تور چولپىنى ئۆزىنىڭ «تۇتقۇن قىلىنغانلىقى»نى ئېيتىپ پۇل سورىدى

文摘   2025-01-08 21:47   海南  

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئالاقە تورىدا تۇيۇقسىز نۇرغۇن تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان بىر ئىش بولغان.  يەنى بىرەيلەن: «مەن ۋىكىي، مەن تۇتقۇن قىلدىم. ئۇ ھازىر مەن بىلەن نىگېرىيەدە. مەن بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولسا ئاندىن ئۇنى قويۇپ بېرىلىمەن.» دېگەن.

ئۇزاق ئۆتمەي، ئالاقە تورىدا ئۆزىنىڭ  ۋىكىينىڭ دوستى دەپ ئاتىۋالغان بىر كىشى ئاشكارىلاپ مۇنداق دېگەن: «دوستۇم ۋىكىي نىگېرىيەدە بىر ئەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى. ئۇ بۈگۈن ئەتىگەن ماڭا ئۇچۇر كەلدى، ئۇلار بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم تەلەپ قىلدى. ئەگەر بىرەرسى ياردەم قىلالىسا، مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار، بۇ چاقچاق ئەمەس، مەن ئاللىقاچان ساقچىغا مەلۇم قىلدىم.»

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ۋىكىي بىلەن پاراڭلاشقاندىكى كەسمە سۈرەتنى قوشۇپ قويغان بولۇپ، پاراڭلىشىش خاتىرىسى تۆۋەن

«مەن قانداق قىلمەن؟ مەن بۇ يەرنى ياقتۇرمايمەن (نىگېرىيەنى).» دېگەندەك گەپلەر بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋىكىينىڭ ئالاقە تورىدا ئىپادىلىگەن بىر قاتار كەيپىيات ئۆزگىرىشىمۇ كىشىگە بىنورماللىقنى ھېس قىلدۇرىدۇ. نىگېرىيەگە يېڭى كەلگەن چاغدا ئۇ: «مەن نىگېرىيەنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن.

بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن:

«مېنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم ئامېرىكا، مەن بۇ يەرنى ياقتۇرمايمەن، ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنىڭ ئامېرىكىغا قايتقۇم بار» دېگەندەك گەپلەرنى قىلغان.

بۇ تۇتقۇن قىلىنغان ۋىكىي داڭلىق تور چولپىنى، 2017-يىلىلا نام چىقارغان، ھازىر ئالاقە تورىدا 3 مىليون 700 مىڭ مەستانىسى بار، يەنە بىر ئالاقە تورىدا بىر مىليون 200 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بار. تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەسكى، ئۇنىڭ بۇ تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەنلا دەرھال نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان، لېكىن ناھايىتى قىزىقارلىق يېرى شۇكى، تورداشلارنىڭ پوزىتسىيەسى ئومۇميۈزلۈك مەسخىرە قىلىش بىلەن بولغان، ئلار مۇنداق دېيىشكەن:

«پەرىزىمچە تۇتقۇن قىلىشنىڭ ھېچقانداق خاتالىقى يوق، شۇڭا راست بولسا تېخى ياخشى.»

«تۇتقۇن قىلدىڭلارما؟ ياخشى بوپتۇ قويۇپ بەرمەڭلار ئادەم سىلەرگە قالسۇن!»

«بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى ھازىرچە يوق، ئادەمنى ئىشلىتىپ تۇرۇڭلار!»

«پۈتۈن دۇنيادا شۇنچە كۆپ ئادەم تۇرسا، ئۇ قانداقسىگە ۋىكىينى تۇتقاندۇ؟»

«ئەگەر ئۇلار ئۇنى قويۇەتمەيدىغان ئىشىڭلار بولسا مەن بولدى بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى چىقىراي.»

ھەقىقەتەنمۇ بۇ تورداشلارنىڭ ئۇنىڭغا بۇنچە ئۆچ بولۇپ كېتىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، چۈنكى بۇ ۋىكىي پۈتۈنلەي قارا-قىزىل يولدا ماڭغان.

ئۇ 17 يېشىدا تاماشا ساھەسىگە قەدەم قويغاندا (2017-يىلى)، ھەر خىل ئالقىشلىق كىنولار سەۋەبلىك ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ باش بېتىدە ھەر خىل بايلىقلىرىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان مەزمۇنلار بار ئىدى، مەسىلەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغىنى شۇكى، ئۇ بىر باغلام پۇلنى كۆتۈرۈپ، كامېراغا قاراپ ۋارقىراپ-جارقىراپ ھەر خىل مەينەت گەپلەرنى قىلغان. ئۇ 18 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا مۇشۇنداق قىلغان.

يەنە مەسىلەن، ئۇ ئالقىشلانغانلىقىنى پەش قىلىپ ھەر خىل سورۇنلاردا ئۆزىنى «قارا تەنلىكلەرنىڭ پەخرى» دەپ جار سالغان، شۇنداقلا قارا تەنلىكلەردەك ياسانغان...

ئەتەي قارا تەنلىكلەرچە ياسىنىپ ئۇلارنىڭ تىلىدا گەپ قىلغان.

(ئۇنىڭ قارا تەنلىككە ئايلانغاندىكى تۇرقى)

لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئىشى ھەقىقىي قارا تەنلىكلەرنى غەزەپلەندۈرگەن، چۈنكى ئۇ ئۇلارنىڭ تىلىغا ھاقارەت قىلغان. ئاشكارا سورۇنلاردا ھەرخىل تېتىقسىزلىقلارنى قىلغاندىن كېيىن مەن ۋىكى دېمەي بەلكى مەن قارا تەنلىك دېگەن.

لېكىن، ھەر قايسى تاراتقۇلار ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاق تەنلىك ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا ئاتلانتادىكى بىر ئوتتۇرا يۇقىرى تەبىقىدىكى ئائىلىدە چوڭ بولغان، دادىسى ئۆي-مۈلۈك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان، يەنە بىر ئاچىسى بار بولۇپ سەنئەت شۆيۈەنىدە ئىكەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مودا كىيىم لايىھىلىگۈچىسى بولغان، ئاچىسىنىڭ يەنە ئۆزىنىڭ ماركىسى بار...

ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋىكىينىڭ ھەقىقىي ئىسمى ۋىكىي ئەمەس، بەلكى ۋىكتورىيە ۋالدىرىپ، قويۇق ئامېرىكا پۇرىقىغا ئىگە ئىسىم، ئافرىقىلىقلارنىڭ ئىسمى بىلەن قىلچە يېقىن كېلىشمەيدۇ.  ئەگەر ئۇ قەستەن گىرىم ئارقىلىق قارا تەنلىك بولىۋالمىسىلا تىپىك ئاق تەنلىك.

(ۋىكىينىڭ نورمال ئاق تەنلىك سۈرەتلىرى)

شۇڭا كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكى كۆپ، بولۇپمۇ قارا تەنلىكلەر ئۇنى ئىنتايىن ئۆچ كۆرىدۇ. ئەينى يىلى مىليونلىغان كىشىلەر ئۇنىڭغا مەخسۇس ۋىدېيو ئىشلەپ: «ۋىكىي رەڭ قارىغۇسى، ئۇ ئۆزىنىڭ تېرىسىنىڭ رەڭگىنى تونۇماي قارا تەنلىك بولىۋالىدۇ.» دېگەن.

تاراتقۇلار يەنە ۋىكىي ئۆزى تارتقان بىر ۋىدېيونى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇ ۋىدېيودا قويۇق قارا تەنلىكلەر تەلەپپۇزىدا مۇنداق دېگەن: «تولا سۆزلەپ زېرىكىپ كەتتىم، مەن قارا تەنلىك، تولا بېشىمنى ئاغرىتماڭلار مەن يۈزدە يۈز قارا تەنلىك.» بۇ گەپ بىلەن ئۇنىڭ سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇمغا ئوخشاش ئاپئاق تېرىسى نامايان بولۇپ، پۈتۈن سىن كۆرۈنۈشى ناھايىتى بىمەنە بولۇپ قالغان.

تېخىمۇ كۈلكىلىك يېرى شۇكى، بۇ ئالاقە ۋاسىتىچىسى ئۇزۇن ئۆتمەي ۋىكىينىڭ بىر قىسىم ۋىدېيوسىنى بايقىغان، ۋىدېيودا ئۇ ئۆزىنىڭ قارا تەنلىكلەرنىڭ تەلەپپۇزىنى چۈشەندۈرگەن: «مەن ئىزچىل مۇشۇنداق گەپ قىلىمەن، ھەيران قالغۇچىلىكى يوق، بۇ تەلەپپۇزمۇ ئەمەس، مەن بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق گەپ قىلىمەن. سىلەرچە سىلەر مېنى ئاق تەنلىك دەپ قاراپ قالغاچقا مېنىڭ تەلەپپۇزۇم كەلمەيۋاتىدۇ شۇنداقمۇ؟»

شۇڭا، سىز زادى قارا تەنلىك ياكى ئاق تەنلىكمۇ؟ تاراتقۇلار ئۇنىڭدىن سورىغان.  بۇ مەسىلىگە قارىتا، ۋىكىيمۇ چۈشەنچە بەرگەن، ئۇ كېيىن گېن تەكشۈرگەن بولۇپ، نەتىجىسى ئۇنى ھەيران قالدۇرغان، ئۇ ھەقىقەتەن %44 قارا تەنلىك ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بۇرۇنقى گەپلىرى خېلى راست بولۇپ قالغان، ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ئۆزۈمنىڭ قارا تەنلىك ئىكەنلىكىمنى بىلەتتىم!»

شۇنىڭ بىلەن بۈگۈنگە قەدەر، ۋىكى يەنىلا ئاشكارا سورۇنلاردا ئۆزى قارا تەنلىك دەيدىغان بولغان.

ئەمدى گېپىمىزگە قايتپ كەلسەك شۇڭا ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن نېگىرىيەدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس، ھەممە ئادەم دېگۈدەك ئۇنى ياخشى ئادەم ئەمەس دەيدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ھەر خىل قىلىقلىرى ھەقىقەتەن كىشىنى بىزار قىلىدۇ. بولۇپمۇ قارا تەنلىكلەرنى.

شۇنچە كۆپ سۆزلىگەندىن كېيىن، بەلكىم بۇ ۋىكىينىڭ قانداق تور چولپىنى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، تورداشلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكى مۇتلەق ئاساسسىز ئەمەس. دەرۋەقە، بۇ قېتىمقى تۇتقۇن قىلىش دېلوسىغا ئۇ ئۆزى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئويدۇرۇپ چىقارغان. چۈنكى ئۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئۆزىنىڭ ئالاقە تورىدا ئۆزى يازما قىلىپ يوللىغان.

بىر نەچچە سائەت «تۇتقۇن قىلىنغان»دىن كېيىن، بۇ ئىش تېز سۈرئەتتە ئېغىرلاشقان، ئۇ ئىشنىڭ ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، دەرھال بىۋاسىتە كۆرسىتىش قىلىپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئەسلىدىكى يازمىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن، كىچىك كەچۈرۈم سوراش ماقالىسى ئېلان قىلغان، ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

كەچۈرۈڭلار، بۇ پەقەت بىر بىمەنە چاقچاق. بۇ ئىشنى بىز ئامېرىكىدىكى تونۇشلار شۇۇنداق ئۆگەتكەن، ئامېرىكىدىكى ئىنىم ماڭا بۇ ئىشنى يوللاپ، ئالاقە تورىدا داۋاملىق قىزىق نۇقتا بولۇشۇمنى ئېيتتى، يەنە باشقىلارنىڭ پۇل بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى، مەن شۇنداق قىلدىم، لېكىن بۇنىڭ ناچار تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن، مەن بۇ ئىشتىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم، توردىن ئايرىلىپ بۇ ھەقتە قايتا ئويلىنىمەن.»

(ۋىكنىڭ كەچۈرۈم سوراش خېتى)

نېمە دېسەك بولار، بۇنداق ئۇسۇلدا پۇل ئۈندۈرۈۋېلىش ئالدامچىلىق ھېسابلىنىدۇ، ھېلىمۇ ياخشى ئۇ ھەقىقىي دو تىكىشكە جۈرئەت قىلالمىدى، بولمىسا ساقچىلارنىڭ كۆزى چۈشۈپ قالغان بولاتتى.  ئۇنىڭ ئاتالمىش تۇتقۇن بولۇشى جەمئىي ئىككى سائەتكە يەتمىگەن ۋاققىچە داۋاملاشقان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بۇنداق قىلالمىغان.

لېكىن ۋىكىي بۇ خىل كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان مەشغۇلاتلارغا تايىنىپ، نەچچە مىليون دەرىجىلىك تور چولپىنىغا ئايلاندى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەنە ئۆزىنىڭ كىيىم-كېچەك ماركىسىنى قۇرۇپ، نۇرغۇن پۇل تاپتى.

(ئۇنىڭ كىيىم-كېچەك ماركىسى)

ھەرقانداق ئىقتىسادشۇناسلىق دەرىسلىكى سىزگە شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇكى: بازار تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، يەنى ۋىكىي تەمىنلىگەن مەزمۇن ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭ مەلۇم بىر قىسىم ئېھتىياجىغا ماس كېلىشى مۇمكىن، قانداقلا بولمىسۇن ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى مەلۇم ئىشنى ئېچىپ بەردى، بەلكىم توغرا يول تۇتۇپ سودا قىلماقچى بولغانلار ئۇنچە كۆپ ئېقىم مىقدارىغا ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن.

رومانلار
ياۋايى ھەۋەس
جانغا زامىن ئايال ئالاھىدە خادىم
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ



ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز

تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552

Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章