بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
يېقىندا كونا نۇسخىدىكى «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» (三国演义) بىلەن يېڭى نۇسخىدىكى «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» (三国演义)دىكى لۈ بۇ (吕布)نىڭ رولچىسى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىغان.
«ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»نى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ
1994-يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىشلىگەن، يەنى ھازىر بىز كونا نۇسخىسىدىكى «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» دەپ ئاتىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا، جاڭ گۇاڭبېي (张光北) رولىنى ئالغان لۈ بۇنى كىلاسسىك ئوبراز دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئۇ ئەسلىدە جوۋ يۈنىڭ رولىنى ئالماقچى بولغان، لېكىن رېژىسسور نېمە دېسە شۇدە، شۇنىڭ بىلەن ئاخىرىدا ئۇ لۈ بۇنىڭ رولىغا ئېرىشكەن، گەرچە دەسلەپتە بۇ رولنى ئانچە خالىمىغان بولسىمۇ ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، بۇ رولنى كىلاسسىك بىر پەللىگە كۆتۈرگەن.
«ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»نى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ
رول ئېلىش ماھارىتى جەھەتتە جاڭ گۇاڭبېي لۈ بۇنىڭ خاراكتېرىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق ياراتقان، ھەممىمىز بىلىمىز لۈ بۇدا ئارىلاشما خاراكتېر ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك، جاڭ گۇاڭبېي دەل مۇشۇ نۇقتىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ نامايان قىلغان. ئۇ يەنە تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا لۈ بۇنىڭ ھوقۇققا بولغان ئىنتىلىشىدەك سەزگۈر نۇقتىلارنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن ياراتقان بولۇپ، تاماشىبىنلارنى بۇ رولغا ھەم ئامراق ھەم نەپرەتلەندۈرىدىغان تۇيغۇغا كەلتۈرگەن.
«ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»نى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ
2010-يىلى قويۇلغان يېڭى نۇسخىدىكى «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» ناملىق تىياتىردا، خې رۈندوڭ (何润东)مۇ لۈ بۇ رولىنى ئوخشاشلا ئىنتايىن ياخشى ياراتقان بولۇپ، تاشقى قىياپىتى جەھەتتە لۈ بۇنىڭ ئوبرازىغا ناھايىتى ماس كەلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىپادىسى كۆرۈرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان، بولۇپمۇ لۈ بۇنىڭ باتۇرلۇقى ۋە چىلان تورۇققا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى بەك ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
«ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»نى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ
بىراق، جاڭ گۇاڭبېي نۇسخىسىغا سېلىشتۇرغاندا، خې رۈندۇڭ نۇسخىسىدىكى لۈ بۇنىڭ پېرسوناژ ئوبرازى چوڭقۇر ئەمەس، خاراكتېرى ۋايىغا يەتمىگەن بولغاچقا، بۇ ئوبرازنىڭ سىتىرىئولۇق تۇيغۇسى بىلەن قاتلاملىق تۇيغۇسى كەمچىل بولۇپ قالغان، ئۇنىڭدىن باشقا لۈ بۇنىڭ قەلبىدىكى زىددىيەت ۋە تىركىشىشلەرنى نامايان قىلىشتا يېتەرسىزلىكلەر بار.
«ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»نى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ
قىسقىسى، ھەر ئىككى ئارتىسنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار، ھەر ئىككىلىسى لۈ بۇدىن ئىبارەت بۇ كىلاسسىك ئوبرازغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، كۆرۈرمەنلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان، ئۇلارنىڭ ئېسىل رول ئېلىش ماھارىتىمۇ كىنو-تېلېۋىزىيە تارىخىدىكى كىلاسسىك كۆرۈنۈشلەرگە ئايلىنىپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قىزغىن مۇنازىرە قىلىشىنى قوزغىغان.