ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن، «ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قان ئالماشتۇرۇشى»دىن ئىبارەت بۇ ئەقىل كۆرسىتىش مەشغۇلاتى يەنە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقتى...
(ئامېرىكا پەن-تېخنىكا ماگناتى برايىن جونسون ياشلىققا قايتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قېنىنى دادىسىغا، ئوغلىنىڭ قېنىنى ئۆزىگە ئۇرغۇزغان)
ئىگىلىنىشىچە، ئالدىنقى يىلى پەن-تېخنىكا باي بىرايىن جونسون 18 ياشقا قايتىش ئۈچۈن 70 ياشلىق دادىسى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەن ئوغلىنى ئىشقا سېلىپ، قان سېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياشانغان دادىسىغا ئۆزىنىڭ قان پلازمىسىنى، ئوغلىنىڭ قان پلازمىسىنى ئۆزىگە ئوكۇل قىلدۇرۇپ ئۇرۇش ئارقىلىق ياشلىقىغا قايتماقچى بولغان. نەتىجىدە ئىشلار مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان، يەنە تېخى ئۇ پۈتۈن تور دۇنياسىدا مەسخىرە ئوبېكتى بولۇپ قالغان.
مەغلۇبىيەت ئۆرنىكى كۆز ئالدىدا تۇرسىمۇ لېكىن قېرىشقاندەك بەزىلەر بۇ ئىشلارغا ئىشەنمىگەن. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن 47 ياشلىق ئايال ئارتىس، قوشۇمچە تور چولپىنى مارسېلا ئىگلېسياسمۇ ئۆزىنىڭ 75 ياشلىق ئاپىسى ۋە 23 ياشلىق ئوغلىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئۆز-ئارا قان ئالماشتۇرماقچى بولغان. ئۇنىڭ كۆز قارىشى بىرايىن جونسوننىڭ كۆز قارىشى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئۇ يەنە ياشلارنىڭ قېنى ھۈجەيرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قېرىشنى ئاستىلىتىدۇ، دەپ قارايدىكەن.
نۆۋەتتە، ئۇ دوختۇر بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ بۇ ئىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا تورداشلارمۇ گاڭگىراپ قالغان، يەنى ئوغلىنى «قان خالتىسى» قىلىدىغان ئادەمدىن يەنە بىرى كۆپەيگەن.
(مارسېلا ئىگلېسياس ۋە ئوغلى رودرىگو)
ئالدى بىلەن مارسېلونى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى، ئۇ ئارگېنتىنانىڭ بۇئېنوس ئايرىس شەھىرىدە تۇغۇلغان، 22 يېشىدا قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ لوس ئانژېلېسقا بارغان، لېكىن كېيىن تەرەققىياتى خېلى ئوڭۇشلۇق بولۇپ، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاقىتلىق ئارتىس سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ بۇۇ سالاھىيەت بىلەن ھوللىۋودقا كىرگەن، نۇرغۇن كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە ھەقىقىي ئادەم پىروگراممىلىرىدا رول ئالغان گەرچە ئۇنىڭ ئانچە نامى چىقمىغان بولسىمۇ لېكىن مارسېلا يەنىلا ناھايىتى پەخىرلەنگەن، ھەتتا ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا ئۆزىنى «ھوللىۋود خانىشى» دەپ ئاتىغان.
كېيىن ئۇ بىر ئۆي-مۈلۈك خوجايىنى بىلەن توي قىلىپ، ئېرى بىلەن بىللە سودا قىلىپ پۇل تېپىپ، سىنىپىي ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بالدۇرلا ئاگۇرا تېغىدىكى ھەشەمەتلىك تۇرالغۇغا كۆچۈپ بارغان، تۇرالغۇ كۆلىمىمۇ 15 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىنى پائال باشقۇرۇپ، مەستانىسى 1 مىليون 300 مىڭدىن ئاشىدىغان داڭلىق تور چولپىنىغا ئايلانغان.
ھازىرقى سۆز بىلەن ئېيتقاندا، مارسېلا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتالايدىغان شەخس بولۇپ، پات-پات خەۋەرلىرى چىقىپ تۇرىدۇ، تونۇلۇش دەرىجىسىمۇ ئۈزۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتىدۇ، لېكىن ھەممىسى ياخشى ئىش سەۋەبلىك تىلغا چىقمايدۇ.
ئۇنىڭ ھەر خىل غەلىتە مەشغۇلاتلىرى بار، مەسىلەن، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ھەر كۈنى بەش دانە تىرىك پىل بۇرۇن قۇرتى يەيدىغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلىغان.
(مارسېلا راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىك قۇرت يېمەكتە)
ئۇ يەنە ھەر بىر تۇخۇمىنى (ئۆزىنىڭ تۇخۇمدىنى ئاجرىتىپ چىقارغان تۇخۇم) 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يۇقىرى باھادا ساتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، سەۋەبى: ئۇنىڭ نەزىرىدە تورداشلار ئۇنىڭ تۇخۇمىنى ئىشلىتىپ بالىلىق بولۇشقا تېخىمۇ قىزىقىدىكەن.
2021-يىلى ئۇ يەنە ئۆزىنى كىلونلاشنى قارار قىلغان، بۇنداق بولغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەزالىرىنى ياردەمگە موھتاج بولغان ئادەملەرگە كۆپلەپ بېرەلەيدىكەنمىش...
لېكىن ئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ ئەمەلىيەتتە ھۆسن تۈزەتكەن. مارسېل ھازىر 47 ياشقا كىردى، سۈرەتلەرگە قارىسا ھەقىقەتەن تەڭتۇشلىرىدىن خېلىلا ياش، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان سىناپ باققان ھەر خىل پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىدىن بولغان.
مارسېلانىڭ بەدەن ۋە چىراي شارائىتى ئەمەلىيەتتە يامان ئەمەس، ئۇ ئۆزىنىڭ ياش ۋاقتىدىكى سۈرەتلىرىنى ھەمبەھرىلىگەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ يەنىلا ناھايىتى ئۆلچەملىك، لېكىن ئۇنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى پەقەت ئۆلچەملىك سۈرەتلا ئەمەس. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇ كۈندىن-كۈنگە ھۆسن تۈزەشكە خۇمار بولۇپ قالغان، ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆزىنى باربى قونچاققا ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياشلىق باھارىنى مەڭگۈ ساقلاشنى ئويلىغان، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان، شۇنداقلا ھەر خىل ھۆسن تۈزەشلەرنىمۇ سىناپ باققان ھەر خىل «ياش كېمەيتىش» ئۇسۇللىرىغا پۇل خەجلىگەن.
(مارسېلانىڭ ياش ۋاقتىدىكى قىياپىتى)
بىرىنچىدىن ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان تەلىپى ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، ئەزەلدىن پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى، ئىسپىرت، گازلىق سۇ ياكى قەنتلىك ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلمايدۇ، يېمەكلىكلىرى پەقەت دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بىر سائەت چېنىقىدۇ، ئۇيقۇسىمۇ سەككىز سائەتنى مۇقۇم قانائەتلەندۈرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە ھەر ئايدا ساقلىقنى ساقلاش ئوكۇلى ئۇرۇش، ۋىتامىن تولۇقلاش، قىممەت باھالىق تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشنى قوبۇل قىلىدۇ. ئىشقىلىپ ئۇ قىلغىلى بولىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ، قالغانلىرىدا پەقەت شەكىل تۈزەشكىلا تايىنىدۇ. ھازىر بازاردا مودا بولۇۋاتقان ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيەسىنى مارسېلا ئاساسەن دېگۈدەك بىر قېتىم قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە مەڭزنى چوڭايتىش، لەۋنى چوڭايتىش، كۆكسىنى چوڭايتىش، ساغرىسىنى كۆتۈرۈش، تېرە توقۇلمىلىرىنى يوقىتىش، مۇسكۇل ۋە قول قاتارلىق جايلاردىكى قېرىغان تېرىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دېگەندەك.
شۇنداق بولۇپلا قالماي، ئۇ ھەر يىلى مۇقىم 1000 ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيەسىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرغۇزىدۇ، يەنە زۇلۇك غول ھۈجەيرە ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى ۋە سۇ ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىنى سىناپ باققان. بۇ بىر قاتار مىساللار ئىنتايىن كۆپ، ھەقىقىي بېشىدىن ئۆتكۈزگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مارسېلا قانچىلىك ئازابقا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇنىڭ پەقەت ئۆزىلا بىلىشى ئېنىق.
(مارسېل باربىنى دورىماقتا)
2018-يىلى ئۇ بىر قېتىملىق ئادەتتىن تاشقىرى شەكىل تۈزەش ئوپېراتسىيەسى ئۈچۈن خەۋەرنىڭ باش بېتىگە چىققان، ئەينى چاغدا ئۇ «ساغرىنى كۆتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى»نى قوبۇل قىلغان، دوختۇر ئۇنىڭ ساغرىسىغا 100 تال كوللاگېن ئاقسىلىنى ئوكۇل قىلغان، مەقسىتى ساغرا قىسمىنى غىدىقلاپ، تېخىمۇ كۆپ كوللاگېن ئاقسىلى ھاسىل قىلىپ، ساغرا مۇسكۇلىنى چىڭىتىش ئىكەن، شۇنداقلا گۆشلارنىڭ ساڭگىلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.
مارسېلا ئالاقە تورى ئارقىلىق بۇ جەرياننى خاتىرىلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ساغرىسىغا سانجىلغان يىڭنىنىڭ جىقلىقىدىن كىرپىنىڭ تىكەنلىرىدەك تۇرغان، نۇرغۇن تورداشلار بۇنىڭدىن ھەيران قالغان.
ئىككىنچى يىلى دوختۇر يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۇنىڭغا دۇنيا بويىچە تۇنجى «ئۆمۈچۈكسىمان قورساق مۇسكۇلى»نى ياساپ بەرگەن، يەنى ئۇ بەل-قورساققا 70 يىڭنە سانجىغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم ياش ۋاقتىدىكى ئالتە پارچە قورساق مۇسكۇلىغا ئىگە بولغان.
(سۈنئىي ئالتە پارچە قورساق مۇسكۇلى چىقىرىش جەريانى)
شۇنىڭدىن كېيىن مارسېلا ئازراق ئۆزگىرىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق گىرىم قىلىش ۋە ھال رەڭ كىيىم ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق بارا-بارا ئۆزىنى ئۆزىنىڭ ئاغزىدىكى «كىشىلەر ئارىسىدىكى باربى»غا ئۆزگەرتكەن، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ئۇمۇ ياش كۆرۈنگەن، نۇرغۇن كىشىلەر ئادەتتە ئوغلى بىلەن بىللە سىرتقا چىققاندا ئۇنى ئاپىسى ئەمەس ئاچىسى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ قالغان.
(مارسېلا)
بۇ ئىشلارنىڭ پايدىسىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇ بۇ ھۆسن تۈزەشنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئايلاندۇرىۋالغان، بۇ قىزغىنلىق ھەتتا ئۇنىڭ ئوغلى رودرىگوغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. رودرىگو ئون نەچچە يېشىدىلا بوتۇلىزم تاياقچە باكتېرىيەسىنى ئوكۇل قىلىشقا باشلىغان، كېيىن يەنە مارسېلونىڭ ئىلھام بېرىشى بىلەن بۇرۇننى چوڭايتىشنى قارار قىلغان.
(مارسېلا ۋە ئوغلى)
تورداشلار مارسېلانى ئەيىبلىگەن، لېكىن ئۇ ئەزەلدىن پەرۋا قىلمىغان، ئەكسىچە «ھازىرقى زامان ئۇسۇلىنى قوللىنىپ قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىشتىن نومۇس قىلىش نومۇسسىزلىق» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە توختىماي يېڭى تۈر ئىزدەپ، ئاخىرى بۇ يىل «قان ئالماشتۇرۇپ داۋالاش ئۇسۇلى»غا كۆز تىككەن.
مارسېلانىڭ قارىشىچە، ياشلارنىڭ قېنىدىن ئېلىنغان قان پلازمىسى «نۇرغۇن پايدا ئېلىپ كېلىپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن».
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ يەنە «ئىچكى ئەزالارغا پايدىلىق» بولۇپ، «ھۈجەيرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياللۇغنى ئازايتىپ، بۆرەك ۋە يۈرەك-ئۆپكە ئىقتىدارىنى ياخشىلايدىكەن».
ئۇ مۇنداق دېگەن: «يېڭى قان يېڭى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوكسىگېننى پۈتۈن بەدەنگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. قان پىلازمىسى ئاقسىل ۋە قان ئۇيۇتقۇچى فاكتورنى ئېلىپ يۈرىدىغان بولۇپ، قان توختىتىش ۋە ساقىيىشقا ئىنتايىن پايدىلىق. بەزىلەر ماڭا مېنىڭ بەدىنىمدىكى بۇ خىل كۈچلىنىش تۇيغۇسىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، خۇددى ئۇزۇن يول يۈرگەن بىر ساياھەتچىنىڭ بىر يۇتۇم سۇ ئىچكەنگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئاخىرىدا، مەن تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ مۇقىم، تېخىمۇ جانلىق ھېس قىلىشقا باشلىدىم.»
قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇ ئۆز ئوغلىنى پىلانغا كىرگۈزۈشتىن باش تارتماي، ئوغلى رودرىگونى 75 ياشلىق مومىسى بىلەن بىللە قان بېرىشكە بۇيرىغان، كاللىسى يۇيۇلدىمۇ-يوق بىلمىدىم، رودرىگو بۇنىڭغا ماقۇل بولغان.
(ئانىسىمۇ قان ئالماشتۇرۇشقا قوشۇلدى)
نۆۋەتتە، مارسېلا لوس ئانژېلېستا ئۆزلىرىنى داۋالىيالايدىغان دوختۇر ئىزدەۋاتىدۇ، كەلگۈسىدە يەنە بىر قېتىم قان ئالماشتۇرۇش-ئالماشتۇرماسلىق تۇنجى قېتىملىق داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.
ناۋادا ئۇ پايدىسىنى كۆرسە ئوغلى يەنە داۋاملىق قان تەقدىم قىلىشى كېرەك، شۇنداقلا ئۇ راستتىنلا «قان خالتىسى»غا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلغا قارىتا، تورداشلار دەل جايىدا باھا بەرگەن:
«ساراڭ بولۇش مۇشۇنداق ئاددىي.»
قانداقلا بولمىسۇن ھازىرقى ئىنسانلار ياشلىق باھارىنى مەڭگۈ ساقلاش ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن يانماسلىقى مۇمكىن...