ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندىن بۇيان نيۇيورك بىر ئاز غەلىتە بولۇپ قالدى، ئالدىنقى بىر مەزگىلدە پۈتۈن ئامېرىكىنى زىلزىلىگە سالغان بىرلەشمە ساغلاملىق باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنى قەستلەش ۋەقەسىنىڭ قالدۇق ئىشلىرى تېخى تۈگىمەي تۇرۇپلا، ھەر خىل تاسادىپىي جىنايەتلەر ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىپ، جەمئىيەتنى قالايمىقانچىلىققا پاتۇرۇپ قويدى. بىر ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، بىز نيۇيورك مېتروسىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق يامان خاراكتېرلىك ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى توغرىسىدىكى ئىشلار ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەنىدى.
شۇ ۋاقىتتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋاگوندا ئۇخلاۋاتقان بولۇپ، بىر ئەر تۇيۇقسىز كېلىپ ئۇنىڭ كىيىمىگە ئوت قويغان، بىر نەچچە سېكۇنت ئىچىدە ئوت لاۋۇلداپ كۆيگەن، قاتىل قېچىپ كەتمەستىن، ئەكسىچە ئۇدۇلدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، تەمكىنلىك بىلەن ئۆزىنىڭ «نادىر ئەسىرى»دىن ھۇزۇرلانغان.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ چىرايى كۆيۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئىش يۈز بېرىپ بىر ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ھەتتا سالاھىيىتىنىمۇ بېكىتكىلى بولمىغان. ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ساقچىلار ئاخىرى ئۇنىڭ 57 ياشلىق دېبراۋنا كام ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان.
(دېبرىنا كاۋامنىڭ ياش ۋاقتى)
قاتىل ئۇزۇن ئۆتمەي قولغا ئېلىنغان، دەرۋەقە قانۇنسىز كۆچمەن بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغان. ئۇ گۋاتېمالادىن بولۇپ، 2018-يىلىلا ئامېرىكىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان، كېيىن يەنە ئوغرىلىقچە چېگرىدىن ئۆتۈپ قايتىپ كەلگەن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ ئىزچىل زەھەر ۋە ھاراققا خۇمار بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈشتىكى سەۋەبىگە كەلسەك، ناھايىتى ئەپسۇسكى ئۇنىڭ ھېچقانداق سەۋەبى يوقكەن، ئىچى پۇشۇپ قاپتۇ دېسەك توغرا بولۇشى مۇمكىن. قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۇ ساقچىلارغا ئۆزىنىڭ «ھاراقنى كۆپ ئىچكەنلىكى»نى، نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مانا مۇشۇنداق ئەس-ھوشۇم جايىدا ئەمەس دېگەن باھانە بىلەن بىر جاننىڭ بېشىغا چىققان.
بۇ ئىش يۈز بېرىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن نيۇيورك مېتروسىدا يەنە بىر تاسادىپىي ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى يۈز بەرگەن. ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1:30 ئەتراپىدا، قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك چاپان كىيگەن بىر ئەر مېترو بېكىتىنىڭ چېتىدە تۇرۇپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يانفونىنى ئويناۋاتقانىدى.
ئۇ تازا ئېھتىيات قىلمىغاندا قالپاق كىيگەن بىر ئەر دەرھال ئۇنىڭ كەينىدىن چىقىپ، ئۇنى ۋوگزال سۇپىسىدىن ئىتتىرىۋەتكەن.
(كۆزىتىش كۆرۈنۈشى)
تەخمىنەن يېرىم سېكۇنتتىن كېيىن، مېترو ئۇچقاندەك ئۆتۈپ ئۇنى سوققان.
ئەسلىدە ۋوگزال سۇپىسىدىكى باشقا ئىككى يولۇچى بېلەتتىن قېچىپ كىرگەن بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ قورققىنىدىن دەرھال قېچىپ كەتكەن...
بەختكە يارىشا بۇ ئەرنى ئۇزۇن ئۆتمەي ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئېلىپ چىققان، ئۇ تېخى ھايات ئىكەن. بىر قىسىم نيۇيورك ئاھالىلىرى سۈرەتكە ئالغان سىن كۆرۈنۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ ئۈستىگە چىققاندىن كېيىنمۇ قولى ئازراق مىدىرلىغان، يارىسى ئويلىغاندەك ئېغىر ئەمەس ئىكەن.
ساقچى تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خەتەرلىك ھالدا مېترو بىلەن ئۇدۇل سوقۇلۇپ كېتىشتىن قۇتۇلۇپ، مېترونىڭ يېنىغا سوقۇلغان بولغاچقا تۆت تال قوۋۇرغىسى سۇنۇپ كەتكەن، تال سۆڭىكى سۇنۇپ كەتكەن، شۇنداقلا ئاخىرىدا ھايات قالغان. بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئىتتىرىۋەتكەن قاتىل مۇۋەپپەقىيەتلىك قولغا ئېلىنغان، ئۇ مېتروغا كىرگەندە كۆزىتىش ئاپپاراتى سۈرەتكە تارتىۋالغان، دېلو سادىر قىلغاندىن كېيىنمۇ يىراققا قاچمىغان، ئۇنى تۇتۇشنىڭ ھېچقانداق قىيىنلىق دەرىجىسى يوق ئىكەن.
بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى كامىل خاۋكىنس بولۇپ، بۇ يىل ئەمدىلا 23 ياشقا كىرگەن، لېكىن جىنايەت ئۆتكۈزۈش خاتىرىسى بىر قەدەر ئۇزۇن ياش ئىكەن.
2019-يىلى 6-ئايدىلا نيۇيوركتىكى بىر ساقچى ئۇنىڭ قىلمىشىنىڭ تەكشۈرۈلمىگەنلىكىنى بايقىغان (چەتئەل تاراتقۇلىرى ئۇنىڭ كونكرېت قانداق قىلىپ «تەكشۈرۈلمىگەنلىكى»نى ئاشكارىلىمىغان)، شۇنىڭ بىلەن ساقچىى ئالدىغا بېرىپ ئۇنى توسقان، ئويلىمىغان يەردىن خاۋكىنس ئۆزلىرىگە يېقىنلاشقان ساقچىلارنى يەرگە يىقىتىپ، ئۇلارنىڭ دۈمبىسىنى يارىلاندۇرغان. ئىشتىن كېيىن خاۋكىنىس ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن، لېكىن بەك ئۇزۇن تۇرمىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، چۈنكى «نيۇيورك پوچتا گېزىتى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2020-يىلى ئۇ يەنە بىر دېلو سادىر قىلغان (كونكرېت سەۋەبى ئېنىق ئەمەس) تەپتىش ئەمەلدارى ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا قويۇپ بېرىلگەن.
ۋاقىتنى ھېسابلىساق، 2019-يىلى خاۋكىنس ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان...
ئۇدا ئىككى قېتىم دېلو سادىر قىلىپ، ھازىرغىچە بەك ئېغىر جازاغا تارتىلمىغان، كېيىن تېخىمۇ ھەددىدىن زىيادە دېلو سادىر قىلىش ئۇنىڭ ئادىتى بولۇپ قالغان.
ئۇ قولغا ئېلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنە بىر ئايال ئوتتۇرىغا چىقىپ، خاۋكىنسنىڭ جىنايىتىنىڭ بۇلارلا ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلىغان، ئۇ يەنە بۇ ئايالنىڭ ئىزىغا چۈشكەن بولۇپ، ئايال ئىنتايىن قورقۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان، چۈنكى ئەسلىدە مېتروغا ئىتتىرىۋەتمەكچى بولغان ئادەمنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى خاۋكىنسنىڭ ئادەمنى خاتا تونۇپ قالغانلىقىنى دېگەن.
بۇ ئايال ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان، شۇڭا ئۇنى A دەپ تۇرايلى:
بىرۇكلىن ئىشقا ئورۇنلىشىش مەركىزىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، ئۇ ئىككىسى بىر نەچچە قېتىم ئۇچراشقان، لېكىن كېيىن ماس كەلمىگەندەك ھېس قىلىپ، داۋاملىق تەرەققىي قىلمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە 2024-يىلى يازدا خاۋكىنس تۇيۇقسىز سەۋەبسىزلا Aنىڭ ئىتىنى ئۇرغان، ئۇ ئۇنىڭ بىلەن پۈتۈنلەي ئالاقىنى ئۈزۈشنى قارار قىلغان. A ئۆيگە قايتقاندىىىن كېيىن خاۋكىنستىن: «سەن بايا مېنىڭ ئىتىمنى ئۇردۇڭمۇ؟» دەپ سورىغان. ئۇ: «شۇنداق، ئۇ بەك بېشىمنى ئاغرىتتى.» دېگەن.
A: «سەن ئۇنى ئۇرۇپ نېمە قىلىسەن؟ ئۇ مىنىڭ بالامغا ئوخشاش» دېگەن.
خاكېنس: «مەن ئۇنىڭغا قەستەن بۇنداق قىلمىدىم» دېگەن. خاۋكىنس مۇشۇنداق دەپ Aدىن ئايرىلماقچى بولغان، ئەمما ئۇ مۇشۇنداق ئويلىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىشتىن باش تارتمىغان.
10-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇ تۇيۇقسىز Aنىڭ ئىشىكى ئالدىدا پەيدا بولغان، يۈزىدە بولسا قار تېيىلىش نىقابى بار بولۇپ، ئۇ Aنىڭ ئىشىكىنى كۈچەپ تەپكەن.
(خاۋكنس)
كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە خاۋكنسنىڭ ھەددىدىن ئېشىش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، A ئاخىرى چىداپ تۇرالماي، ئۇدۇل خاۋكنسنىڭ دادىسىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ: «ئوغلىڭىزغا دەپ قويۇڭ، مېنى ئاۋارە قىلمىسۇن! ئۇ ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق! ئۇ يەنە ماڭا شەھۋانىي قىسقا ئۇچۇر يوللىدى!» دېگەن.
لېكىن خاۋكېنسنىڭ دادىسى ئېنىقلا بۇ ئىشنى ئانچە باشقۇرۇشنى خالىماي، پەقەت ئىشىكنى تاقاپ كارى بولمىغان.
خاۋكىنس تېخىمۇ تەلۋىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، A ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: «ئۇ مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئالدىدا، ۋىدېيودىكى ھېلىقى قار تېيىلىش نىقابىنى تاقىۋالغان ئىدى. ئۇ مەن ۋە دوستۇمغا ئاقارتقۇچ ئاتتى، بىر قانچىسى كۆزۈمگە كىرىپ كەتتى.»
10-ئاينىڭ 19-كۈنى خاۋكنسنىڭ پاراكەندىچىلىكى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن، شۇ كۈنى A يىگىتى بىلەن ئوينىغىلى چىقماقچى بولغاندا، ئۇ ھېلىقى قار تېيىلىش نىقابىنى تاقاپ يەنە كەلگەن. A مۇنداق دېگەن: «مەنمۇ قولۇمغا بىر پۈركۈگۈچ ئېلىپ ئۇنى يېقىن كەلمەسلىككە ئاگاھلاندۇردۇم، ئۇ بىر قۇتا ئىچىملىكنى ئېلىپ ماڭا قاراپ: يېنىڭدا ئوغۇل دوستۇڭ يوق، باشقا ئادەم يوق نېمە قىلساڭ ئاقمايدۇ، دېدى، ئاندىن مەن قولۇمدىكى پۈركۈگۈچنى ئۇنىڭغا چاچتىم، لېكىن ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىدى.»
A ئەينى ۋاقىتتا ساقچىغا مەلۇم قىلغان، خاۋكىنس نەق مەيداندا قولغا ئېلىنغان، لېكىن ئىككىنچى كۈنى قويۇپ بېرىلگەن. Aنىڭ كۆڭلى پاراكەندە بولغاچقا دەرھال 11-ئايدا ئۆي كۆچۈپ قېچىپ كەتكەن.
ئۇنىڭ دوستى مۇنداق دېگەن: «ئۇ ئوغرى مۈشۈكتەك تىمىسقىلاپ يۈرىدۇ، ئۇنىڭ نەدىلىكىنى، قاچان يېنىڭىزدا پەيدا بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمسز.» Aمۇ ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: «بىر قېتىم سەھەر سائەت ئىككى ئۈچتە، يىگىتىم بىلەن سىرتتا ئولتۇردۇق، نەتىجىدە ئۇنىڭ يېقىن ئەتراپتا مېڭىۋاتقانلىقىنى بايقىدۇق، بۇ ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش ئىدى. ئەسلىدە ئۆلتۈرۈلىدىغان ئادەم مەن بولۇشۇم مۇمكىن. كونىلاردا تەھدىت سىگنالىدىن ھوشيار بولۇڭ دېگەن گەپ بار، بەختكە يارىشا مەن ھوشيار بولدۇم. بەك ئازاپلىنىۋاتىمەن، ھېلىقى مېتروغا ئىتتىرىۋېتىلگەن ئادەمگە بىرەر ئىش بولۇپ قالمىسىكەن دەيمەن.»
ھەقىقەتەن چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىك، ئۇ Aنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپلا قالماي يەنە ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولۇشى، شۇڭا باشقا ئادەمنى خاتا تونۇپ قېلىپ مېتروغا ئىتتىرگەن بولۇشى مۇمكىن.
ئەڭ ئاخىرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئەھۋالى ئۈستىدە توختىلىمىز، ئەڭ يېڭى سوت خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، مېتروغا ئىتتىرىلگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىسمى جوسېف لىنسكى بولۇپ، بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن، ئۇ مۇزىكا جەھەتتە خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، ھازىر ساقچىلار بىلەن ھەمكارلىشىۋېتىپتۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە خاۋكنس بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، ئىككىسى قەتئىي تونۇشمايدىكەن.
نۇرغۇن نيۇيوركلۇقلارغا ئوخشاش، لىنسكى دائىم مېتروغا ئولتۇرۇپ، بۇ قېتىمقى ئادەم ئۆلتۈرۈرۈش دېلوسىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قالغان.
(لىنسكى)
بەختكە يارىشا، لىنىسكىنىڭ جېنى بەك چىڭ بولۇپ، ئۇ بەرداشلىق بېرەلىگەن ئىدى. ساقچىلارنىڭ ئەسلى سۆزى بولسا ئۇنىڭ يارىسى «خەتەرلىك لېكىن مۇقىم» بولۇپ، پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن. ئۇنىڭ بالدۇرراق دوختۇرخانىدىن چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئۇنىڭدىن باشقا خاۋكىنس قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئەمەلگە ئاشماسلىق ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك ھۇجۇم قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن، بۇ قېتىم قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئۇنى بوش قويۇۋەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز...