مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز74-قىسىم - ياخشى سوۋغات

文摘   小说   2024-08-21 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق 94-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766


737271






 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

74-قىسىم

  


74-قىسىم 

سىزنى سۆيۈپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ (2)


دەرۋەقە جەسۇر بۇ ئۆيىنى سېتىۋاپتۇ!

زىلالە كۆڭلىدە ھەم خۇشال بولدى ھەم تەسىرلەندى.

ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ، جەسۇرنىڭ بوينىدىن قۇچاقلاپ:

 -   بۇ مەن تاپشۇرۇۋالغان ئەڭ ياخشى سوۋغات، رەھمەت سىزگە جەسۇر.  -  دېدى.

كىچىكىدىن تارتىپ چوڭ بولغان بۇ ئۆيدە نۇرغۇن ئەسلىمىلەر ۋە قىيالماسلىقلا بار، شۇنچە ۋاقىتتىن ياقى  ئۆزىنىڭ بۇ ئۆينى ساقلاپ قالالمىغانلىقىدىن نەپرەتلەنگەن.

 - يەنە باشلىدىڭىزمۇ، ئېرىڭىزگىمۇ تۈزۈت قىلامسىز؟  -  دېدى جەسۇر كۈلۈپ تۇرۇپ، مۇلايىملىق بىلەن يېنىك ئۇرۇپ،  -  ئۆينىڭ ئىگىسى بولغاندىكىن مېنى ئۆيىڭىزنى كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلامسىز؟  -  دېدى.

زىلالە بۇرۇنىنى تارتىپ، كۆزىنى سۈرتتى.

بېشىنى قايتا كۆتۈرگەندە كۆز چاناقلىرى قىزىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما  كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

 - يۈرۈڭ، مەن سىزنى داچىنى ئايلاندۇرۇپ چىقاي!  -  دېدى - دە   جەسۇرنىڭ قولىدىن تارتىپ، پەلەمپەيدىن چىقىپ، بىر-بىرلەپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ياتىقى، ئاكىسىنىڭ كۇتۇپخانىسىنى تونۇشتۇردى.

ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ياتىقىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ:

 - بۇ مېنىڭ ياتىقىم، كىچىكىمدىن تارتىپ مۇشۇ ئۆيدە تۇراتتىم.  -  دېدى.

جەسۇر كىرىپ ئوڭ-سولغا قاراپ،كۆزى كىتاب ئۈستىلىگە چۈشۈپ:

 - ئۇ نېمە؟  -  دەپ سورىدى.

زىلالە ئۇنىڭ نەزىرى بويىچە قاراپ، ئاندىن كىتاب ئۈستىلىدىكى يوغان بىر قەغەز يەشىكنى كۆردى.

غەلىتە ئىش، ئۇ نېمىشقا ئۆزىنىڭ بۇنداق نەرسىسى بارلىقىنى بىلمەيدۇ؟

ئەجەبا  سوت مەھكىمىسىدىكىلەر يىغىشتۇرغان نەرسىلەرمۇ؟

كۆڭلىدە ھەر خىل گۇمانلارنى قىلغان زىلالە قولىنى سوزۇپ يەشىكنى ئاچتى.

تونۇش تاتلىق پۇراق دىمىقىغا ئۇرۇلدى، قاپنىڭ ئىچىدە  شاكىلاتلىق تۇغۇلغان كۈن تورتى تۇراتتى.

تورتنىڭ ئۈستىگە چىرايلىق  قىلىپ قولدا يېزىلغان  < تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن >  دېگەن خەت،  يەنە 22 دېگەن سانمۇ قىستۇرۇلغانىدى .

تۇغۇلغان كۈنى؟

زىلالە چۆچۈپ كېتىپ، تۇيۇقسىز ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۈگۈن ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكىنى يادىغا ئالدى.

يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن ئىشلار يۈز بېرىپ، ئۆزىمۇ ئۇنتۇپ قاپتۇ،  بۈگۈن ئۇ توپتوغرا 22 ياشقا كىردى.

 جەسۇرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلىغانلىقىنى پەملىگەن زىلالە بۇرۇلۇپ جەسۇرگە قاراپ:

 - بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىكەنلىكىنى قانداق بىلدىڭىز؟  -  دەپ سورىدى.

 -  ئەخمەق، تويلىشىش كىنىشكىسىدە تۇغۇلغان كۈنىڭىز بار.  -  دېدى جەسۇر ئالدىن تەييارلاپ قويغان قىزىل ھاراق ۋە رومكىنى ئېلىپ ئۈستەلگە قويۇپ.

بىر قولى بىلەن ئۈستەلنى تۇتۇپ، يەنە بىر قولى بىلەن چاقماقنى چىقىرىپ، تۇغۇلغان كۈن تورتىدىكى رەقەملىك شامنى ياندۇرۇپ:

 - خوتۇن، تىلەك تىلەڭ!  -  دېدى.

زىلالە ئالدىنقى قېتىم بالكوندا كۆرگەن ھېلىقى كۆلەڭگىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئاخىر چۈشەندى.

 كۆرگەن ئادەم ھەقىقەتەن جەسۇر ئىكەن.

ئۇنى  تۇيۇقسىز خۇش قىلىش ئۈچۈن،  ئىزچىل يوشۇرۇنچە بىر مۇنچە ئىشلارنى قىپتۇ.

ئۇنىڭ ھۆججەتنى  چوقۇم  ئەكبەرگە بۈگۈنلا يەتكۈزۈپ بېرىشىم كېرەك دەپ تۇرۇۋېلىشىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن.

قاتتىق تەسىرلەنگەن زىلالە يېنىدا تۇرغان ئەرگە قاراپ، قولىنى مەيدىسىگە قويۇپ ئەستايىدىل تىلەك تىلىدى.

ئاندىن كۆزىنى ئېچىپ، كۈچەپ شامنى پۈۋلەپ ئۆچۈردى.

جەسۇر بىر رومكىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ،  بىر رومكىنى ئۆزى ئېلىپ يېنىك تەگكۈزۈپ:

 -   بۈگۈندىن باشلاپ جاپا-مۇشەققەت ئىشلارنىڭ ئاخىرلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەممە ئىشىڭىزنى كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن!  -  دېدى.

زىلالە رەھمەت ئېيتماي، قولىنى كۆتۈرۈپ  بىراقلا ئىچىۋەتتى.

 - ھەي!  - جەسۇر ئەنسىرەپ ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتۇۋېلىپ، - ئاستىراق ئىچىڭ،  مەست بولۇپ قالىسىز.  -  دېدى.

 - كارىڭىز بولمىسۇن! - دېدى زىلالە ئۇنىڭ قولىنى ئىتتىرىپ، - بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم، مېنىڭ دېگىنىم ھېساب!  -  دېدى.

 - بولىدۇ، سىزنىڭ دېگىنىڭىز ھېساب. - دېدى جەسۇرمۇ رومكىنى قۇرۇقداپ، - خوتۇن يەنە نېمە قىلغىڭىز بار؟  -  دەپ سورىدى.

 - تورت يەيلى!  -  دېدى زىلالە رومكىنى قويۇپ، تورت پىچىقىنى ئالدى.

بىر پارچە تورتنى كېسىپ  ئىككى قولى بىلەن جەسۇرغا سۇندى.

جەسۇر قولىغا ئېلىپلا، ئۈستىدىكى شاكىلاتنى قوشۇق بىلەن كولاپ ئېلىپ، ئۇنىڭغا يېگۈزدى.

زىلالەمۇ تۈزۈت قىلماي ئاغزىنى ئېچىپ يەپ، مۈرىسىدىن تۇتۇپ:

- ئېرىم، بۈگۈن ...  -  دېدى.

 جەسۇر قولىنى كۆتۈرۈپ، ئېغىز ئەتراپىدىكى شاكىلاتنى سۈرتۈپ:

-  بۇرۇنلا سىزنى ماڭا رەھمەت ئېيتماڭ دېگەن!  - دېدى.

 - كىم مېنى رەھمەت ئېيتىدۇ دەيدۇ؟ - دېدى زىلالە بېشىنى كۆتۈرۈپ، سەمىمىيلىك بىلەن، -  ئېرىم، بۈگۈن بىز مۇشۇ يەردە قونۇپ قالساق قانداق؟  -  دېدى.

شۇنچە يىللاردىن بۇيان، ئۇ ھەر بىر تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆيىدىكىلەر بىلەن بىللە ئۆتكۈزەتتى.

بۇ قېتىممۇ ئوخشاشلا بۇ يەردە ئۆتكۈزۈشكە نائىل بولدى.

 - بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنىڭىز ، سىزنىڭ دېگىنىڭىزچە بولسۇن، - دېدى جەسۇر كۈلۈپ تۇرۇپ.   

زىلالە يۈزىگە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ،  :

 -  يەنە بىر رومكا ئىچەيلى!  -  دېدى.

- يەنە ئىچسىڭىز مەست بولۇپ قالىسىز.  -  دېدى جەسۇر.

 - مەست بولساممۇ مەيلى!  -  دېدى زىلالە ۋە رومكىنى كۆتۈرۈپلا ئىچتى.

بۈگۈن ئۇنىڭ راستتىنلا مەست بولغۇسى كەلدى.

ئەمما جەسۇر ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ:

- ئاستىراق ئىچىڭ، بولمىسا ئاشقازىنىڭىز بىئارام بولىدۇ!  - دېدى. 

زىلالە رومكىنى كۆتۈرۈپ، كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ:

- جەسۇر، ماڭا نېمىشقا بۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىسىز؟  -  دەپ سورىدى.

 -  سىز مېنىڭ خوتۇنۇم،  سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلماي، كىمگە قىلىمەن؟  -  دېدى جەسۇر.

  زىلالە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

-  بىز يا مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغان بولمىساق؟  -  دېدى.

 - كىم ئاۋۋال مۇھەببەتلىشىپ ئاندىن توي قىلىدۇ دەپ بەلگىلەپ قويۇپتۇ، - دېدى جەسۇر كۈلۈپ قويۇپ، - بىز ئاۋۋال توي قىلىپ، ئاندىن مۇھەببەتلەشسەك بولىدۇ.  -  دېدى.

زىلالە داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قېلىپ، ئارقىدىن قاقاقلاپ كۈلۈپ:

 - قارىسىغا سۆزلىمەڭ، نەدىمۇ ئاۋۋال توي قىلىپ، ئاندىن مۇھەببەتلىشىدىغان ئىش بار؟  -  دېدى.

جەسۇر ئۇنىڭ سەل مەست بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، قولىنى سوزۇپ رومكىسىنى تارتىۋېلىپ:

- بولدى، ئەمدى ئىچمەڭ.  -  دېدى.

 -  يەنە بىر يۇتۇم ئىچكىلى قويۇڭ، - دېدى  زىلالە ئۇنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ ئەركىلەپ، -  بىر يۇتۇم بولامدۇ؟  -  دېدى.

 - نېمىشقا  ئىچىسىز؟  -  دەپ سورىدى جەسۇر.

 -   مەست بولۇش ئۈچۈن.  -  دېدى زىلالە.

  - نېمىشقا مەست بولىسىز؟  -  دەپ سورىدى جەسۇر كۈلگۈسى كېلىپ.

   زىلالە قولىنى سوزۇپ، ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ:

- بۈگۈن كەچتە، مېنىڭ تەشەببۇسكار بولغۇم بار.  - دېدى.

جەسۇر ئۇنىڭ ئۈچۈن بەك كۆپ ئىش قىلىپ بەردى، ئۇنىڭ  جاۋاب قايتۇرىدىغان ئامالى پەقەت بىرلا.


جەسۇر رومكىنى ئۈستەلگە قويۇپ،  قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭ بېلىدىن تۇتۇپ، يەنە بىر قولى بىلەن يۈزىنىڭ يان تەرىپىگە ساڭگىلاپ تۇرغان ئۇزۇن چاچلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، يۇمران يۈزىنى يېنىك سىيلاپ:

- خوتۇن، مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟  -  دەپ سورىدى.

زىلالە ئۇنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ قاراپ، ئاستاغىنا:

 - ياخشى كۆرىمەن. - دېدى.

 -  قانچىلىك ياخشى كۆرىسىز؟  -  دەپ سورىدى جەسۇر.

زىلالە بېشىنى سىڭاريان قىلىپ، ئەستايىدىل ئويلىنىپ:

 -  بىلمەيمەن.  -  دېدى.

- مەن بىلەن مۇھەببەتلىشىشنى خالامسىز؟  -  دەپ سورىدى جەسۇر.

زىلالە بېشىنى يېنىك چايقاپ:

 -  خالىمايمەن.  -  دېدى.

 - نېمە ئۈچۈن؟  -  دەپ سورىدى جەسۇر.

 - مېنىڭ ئەمدى مۇھەببەتلەشكۈم يوق، مۇھەببىتىمدىن ئايرىلىپ قالسام  بىئارام بولىدىكەنمەن.  -  دېدى زىلالە.

راست مەست بولۇپ قاپتۇ، ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا  ھەقىقىي ئويىنى ئېيتتى.

جەسۇرنىڭ ئىچى ئاغرىپ،  قايتا بۇ ھەقتە سوئال سورىمىدى.

زىلالە  جەسۇرنى كارىۋاتقا ئىتتىرىپ ئولتۇرغۇزدى، ئۆزى قۇچىقىغا  كېلىپ ئولتۇرۇپ، ئىككى قولىنى مۈرىسىگە قويۇپ:

 -  ھازىر، مېنىڭ ...  سىزنى سۆيگۈم كېلىۋاتىدۇ!  -  دېدى.

 بوينىدىن قۇچاقلاپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۆيدى.

بۈگۈن كەچ زىلالە ئادەتتىن تاشقىرى قىزغىن بولدى.


 

 

..................................

...........

...


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章