ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
كورېيەلىكلەرگە 20 نەچچە يىل تەسىر كۆرسەتكەن بىر دېلو چوڭ نەتىجىگە ئېرىشتى: نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى دادىسىنى ئۆلتۈردى دەپ ئەيىبلەنگەن 47 ياشلىق كورېيەلىك ئايال كىم شىنھيې، 6-چېسلا قايتا سوت قىلىنغاندىن كېيىن، گۇناھسىز دەپ جاكارلىنىپ، قويۇپ بېرىلگەن. 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، كىم شىنھيې ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئادالەتكە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلغان، ھازىر ئاخىرى تەتۈر ئېشىشنى كۈتۈۋالدى، ئۇنىڭ ھاياتى ھەر خىل قىيىنچىلىقلار ۋە نۇرغۇن سىرلار بىلەن تولغان.
2000-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى كېچىدە كىم شىنھيې يېرىم كېچىدە ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئۆيىگە ماڭغان، ئۇ ئادەتتىكىگە ئوخشاش ۋانداۋدىكى بېلىقچىلىق كەنتىگە قايتىپ ئائىلىسىنى يوقلىماقچى بولغان. ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ناچار بولغاچقا، ئۇ بۇرۇنلا ئوقۇشتىن توختاپ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان، پەقەت ئاپىسىنىڭ دادىسى، ئىنىسى ۋە سىڭلىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈنلا سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن.
كىم شىنھيې ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغان. شۇ يىلى 7-مارت سەھەر سائەت بىردىن ئاشقاندا ۋانداۋدىكى بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ يېنىدا بىرەيلەن كىم شىنھيېنىڭ دادىسىنىڭ جەسىتىنى بايقىغان، كىم شىنھيېنىڭ دادىسى يول بويىدا يىقىلىپ قالغان، بەدىنىدە روشەن يارا ئىزى يوق بولۇپ، ئۇخلاپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا ھاياتلىق ئالامەتلىرى قالمىغان. ساقچى تەرەپ دەرھال تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان.
(دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيدان)
ساقچىلار دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ مۇنۇلارنى بايقىغان: كىم شىنھيېنىڭ دادىسىنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرتنىڭ قويۇقلۇقى %0.303 بولۇپ، بەدىنىدە يەنە كۆپ مىقداردا ئۇيقۇ دورىسى دوشىلامىن تەركىبى بايقالغان، ھېسابلىساق 30 تالدىن ئاشىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
(تەكشۈرۈش دوكلاتى)
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن كىم شىنھيې دادىسى ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي، كىم شىنھيېنىڭ تاغىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساقچى ئىدارىسىغا بېرىپ دېلو مەلۇم قىلىپ، كىم شىنھيېنىڭ دەل ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. توغرا، كىم شىنھيې ھەيرانلىق ۋە قايغۇدىن ئىنكاس قايتۇرۇشتىن بۇرۇن ساقچى ئىدارىسىدىكىلەر ئۇنى تۇتۇپ كەلگەن.
ساقچىلار مۇنداق دەپ قارىغان: كىم شىنھيې 30 نەچچە تال دوشىلامىننى ئېزىپ تالقان قىلىپ، دادىسى دائىم ئىچىدىغان چەت ئەل ھارىقىغا ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنى ئالداپ ئىچكۈزىۋەتكەن. دادىسىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، كىم شىنھيې يەنە ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىگە يېقىن جايغا بېرىپ، جەسەتنى تاشلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلغان. بۇنداق گۇمانلىنىشنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەب، بىرى كىم شىنھيېنىڭ تاغىسى ئىلگىرى ساقچىغا مەلۇم قىلىپ، كىم شىنھيې كىچىك ۋاقتىدا دادىسىنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان بولغاچقا ئۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلغانمىش.
ئىككىنچىدىن، ساقچىلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق كىم شىنھيېنىڭ دادىسى ئۆلۈشتىن بۇرۇن، كىم شىنھيېنىڭ نامىدا سەككىز تۈرلۈك سۇغۇرتا سېتىۋالغانلىقىنى بايقىغان.
(ئاتالمىش سەككىز تۈرلۈك سۇغۇرتا)
ساقچىلار كىم شىنھيېنىڭ دادىسىنى ئۆلتۈرەشىدە ئىككى مەقسىتى بار دەپ گۇمانلانغان: بىرى، دادىسى قازا قىلغاندىن كېيىن سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش، يەنە بىرى، ئۆزى ۋە سىڭلىسىنىڭ ئەينى چاغدا ئۇچرىغان زىيانكەشلىكىدىن ئۆچ ئېلىش ئىكەن. ئارقىدىن، ساقچىلار كىم شىنھيېنى بىر قاتار سوراق قىلغان، ئېرىشكەن نەتىجىمۇ ئۇلارنىڭ «يەكۈنى»نى دەلىللىگەن. كىم شىنھيې دادىسىغا ئۇيقۇ دورىسى بەرگەنلىكىنى ۋە ھاراق ئىچكۈزگەنلىكىنى «ئېتىراپ» قىلغان. قارىغاندا، دېلو مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل بولغاندەك قىلىدۇ.
كىم شىنھيې دادىسىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى ئالدىن پىلانلانغان، مۇددىئاسى بار، ئىقرار قىلىدىغان سۆزى بار بولۇپ، دېلونى مۇكەممەل پاش بولدى دېيىشكە بولىدىكەن.
ئەمما بىردىنبىر نامۇۋاپىق يېرى شۇكى، سوتقا چىققاندىن كېيىن كىم شىنھيې نەق مەيداندىلا ھەممە گېپىدىن يېنىۋالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن دادىسىنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىدە بولۇپ باقمىغانلىقىنى، ئىلگىرى ساقچى تەرەپنىڭ ئالدىدا پەقەت تاغىسى ئۇنى جىنايىتىنى ئىقرار قىلىشقا بۇيرىغانلىقى ئۈچۈن «ھەقىقىي قاتىل» كىم كىم شىنھيېنىڭ ئىنىسىنى قوغداۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
(ھۆججەتلىك فىلىم: كىم شىنھيې ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى)
بۇ يەرگە كەلگەندە دېلو ئەھۋالى لوشېڭمېن قوۋۇقىغا پېتىپ قالىدۇ. كىم شىنھيېنىڭ دادىسىنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي، تاغىسى كىم نوبۇ كىم شىنھيېنى تېپىپ، ئۇنىڭدىن ساقچى ئىدارىسىغا بېرىپ جىنايىتىنى ئىقرار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. كىم شىنھيېنىڭ ئىنىسى ئىككى ئاچىسىنىڭ «كىم بوۋاينىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان قىساسى»نى ئېلىش ئۈچۈن، دادىسىنىڭ ھارىقىغا دورا سېلىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئىنىسىغا بۇ ئىشلارنى يوشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن، كىم شىنھيې چوقۇم ئۆزىنىڭ قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك ئىكەن.
ئىنىسىنىڭ بۇ ئىككى ئاچىسىنىڭ دادىسىنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىدىكى سەۋەب، تاغىسى ئىلگىرى ئىنىسىغا بۇ قورقۇنچلۇق «ئۆتمۈش»نى ئاستىرتىن سۆزلەپ بەرگەنلىكىدە ئىكەن.
كېيىن كىم شىنھيې ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسى بۇ ئىشنىڭ باش-ئايىغىنى بىلگەندىن كېيىن قاتتىق پۇشايمان قىلغان، كىم شىنھيې ئېتىراپ قىلىپ: «مەن پەقەت ئىنىم ئۈچۈن تۈرمىدە يېتىشنى خالايمەن، لېكىن دادامنى ئۆلتۈرگەنلىكىمنى مەڭگۈ ئېتىراپ قىلمايمەن» دېگەن.
بىراق، تاغىسى ئىشتىن كېيىن قەتئىي تېنىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن بۇنداق گەپ ئۆگىتىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان.
گەرچە دېلودا نۇرغۇن گۇمانلىق نۇقتىلار بولسىمۇ 2001-يىلى 3-ئايدا، سوت يەنىلا «كىم شىنھيېنىڭ ئاقلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك دەلىل-ئىسپات يوق» دېگەن سەۋەب بىلەن، ئۇنىڭ دادىسىنى ئۆلتۈرگەنلىك جىنايىتىنى بېكىتىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان!
شۇنداق قىلىپ، «كىم شىنھيېنىڭ دادىسىنى ئۆلتۈرۈش دېلوسى» پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالغان، ئۇ ئۆزىمۇ ھەممە ئادەم بىلىدىغان «دادىسىنى ئۆلتۈرگەن قىز»غا ئايلانغان، ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك قىساس ئېلىش ھېكايىسىمۇ تاراتقۇلاردا قايتا-قايتا ئېلان قىلىنغان، ئامما بۇنىڭ ئۈچۈن توختىماي تالاش-تارتىش قىلغان.
شۇنىڭدىن كېيىنكى ئون نەچچە يىلدا، كىم شىنھيې ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئادالەتنى ياقلىماقچى بولغان، لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنمىغان. 2014-يىلىغا كەلگەندە بىر ئادۋوكات تۈرمىگە بېرىپ زىيارەت قىلغان، كىم شىنھيې توغرىسىدىكى بايانلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دېلو ئەھۋالىدا يەنە بىر قېتىم چوڭ ئۆزگىرىش بولغان:
كىم شىنھيېنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، كۆپ يىللار ئىلگىرى، ئۇ ساقچىلارنىڭ قىستاپ ئىقرار قىلىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئاندىن «جىنايىتى»نى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. كىم شىنھيېنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا ساقچىلار ئاختۇرۇش بۇيرۇقى يوق ئەھۋالدا ئۇنىڭ ئۆيىگە مەجبۇرىي بۆسۈپ كىرگەن، يەنە ئۇنى ئۇرغان، ئۇنى ئىقرارغا بارماق ئىزىنى بېسىشقا مەجبۇرلىغان. ئۇ باشتىن-ئاخىر دورا سېلىپ دادىسىنى ئۆلتۈرۈپ باقمىغانلىقىدا چىڭ تۇرغان.
كورېيە SBS تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىمۇ 2018-يىلى بۇ دېلونى تەكشۈرۈش ھۆججەتلىك فىلىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ دېلونى باشتىن-ئاخىر رەتلەپ چىققان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ھالقىلىق بۆسۈش نۇقتىسى:
ئەگەر كىم شىنھيې «ئۆلتۈرۈلمىگەن» بولسا، ئۇنداقتا كىم شىنھيېنىڭ دادىسىنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدىكى بىر قاتار دەلىللەرمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. بولۇپمۇ SBS يەنە ئاتالمىش كىم شىنھيېنىڭ دادىسىغا سېتىۋالغان سەككىز خىل سۇغۇرتىنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ تۈرنىڭ توختامنى بىكار قىلغانلىقىنى بايقالغان.
ئۇنىڭ ئۈستىگە كىم شىنھيې ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ھەتتا تىرىك دادىسىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان، ئۇنداقتا ئۇ قانداقمۇ «دورا سېلىپ دادىسىنى ئۆلتۈرمەكچى» دېگەن يەكۈننى چىقارغىلى بولىدۇ.
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئادۋوكات ۋە SBSنىڭ تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە: قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، بوھتان چاپلاش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ساقچىلارنىڭ زورلۇق بىلەن قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇشى ھەممىسى كىم شىنھيېغا پايدىسىز بولغان.
(ناھەقچىلىقنى ياقلايدىغان تەشكىلات)
بىراق، بۇ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك دەلىل-ئىسپاتلار يەنىلا كىم شىنھيېنىڭ جىنايىتىدىن دەرھال قۇتۇلىشىغا ياردەم بېرەلمەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كورېيەدىكى ئەلئارا تەشكىلات ۋە ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ئۇزۇن يىللىق ناھەق دەۋاسىنى باشلىغان، بىر نەچچە يىل ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى دېلونى قايتا سوت قىلىش مەقسىتىگە يەتكەن. بۇ يىل 1-ئاينىڭ 6-كۈنى گۇاڭجۇ يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ خەينەن شۆبىسى قايتا سوت قىلىپ، بارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئىشلار ئېنىق بولغان.
سودىيە ساقچىلار ئالغان ئىقرارنامىنى كىم شىنھيېنىڭ دادىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات قىلىشقا يەتمەيدۇ، دەپ بېكىتكەن، سودىيە مۇنداق دېگەن: «كىم شىنھيې باشقا غەرەزلەردە يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ ئىقرارلارنى ئىسپات قىلغىلى بولمايدۇ.»
كىم شىنھيېنىڭ دادىسىنىڭ ئەينى يىلى قىزىنىڭ «دورا سېلىش» سەۋەبىدىن ئۆلگەن-ئۆلمىگەنلىكىگە كەلسەك، سوتچىمۇ بۇ ئىككىسىنىڭ سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارىغان: «جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆلگۈچىنىڭ ئاشقازىنىدا پاراشوكسىمان ياكى كۇمىلاچسىمان دورا، شۇنداقلا دورىنى زىيادە كۆپ ئىچىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن، قاندىكى ئىسپىرت قويۇقلۇقىنىڭ %0.303 بولۇشىغا كەلسەك، ئۇنى ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب دەپ قاراشقا بولمايدۇ.»
ئاخىرىدا، سوت دەلىل-ئىسپاتنىڭ يېتەرسىزلىكىنى باھانە قىلىپ، 24 يىل تۈرمىدە ياتقان كىم شىنھيېنى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بەرگەن. ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن كىم شىنھيې چاڭشىڭ تۈرمىسىدىن چىققان، ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسى مۇرەككەپ بولۇپ، قايغۇسى بىراقلا چىرايىغا چىقىپ كەتكەنىدى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «گەرچە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاشقا ئۇزۇن ۋاقىت كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلىغىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت!»
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە قازا قىلغان دادىسىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «ئىزچىل ئازابلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن دادامنى ياخشى قوغدىيالمىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خىجىلمەن. لېكىن مەن قىزى بولۇش بۇرچۇمنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن نومۇس قىلمايمەن.»
بۇ «ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەنلىك دېلوسى» چوڭ نەتىجىنىڭ يۈز بېرىشىنى كۈتۈۋالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم سىرلار يەنىلا يېشىلمىگەن. يېقىن كەلگۈسىدە بارلىق ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز...