مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز79-قىسىم - ھەقىقىي مۇھەببەت

文摘   小说   2024-08-26 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  1  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 100-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271


787776






 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

79-قىسىم

  


79-قىسىم 

ھەقىقىي مۇھەببەت؟ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن!   


پاگانىنى ئىسكىرىپكا مۇسابىقىسىدە، دۆلەت ئىچىدىكى تارماق مۇسابىقە رايونىنىڭ مۇسابىقە نۇقتىسى   مۇشۇ شەھەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن،مۇسابىقىنىڭ ۋاقىت تەلىپىگە ئاساسەن، زىلالە دەل ۋاقتىدا دەسلەپكى تاللاش ئورنى بولغان مۇزىكا زالىغا كەلدى.

بۇنداق   مۇسابىقىلەر  ئىزچىل ئالقىشقا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ، دېمىسىمۇ بۇ يىل   تارماق مۇسابىقە رايونىدىمۇ مۇكاپات بار، دەسلەپكى تاللاشقا قاتناشقىلى كەلگەن ماھىرلار خېلى بۇرۇنلا ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇشۇپ بولغانىدى.

زىلالە ئۆچرەتتە تۇرغان كىشىلەرگە قاراپ، كەينىگە بېرىپ ئۆچرەتتە تۇرۇشقا تەييارلىق قىلدى.

- زىلالە!  ـ    

تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ  ئىسمىنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىدى.

 بۇرۇلۇپ، ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ، بىر مۇزىكا ئۆمىكىدە ئىسكىرىپكا چېلىدىغان ئايگۈلنىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ قول پۇلاڭلىتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

زىلالە  ئىسكىرىپكىسىنى كۆتۈرۈپ كەلدى، ئايگۈلمۇ قىزغىنلىق بىلەن ئۇنىڭ بىلىكىنى تارتىپ:

- مەن تېخى سىزنى تىزىمغا ئالدۇرمايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن؟  ـ   دېدى

- مەنمۇ قىزىقىپلا كېلىپ قالدىم، - دېدى زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ.

- نېمە، تېخى قىزىقىپلا كېلىپ قالدىم دەۋاتامسىز. سىزنىڭمۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقانلىقىڭىزنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام، سىز بىلەن بىللە كەلگەن بولاتتىم. - دېدى ئايگۈل ۋاقىتقا قاراپ،  ـ  بولمىسا،  مېنىڭ ئورنۇمدا تۇرۇڭ، مەن كەينىگە باراي، سىز يەنە ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقىغا بارىسىز ئەمەسمۇ؟ -   دېدى.    

 ـ   ھاجىتى يوق،  ھاجىتى يوق. - دېدى زىلالە ئالدىراش قولىنى پۇلاڭلىتىپ، -  كەينىگە بېرىپ ئۆچرەتتە ساقلىساممۇ  ۋاقىت يېتەرلىك، - دېدى.

كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى دەسلەپكى ئىمتىھانغا قاتناشقىلى كەلدى، زىلالە خىجىل بولماي ئايگۈلنىڭ ئورنىنى ئىگىلىۋالسا قانداق بولىدۇ.

ئۇنىڭ گېپى تۈگىشىگە، يېقىنلا يەردە تۇيۇقسىز  رەھىمسىز ئاۋاز ئاڭلاندى.

 ـ  كۆپچىلىك تېز قاراڭلار، بۇنداق ئۆچرەتكە قىستۇرۇلۇپ كىرىش بەك ساپاسىزلىققۇ دەيمەن؟      

زىلالە ھەتتا  بۇرۇلۇپ قارىمىسىمۇ، ئاۋازنى ئاڭلاپ كىملىكىنى تونۇۋالدى.  شۇنداقتىمۇ بۇرۇلۇپ ئايگۈلنىڭ كەينىگە قارىدى.

دەرۋەقە، قەيسەرنىڭ سىڭلىسى نىگارەمۇ بىر قانچە ياخشى قىز ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆچرەتتە تۇرۇپ دەسلەپكى مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.

 ئۆچرەتكە قىستۇرۇلۇپ كىرىپتۇ دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە زىلالەغا قارىدى.

زىلالەنىڭ ئايگۈلنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال خاتا چۈشىنىپ قالدى.

 ـ  قانداق ساپا بۇ؟  ـ    

 ـ  شۇنداق، ھەممەيلەن ئۆچرەتتە تۇرۇۋاتىمىز،  نېمىشقا ئۆچرەتكە قىسىلىۋالىسىز؟     

 ـ  چوپچوڭ ئادەم تۇرۇقلۇق بۇنداقمۇ تەربىيە كۆرمىگەن ئىشنى قىلامدۇ! ...   

 ـ    نىمە دەپ جۆيلىۋاتىسىلەر. - دېدى ئايگۈل دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، زىلالەغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن چۈشەندۈرۈپ، ـ  مەن ئۇنىڭغا بۇ يەردە تۇرۇڭ، كەينىگە مەن بېرىپ تىزىلاي دېدىم، بۇ مېنىڭ ئورنۇم، كىمگە ئۆتۈنۈپ بەرگۈم كەلسە شۇنىڭغا بېرىمەن، بۇنىڭغىمۇ بولمامدۇ؟ ـ   دېدى.     

زىلالەنى ئۆز ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويغان ئايگۈل كۆپچىلىككە بىر قاراپ قويۇپ، بۇرۇلۇپ سەپنىڭ ئاخىرىغا قاراپ ماڭدى.

 ـ  ئايگۈل! - زىلالە ئالدىراپ قوغلاپ كېلىپ تۇتۇۋېلىپ، - تېز، تېز قايتىپ كېتىڭ، مەن كەينىگە باراي، - دېدى.    

 ـ    ئۇنداقتا بىز بىرلىكتە كەينىدە تۇرايلى. - دېدى ئايگۈل كۈلۈپ تۇرۇپ بىلىكىدىن قولتۇقلاپ، - ئىشقىلىپ مەنمۇ ئالدىراپ كەتمەيمەن، سىز بىلەن بىردەم پاراڭلاشقۇم بار.  ـ   دېدى.

قارشى تەرەپنىڭ چىرايىدىن قەتئىيلىك چىقىپ تۇرغانلىقتىن  ئامالسىز قالغان زىلالە ئۇنىڭ بىلەن بىللە سەپنىڭ ئاخىرىغا باردى.

 نىگارە يىراقتىن ئىككىيلەنگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، كۆزلىرىنى ئالايتتى.

ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن بىر نەچچە ساۋاقداش دەرھال پەس ئاۋازدا مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى.

 ـ  زىلالەنىڭمۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىنى ئويلىماپتىمەن.     

 ـ  شۇنداق، ئاڭلىسام ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا مەملىكەتلىك چېمپىيونلۇقنى ئېلىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپتىكەن.      

- تۈگدى - تۈگدى، ئەمدى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشنى ئويلىمايلى، بۇ قېتىمقى دۆلەت ئىچى مۇسابىقە رايونىنىڭ چېمپىيونى چوقۇم ئۇ.     

 ـ  بۇرۇن دېگەن بۇرۇن، ھازىر ئوخشىمايدۇ، - دېدى نىگارە بۇنىڭغا قوشۇلماي، -  مەن ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىم چېمپىيون بولالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن  ـ    دېدى.

بىر نەچچە ساۋاقداش ئۇنىڭ زىلالە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىلگەچكە،  قايتا گەپ قىلمىدى.

ناھايىتى تېزلا، نىگارە قاتارلىقلارغا نۆۋەت كەلدى.

نىگارە خىزمەتچى خادىملارغا تىزىملىتىش جەدۋىلىنى تاپشۇرۇپ، تۇنجى بولۇپ دەسلەپكى تاللاش نەق مەيدانىغا كىردى.

نەق مەيداندىكى باھالىغۇچىلار،  كەسپىي باھالىغۇچىدىن باشقا، باشقا باھالىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئىچىدىكى مۇزىكا ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسلەر ۋە ئىسكىرىپكىچىلار ئىدى.

مۇسابىقىنىڭ تەلىپى بويىچە، ھەر بىر ماھىر بىر مۇزىكا ئورۇنلايدۇ، باھالىغۇچىلار نەق مەيداندا نومۇر قويىدۇ.

90 دىن يۇقىرى نومۇر ئالغانلار رەسمىي مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.

نىگارە ئۆزىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، پاگانىنىنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىسى  چوڭ Dكۈي تەڭكەش مۇزىكىسىنى ئورۇنلىدى.

شۇنچە كۆپ يىل ساز چېلىشنى ئۆگەنگەنلىكتىن، ئۇنىڭ ماھارىتى ئادەتتىكى ماھىرلارنىڭكىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن ئىدى. باھالىغۇچىلار بەس-بەستە بېشىنى لىڭشىتىپ، ئۇنىڭغا يۇقىرى نومۇر قويدى.

ئەڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرىچە نومۇرنى ھېسابلىغاندا، نىگارە 96 نومۇر ئالدى.

كەينىدە ساقلاپ تۇرغان بىر نەچچە ساۋاقداشنىڭ ھەممىسى ھەۋەس قىلىشتى.

-  بەك قالتىس ئىكەنسىز نىگارە!     

 ـ  بۇ ھازىرغا قەدەر ئەڭ يۇقىرى نومۇر.     

 نىگارە كۆڭلىدە كۆرەڭلەپ كەتكەن بولسىمۇ، قەستەن كەمتەرلىك قىلىپ:

- خاتىرجەم بولۇڭلار، سىلەرمۇ قىلالايسىلەر.  ـ   دېدى.

بىر نەچچەيلەن ئارقا-ئارقىدىن سەھنىگە چىقتى، نەتىجىدە بىرسىمۇ  90 دىن يۇقىرى نومۇر ئالالمىدى.

 ـ  نىگارە، غەيرەت قىلىڭ!      

 ـ   چېمپىيون بولغان ۋاقتىڭىزدا، بىزنى تاماققا تەكلىپ قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ!  ...   

بىر نەچچە ساۋاقداش دەسلەپكى تاللاشتىن ئۆتەلمەي، كۆڭلى يېرىم بولۇپ، بىر نەچچە ئېغىزدىن چاقچاق قىلىپلا نەق مەيداندىن ئايرىلدى.

نىگارە كەينىگە ئۆتۈپ، باشقا تاللانغۇچىلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرقى رەسمىي ئۇقتۇرۇشنى كۈتتى.

كەينىدىكى ماھىرلار ئارقا-ئارقىدىن سەھنىگە چىقتى.

بەزىلەر 90 دىن يۇقىرى نومۇر ئالدى، ئەمما ھېچقايسىسى نىگارەدىن ئېشىپ كەتمىدى.

نىگارە ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، قولىدىكى نومۇر كارتىسىغا قاراپ، ئىنتايىن خۇش بولدى.

 ـ  كېيىنكىسى، زىلالە!     

زىلالەنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغان نىگارە دەرھال دۈمبىسىنى رۇسلىدى.

 سەھنىگە چىققان زىلالە نەپىس ھالدا باھالىغۇچىلارغا سالام بېرىپ:

- ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچىلار ياخشىمۇسىلەر، مېنىڭ ئىسمىم زىلالە،   مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ 4-يىللىق ئوقۇغۇچىسى، ھازىر مۇزىكا ئۆمىكىدە پىراكتىكا قىلىۋاتىمەن. بۈگۈن ئورۇنلايدىغان مۇزىكام بولسا ‹ ئارزۇيۇم ›  - دېدى.

ئۆزىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، زىلالە ئىسكىرۇپكىنى مۈرىسىگە قويۇپ، يېنىك نەپەس ئېلىپ، كەيپىياتىنى تەڭشەپ،  كۆڭۈل قويۇپ چالدى.

 مۇزىكا ئاۋازىنى ئاڭلاپ، باھالىغۇچىلار بەس  ـ   بەستە باش لىڭشىتتى.

مۇزىكا كېيىنكى قىسىمغا كىرگەندە، دۆلەت ئىچىدىكى بىر قانچە باھالىغۇچىنى دېمەيلا قويايلى، باھالاش كومىتېتى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرغان تەشكىلىي كومىتېتنىڭ باش باھالىغۇچىسىمۇ ھەيران قالغانلىق چىراي ئىپادىسىنى كۆرسەتتى.

 پۈتۈن مۇزىكا ئاخىرلاشتى، بارلىق باھالىغۇچىلار بىرلىكتە چاۋاك چالدى.

ئارقىدىن كۆپچىلىك بەستە - بەستە نومۇر قويۇشتى.

نىگارە جىددىيلەشكەن ھالدا نومۇر كارتىسىنى تۇتۇپ،  ئورنىدىن تۇردى.

 ـ  زىلالەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نومۇرى ئىككى 100 ، ئىككى 98 ، ئۈچ 99 ... - دېدى پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلىشقا مەسئۇل ئايال خىزمەتچىمۇ ھاياجانلانغان ھالدا،  ـ  مۇبارەك بولسۇن، زىلالە خانقىز، سىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نومۇرىڭىز 99 نومۇر، ھازىرقى ئەڭ يۇقىرى نومۇر.  - دەپ ئېلان قىلدى.

ياندا تۇرغان ئايگۈل ۋە نەق مەيداندىكى سىناقتىن ئۆتكەن ماھىرلار ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ چاۋاك چالدى.

 ـ  رەھمەت! - دېدى زىلالە. چىرايىدا قىلچە كۆرەڭلەش كۆرۈنمىدى.

مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇنقىغا ئوخشاش، ئۇ يەنىلا نەپىس كۈلۈمسىرەشنى ساقلىدى.

بىر نەچچە يىل ئىلگىرى تۇنجى قېتىم قاتناشقان مۇسابىقىنىڭ دەسلەپكى تاللىشىدا  بىردىنبىر تولۇق نومۇرغا ئېرىشكەن ماھىر بولغان.

بۇ قېتىم  بىر نومۇر كەملەپ قالدى، زىلالە تەبىئىيلا بەك مەغرۇرلىنىپ كەتمەيدۇ.

ئايگۈل ئۇنىڭ سەھنىدىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھاياجانلانغان ھالدا ئېتىلىپ كېلىپ:

- زىلالە،  بەك قالتىس ئىكەنسىز!  ـ   دېدى.

 ـ  كېيىنكىسى، ئايگۈل!  ـ دېدى خىزمەتچى خادىم.   

 ـ  تېز بېرىڭ! - دېدى زىلالە ئۇنىڭغا مەدەت بېرىش ئىشارىتى قىلىپ، - غەيرەت قىلىڭ!  ـ دېدى.   

ئايگۈل سەھنىگە چىقىپ نومۇر ئورۇنلاشقا تەييارلىق قىلدى.

زىلالە نومۇر  كارتىسىنى تۇتۇپ، ئارقا رەتتىكى ئورۇندۇققا قاراپ ماڭدى.

 نىگارەدىن بىر نەچچە ئورۇن نېرىسىدىكى بوش ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى.

نىگارەنىڭ كۆزى ئۇنىڭ قولىدىكى نومۇر  كارتىسىغا چۈشۈپ قىپقىزىل  99 دېگەن ساننى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ كارتىسىنى كۈچەپ مىجىۋىدى، شەكلىمۇ ئۆزگىرىپ كەتتى.

ئايگۈل ناھايىتى تېزلا ئۆزىنىڭ مۇزىكىسىنى ئورۇنداپ، 90 نومۇر بىلەن دەسلەپكى تاللاشقا كىردى.

كەينىدە باشقا ماھىرمۇ قالمىدى، خىزمەتچى خادىملار ماھىرلارنىڭ سەھنىگە چىقىشىنى ئېيتتى.

 كەسپى باھالىغۇچىلار ئۆزى سەھنىگە چىقىپ، كۆپچىلىككە رەسمىي مۇسابىقە تەكلىپنامىسى تارقىتىپ بەردى.

ئارقىدىن باھالىغۇچىلار ۋە خىزمەتچىلەر بىرلىكتە چاۋاك چېلىپ، ماھىرلارنى تەبرىكلىدى.

- بارلىق ماھىرلارنىڭ رەسمىي مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمىز.  ـ    دېدى ئايال رىياسەتچى. بۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى تاللاش رەسمىي ئاخىرلاشتى.

ئايگۈل نومۇر  كارتىسىغا قاراپ، ھاياجانلانغان ھالدا زىلالەنىڭ قولىنى تۇتۇپ:

- ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ، مەنمۇ تاللاندىم!  ـ    دېدى.

-ھىم،-دېدى نىگارە پىخىلداپ كۈلۈپ ، - خۇددى چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەندەك خۇشال بولۇپ كەتكىنىنى،  ـ    دېدى.

ئايگۈل ئۇنىڭغا بىر قارىۋېتىپ، ئۇنىڭ بايا قەستەن زىلالە ئۆچرەتكە قىستۇرۇلۇپ كىردى دېگەن ئادەم ئىكەنلىكىنى تونۇپ، تۈزۈت قىلماستىن:

 ـ   نومۇرىڭىز مېنىڭكىدىن يۇقىرى بولغىنى بىلەن،  بىزنىڭ زىلالەنىڭكىگە يەتمەيدۇ!  ـ    دېدى.


 


..................................

...........

...


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章