يېڭى يىلدا دۇنيا نوپۇسىنىڭ سانى 8 مىليارد 92 مىليوندىن ئاشتى

文摘   2025-01-03 22:10   海南  

يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا نوپۇس تەكشۈرۈش ئىدارىسى 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئومۇمىي سانى 8 مىليارد 92 مىليوندىن ئاشىدىكەن. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا يەر شارى نوپۇسى 71 مىليوندىن ئارتۇق كۆپەيگەن بولۇپ، 2024-يىلىنىڭ بېشىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، نوپۇسنىڭ ئېشىش نىسبىتى %0.9 بولغان، بۇ ئېشىش نىسبىتى 2023-يىلىدىكى 75 مىليونلىق ئېشىش كۆلىمىگە سېلىشتۇرغاندا ئازراق تۆۋەنلىگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا نوپۇسى جەھەتتە، ئامېرىكا نوپۇس تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2025-يىلى يېڭى يىلدا ئامېرىكا نوپۇسى 341 مىليونغا يېتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، 2025-يىلى 1-ئايدا، ئامېرىكىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر توققۇز سېكۇنتتا بىر ئادەم تۇغۇلىدىغانلىقى، ھەر 9.4 سېكۇنتتا بىر ئادەم ئۆلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساپ ئېقىپ كىرىش يۈزلىنىشىگە دۇچ كەلگەن خەلقئارا كۆچمەنلەر ئامېرىكا نوپۇسىنى ھەر 23.2 سېكۇنتتا بىر ئادەم كۆپەيتىدۇ. تۇغۇلۇش، ئۆلۈم، خەلقئارالىق كۆچمەن بولۇش قاتارلىق ئامىللارنى ئومۇملاشتۇرغاندا، ئامېرىكا نوپۇسىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 21.2 سېكۇنتتا بىر ئادەم كۆپىيىدۇ.

«نيۇيورك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2020-يىلىدىن بۇيان ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %2.9 بولغان بولۇپ، ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئىزچىل ئاستىلىغان. 21-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى ئون يىلىدا، ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %7.4 بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ئېشىش نىسبىتى ھېسابلىنىدىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، تۇغۇت نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە كۆچمەنلەر سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى داۋاملىشىدىكەن.

يەر شارى نوپۇسى جەھەتتە، ئامېرىكا نوپۇس تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2025-يىلى يېڭى يىلغا بارغاندا يەر شارى ئومۇمىي نوپۇسى 8 مىليارد 92 مىليوندىن ئاشىدىكەن. 2025-يىلى 1-ئايدا يەر شارى بويىچە سېكۇنتىغا تەخمىنەن 4.2 ئادەم تۇغۇلۇپ، 2.0 ئادەم قازا قىلىدىكەن. ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئافرىقا رايونىدا نوپۇسىنىڭ ئېشىشى ئالاھىدە كۈچلۈك بولغان. مۆلچەرلىنىشىچە، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ نوپۇسى 1 مىليارد 200 مىليوندىن 3 مىليارد 400 مىليونغا كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ ئېشىش ئافرىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تۇغۇت نىسبىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە داۋالاش سەۋىيەسىنىڭ ياخشىلىنىشىدىن بولغان.

بىراق، يەر شارى نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئاستىلاشقا قاراپ يۈزلەنگەن. ۋېنېسۇئېلا «يەر شارى گېزىتى»نىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە تۇغۇت نىسبىتى 2.2 بولۇپ، يەنى ھەر بىر تۇغۇت يېشىدىكى ئايال 2.2 بالا تۇغقان، بۇ سانلىق مەلۇمات ئالدىنقى نەچچە ئون يىلغا قارىغاندا تۆۋەنلىگەن. گېرمانىيە دۇنيا نوپۇس فوندى جەمئىيىتىمۇ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «گەرچە مۇتلەق نوپۇس سانى داۋاملىق ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاۋاتىدۇ.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان «2024-يىللىق دۇنيا نوپۇسىغا نەزەر» دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا يەر شارى نوپۇسى 8 مىليارد 200 مىليونغا يېتىدىكەن، ھەمدە كەلگۈسى 60 يىل ئىچىدە 2 مىليارد كۆپىيىپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا تەخمىنەن 10 مىليارد 300 مىليۇن كىشلىك چوققا قىممەتكە يېتىدىكەن. ئارقىدىن يەر شارى نوپۇسى يەنە 10 مىليارد 200 مىليون ئەتراپىغا چۈشۈپ قالىدىكەن. دوكلاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، 2024-يىلىغا قەدەر، گېرمانىيە، ياپونىيە ۋە رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 63 دۆلەت ۋە رايوننىڭ نوپۇس سانى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن، كەلگۈسى 30 يىل ئىچىدە بۇ دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى %14 ئازىيىدىكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە نوپۇسنىڭ ئاستا ئېشىشى ياكى تۆۋەنلىشى ئاساسلىقى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن نوپۇسنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى تۆۋەن كىرىملىك ۋە ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردە يۈز بېرىدىكەن. نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى بايلىققا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇرىدۇ، بولۇپمۇ سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقۇرۇشنىڭ ياخشى بولماسلىقى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى كۈچەيتىدۇ.

رومانلار
ياۋايى ھەۋەس
جانغا زامىن ئايال ئالاھىدە خادىم
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز

تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13779038552


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章