نامەلۇم تارىخىي سىرلار يوشۇرۇنغان مېتېئورىت ئازگاللىرى

文摘   2025-01-04 22:03   海南  

جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تورى يازمىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كانادادىكى داڭلىق نىكوگېن مېتېئورىت ئازگىلى

يەر شارى 4 مىليارد 500 مىليون يىللىق ئۇزاق تارىخىدا نەچچە يۈز قېتىم چوڭ تىپتىكى كىچىك سەييارىلەرنىڭ شىددەتلىك زەربىسىگە ئۇچرىدى، بۇ سوقۇلۇشلار يەر شارىدا چوڭقۇر «يارا ئىزلىرى»نى قالدۇردى، بۇلارنى ھازىرغىچە ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ، ئومۇمىي سانى ئاز دېگەندىمۇ 190غا يېتىدۇ.

لېكىن، يەر شارىنىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىغا بۆسۈپ كىرگەن ئالەم بوشلۇقى تاغ جىنسلىرىنىڭ ھەممىسى يەر يۈزىگە سوقۇلۇشى ناتايىن. ئۇنداقتا زادى قانداق كىچىك سەييارىلەر يەر شارىغا سوقۇلۇش ئىزىنى قالدۇرالايدۇ؟ ئۇنداقتا، قانداق سوقۇلۇش غايەت زور مېتېئورىت ئازگىلى پەيدا قىلالايدۇ؟

ئالدى بىلەن شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، يەر شارىنىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرگەن كۆپ ساندىكى ئالەم بوشلۇقى تاغ جىنسلىرى ئەمەلىيەتتە ئانچە چوڭ ئەمەس، دىيامېتىرى كۆپىنچە بىر مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ يەر شارىدىكى جانلىقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا خۇش خەۋەر، چۈنكى دىيامېتىرى 25 مېتىردىن كىچىك ئالەم بوشلۇقى تاغ جىنسلىرى يەر شارىنىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىدىن ئۆتكەندە ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك سۈركىلىش ھاۋا بوشلۇقىدا ئىسسىقلىق پەيدا قىلىدۇ، بۇ كۆيۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كۆيگەندىن كېيىن ئېشىپ قالغان ئالەم بوشلۇقى تاغ جىنسلىرى يەر يۈزىگە يېتىپ كەلگەندە ماھىيەتلىك زىيان پەيدا قىلالمايدۇ.

كۆپ ھاللاردا، يەر شارىنىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمى بىزنى ئالەم بوشلۇقىدىكى مېتېئورىتلارنىڭ سوقۇلۇشىدىن ساقلىيالايدۇ، لېكىن بەزى ئەھۋاللار بۇنىڭدىن مۇستەسنا.

2013-يىلى رۇسىيەنىڭ چېليابىنسكىدا يۈز بەرگەن مېتېئورىت ۋەقەسىنى مىسالغا ئالساق، دىيامېتىرى 17 مېتىر كېلىدىغان بىر مېتېئورىت تاش ھاۋا بوشلۇقىدا پارتلىغان، گەرچە زەربە دولقۇنى ئاھالىلەر تۇرالغۇسىنىڭ دېرىزىلىرىنى چېقىۋەتكەن، بىر قىسىم ئاھالىلەر يارىلانغان بولسىمۇ، لېكىن يەر يۈزىدە مېتېئورىت ئازگىلى شەكىللەنمىگەن، چۈنكى بۇ مېتېئورىت تاش ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرگەندىن كېيىن چاڭ-توزان ۋە ئۇششاق پارچىلارغا پارچىلىنىپ كەتكەن.

بىراق، 2014-يىلى 45-نۆۋەتلىك ئاي شارى ۋە سەييارىلەر ئىلمىي يىغىنى ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئالىملار چېليابىنسكىدىكى زىيانغا ئۇچرىغان تۇرالغۇ رايونى ئەتراپىدىكى بىر كۆلنىڭ ئاستىدا دىيامېتىرى 1.5 مېتىر كېلىدىغان بىر پارچە مېتېئورىت تاش ۋە بىر قىسىم كىچىك پارچىلار بايقىغان.

2013-يىلى 2-ئايدا دىيامېتىرى 17 مېتىر كېلىدىغان بىر مېتېئورىت تاش رۇسىيەنىڭ چېليابىنسكى شەھىرىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا پەيدا بولغان

ئەمما، يەر شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدە مەلۇم بولغان 190 دانە مېتېئورىت ئازگىلىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تارىختا ھەجىمى تېخىمۇ چوڭ بولغان بەزى كىچىك سەييارىلەر ئاتموسفېرا قاتلىمىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ يەر يۈزىگە سوقۇلغان. گەرچە بۇ خىل ۋەقە نىسبەتەن ئاز ئۇچرايدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق كۈچى زور ئىكەن. يەر شارى سوقۇلۇش سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، كۆپ ساندىكىلىرى (%32) شىمالىي ئامېرىكىدا ئىكەن، ئۇنىڭدىن قالسا ياۋروپا (%22) ۋە رۇسىيە (%16) ئىكەن.

يەر شارىدىكى ھازىر مەلۇم بولغان سوقۇلۇش ئازگاللىرى ئىچىدىكى 44 ئازگالنىڭ دىيامېتىرى 20 كىلومېتىردىن ئاشىدىكەن. تۆۋەندىكىلىرى ھازىرغا قەدەر بايقالغان قۇرۇقلۇق ياكى سۇ رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ئۈچ مېتېئورىت ئازگاللىرى:

فرېيدفورد مېتېئورىت ئازگىلى (Vredfort crater)

جەنۇبىي ئافرىقىغا جايلاشقان، يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ مېتېئورىت ئازگىلى بولۇپ، دىيامېتىرى 160 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، بەلكىم 2 مىليارد يىل ئىلگىرى دىيامېتىرى 10 كىلومېتىردىن 15 كىلومېتىرغىچە كېلىدىغان كىچىك سەييارىنىڭ سوقۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىن. بىر سەييارىنىڭ دىيامېتىرى 1000 مېتىردىن ئېشىپ كەتسە، ئۇ يەر شارى خاراكتېرلىك تەسىر پەيدا قىلىدۇ، بۇ قېتىمقى سوقۇلۇشنىڭ ئاپەت خاراكتېرلىك تەسىرىنىڭ دەرىجىسى دىنازاۋۇر نەسلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىچىك سەييارە بىلەن تەڭ بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ يەر شارىغا كەلگەن ۋاقتى يەنىلا دىنازاۋۇر دەۋرىدىن بۇرۇن.

شىكسلاب مېتېئورىت ئازگىلى (Chicxulb crater)

ئۇ مېكسىكىنىڭ يۇكاتان يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان، دىيامېتىرى 180 كىلومېتىر بولۇپ، 66 مىليون يىل ئىلگىرىكى دىيامېتىرى 12 كىلومېتىر كېلىدىغان كىچىك سەييارىنىڭ سوقۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن، لېكىن ئۇ سوقۇلغاندا يۇكاتان يېرىم ئارىلى تېيىز دېڭىزنىڭ ئاستىدا ئىدى. بۇ قېتىمقى سوقۇلۇش يەر شارىدىكى ئۇچالمايدىغان دىنازاۋۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان %75 تۈرنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ قېتىمقى سوقۇلۇشمۇ ئۇزۇن يىل داۋاملاشقان چاڭ-توزان بۇلۇتىنىڭ يەر شارىنى قاپلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، چاڭ-توزان بۇلۇتى قۇياش نۇرىنى توسۇپ ئوزۇقلۇق زەنجىرىنىڭ نورمال ھەرىكىتىگە ئېغىر كاشىلا قىلغان، ئۇچالمايدىغان دىنازاۋۇرلارنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ ھايات قالغانلىرى ئارقىدىنلا ئاچارچىلىق تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن.

سادبۇرى مېتېئورىت ئازگىلى (Sudbury crater)

كانادانىڭ ئونتارىئو ئۆلكىسىگە جايلاشقان سادبۇرى مېتېئورىت ئازگىلى يەر شارىدا ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمىي مېتېئورىت ئازگىلىنىڭ بىرى بولۇپ، كۆلىمى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇ تەخمىنەن 1 مىليارد 800 مىليون يىل ئىلگىرى شەكىللەنگەن. سوقۇلغان جىسىم بەلكىم غايەت زور قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ياكى كىچىك سەييارىنىڭ پارچىلىرى ۋە تاغ جىنسلىرىنىڭ ئارىلاشمىسى بولۇشى مۇمكىن. گەرچە بۇ ئازگالنى چىرىتىشنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن پەرق ئەتكىلى بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ رايوندىكى نىكېل، تۆمۈر كان قېزىشتا گۈللىنىش بارلىققا كەلگەن. ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە، كىشىلەرنىڭ ھازىر قېزىۋاتقىنى ماھىيەتتە كىچىك سەييارە سوقۇلغاندىن كېيىن قېپقالغان ماددىلار ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، يەر شارىنىڭ سوقۇلۇش سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، ئالەم بوشلۇقىدىكى تاغ جىنسلىرىنىڭ سوقۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن 44 ئەڭ چوڭ مېتېئورىت ئازگىلىنىڭ 39ى 10 مىليون يىل ئىلگىرى شەكىللەنگەن ئىكەن. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كاراكۇل مېتېئورىت ئازگىلى بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇپ، ئۇ تەخمىنەن 5 مىليون يىل ئىلگىرى شەكىللەنگەن ئىكەن.

جوداس مۇنداق دېگەن: «نۇرغۇن چوڭراق كىچىك سەييارىلەر ئىنتايىن قەدىمىي بولۇپ، ئۇلارنى قۇياش سىستېمىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. شۇ چاغدا ئالەم بوشلۇقىدىكى پارچە-پۇرات نەرسىلەر تەرەپ-تەرەپكە ئۇچۇپ سوقۇلۇش ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بەرگەن. ئەگەر بىز ئاي شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى مېتېئورىت ئازگىلىغا قارايدىغان بولساق، يەر شارىدا ئاتموسفېرا قاتلىمى ھەمدە دېڭىز-ئوكيان ۋە چىرىتىشنىڭ تەسىرى بولمىسا، يەر شارىنىڭمۇ ئاي شارىغا ئوخشاش مېتېئورىت ئازگىلى بىلەن تولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. شۇڭا، بىز يەر شارى تارىخىدا تېخىمۇ كۆپ، ھەتتا كۆلىمى تېخىمۇ چوڭ كىچىك سەييارىلەرنىڭ سوقۇلۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىگە ئىشىنىمىز، لېكىن بىز تېخى ئۇلار قالدۇرغان ئىزلارنى بايقىمىدۇق.»

رومانلار
ياۋايى ھەۋەس
جانغا زامىن ئايال ئالاھىدە خادىم
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز

تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章