ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
2024-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى روژدېستۋو بايرىمىغا يەنە بىر ئاي قالغان پەيتتە ئامېرىكا سان فىرانسىسكو ساقچىلىرى بىر ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان، بەزىلەر 26 ياشلىق ھىندىستانلىق ياش سۇگىل باراجىنىڭ ئۆزىنىڭ ياتىقىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.
(باراجى)
ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ بىر ھازا تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆلۈۋالغانلىقىنى ئېنىقلىغان. چۈنكى ئۇنىڭ قولىدا بىر تاپانچا بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆيگە قايتقاندىن تارتىپ ساقچىلار يېتىپ كەلگىچە ھېچكىم باراجىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ باقمىغان. لېكىن باراجىنىڭ ئاتا-ئانىسى ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئىشەنمىگەن. باراجىنىڭ ئانىسىنىڭ ئېيتىشىچە، قانۇن دوختۇرى نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن تارتىپ «بۇ بىر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسى»نى ئېلان قىلغۇچە جەمئىي 40 سېكۇنت ۋاقىت كەتكەن!
تېخى ئىككى كۈن ئىلگىرى، باراجى ئاتا-ئانىسىغا تېلېفون قىلغان، تېلېفوندا باراجى ناھايىتى خۇشال بولغان، ئۇ دوستى بىلەن ئەمدىلا تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەن، يەنە 2025-يىلى 1-ئايدا داللاسقا بېرىپ بىر مەيدانپەن-تېخنىكا كۆرگەزمىسىگە قاتناشماقچى بولغان، تېلېفوننى قويۇۋېتىشتىن بۇرۇن باراجى تېخى قورسىقىم ئېچىپ كەتتى، تاماق يېگۈم بار دېگەن ئىكەن.
بۇنداق ئادەملەر قانداقسىگە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ؟
(باراجى)
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇسۇسىي رازۋېدچىكنى تەكلىپ قىلىپ ئىككى قېتىم تەكشۈرگەن، نەتىجىدە بۇ رازۋېدچىك ساقچىلارغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان يەكۈن چىقارغان:
رازۋېدچىكنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىككىنچى قېتىملىق جەسەت تەكشۈرۈشتە باراجىنىڭ مېڭىسىنىڭ ئارقا تەرىپىنىڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى، مۇنچىدا ئېلىشىش ئىزى بارلىقىنى بايقىغان، قان ئىزىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلغاندا، بىرسى ئۇنىڭغا مۇنچىدا ھۇجۇم قىلغاندەك قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە باراجىنىڭ تۇرالغۇسى ۋەيران بولۇپ، ئىشكاپ ۋە تارتمىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاختۇرۇلغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىر بارماق دىسكا يوقاپ كەتكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار يەنە نۇرغۇن گۇمانلىق نۇقتىلارنى بايقىغان، مەسىلەن، باراجى كومپيۇتېرىدىكى ۋاقىتلىق سانلىق مەلۇماتلار ئۆچۈرۈۋېتىلگەن؛ ساقچىلار ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن ۋەسىيەتنامىنى تاپالمىغان، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ جەسەتنى يوقلىشىغا يول قويمىغان ۋەھاكازالار. بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ بىر قاتىللىق دېلوسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ!
ھەتتا ماسكمۇ ئالاقە تورىدا بۇ خەۋەر توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «قارىماققا ھەقىقەتەن ئۆلۈۋالغاندەك قىلمايدۇ.»
باراجىنىڭ ئۆلۈۋالغان-ئۆلمىگەنلىكىدىن كىشىنى تېخىمۇ گۇمانلاندۇرىدىغان سەۋەب، ئۇنىڭ ئالاھىدە سالاھىيىتى بولسا بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ كەڭ قوللىنىلىۋاتقان AI قورالى ChatGPTغا قارشى تۇرغۇچى.
2020-يىلى باراجى كالىفورنىيە داشۆسى بېركلېي شۆبە مەكتىپىنىڭ كومپيۇتېر ئىلمى كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن OpenAI شىركىتىگە كىرگەن. ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇ GPT-4 دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۈر ئۈچۈن رەقەملىك سانلىق مەلۇمات توپلاشقا باشلىغان. ئۇ نەچچە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، GPT-4نىڭ ئالاقە تورىدىكى بارلىق ئىنگلىزچە تېكىستلەرنى دېگۈدەك تەھلىل قىلىشىغا ياردەم بەرگەن. كېيىن OpenAI شىركىتى GPT-4 تېخنىكىسى ئاساسىدا دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان پاراڭلىشىش ماشىنا ئادىمى ChatGPTنى ئېلان قىلغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، باراجى دەل ChatGPTنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى.
(OpenAI ئىشخانىسى)
ئەمما ChatGPTنىڭ ئومۇملىشىپ، OpenAIنىڭ پۇل تېپىش ماشىنىسىغا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، باراجى ئەكسىچە ئۆزىنىڭ «بالىسى» (ئىجادىيىتى)غا قارشى تۇرۇشقا باشلىغان. چۈنكى ChatGPTنىڭ سودىغا ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇمۇ زور تالاش-تارتىش پەيدا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى نەشر ھوقۇقى توغرىسىدا. ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا كومپيۇتېر پىروگراممېرلىرى، سەنئەتكارلار، پىلاستىنكا شىركەتلىرى، كىتاب ئاپتورلىرى ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شەخس ۋە كارخانىلار OpenAIنى قانۇنسىز ئىشلەتكەن دەپ ئەرز قىلىنغان.
2023-يىلى 12-ئايدا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» OpenAI ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق ھەمكارلاشقۇچىسى مىكروسوفتنى ئەرز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان نەچچە مىليون ماقالىدىن پايدىلىنىپ، پاراڭلىشىش ئاپپاراتى قۇرغانلىقىنى ئېيتقان، ب ئۇلار بىلەن بۇ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارىسىدا رىقابەت ھاسىل قىلىدۇ.
دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، باراجى ئاندىن ئۆزىنىڭ زادى قانداق نەرسىنى ئىجاد قىلغانلىقىنى ھېس قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلگىرى نەشر ھوقۇقى بىلىملىرىنى ئانچە چۈشەنمەيدىغانلىقىنى، ئەمما ChatGPTغا قارىتىلغان ھەر خىل دەۋالارنى كۆرگەندىن كېيىن قىزىقىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ شىركەتنىڭ زادى نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئەستايىدىل ئويلانغاندىن كېيىن، OpenAIنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئىشلىتىشى ھەقىقەتەن قانۇنغا خىلاپ، ChatGPT قاتارلىق سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى، ئېنتىرنېت تورى بۇزۇلۇۋاتىدۇ، دېگەن يەكۈننى چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن 2024-يىلى 8-ئايدا باراجى OpenAIدىن ئايرىلىپ، جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزىدۇ دەپ قارىغان تېخنىكىلار ئۈچۈن يەنە تۆھپە قوشۇشنى خالىمىغان.
باراجى تۇنجى تۈركۈمدە چوڭ تىپتىكى سۈنئىي ئىدراك تەرەققىيات شىركىتىدىن ئايرىلغان ھەمدە بۇ تېخنىكىغا قارشى تۇرىدىغان خادىملارنىڭ بىرى بولۇپ، باراجىنىڭ رەھبەرلىكىدە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر شىركەتتىن ئايرىلىشنى تاللىغان، بۇنىڭ ئىچىدە ھەتتا سۈنئىي ئىدراك شىركىتى Stability AIنىڭ مۇئاۋىن لىدىرىمۇ بار. باراجى مۇنداق دېگەن: «سىز مەن ئىشەنگەننى ئېتىراپ قىلسىڭىزلا چوقۇم شىركەتتىن ئايرىلىسىز.»
(باراجى)
ئىلگىرى OpenAI ۋە باشقا پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىدە خىزمەت قىلغان نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار سۈنئىي ئىدراك زىيان پەيدا قىلىشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇرغان، لېكىن كۆپ ساندىكى ئاگاھلاندۇرۇش كەلگۈسىدىكى خەۋپ-خەتەرگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلەن، سۈنئىي ئىدراك سىستېمىسى كۈنلەرنىڭ بىرىدە يېڭى نەرسىلەرنى ياساپ چىقىشى، ھەتتا ئىنسانلارنى ۋەيران قىلىشى مۇمكىن. ئەمما باراجى سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىنىڭ تەھدىتىنىڭ ئىنتايىن يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان. چۈنكى سۈنئىي ئىدراكنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن پۈتكۈل ئالاقە تورى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئەندىزىسىدە تۇرۇۋاتىدۇ.
باراجى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «سۈنئىي ئىدراكنىڭ پىرىنسىپى ئەمەلىيەتتە ئاساسسىز ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا ئاساسەن بىر خىل تەقلىد قىلىش تىپىدىكى سانلىق مەلۇمات ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا، سۈنئىي ئىدراك ئالاقە تورىدىكى ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ، مەيلى ئاخبارات خەۋىرى ياكى تور مۇنبىرى بولسۇن.»
سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى ئالاقە تورى مۇلازىمىتىنىڭ ئورنىنى ئالغان ھامان، ئۇ ساختا، ھەتتا پۈتۈنلەي ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ئۇچۇرلارنى پەيدا قىلىدۇ، ئۇلار ئۇنى «خىيالىي تۇيغۇ» دەپ ئاتايدۇ. (مەسىلەن، نۇرغۇن كىشىلەر ChatGPTنىڭ بىر قىسىم ساختا ئىلمىي ماقالىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ پايدىلىنىشىغا تەمىنلەيدىغانلىقىنى بايقىغان)
«خىيالىي تۇيغۇ»نىڭ ئۈزۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئالاقە تورىدىكى ھەقىقىي ئۇچۇرلار بارغانسېرى ئازلىغان، ئالاقە تورى ساختا ئۇچۇرلار بىلەن تولغان ۋاقىتتا، پۈتكۈل ئالاقە تورىمۇ ۋەيران بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان بىردىنبىر ئۇسۇل نوپۇزلۇق ئاپپاراتلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا كىرىشتۈرۈش، بۇ تەبىئىي ھالدا پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلغان شىركەت كۆرۈشنى خالىمايدىغان كەلگۈسى».
باراجىنىڭ ھەققانىيەت تۇيغۇسى بار، ئالغا ئىلگىرىلەش نىشانىمۇ بار، بۇمۇ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنىڭ ئۆلۈۋېلىشىغا ئىشەنمەسلىكىنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى مۇنداق دېگەن: «ئۇلار چوقۇم ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، ئوغلۇمغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەك، ئۇ قىممەتلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، بۇ پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى زىيان.»
باراجىنىڭ ئانىسى فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىن ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، باراجى ئىلگىرى ئۇنىڭغا بىر قىسىم تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇ تەييارلىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق ChatGPTنىڭ نۇقسانىنى كۆرسىتىپ بەرمەكچى بولغان. ئەمما ئىش ئاخىرىغا چىقماي تۇرۇپ ئۇ «ئۆلۈۋالغان».
باراجىنىڭ ئۆلۈمى كىشىلەرگە بوئېڭ شىركىتىنىڭ پاش قىلغۇچى ۋە قارشى تۇرغۇچىسى جون باررېت (John Barnett)نى ئەسلەتكەن، ھەر ئىككى ئادەم چوڭ تىپتىكى شىركەتلەر بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
(باررېت)
ئەينى چاغدا باررېتنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىمۇ ئۇنىڭ ئۆلۈۋالغانلىقىغا ئىشەنمىگەن، لېكىن ساقچىلار ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، باررېت ھەقىقەتەن ئۆلۈۋالغان. شۇڭا باراجىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن بەك كۆپ سۇيىقەست نەزەرىيەسىنى قوللانماسلىق كېرەك. بىر ياش ھەم پەن-تېخنىكا خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان خىزمەتچى ھاياتىدىن ئايرىلدى، بۇ ئەسلىدىنلا كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بىر ئىش...