ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
كۆپچىلىك سىرتقا چىققاندا ئاممىۋى ھاجەتخانىغا كىرىپ، ئاممىۋى ھاجەتخانىدىكى تازىلىق قەغىزىنى ئىشلىتىپ باققانمۇ؟ لېكىن سىز بۇ تازىلىق قەغىزىگە «كۈتۈلمىگەن كېسەللىكلەرنىڭ» يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
يېقىندا مېزېر ئىسىملىك ئەنگلىيەلىك ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلەر دوختۇرى ئالاقە تورىدا بىر ۋىدېيونى ئېلان قىلىپ، كىشىلەرگە ئاممىۋى ھاجەتخانىدىكى قەغەزنى ئىشلەتكەندە ئېھتىيات قىلىشنى ئاگاھلاندۇرغان.
ۋىدېيودا ئۇ كۆپچىلىكنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ تازىلىق قەغىزىنى ئىشلەتكەندە بۇنىڭ ئىچىدىكى يوشۇرۇن خەتەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك!»
بۇ ۋىدېيو 2024-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، قىسقىغىنە بىر نەچچە كۈندە ئىككى مىليون قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلگەن! ۋىدېيودا مېزېر بىر يۆگەم سىزىلغان ۋە قان ئىزى بار تازىلىق قەغىزىنى تورداشلارغا كۆرسەتكەن ھەمدە مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىز ئاممىۋى ھاجەتخانىدا بۇنداق غەلىتە سىزىلغان ئىزلار ۋە قان داغلىرى بار تازىلىق قەغىزىنى بايقىسىڭىز، ھەرگىز بۇ قەغەزنى ئىشلىتىپ سىناپ كۆرمەڭ. يەنە دەرھال بۇ تازىلىق ئۆيىدىن چىقىپ كېتىڭ، ھەرگىز ئىككىلەنمەڭ!»
بۇ دوختۇر يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنىدىغان ئىزلار ۋېناغا زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرغان زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ بۇ قەغەز بىلەن يىڭنىسىنى تازىلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.»
مېزېرنىڭ ئېيتىشىچە، ۋېناغا زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرىدىغان بەزى كىشىلەر تەرەت قەغىزى قاتارلىق بۇيۇملار بىلەن يىڭنىنى سۈرتىدىكەن، بۇنداق بولغاندا ئۇلار يىڭنىنى يەنە قايتا ئىشلەتكىلى بولىدۇ دەپ قارايدىكەن.
لېكىن مەسىلە شۇكى، تازىلىق قەغىزى ھەرگىز دېزىنفېكسىيە قىلىش رولىنى ئوينىيالمايدۇ! ئەكسىچە، ئۇ يىڭنىنى تېخىمۇ كۆپ باكتېرىيە ۋە بۇلغىمىلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇشى مۇمكىن؛ بۇ يىڭنە ئىشلەتكۈچىلەرگە خەتەر ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە ئاممىۋى ھاجەتخانىدىكى باشقا ئىشلەتكۈچىلەرنىمۇ كېسەللىك باكتېرىيەلىرى كىرىزىسى ئىچىدە قالدۇرۇشى مۇمكىن!
بۇنداق ھاجەتخانىغا كىرگەندە قېپقالغان قان ئىزىدا ئەيدىز ۋىرۇسى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بولۇشى مۇمكىن! دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ۋىرۇس ئاددىي سۈرتۈش بىلەنلا يوقاپ كەتمەيدۇ.
دوختۇر مېزېر يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بەزى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر تېببىي خادىملار تېخى قۇرۇپ كەتمىگەن بۇ قانلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشسا، جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى ئۈچتىن بىر قىسىمغا يېتىدىكەن، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ خەتىرىمۇ تۆۋەن ئەمەس بولۇپ، تەخمىنەن%3كە يېتىدىكەن!
بىراق، مېزېر يەنە كۆپچىلىككە تەسەللى بېرىپ، بۇ ۋىرۇسلارنىڭ ھاۋادا ياشاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭدىن باشقا قان قۇرۇغاندىن كېيىن تارقىلىش خەۋپىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.»
گەرچە ئىستاتىستىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى كىچىك بولسىمۇ، مۇتەخەسسىسلەر يەنىلا كىشىلەرنى بىپەرۋالىق قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرىدۇ. بولۇپمۇ B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىغاندا ئاسان يۇقۇش خۇسىسىيىتىگە ئىگە.
ۋىدېيودانىڭ ئاخىرىدا مېزېر كۆپچىلىككە ئاممىۋى ھاجەتخانىغا كىرگەندە چوقۇم دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتتى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO)نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇشچانلىقى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن 50 ھەسسىدىن 100 ھەسسىگىچە يۇقىرى بولۇپ، بەدەن سىرتىدا يەتتە كۈن ياشىيالايدىكەن، بۇ سانلىق مەلۇمات قارىماققا كۆزگە چېلىقمايدىغان قان ئىزىدا قاتمۇقات خەتەر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ!
ۋىدېيو ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، كۆرۈلۈش قېتىم سانى شىددەت بىلەن ئېشىپ كەتتى. ئىنكاس رايونىدا تورداشلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«مەن ئەزەلدىن بۇنىڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ باقماپتىمەنكەن، ئەمدى مەندە يېڭى قورقۇنچ پەيدا بولدى!»
«كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە ئوخشاش، مەنمۇ ئامالسىز قالغان ئەھۋالدا ئاممىۋى ھاجەتخانىنى ئىشلىتىمەن. بۇ ۋاقىتتا، مەن ئامال بار بەدىنىمنىڭ ھەرقانداق نەرسە بىلەن ئۇچرىشىشىدىن ساقلىنىمەن، ئەگەر مۇمكىن بولسا، ئىشىكنى ئىچىپ-يېپىش قاتارلىق كۆپ قىسىم مەشغۇلاتلارنى پۇت بىلەن تاماملايمەن!»
بۇ ئادەملەر ھاجەتخانىدىكى بىر ئورام قەغەزنى بىراقلا يىڭنە سۈرتۈشكە ئىشلىتەمدىغاندۇ؟ ئەجەبا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىر ئورام قەغەزنى ئىسراپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ ئۇلار كىچىك بىر پارچە قەغەزنى يىرتىپ ئېلىپ ئىشلەتسىمۇ بولاتتىغۇ؟»
«مەن پەقەت ئاشخانا ياكى سودا ساراي قاتارلىق جايلاردىكى ئاممىۋى ھاجەتخانىغا بارىمەن.»
بىر تورداش چاقچاق قىلىپ مۇنداق دېدى: «قان ئىزىدىن باشقا يەنە قەغەز ئۈستىدە چوڭ قوڭۇر، سېرىق رەڭلىك ئىز بار يوقلىقىغا دېققەت قىلىش كېرەك.»
يەنە بىر تورداش مۇنداق دېدى: «ھېلىمۇ ئېسىمدە، كۆپ يىللار ئىلگىرى، قورسىقىمنىڭ قاتتىق ئاغرىغىنى ئۈچۈن، ماشىنا بىلەن ئاتايىن 20 مىل يىراقلىقتىن ئۆيگە قايتىم، بۇنداق قىلىشىم پەقەت ئۆيدىكى ھاجەتخانىغا كىرىش ئۈچۈنلا ئىدى. مەن جىددىي بولۇپ قالمىسىلا ئاممىۋى ھاجەتخانىغا بارمايمەن، بارساممۇ چوڭ تىپتىكى دەم ئېلىش پونكىتلىرىدىكى ئاممىۋى ھاجەتخانىغا بېرىشىم مۇمكىن.»
يەنە بىر تورداش كىشىلەرگە مۇنداق تەكلىپ بەردى: «ئېسىڭىزدە بولسۇن، بۇنىڭدىن كېيىن سىرتقا چىققاندا تازىلىق قەغىزى ئېلىۋېلىڭ!»
بىراق، بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل ئەھۋال كۆپ كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى. چۈنكى زەھەر چېكىدىغان تەجرىبىلىك كىشىلەر بۇنداق ئۇسۇل بىلەن قەغەز يىڭنىنى ئىيتسا، يىڭنىنىڭ ئۇچى گاللىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئۇنى ئىككىنچى قېتىم ئىشلەتكەندە ئىنتايىن ئازابلىنىدىغانلىقىنى بىلىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، بۇ خىل ھادىسە ئەڭ بۇرۇن 2019-يىلى ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئەينى چاغدا بىر تورداش توردا بىر پارچە قان دېغى بار تازىلىق قەغىزىنىڭ سۈرەتنى ھەمبەھىرلىگەن ۋە بۇ سۈرەتكە مۇنداق مەزمۇننى قوشۇپ قويغان: «تەخمىنەن ئالتە ئاي ئىلگىرى مەن بىر قېتىملىق HAZWOP ئاممىۋى تازىلىق دەرسىگە قاتناشقان ئىدىم، شۇنىڭدىن كېيىن، مەن ھەر قېتىم ئاممىۋى ھاجەتخانىدا قەغەز ئىشلىتىشتىن بۇرۇن بىر قېتىم تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىقىدىغان بولدۇم. ئەينى ۋاقىتتا مۇئەللىم بىزگە زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئاممىۋى تازىلىق ئۆيىدىكى قەغەز ئارقىلىق يىڭنىسىدىكى قان ئىزىنى تازىلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.»
HAZWOP بولسا «خەتەرلىك تاشلاندۇق مەشغۇلات پىلانى»نى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئامېرىكا كەسپىي بىخەتەرلىك ۋە ساغلاملىق باشقۇرۇش ئىدارىسى تۈزگەن بىر يۈرۈش مەشغۇلات قوللانمىسى.
ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ۋىدېئوغا قايتىپ كەلسەك، مۇنداق بىر مەسىلە كېلىپ چىققان، يەنى ئاممىۋى ھاجەتخانىدىكى قەغەزنى زادى يەنە ئىشلەتكىلى بولامدۇ-يوق؟ كۆپچىلىك بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشى كېرەك؟
بۇنىڭغا قارىتا، دوختۇر مېزېر مۇنداق بىر قانچە كىچىك تەكلىپلەرنى بەردى:
بىرىنچى، ھاجەتخانىغا كىرگەندە ئەڭ ياخشىسى تازىلىق قەغىزىدە يۇقىرىقى سىزىلغان ئىزلار ياكى قان داغلىرى بار-يوقلۇقىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك. گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان ھامان، ھەرگىز ئىشلەتمەسلىك كېرەك!
ئىككىنچىدىن، بىخەتەر بولۇش ئۈچۈن، قەغەز ئېلىپ يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، بۇنداق بولغاندا زۆرۈر بولمىغان خەۋپ-خەتەردىن ئۈزۈل-كېسىل ساقلانغىلى بولىدۇ.
دوختۇر مېزېر يەنە كۆپچىلىككە تەسەللى بېرىپ مۇنداق دېگەن: «كۆپ ساندىكى زەھەر چەككۈچىلەر ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىشنى تاللىمايدۇ، چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ يىڭنىسىنى گاللاشتۇرۇپ، ئىشلىتىش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر نۇرغۇن ھەقسىز يىڭنە ئالماشتۇرۇش تۈرلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ پاكىز يىڭنىگە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرەلەيدىكەن.»
لېكىن ئەمدى كۆپچىلىكنىڭ ئاممىۋى ھاجەتخانىغا خاتىرجەم كىرەلەيدىغان بولۇشى ناتايىن، بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، كېلەر قېتىم ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنى ئىشلەتكەندە، ئازراق دەككە-دۈككىدە بولۇشى مۇمكىن.