ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بۇلۇتچاقتىن باشقا، بەلكىم ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر «دېڭىز ئاستىدا تۇرۇش»نىڭ زادى قانداق كەچۈرمىش ئىكەنلىكىگە توغرا جاۋاب بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. بىراق، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى كارىت رايسمان بۇنىڭ سىرتىدا.
فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ كىلاگو دېڭىز قىرغىقىدىن نەچچە مىل يىراقلىقتا بىر سىرلىق سۇ ئاستى تەجرىبىخانىسى بار بولۇپ، بۇ تەجرىبىخانا «بوتۇلكا يۇلتۇز تۈركۈمى» (Aquarius) دەپ ئاتىلىدىكەن، ئۇنى ئامېرىكا دۆلەتلىك دېڭىز-ئوكيان ۋە ئاتموسفېرا باشقۇرۇش ئىدارىسى (OAA) يۈرگۈزىدىكەن. بۇ يەر ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ مەشىقىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىكەن.
كارىت ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئىنژېنېرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دېڭىز ئاستىغا چۈشۈپ باققان، ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ باققان، شۇنداقلا ئىلگىرى دېڭىز ئاستىغا مۇقىملاشتۇرۇلغان بۇ كىچىك تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتىدا ئىككى ھەپتە تۇرغان. بوتۇلكا يۇلتۇز تۈركۈمىدە، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىكى مۇھىت بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەن. ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ يېپىق بۆلمىسىگە ئوخشاش، بوتۇلكا يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى مۇھىتمۇ تار، يېپىق، ھەتتا بەزى جەھەتلەردە تېخىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىكەن. جىددىي ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، بۇ بوتۇلكا يۇلتۇز تۈركۈمىدىن چېكىنىپ قۇرۇقلۇققا قايتىپ كېلىشكە تەخمىنەن بىر كۈن ۋاقىت كېتىدىكەن، بۇ ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدىن «ئىتتىپاق» ناملىق بۆلۈمچىگە ئولتۇرۇپ يەر شارىغا قايتقان ۋاقىت بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن.
بوتۇلكا يۇلتۇز تۈركۈمىدە ياشاۋاتقان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى خۇددى ئالەم بوشلۇقىدا ماڭغانغا ئوخشاش، سۇغا چۆكۈش ئەسلىھەلىرىنى كىيىپ، دېڭىز ئاستىدا ئىلمىي تەجرىبە ئېلىپ بېرىشى كېرەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكى، سايمانلىرى، كۈندىلىك پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇشى، ھەتتا كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن. ھەتتا ئۇلار ئىجرا قىلغان نۇرغۇن تەجرىبىلەرمۇ كەلگۈسىدە ئالەم بوشلۇقى پونكىتىدا ئىجرا قىلىنىدىغان ۋەزىپىلەرگە تەييارلىق قىلغانلىق ھېسابلىنىدىكەن. بۇ تەپسىلاتلار نۇرغۇن كىشىلەرنى بوتۇلكا يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى دېڭىز ئاستىدا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە كۈچلۈك قىزىقتۇرغان. كۆپچىلىكنىڭ قىزىقىشىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، كارىت بىر قېتىملىق پىروگراممىدا ئۆزىنىڭ سۇ ئاستى تەجرىبىخانىسىدىكى كەچۈرمىشىنى ھەمبەھرلىگەن.
گەرچە بوتۇلكا يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئاران 200 مېتىر بولسىمۇ، ئەمما دېڭىز ئاستىدىكى 200 مېتىر چوڭقۇرلۇق بىلەن يەر يۈزىدىكى 200 مېتىر چوڭقۇرلۇقنى بىر تاياقتا ھەيدىگىلى بولمايدىكەن. بوتۇلكا يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئاستى قىسمى بىر يۇمىلاق شەكىللىك ئېغىز بولۇپ، بوتۇلكا يۇلتۇز تۈركۈمىگە كىرىدىغان بىردىنبىر يول دەل مۇشۇ ئېغىز ئىكەن، بۇ ئىغىز دېڭىز سۈيىنى بىۋاسىتە ئايرىۋىتەلمەيدىغان بولۇپ، دېڭىز سۈيىنىڭ كىرىشىنى توسۇپ قالالايدىغىنى پەقەت ئىچى قىسمدىكى نىسپىي يۇقىرى بېسىملىق ھاۋا ئىكەن.
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ خۇددى بىر ئىستاكاننى ئۆرۈپ ۋاننىغا سالغانغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئىستاكان ئېغىزى تۆۋەنگە قارىتىلىپ، ھاۋا ئىستاكانغا قاپسىلىپ قالىدىكەن. مەشىق قىلغىلى كەلگەن ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ سۇغا چۆكۈش ئارقىلىق ئىستاكانغا كىرىشى، ئىستاكاندىكى يۇقىرى بېسىملىق ھاۋادا تۇرمۇش كەچۈرگەنگە باراۋەر ئىكەن.
ئەگەر ئادەتتىكى غەۋۋاسلار بولسا، بۇ يەردە ئەڭ كۆپ بولغاندا 60 مىنۇت تۇرالايدىكەن. ئەگەر بۇ ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتسە، قاندىكى ئازوت گازى توپلىنىشقا باشلايدىغان بولۇپ، لەيلىگەندە ئەگەر سۈرئىتى ۋە ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىسا، سۇغا چۆكۈش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ زاپاس ئوكسىگىن تۇڭى بار بولۇپ، ھەر قانداق ۋاقىتتا ھاۋا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلالايدىكەن، لېكىن ئۇلار ئەزەلدىن جىددىي ئەھۋالدا چوقۇم لەيلەش مەسىلىسىنى ئويلاشمايدىغان بولۇپ، بۇ ھەرگىزمۇ جىددىي ئەھۋالدىكى توغرا تاللاش ھېسابلانمايدىكەن. چۈنكى ھەقىقىي لەيلەپ چىقىشقا توپتوغرا بىر كۈن ۋاقىت كېتىدىكەن.
ئۇلار ئالدى بىلەن بوتۇلكا يۇلتۇز تۈركىمىنىڭ ئېغىزىنى ئېتىۋېتىپ، ئاندىن بوتۇلكىنى بېسىم ئاشۇرۇش بۆلمىسىگە ئايلاندۇرىدىكەن، ئارقىدىنلا ھاۋادىكى بېسىم ئىنتايىن ئاستا تۆۋەنلەپ، تاكى دېڭىز يۈزى ھالىتىگە كەلگەنگە قەدەر داۋاملىشىدىكەن. بۇ غەۋۋاسلارنىڭ ئاستا-ئاستا ئۆرلەش باسقۇچىغا باراۋەر بولۇپ، ئاستا-ئاستا ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئەتراپتىكى سۇ بېسىمى كىچىكلەپ، قاندىكى ئازوت گازىمۇ ئاستا-ئاستا بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن.
كارىت بۇ خىل ھېسسىياتنى جانلىق ئوخشىتىش ئارقىلىق سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەن: «بۇ خۇددى بىر قۇتا گازلىق سۇنى چايقىغانغا ئوخشاش، ئەگەر ئاغزىنى تىزلا ئاچسىڭىز، گازلىق سۇ تەركىبىدىكى كۆپۈكچىلەر ئېتىلىپ چىقىدۇ. لېكىن سىز ئېغىزنى ئاستا-ئاستا ئاچسىڭىز، گاز كۆپۈكچىسى ئۇنداق كۈچەپ ئېتىلىپ چىقمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى كارىۋاتتا تىنچ ياتىدۇ، كىتاب ئوقۇيدۇ ياكى باشقا ئىشلارنى قىلىدۇ، چۈنكى پۈتۈن بەدىنى قاتتىق ئاغرىيدۇ، بۇ ئاغرىق ئۇلارنىڭ ئۇزۇن بىر كۈنىنى ئۆتكۈزۈشىگە ھەمراھ بولىدۇ، تاكى بېسىم تولۇق ئەسلىگە كەلگەندە، ئاندىن ئاستا-ئاستا يوقايدۇ».
ئەمما، دېڭىز ئاستىدا ياشاش پەقەت بۇ يەرنىڭ بېسىمىنىلا ئەمەس، يەنە ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا پەيدا بولىدىغان دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. كارتنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ئالەم بوشلۇقى تېخىمۇ رېئاللىقتىن ھالقىغان بولسىمۇ، لېكىن ئالەم بوشلۇقىدا سىز دېرىزىدىن يەر شارىنى كۆرەلەيدىكەنسىز، ئۇنىڭ مەنزىرىسى مۇتلەق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن، لېكىن دېڭىز ئاستىدا تۇرۇش، بەلكىم تېخىمۇ تەلۋىلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
بىر قېتىم، كارىت بوتۇلكا يۇلتۇز تۈركۈمىدە بىر تۈرلۈك يىراق مۇساپىلىق داۋالاش تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، قولىدا ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق ئۈسكۈنە بار بولۇپ، خيۇستوندىكى دوختۇرلار بىلەن سىن ئارقىلىق كۆرۈشۈپ، سەپداشلىرىنىڭ سۈرىتىنى دەل ۋاقتىدا يەتكۈزگەن. ئەينى چاغدا ئۇ سەپداشلىرىنىڭ بۆرىكىنى ئىزدەش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولۇپ، بېشىنى كۆتۈرگەندە دېرىزە سىرتىدىن 1.8 مېتىر كېلىدىغان بازغان باشلىق لەھەڭنىڭ ئۈزۈپ ئۆتۈۋاتقانلىقىنى بايقىغان.
ئۇ قورققىنىدىن قاتتىق ۋارقىراپ، خيۇستوندىكى دوختۇرنىمۇ قورقۇتۇۋەتكەن، ئۇ ئېكران ئارقىلىق كارىتنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تۇيۇقسىز قاتتىق مىدىرلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى يېرىلىپ كەتكەن بۆرەكنى كۆرگەن ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالغان. نەتىجىدە ئۇ بىر لەھەڭنى كۆرۈپ قالغان. كارىت يەنە كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «سەن مەڭگۈ بۇ خىل مۇھىتقا ماسلىشالمايسەن. دېڭىز ئاستىدىكى خەتەر دائىم مۇشۇنداق ئويلىمىغان يەردىن چىقىدۇ».
لېكىن ئەڭ ئاۋارىچىلىق پائالىيەت بوتۇلكا ئىچىدىكى ۋاقىت ئەمەس، بەلكى سىرتقا چىقىپ ھاجەت قىلىش ئىكەن. كىچىك تەرەت قىلىش تېخى ئاددىي بولۇپ، ئۇلار بىۋاستە سۇ كۆلچىكىدە ھەل قىلسا بولىدىكەن. بىراق، چوڭ تەرەت قىلىش بەكلا مۇرەككەپ ئىكەن. كارىت كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىز ئۇ <ماددىلار>نىڭ سۇدا لەيلەپ يۈرۈشىنى خالىمىسىڭىز، چوقۇم باشقا جايغا بېرىشىڭىز كېرەك. بۇ يەر بولسا دەل بوتۇلكىنىڭ يېنىدىكى شىپاڭ».
ھاجەتخانىغا كىرىش ئۈچۈن، ئۇلار چوقۇم ياشاش ماكانىدىن ئايرىلىپ، چوڭقۇر سۇغا شۇڭغۇشى كېرەك ئىكەن. ئۈچ-تۆت مېتىر يىراقلىقتا بىر كىچىك يۇمىلاق شىپاڭدەك ئەسلىھە بار بولۇپ، ئىچىدە بوتۇلكىغا ئوخشاش ئازراق ھاۋا بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ «خۇسۇسىي ماكانى» دەل مۇشۇ يەر ئىكەن.
كارىت ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: «بوتۇلكا يۇلتۇز تۈركۈمىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سىز ئاتلانتىك ئوكياننىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا تۇرىسىز، ئەتراپتا ھېچنېمىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، تۆت ئەتراپ قاپقاراڭغۇ بولۇپ، ئادەم يۆنىلىشنى پەرق ئېتەلمەيدۇ، سىز دېڭىز-ئوكياندا يالغۇز لەيلەيسىز، يېنىڭىزدا پەقەت قاراڭغۇلۇق ۋە جىمجىتلىقلا بار. ئاندىن، ھېلىقى <شىپاڭ>نى كۆرۈپ، كۆڭلىڭىز يېنىكلەپ قالىدۇ. ئۈزۈپ بېرىپ، ئىچىگە كىرىپ، كىلاپاننى ئېچىپ، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالىسىز. ئاندىن، سۇ ئۈزۈش ئىشتىنىڭىزنى سېلىۋېتىپ، نېمە قىلغۇڭىز كەلسە شۇنى قىلسىڭىز بولىدۇ».
«لېكىن مەسىلە شۇكى بېلىقلارمۇ بۇ ئەھۋالغا كۆنۈپ قالدى. بۇ بىر توپ بېلىقلارمۇ ئىنسانلارنىڭ سۇغا چۆمۈلگەندە كۆپىنچىسىنىڭ تەرەت قىلغىلى كېلىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ».
«كەچ كىرگەندە، ئۇلار خۇددى كەچلىك تاماق قوڭغۇرىقىنى ئاڭلىغاندەك خۇددى بىر مەيدان <كاتتا زىياپەت>نى كۈتۈشۈپ يېتىپ كېلىدۇ». كارىت سۇغا چۈشكەندە ھەتتا بېلىق توپىنىڭ ئارقا تەرەپتىن ئۇنىڭ پۇتىنى چېقىۋالغانلىقىنى ھېس قىلىپ باققانلىقىنى ئېيتقان.
يەنە بىر قېتىم، كارىت بۇ ئىشنى ئەمدىلا قىلىپ بولۇپ كەتمەكچى بولغان، ئۇ نىقاب تاقاپ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، قول چىراغنى ياندۇرۇپ، چوڭقۇر سۇغا شۇڭغۇغان. دەل شۇ پەيتتە، توساتتىن بىر يوغان كۆز ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇرغان. ئۇ كۆزدىن بىر خىل كۈچلۈك بېسىم تۇيغۇسى چىقىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ زادىلا كۆزىنى چىمچىقلىتالمىغان. كارىت ئەينى چاغدا قاتتىق قورقۇپ كېتىپ، دەرھال بوتۇلكا يۇلتۇز تۈركۈمىگە قايتىپ كەلگەن، ياشاش ماكانىغا قايتىپ كەلگەندە، پۈتۈن ئەترەت ئەزالىرى ئۇنىڭ قىياپىتىدىن قورقۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنى لەھەڭ چىشلىۋالدى، دەپ ئويلىغان.
نەتىجىدە، ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىسا، ئەسلىدە ئۇ غايەت زور تاشپاقا ئىكەن. بۇ خىل تاشپاقىنىڭ جۇغى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ ئىغىرلىقى ھەتتا 554 كىلوگرامغا يېتىدىغان بولۇپ، ئېغىرلىقى ئۈچ بۇرجەك پىئانىنو بىلەن تەڭ دېگۈدەك كېلىدىكەن ئۇزۇنلۇقىمۇ 5.4 مېتىرغا يېتىدىكەن. ئۇلار دېڭىز ئاستىدا جىمجىت لەيلەپ يۈرىدىغان بولۇپ، قارىماققا مىدىرلىمايدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئىنسانلار ئۇلارغا يولۇققاندا، ھەقىقەتەن ھەيران قالىدىكەن.
لېكىن، بۇ قورقۇنچلۇق كەچۈرمىشلەردىن باشقا، چوڭقۇر دېڭىز تۇرمۇشىنىڭ ھەممىسىنى قورقۇنچلۇق دېيىشكىمۇ بولمايدىكەن. كارىتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چوڭقۇر دېڭىزدىكى گۈزەللىكمۇ ئوخشاشلا كىشىنى مەپتۇن قىلىدىكەن. ئۇنىڭ بوتۇلكا يۇلتۇز تۈركۈمىگە ماسلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بەدىنى ئاستا-ئاستا ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىمغا كۆنۈپ قالغان، ئادەتتىكى غەۋۋاسلار سۇ ئاستىدا پەقەت 60 مىنۇت تۇرالايدىغان بولۇپ، ئەمما بوتۇلكا يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى كىشىلەر ھازىر بار بولغان يۇقىرى بېسىمغا كۆنۈپ قالغاچقا، دېڭىز تېگىدە ئالتە سائەت، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق تۇرالايدىكەن. بىر قېتىم ئۇ كېچىدە بىر گۈزەل ھەم سۈزۈك راكنى بايقىغان. ئۇ راك قالپىقىنىڭ يورۇقىدا پۈتۈنلەي دېگۈدەك سۈزۈك كۆرۈنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئالدىراش ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدىكەن.
كارېت بۇ كۆرۈنۈشكە مەپتۇن بولۇپ، كۆزىنى ئۈزمەي ھېلىقى راكقا بىر سائەتكىچە كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇرغان، پۈتۈن جەرياندا ئۇ قىمىرلىماي تۇرغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: «شۇ ۋاقىتتا، ھەقىقەتەن ۋاقىت توختاپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. سۇ ئاستى دۇنياسى جىمجىت ۋە سىرلىق بولۇپ، بارلىق بېسىم، قورقۇنچ يوقالغاندەك، پەقەت راكلا دېڭىز ئاستىدا جىمجىت ئۈزۈپ يۈرەتتى. بۇنداق مەنزىرە بەلكىم دېڭىز ئاستى تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ گۈزەل بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن».
ھازىر كارىتنىڭ دېڭىز ئاستىدىن ئايرىلغىنىغا خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا سانسىزلىغان ئالىملار ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، دېڭىز ئاستىدا ئىزدىنىشنى داۋاملاشتۇرغان، گەرچە بۇ يەردە ئادەمنىڭ مېڭىسى تۇنجۇقۇپ قالغاندەك بولسىمۇ، لېكىن تەبىئەتنىڭ يەنىلا رومانتىكىلىقى بار ئىكەن.