەتىجىدە بەدەن ئېغىرلىقى ئاشمىغان. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يۇرىن بەدىنى بەرداشلىق بېرەلمەي، بۇنداق تۇرمۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغاندەك ھېس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇسۇپ چىقىرىۋەتمەي ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەپ-ئىچىشكە كىرىشىپ كەتكەن. ئېسىگە كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 100 كىلوگىرامغا يېقىنلىشىپ قالغان.
يۈرن 20 ياشقا كىرگەندە كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان ئەر دوستلىرى بىلەن كۆرۈشكىلى بارغان. ئۇ خېلى سەمرىپ قالغاچقا، دوستلىرى ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇنى تونۇيالماي قالغان.
ئۇ ئۆزى تونۇشلۇق بەرگەندىن كېيىن ھەيران بولغان دوستلىرى: «سىز نېمىشقا بۇنچە سەمرىپ كەتتىڭىز؟»، «گەرچە ئوماق تۇرغان بولسىڭىزمۇ لېكىن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بوپتۇ» دېگەن.
يۇرىن زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، بالدۇرلا ئۆيىگە قايتىپ كەتكەن. يۇرىن 25 ياش ئەتراپىدا بولغاندا بەدەن ئېغىرلىقى 100 كىلوگىرامدىن ئاشقان، قان تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەممە ئىشلار نورمال ئىكەن، لېكىن دوختۇرلار دائىم ئورۇقلاش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بارغانسېرى سەمرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خاپا بولغان ھەم ئورۇقلاشنى ئويلىغان، لېكىن ئىلگىرى ئورۇقلاشتىكى ئازابلىق كەچۈرمىشلەرنى ئەسلەپ، بۇ ئازابقا بەرداشلىق بەرگەندىن كۆرە ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان تۈزۈك دەپ قارىغان.
بەدەن ئېغىرلىقى 100 كىلوگىرامدىن ئاشقاچقا ئادەتتىكى بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش ئەسۋابىنى ئىشلەتكىلى بولمىغاچقا، ئۇ ئاستا-ئاستا بەدەن ئېغىرلىقىغا ئانچە پەرۋا قىلمايدىغان بولۇپ كەتكەن.
يۇرىن 30 ياشقا كىرگەندە بىر قېتىم دوختۇرخانىغا بارغان. سېسترا بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچىگەندە ئۇ ئاندىن ئۆزىنىڭ 200 كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن.
(يۇرىن)
بەدەن ئېغىرلىقى 200 كىلوگىرامدىن ئاشقاندىن كېيىن يۇرىننىڭ پولدا ئولتۇرۇشى تەسلىشىپ، ئاران ئولتۇرغان ھالەتتىمۇ ئورنىدىن تۇرالمايدىغان بولۇپ قالغان. ئەگەر تۇتقۇچلۇق ئورۇندۇق بولسا ئۇ ئولتۇرغاندىن كېيىن قىسىلىپ قېلىپ تۇرالماسلىقى مۇمكىن. ئەگەر ئاشخانىدىكى ئورۇندۇق ئولتۇرۇشقا ماس كەلمىسە، ئۇ كەسكىنلىك بىلەن باشقا بىر ئاشخانىغا بارىدىغان ھالەتكە بېرىپ قالغان.
يۇرىن بىر قېتىم ئۆيىدە يۇيۇنۇۋاتقاندا ۋاننىغا قىسىلىپ قالغان. ئۇ چاغدا ئۆيدە باشقا ئادەم يوق بولۇپ، ئۇ تەخمىنەن 30 مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاران تەستە ئورنىدىن تۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆيدە يۇيۇنۇشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالغان. يۇرىننىڭ ئايروپىلانغا چىقىش قېتىم سانى بار، چۈنكى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ سودا بۆلۈمچىسى يوق بولۇپ، پەقەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىساد بۆلمىسىدىن ئورۇن تاللاشقا بولىدۇ. ئورنى بەك كىچىك بولغاچقا، ئۇ ئولتۇرالمايدۇ. ئايروخانقىز دەرھال بىر نەچچە ئورۇندۇق سېلىنچىسىنى ئېلىپ كېلىپ ئۇنى شۇ يەردە ئولتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان، كېيىن ئۇ ئايروپىلاننىڭمۇ ئۆزىگە قاتتىق بىئارامچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ شۇنىڭدىن كېيىن ئايروپىلانغا چىقمايدىغان بولۇپ كەتكەن.
يۇرىن ئادەتتە ھەرىكەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىكەن، چۈنكى ئۇ ئىلگىرى پائالىيەتكە قاتناشقاندا تىزى يارىلانغان. دوختۇرمۇ ئۇنى ھەرگىز سەكرىمەڭ دېگەن. ھەرىكەت بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا يۈك ئېلىپ كەلگەچكە، يۇرىن ئامال بار كۆپ ھەرىكەت قىلماسلىقنى تاللىغان، بەزىدە ئۇ بارىدىغان يېرىنىڭ تۇرغان يېرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 200 مېتىر بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ماشىنا توسۇشنى تاللايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن ئۇ 200 مېتىر ئارىلىققا ئۇ بەدىنىنى كۆتۈرۈپ بېرىپ بولۇش ۋاقىت ۋە سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، ياپونىيەدىكى بەزى كىشىلەر ئالاھىدە «سېمىز ئىجارە مۇلازىمىتى»نى يولغا قويغان. قۇرغۇچىسى مايك يوكونو ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مەيلى بەدەن شەكلىنىڭ چوڭ-كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر بىر ئادەمنىڭ چاقناپ تۇرىدىغان بىر تەرىپى بولىدىكەن. ئەگەر بەدەن ئېغىرلىقى 100 كىلوگىرامدىن ئاشقان، 20 ياشقا كىرگەن، مىجەزى ئوچۇق، ئۈمىدۋار، دوست تۇتۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بولسا 5500 ياپونىيە يېنى (تەخمىنەن 256 يۈەن خەلق پۇلى)لىق رويخەتكە ئالدۇرۇش ھەققىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن خىزمەت قوبۇل قىلىشقا تەييارلىق قىلىپ، ئۆزىنى «ئىجارىگە بەرسە» بولىدىكەن. بۇلارنىڭ سائەتلىك مائاشى 2000 ياپونىيە يېنى (تەخمىنەن 93 يۈەن خەلق پۇلى) بولۇپ، قاتناش ھەققى ئايرىم ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىش بولسا ئۆزلىرىگە ئوخشاش سېمىز كىشىلەرگە ھەمراھ بولۇپ يەپ-ئىچىش، كۆڭۈل ئېچىش، تاماق ئېتىشكە ياردەم بېرىش، ئۆي كۆچۈشكە ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشىپ بېرىدىكەن.
يۇرىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىككى ھاۋالىنى قوبۇل قىلسىلا دەسمايىنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولىدۇ دەپ قاراپ، بۇ خىزمەتنى سىناپ باققان. يۇرىن تاپشۇرۇۋالغان زاكازنىڭ كۆپىنچىسى بىللە تاماق يېيىش بولۇپ، خېرىدارلار ئۇنى بۇنچە سېمىز بولغاندىكىن قىقاس تاماقلارنى يەپ باققان دەپ قارايدىكەن.
ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ تاماق مىقدارى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، خېرىدار ھەيران بولغان ھالدا: «سىز ھېچقانچە يېيەلمەيدىكەنسىز» دېگەن. بەزىدە ئۇ ئارىشاڭغا بىللە چۈشۈش ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئاپتوموبىل ھەيدەپ سىرتقا چىقىپ، ئارىشاڭغا چۈشكەندىن كېيىن قايتىپ كېلەتتى. ئۆيدىكىلەر يۇرننىڭ پائالىيىتىنى ناھايىتى قوللايدىغان بولۇپ، بوش ۋاقتى بولسىلا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ سىرتقا چىقىدىكەن. بىلمىگەنلەر ئۇنىڭ ۋاستىچىسى دەپ خاتا چۈشىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
ئاخىرىدا، مۇخبىر: «بەدەن ئېغىرلىقىدىن ئەنسىرەيدىغان كىشىلەرگە قانداق تەكلىپلىرىڭىز بار؟» دەپ سورىغان. يۇرىن بىر ھازا ئويلانغاندىن كېيىن مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «ئەينى يىلى تاماققا چەك قويۇپ ئورۇقلاش مەن ھەتتا ئەسلىگۈممۇ كەلمىگەن بىر ئازابلىق مەزگىل ئىدى. باشقىلارنىڭ ماڭا بولغان قارىشى، يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىشقا مەجبۇرلىشىدىن ئەنسىرەيمەن، ئازراقمۇ خۇشال بولالمايمەن. جەمئىيەتتە بەزى ئېلانلار كىشىلەرگە <ئاياللار چوقۇم ئورۇق بولغاندىلا بەختكە ئېرىشەلەيدۇ> دېگەن تۇيغۇ بېرىدۇ، لېكىن مەن ھازىر ئۆزۈمنى تېخىمۇ بەختلىك ھېس قىلىۋاتىمەن. مەن ئىلگىرى ئۆيدە ئولتۇرۇپ، مەكتەپكە بارمايتتىم. ھازىر مەن 36 ياشقا كىردىم، ئۆزۈمگە ئىشەنگەن ھالدا سىرتقا چىقىپ ئىشلىسەم بولىدۇ، ئەمدى بەدەن شەكلىمدىن ئەندىشە قىلمايمەن. لېكىن، مەنمۇ سالامەتلىكىمدىن ئەنسىرەيمەن، شۇڭا كەلگۈسىدە ئازراق ئورۇقلىماقچى بولۇۋاتىمەن.»
قانداقلا بولمىسۇن باشقىلار بىز ئۈچۈن ياشىشىپ بەرمەيدۇ، ئۇلارنىڭ قانداق قارىشىغا پەرۋا قىلمىساقمۇ بولىدۇ، ئەمما شۇنى چۈشىنىپ يېتىش كېرەككى سېمىزلىك ھەقىقەتەن بەزى قولايسىزلىق ۋە كېسەللىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ ساغلاملىقىمىزنى ئەڭ بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك.