ئامېرىكىنى «خىمىيەلىك تۇمان» بېسىۋالدى، كىشىلەر قىزىشقا باشلىدى

文摘   2025-01-06 22:00   海南  

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇدا نەچچە كۈن تۇمان پەيدا بولۇپ، ئامېرىكىلىقلارنى قاتتىق ئەندىشىگە سالدى. فىلورىدالىق داۋىد بامبېر مۇنداق دېگەن: «بۇ تۇمانلار كوچىدىكى كۆرۈش ئارىلىقىنى ئىنتايىن تۆۋەنلىتىۋەتكەن بولۇپ، يەنە بىر خىل غەلىتە خىمىيەلىك بۇيۇمنىڭ پۇرىقىمۇ بار ئىدى»

مونتانا ئىشتاتىدىكى تورداش سارا سىمىسمۇ تۇمان توغرىسىدا ۋىدېيو يوللاپ مۇنداق دېگەن: «گەرچە قار ياغسىمۇ، لېكىن يەنىلا بىر خىل تۇتۇق نەرسىنىڭ ھاۋادا پۇراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. خۇددىى كۆيۈپ كەتكەن سۇلياۋنىڭ پۇرىقىدەك.»

(مونتانا ئىشتاتىدىكى تۇمان)

ماسساچۇسېتس ئىشتاتىدىكى بىر ئاھالىنىڭ سۈرىتىدە، چىراغ نۇرى ئاستىدا، ئاق رەڭلىك تۇمان دانچىلىرى خۇددى يامغۇر تامچىلىرىغا ئوخشاش ئاسماندا لەيلەپ يۈرگەن.

(يامغۇرغا ئوخشاش تۇمان دانچىلىرى)

فىلورىدا ئىشتاتىدىكى يەنە بىر ئاھالە ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشىنى مىسال قىلىپ مۇنداق دېگەن: «تۇمان ئىنتايىن ئېغىر، مەن ماي قاچىلاش پونكىتى ئەتراپىدا پەقەت 10 مىنۇت تۇردۇم، شۇنىڭدىن كېيىن يۆتىلىشكە ۋە قىزىشقا باشلىدىم. بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە چۈشكۈردۈم، كۆزلىرىممۇ ياشقا لىق تولدى، زۇكام بولۇپ قالغانلىقىمنى، ئاشقازىنىمنىڭ تارتىشىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم.»

كانزاس شەھىرىدىكى بىر ئايال تورداش مۇنۇلارنى ئاشكارىلىغان: «مەن تۇرۇشلۇق رايوندا قويۇق تۇمان پەيدا بولدى، بەلكىم چوڭ كۆلەملىك خىمىيەلىك ماددا بولۇشى مۇمكىن، بۇ بىر ھەپتە داۋاملاشتى.»

(كانزاستىكى تۇمانلىق)

كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ بىر پۇقراسى ئالاقە تورىدا مۇنداق دېگەن: «نەچچە كۈن داۋاملاشقان بۇ تۇماندىن غەلىتە پۇراق چىقىپ تۇراتتى. مەن بۇ خىل پۇراققا دىققەت قىلغىلى بىر نەچچە ئاي بولدى، بۇرنۇم كۆيۈۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن. خۇددى ئاسماندىن كەلگەن ھۇجۇمغا ئوخشايدۇ.»

ھەتتا كانادا ۋە ئەنگلىيەنىڭ قىسمەن رايونلىرىدىمۇ تۇمان پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلگەن. بىر مەھەل نۇرغۇن ئامېرىكىلىق تورداشلار گاڭگىراپ قالغان:

نېمە ئۈچۈن تۇمان ئەنگلىيە ۋە شىمالىي ئامېرىكىدا پەيدا بولىدۇ؟ بۇ تۇمان-تۈتەكلەر قويۇق بولۇپلا قالماي، يەنە روشەن خىمىيەلىك پۇراققا ئىگە!

(شەكلى بىر قەدەر ئاز ئۇچرايدىغان تۇمان دانچىلىرى)

گەرچە بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەتلىك ھاۋا رايى ئىدارىسى (NWS) قويۇق تۇمان ئاگاھلاندۇرۇشى چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن تورداشلارنى قايىل قىلالمىغان.

(ئاق رەڭلىك تۇمان تامچىلىرى يامغۇر تامچىلىرىدەك تۆت ئەتراپقا لەيلەپ يۈرگەن)

ئۇلار سۇيىقەست نەزەرىيەسىگە باي كۆز قاراشقا تېخىمۇ ئىشىنىدۇ. بۇ قېتىمقى تۇمان «دېڭىز-ئوكيان كۆپۈك ھەرىكىتى»نىڭ قايتا ئايان بولۇشى، ئامېرىكىلىقلار يەنە خىمىيەلىك تەجرىبىدىكى كىچىك ئاق چاشقانغا ئايلاندىمۇ؟!

ئۇلار تىلغا ئالغان «دېڭىز-ئوكيان كۆپۈك ھەرىكىتى» يۈز بەرگەندە، دەل مۇشۇ خىل سىرلىق تۇمان پەيدا بولغان

1950-يىل 9-ئاينىڭ 20-كۈنى كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سان فىرانسىسكو شەھىرىدە تۇيۇقسىز كەڭ كۆلەمدە سىرلىق تۇمان پەيدا بولغان، تۇمان خىمىيەلىك غەيرىي پۇراققا ئەگىشىپ، ناھايىتى تېزلا پۈتۈن شەھەرنى قاپلىغان. ھەتتا جىنمېن چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ بىر قىسىم كۆۋرۈكلىرىنى تۇمان قاپلىغان.  بۇ خىل غەلىتە ئەھۋال توپتوغرا بىر ھەپتە داۋاملاشقان، نۇرغۇن سان فىرانسىسكو ئاھالىسىدە ھەر خىل كېسەللىكلەر كۆرۈلۈشكە باشلىغان. كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولغان 11 كىشى  سىتانفورد دوختۇرخانىسىغا كېلىپ تەكشۈرتكەن. بۇ 11 كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېغىر سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بارلىقى بايقالغان، بىر مەزگىل داۋالانغاندىن كېيىن، 10 ئادەمنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن، ئېدۋارد نېۋىن ئىسىملىك بىر ئەر داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى تۇيۇقسىز كۆپىيىپ، سان فىرانسىسكودىكى دوختۇرخانىلار بۇ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشنى چارچىتىپ قويغان. دوختۇرلار چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ بىمارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان بىر خىل «شىللىق پەردە باكتېرىيەسى» بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىغان.

(شىلىمشىق سالرانېللا باكتېرىيىسى)

شىللىق پەردە باكتېرىيەسىنىڭ زىيىنى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن شىمالىي ئامېرىكىدا بىر قەدەر ئاز ئۇچرايدۇ، ئۇنداقتا بۇ شىلىمشىق سالرانېللا باكتېرىيەسى زادى قەيەردىن كەلگەن؟ سىتانفورد دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇرلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي، نائىلاج بۇ مىساللارنى ئىلمىي ماقالە قىلىپ يېزىپ، تېببىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىپ، كېيىنكى كۈنلەردە تەتقىق قىلىشقا تەييارلاپ قويغان. دوختۇرلار بۇ سىرلىق پەيدا بولغان شىلىمشىق سالرانېللا باكتېرىيىسىنى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئالاھىدە قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.

1977-يىلىدىكى كېڭەش پالاتاسى گۇرۇپپا كومىتېتى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر تۇنجى قېتىم ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلىغان:

1950-يىل 9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى «دېڭىز-ئوكيان كۆپۈك ھەرىكىتى» ناملىق بىر تۈرلۈك مەخپىي خىمىيەلىك تەجرىبىنى ئېلىپ بارغان. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى شىلىمشىق سالرانېللا باكتېرىيىسى بىلەن بېنزول ھەمدە كۆيدۈرگە تەقلىد قىلىنغان ماددىنى ئارىلاشتۇرۇپ، سان فىرانسىسكو دېڭىز قىرغىقىدا قويۇپ بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ئارمىيەسى يەنە سان فىرانسىسكودا 43 ئورۇننىڭ كۆزىتىش تەجرىبە نەتىجىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 800 مىڭ سان فىرانسىسكو ئاھالىسىنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئاز دېگەندە 5000 دانە كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مىكرو زەررىچىنى سۈمۈرگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن «زەھەر تاشلاش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ ئاندىن ئاخىرلاشقان.

«11 ئادەم كېسەل بولۇپ، بىر ئادەم قازا قىلىش»تەك تەجرىبە نەتىجىسىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىققان-چىقمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

ئەمەلىيەتتە، سان فىرانسىسكودىكى بۇ قېتىملىق تەجرىبىدىن باشقا 1949-يىلىدىن 1969-يىلىغىچە بولغان 20 يىلدا ئامېرىكا ئارمىيەسى جەمئىي 239 قېتىم ئۈستى ئوچۇق بىيوخىمىيەلىك تەجرىبە ئېلىپ بېرىپ، خېلى كۆپ ساندىكىنى ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ كېسەل بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ تەجرىبىلەرنىڭ ھەممىسى ھەربىي تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن.

مەسىلەن 1966-يىلى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيە بىلەن تولغان لامپۇچكىنى نيۇيورك مانخاتتان مېتروسى ئوربىتىسىغا تاشلاپ قويۇپ، پەقەت بىخ سپورىلىق تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ ئۆزگەرگەن تەنچىسىنى تارقىتىش ئۈچۈن تەجرىبە قىلغان. چۈنكى بۇ خىل ئۆزگەرگەن تەنچە كېسەللىك پەيدا قىلىشقا يەتمەيدۇ، شۇڭا ئۇچۇق تەجىربە ئارقىلىق «دەلىللەشكە» توغرا كېلىدۇ.

نەتىجىدە قاتناشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار خېلى كۆپ نيۇيورك ئاھالىسىنى يۇقۇملاندۇرۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر كېسەل بولۇپ قالغان ياكى قازا قىلغان.  بۇ تەجرىبىلەرنى ئىشلەشتىكى مەقسەت ئاساسەن ئامېرىكىدىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىيولوگىيەلىك ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى سىناپ بېقىش...

(60-يىللاردىكى نيۇيورك مېتروسى)

ئاممىنى مۇشۇنداق كىچىك ئاق چاشقان دەپ قارايدىغان جىنايەت تارىخى بولغاچقا ئامېرىكىلىقلار بۇ تۇمان-تۈتەكنىڭ پەيدا بولۇشىدىن چەكسىز ئەندىشە قىلىدۇ. ئامېرىكا دۆلەتلىك ھاۋارايى ئىدارىسى ئېنىقلا ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا تارقىلىپ يۈرگەن يەكۈنگە دىققەت قىلغان بولۇپ، ئۇلار دەرھال ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇ پىتنە-پاساتلارغا رەددىيە بەرگەن، ئۇلار بەرگەن ئىلمىي چۈشەندۈرۈش بولسا: «تۇمان تەركىبىدىكى دانچە ماددىلار ئەمەلىيەتتە ھاۋادىكى بۇلغانمىلاردىن كېلىدۇ. چىراغ نۇرى ئاستىدا دانچىلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.»

ئۇنىڭدىن قالسا، ئاتالمىش «خىمىيەلىك پۇراق» تۇمان يەر يۈزىدىكى بۇلغانغان ھاۋانى، مەسىلەن، ئاپتوموبىلدىن چىققان گاز، سانائەتتىن چىققان گاز ۋە باشقا ھاۋادىكى خىمىيەلىك ماددا دانچىلىرىنى سۈمۈرىدۇ ۋە قورشايدۇ.

«تۇمان پەيدا بولغاندىن كېيىن گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىد، ئازوت ئوكسىدلىرى ۋە باشقا بۇلغىمىلار تۇمان ئىچىدىكى سۇ مولېكۇلالىرىنىڭ قورشاۋىدا قالىدۇ.»

سۇ مولېكۇلالىرى قورشاپ تۇرغان، غەيرىي پۇراق بار بۇ بۇلغىما دانچىلىرى ھاۋادا ئۇزاق ۋاقىت تۇرغاچقا، كىشىلەر بىر خىل «خىمىيەلىك بۇيۇمنىڭ پۇرىقى»نى پۇرىيالايدۇ. ئەلۋەتتە، مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىمۇ بۇ يىل بۇنداق ئەھۋالنىڭ تۇنجى قېتىم كۆرۈلۈشى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ھەقىقەتەن سەل نورمالسىز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى يەنە ئاممىغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، بۇ خىل تۇمان ھەقىقەتەن يۆتىلىش، كۆكرەك سىقىلىش، بۇرۇن توسۇلۇش قاتارلىق بىر قاتار نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، قىسقىسى، تۇمان بار، لېكىن بۇ پەقەت تەبىئىي ھادىسە بولۇپ، باشقا ئامىللارنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق ئىسپات يوق. قانداقلا بولمىسۇن ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئىنتايىن خاتىرجەم ھالدا قىش پەسلىنى ئۆتكۈزىشىنى ئۈمىد قىلىمىز...

رومانلار
ياۋايى ھەۋەس
جانغا زامىن ئايال ئالاھىدە خادىم
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز

تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章