كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 2 | 1 | |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
24 | 24 | 23 | 22 | 21 |
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
26-قىسىم
26-قىسىم
قارشى ئېلىش مۇراسىمى
بىر نەچچە كۈنلۈك ئالدىراشچىلىقتىن كېيىن، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يېڭى يىل بايرىمى يېتىپ كەلدى.
دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان بىر كۈن بولدى.
دىلارە ئەتىگەندىلا ئېلىپ كېلىندى، ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مۇراسىمغا جابدۇنۇشقا باشلىدى. جابدۇنۇپ بولغاندىن كىيىن رەسمى مەيدانغا چىقتى.
رەنامۇ بۇ چاغدا زەرىفەنىڭ يۆلىشى بىلەن مەيدانغا چىقتى.
بېشىدىكى باسقۇچ دىلارە ئۈستى ئوچۇق ماشىنىغا ئولتۇرۇپ كۆپچىلىككە سالام برىدىغان باسقۇچ ئىدى. ئۇ دىلارەنىڭ خاتىرجەم ھالدا ماشىنىغا چىقىپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، كۈلۈپ تۇرۇپ:
- جىددىيلەشمەڭ، مەن ئالدىدىكى ماشىنىدا، سىز ئۇلار بىلەن سالاملىشىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ، باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن. - دېدى.
دىلارە بېشىنى لىڭشىتىپ:
- بولىدۇ. - دېدى.
رەنا دىلارەگە يەنە بىر ھازا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، ئاخىر رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ، بۇرۇلۇپلا ئاستا ئۇنىڭغا ئەگەشكەن دىلنارنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئالدىدىكى ماشىنىغا قاراپ ماڭدى.
دىلنار ھازىر چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرمايدىغان، ھاسىسىمۇ تۇتمايدىغان بولدى، ئەمما يول ماڭغاندا سەل قىينىلىپ قالاتتى.
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ شۇ تاپتا سالاپەتلىك كىيىنگەن دىلارەگە قاراپ، چىرايىدا سۇس كۈلكە جىلۋىلەندى.
ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ دىلارەگە ۋاسىتىلىك ھالدا بۇنداق شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان، گەرچە خانقىزلىق ئورنىنى كۆز-كۆز قىلىش بەك يۈزەكى ئىش بولسىمۇ، لېكىن قايسى ئانا ئۆز بالىسىغا تېخىمۇ كۆپ شان - شەرەپ بېرىشنى خالىمايدۇ؟
قىزىغا بىر تال گۈرۈچنى ئارتۇق بېرەلىسىمۇ، ئۇ يەنىلا خۇش بولىدۇ.
ھەممە تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن، رەنا دىلنارنى ئېلىپ چوڭ قورۇق دەرۋازىسىدىن چىقتى.
دەرۋازىسىنىڭ ئالدى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئامما بىلەن لىق تولغانىدى.
قورۇق ئىشىكىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى، ھەشەمەتلىك ماشىنىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرۈپ، بىر پەس ۋارقىرىغان ئاۋازلار ئاڭلاندى.
ھەر بىر ئادەمنىڭ قولىدا ھەرخىل پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، چىرايىدىن تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.
ئەگەر مەركىزى شەھەردە بولغان بولسا، دىلارە ئۇلارغا ئوخشاش بۇنداق قىزغىنلىققا تولغان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى.
جىددىيلەشمىدىم دېسە يالغان سۆزلىگەن بولىدۇ، بىراق بۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ، جىددىيلىشىشىمۇ بارا-بارا تارقىلىپ كەتتى.
ئۇ بۇرۇنقى دىلارە ئەمەس.
پۈتۈن بەدىنى داغقا تولغان، يامان ئاتاققا قالغان، سىرتقا چىقسا مەسخىرىسىگە ئۇچرايدىغان دىلارە ئەمەس.
ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى، ئەڭ ياخشى ئېرى، ئەڭ ياخشى ئاپىسى، ئەڭ ياخشى مومىسى بار.
ئۇمۇ ئاخىرى خاتىرجەم ھالدا، پۈتۈن زېھنى بىلەن بۇ كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ ئەزەلدىن ۋىجدانىغا خىلاپ ئىش قىلمايدۇ.
ئۆتمۈشكە نەزەر سالغىنىدا، ئىككى قولىنى بىر-بىرىگە گىرەلەشۈرۈپ، چوڭقۇر ئويغا چۆكتى.
بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن مېڭىپ ھازىرغا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ ھامان بىر كۈنى مۇشۇ باسقۇچقا كېلىپ قالىدىغانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمىدى.
بىر رايوندىكى ئەڭ كاتتا ئائىلىنىڭ ئەتىۋارلىق خانقىزى...
بۇ ھازىرغا قەدەر ئاڭلىماققا ناھايىتى يىراقتىكى نامدەك بىلىنەتتى، ئۇ خېلى ئۇزۇنغىچە ھەيران قالدى.
يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ئامما قولىدىكى كىچىك پىلاكاتلارنى پۇلاڭلىتىپ ئۇنىڭغا قاراپ خۇشال ھالدا كۈلۈشتى.
ئۇ كۆزىنى يۇغان ئېچىپ، قولىنى كۆتۈرۈپ، سەل-پەل ئېڭىشىپ، ئۇلارغا قول پۇلاڭلاتتى.
- ۋاھ، دىلارە خانقىز بەك چىرايلىق ئىكەن.
- راستتىنلا، بەك چىرايلىقكەنسىز!
- دىلارە خانقىز، بۇ يەرگە قاراڭ! !
دىلارە بۇ كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەي قالدى.
ئەمدى گەپنى ئايرۇسلاردىن ئاڭلايلى
ئايرۇس، رەشىدە، گۈلشەن ھازىرمۇ كاتتا مۇراسىمنىڭ ئۇلاپ تارقىتىلىشىدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇرۇۋاتاتتى.
ئايرۇسنىڭ چىرايى كۈلگە ئوخشاش تاتىرىپ كەتكەنىدى، رەشىدەنىڭ ئاغزىنى قاڭسىق تەم بىر ئالدى، ئېغىز بوشلۇقى يارا بولۇپ كەتكەنىدى.
ئۇ دىلارەدىن نەپرەتلىنىدۇ! ئۇنىڭغا ئۆچ بولدى.
ئۇ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، دىلارە ئەڭ يۇقىرى تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ؟
ئەگەر دىلارە بولمىغان بولسا، ئۇ ھازىر يەنىلا Y رايوندىكى ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان خانقىز بولالايتتى.
ھازىر ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزىدىكى ئەڭ قىزىقارلىق يۇمۇرغا ئايلىنىپ قالدى.
يېڭى يىلمۇ كەلدى...
مومىسى تا ھازىرغىچە ئۇلارنى كۆرگىلى كېلىپ باقمىدى.
ئۆز قىزى ۋە نەۋرىسى بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھايات-ماماتى ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىبىر بولۇپ قالغانلىقى راستمۇ؟
موماينىڭ يۈرىكى نېمانچە قاتتىق؟
شۇنچە يىل ھەمراھ بولغانلىقىنى بىر قېتىملىق ئىچ ئاغرىتىش ۋە كەڭ قورساق بولۇشىغا ئالماشتۇرغىلى بولمامدۇ؟
- ھەقىقەتەن چىرايلىقكەن، دېمىسىمۇ، دىلارە خانقىزغا قارىسىلا، ھېچكىم ئۇنىڭ ساختىلىقىدىن گۇمانلانمىغۇدەك.
- شۇنداق.
- نەق مەيدان چوقۇم بەك قىزىپ كەتتى، ھېلىمۇ ياخشى دىلارە خانقىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئېكراندىن بولسىمۇ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرەلىدىم! بىزنى بىر قانچە نەس باسقۇرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەسئۇل قىلمىغان بولسا، نەق مەيداندىن كۆرەلەيتۇق... - دېدى كۆپچىلىك.
بۇ چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان پىكىردە بولۇپ :
- دىلارە خانقىزنىڭ بۈگۈن نېمە ئۈچۈن نەچچە ھەسسە ئادەم كۈچى كۆپەيتىپ نازارەتنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلمىگەنىدىم، ھازىر ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىسىگە قارايدىغان بولساق، ئەگەر ئادەم ئاز بولسا، ئۇلارنىڭ يەنە ئەخمىقانە ئىش قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن، - دېدى.
رەشىدە بۇ گەپنى ئاڭلاپ، كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، قىپقىزىل كۆزلىرى بىلەن ھېلىقى بىر نەچچەيلەنگە تىكىلىپ:
- نېمە دېدىڭىز؟ نەچچە ھەسسە ادەم كۆپەيتىپ بىزگە قاراشقا مەسئۇل بولۇشنى تەلەپ قىلدىمۇ؟ كىم؟ قايسى خانقىز؟ ! - دەپ سورىدى.
- ئەلۋەتتە تېلېۋىزوردىكى ھەقىقىي خانقىز بولمامدۇ؟ - دېدى خىزمەتچى خادىم.
رەشىدە قاتتىق نەپرەتلىنىپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ:
- نېمىشقا؟ ئۇ نېمىگە بۇنداق قىلىدۇ؟ - دېدى.
خىزمەتچى خادىم سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ، كەينىدىكى ئۈستەلدىكى كۈلداننىڭ يېنىدىن بىر ھۆججەتنى ئېلىپ، ئاغزىدىكى تاماكىنى ئېغىزىنىڭ بۇرجىكىگە يۆتكەپ، قەغەز خالتىنى ئېچىپ ھۆججەتنى چىقىرىپ:
- نېمىشقىلىقىنى ئۆزۈڭلار بىلمەمسىلەر؟ - دېدى.
- نېمىشقىلىقىنى ئۆزۈڭلار بىلمەمسىلەر؟ - دېدى خىزمەتچى خادىم.
رەشىدە قاتتىق غەزەپلىنىپ:
- بىز نېمىنى بىلىشىمىز كېرەك؟ ! - دېدى.
خىزمەتچى خادىم چىشلىرى بىلەن ئاغزىدىكى تاماكا قالدۇقىنى چىشلەپ، رەشىدەنىڭ يىرگىنىشلىك چىراي ئىپادىسىگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، يەنە دىمىقىنى قېقىپ قويۇپ، قولىدىكى ھۆججەتكە قارىغاچ :
- ئىشقىلىپ بىكار تۇرساممۇ قىلىدىغان باشقا ئىش يوق، سىلەر بىلەن ياخشىراق پاراڭلىشىپ باقاي ... - دېدى.
ئۇ تاماكىنى ئېلىپ، كۈلدانغا بېسىپ ئۆچۈرۈپ، ئۈستەل ئۈستىدە چىقىپ ئولتۇرۇپ:
- سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ دوختۇرخانىدىن ساختا ئانا-بالىلىقنى باھالاشنىڭ نەتىجىسىنى سېتىۋالغانلىقىڭلارنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارغۇ دەيمەن؟ - دېدى.
رەشىدەنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى، ئايرۇسنىڭ چىرايىمۇ بىردىنلا ئۆزگىرىپ كەتتى.
- مەقسىتىڭلار بارلىقى ئېنىق، بىراق نەگە ئىشلىتىشنى ئويلىشىپ بولالمىدىڭلارمۇ ئۇنىسىنى مەن بىلمىدىم، بىراق دىلارە خانقىز سىلەرنىڭ مەقسىتىڭلارنى بۇرۇنلا بىلىپ بولغانىكەن... سىلەر پەقەت ئۇنى قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا ئىشلەتمەكچى بولدۇڭلار، تولۇق تەييارلىق قىلىپ بولغان ئىكەنسىلەر، قانداقسىگە ئۈن-تۈنسىزلا بېسىلىپ قالدۇرغىلى بولسۇن، قانداقلا بولمىسۇن ھەممە نەرسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇش كېرەكتە، ئويلاپ باقسام بۈگۈنكى مۇراسىم سىلەرنىڭ پىلانىڭلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان سورۇنغۇ دەيمەن.
سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئۆزۈڭلار بالا تاپتىڭلار، خېلى بۇرۇنلا ئۇنى قەستلەشكە باشلاپسىلەر، بولمىسا ... سىلەر يەنىلا بۈگۈنكى مۇراسىمىغا قاتنىشالايتتىڭلار... بىراق، ئادەمنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئىشلار تېخىمۇ چوڭىيىپ كېتەتتى.
ساختا ئانا-بالىلىقنى باھالاشنامىسىنىڭ كارامىتى كۆرسىتەلەيتتىڭىىز، بىر قولىڭىز بىلەن ئاسماننى توسۇۋالغاندەك ھېس تۇيغۇنى بىر مەزگىللىك بولسۇن ئۇزۇن سۈرەلەيتتىڭىز... ھە راست، بۇنى تىلغا ئالغاندا، دىلارە خانقىز ماڭا بۇ ھۆججەتنى سىزگە كۆرسىتىپ قويۇشۇمنى ئېيتقانىدى... ئاندىن سىلەر ئالدىنقى قېتىم سىلەرنى بۇ يەرگە ئەكېلىشنى تاللىغانلىقىدىن، ئۇنىڭ قانچىلىك كەڭ قورساقلىق قىلغانلىقىنى بىلىپ قالىسىلەر. - دېدى.
خىزمەتچى خادىم شۇنداق دېگىنىچە قولىدىكى ھۆججەتنى يېنىدىكى ئادەمگە سۇندى.
ھېلىقى ئادەم دەرھال قولىغا ئېلىپ، چىرايى تاتىرىپ كەتكەن رەشىدەنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھۆججەتنى ئۇنىڭغا سۇندى.
رەشىدە ئېچىپ قارىۋىدى، چىرايىدا زور ئۆزگىرىش بولدى.
دىلنار بىلەن رەنانىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتى باھالاش نەتىجىسى ئىدى.
جەزملەشتۈرۈلگەن نەتىجىنى كۆرۈشنىڭ ھاجىتى يوق، لېكىن ئەڭ ئاخىرقى ئىمزا قويغان ۋاقىت، رەشىدە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتا ئىدى.
ئايرۇس ھۆججەتنى تارتىۋېلىپ، چېسلاغا كۆز يۈگۈرتتى، ئۇنىڭ ئىنكاسى رەشىدە بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيتتى.
باھالاش ۋاقتى، بىر ئاي بۇرۇن، دىلارە Y رايوندىكى كاتتا زىياپەتكە قاتنىشىپ بىر نەچچە كۈندىن كىيىن باھالاش قىلغۇزۇپتۇ.
ئايرۇسنىڭ بەدىنى بوشىشىپ، ماغدۇرسىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى.
ئەسلىدە... دىلارە بۇرۇنلا ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى قىلىپ بولغانىكەن - دە.
ئەگەر ئەسلىدىكى پىلان بويىچە بولغان بولسا، ئۇلار بۈگۈنكى مۇراسىمىدا ساختا باھانامىنى چىقىرىپ، دىلنار بىلەن دىلارەنى ساختىلىقىنى ئاشكارىلىغان بولسا، دىلارە بۇ باھانامە بىلەن ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھازىرقىدىنمۇ ئېچىنىشلىق ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدىكەن.
ئۇلارنىڭ تۇرقىغا قاراپ، خىزمەتچى خادىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
- دىلارە خانقىزنىڭ سىلەرگە قانچىلىك رەھىمدىللىك قىلغانلىقىنى بىلگەنسىلەر؟ ئەگەر راستتىنلا تىركىشىپ قالغان بولسا، ئۇنىڭ سىلەرنى قىينايدىغان نۇرغۇن ئۇسۇللىرى بار ئىدى، پەقەت شۇ... سىلەرنىڭ بۈگۈنكى مۇراسىمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىڭلارنى خالىمىدى، ئەلۋەتتە يەنە ئەڭ مۇھىمى، ئۇ سىلەرنىڭ ناۋادا مۇيەسسەر خانىمنىڭ بالىسىغا يامان نىيەتتە بولغىنىڭلارغا ئوخشاش قورسىقىدىكى بالىسىغا يامان غەزەردە بولۇپ قېلىشىڭلاردىن غەزەپلىنىپ ئارتۇقچە كۈچ سەرپ قىلغۇسى كەلمىدى، سىلەردەك ئەرزىمەس ئادەملەرگە ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغۇسى يوق... يەنە ئۆزىنىڭ بالىسىنى ئالدىن بىلگىلى بولمايدىغان خەۋپ-خەتەر ئىچىگە ئېلىپ كىرىشنى خالىمىدى...
سىلەر بۇ نەچچە ئون يىلدا سېغىزخاننىڭ ئۇۋىسىنى ئىگەللىۋالدىڭلار، يەنە تېخى نەچچە قېتىم ئۇلارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشنى پىلانلىدىڭلار، ئۇ ئاپىسىدىن كۆپ يىل ئايرىلىپ قالدى، ھەتتا ھازىرمۇ ئۇلارغا قانداق زىيانكەشلىك قىلىشنى ئويلاۋاتىسىلەر... بۇ ئىنچىكە ھېساب - كىتابنى ئۇ تېخى سىلەر بىلەن ھېسابلاشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي تۇرۇپلا، تورغا چۈشۈپ قالدىڭلار، ئارتۇقچە قىينىلىنىپمۇ يۈرمىدىڭلار. - دېدى.
ئايرۇس بىلەن رەشىدەنىڭ چىرايى قەغەزدەك تاتىرىپ كەتتى.
گۈلشەن ئەڭ ئاۋۋال بۇ يەرگە ئەكىلىنگەن ئىدى، ئۇنىڭ روھى- ھالىتى خېلى بۇرۇنلا بەربات بولغانىدى، كېيىن ئايرۇس بىلەن رەشىدەنىڭمۇ تەڭلا كىرگەنلىكىنى كۆردى، ئۇ شۇ تاپتا بىر بۇلۇڭدا تۈگۈلۈۋېلىپ، بۇ يەرگە خىرە-شىرە قاراپ تۇراتتى.
ئايرۇس بىلەن رەشىدەنىڭ شۇ چاغدىكى چىراي ئىپادىسىنى كۆرۈپ، ھەرقانچە دۆت بولسىمۇ ئۇلارنىڭ بۇ قېتىم سىرتقا چىقىش پۇرسىتى يوق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ.
- ياق، بىز ئۇنداق قىلمىدۇق... - دېدى ئايرۇس.
- ئىنكار قىلماڭ، بۇنداق قىلسىڭىزمۇ ئاغزىڭىزنىڭ چىڭ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشتىن باشقا يامان ئىشنى قىلىشقا پېتىنىپ، ئەمدى مەن قىلدىم دېيەلمەيدىغان ساختا ئەپتى بەشىرىڭىزنىنى ئېچىپ تاشلاشتىن باشقا ھېچقانداق پايدىسى يوق. ئەينى چاغدا سىز دوختۇرخانىدىن پۇل بېرىپ سېتىۋالغان ئادەم ئەينەن ئىقرار قىلدى.
بىراق سىلەرنىڭ شۇنچە يىللاردىن بېرى Y رايوندا يىغىلىپ قالغان كىشىلىك مۇناسىۋىتىڭلارنى كۆزدە تۇتۇپ، سىلەرنى بۇ يەرگە قاماپ قويۇشنىڭ ئۆزى قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىڭلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شۇنچە كۆپ ئادەم كۈچىنى چىقىرىپ ۋاقتىنچە سىلەرگە قاراتتى، بۇمۇ بىر كۈچنى ئىسراپ قىلغانلىق. - دېدى خىزمەتچى خادىم.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar