گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 30-قىسىم _ سىزگە بۇنداق پۇرسەت يوق

文摘   小说   2024-09-08 13:59   新疆  


 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  54  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓



گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21
109876
1514131211
2019181716
2524232221

29282726









گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

30-قىسىم

 




30-قىسىم

سىزگە بۇنداق پۇرسەت يوق


- ئەنسەر ئەپەندى، ھازىر نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلەمسىز؟  .. - دېدى رەنا.

- لېكىن بۇ مېنىڭ شەخسىي ئىشىم، رەنا خانىم، بۇنداق سورۇندا پەيدا بولغىنىمدىن خىجىلمەن، لېكىن، يەنىلا سىزنىڭ بىر ئىشنى چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، دىلنار سىزنىڭ ئورنىڭىزغا ۋارىسلىق قىلالمايدۇ! سىز باشقا ئادەمنى ئىزدەڭ.  - دېدى ئەنسەر.

رەنا قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

- سىز... - دېدى. 

دىلنار قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئەنسەرگە قاراپ:

-  بولدى قىلامسىز ياقمۇ؟سىزدەك مۇھىم شەخسمۇ مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسىز ھەرىكەتتە بولامدۇ؟ - دېدى. 

- مەن ئۇنچە كۆپ ئىشلارغا باش قاتتۇرۇپ بولالمايمەن، - دېدى ئەنسەر. 

ئۇنىڭ چوڭقۇر كۆزلىرى دىلنارغا تىكىلدى، ئاۋازى بارغانسېرى پەسلەپ،  بىلىكىدىن تۇتقان قولى سەل-پەل تارتىلىپ، دىلنارنى قۇچىقىغا ئالدى.

ئىككى ئادەمنىڭ ئارىلىقى يېقىن بولسىمۇ، دىلنارنىڭ ئىككى پۇتى  قولايسىز بولغاچقا، پۈتۈن بەدىنى ئۇنىڭ قۇچىقىغا تىرىلىپ قالدى.

ئۇ تېخى ئىنكاس قايتۇرماي تۇرۇپلا ئەنسەر ئۇنى   كۆتۈرىۋالدى.

ئاندىن قولىدىكى مىكروفوننى تاشلاشقىمۇ ئۈلگۈرمەي، كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇنى كۆتۈرگەن پېتى شەھەر قوۋۇقى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

كۆپچىلىك ئۇنىڭ ھەرىكىتىدىن دەسلىپىدىلا ھاڭ-تاڭ قالغان بولسا، ھازىرقى ھەرىكىتىنى كۆرۈپ، كاللىسى تېخىمۇ قېتىپ قالدى.

بۇ ئەر، ھەقىقەتەن ... ھىم .... قانداق سۈپەتلەشنى بىلمىدى.

ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا ئارقا-ئارقىدىن يول بېرىشتى.

ئەنسەر دىلنارنى كۆتۈرۈپ پەلەمپەيدىن چۈشكەندە، دىلنار بىردىنلا ئېسىگە كېلىپ، ئەنسەرنىڭ  كاستۇمىنى تۇتۇۋېلىپ:

- نېمە قىلىۋاتىسىز؟  - دېدى.

- قايتىپ كېتىمىز، - دېدى ئەنسەر. 

-مېنى قويۇۋېتىڭ! - دېدى دىلنار.

- مۇمكىن ئەمەس. - دېدى ئەنسەر.

- ئەنسەر!  - دېدى دىلنار.

- مەن بار. - دېدى ئەنسەر. 

 دىلنار ھازىرقى غەزىپىنى قانداق ئاشكارلىسۇن، ئەنسەر ئۇنىڭغا ئىزچىل مۇلايىملىق بىلەن پىچىرلاپ، تەمكىن، مۇلايىملىق بىلەن جاۋاب قايتۇردى.

ئازراقمۇ ئاچچىقلانمىدى، مىدىرلىماي تۇرغان ھالىتى دىلنارنى بىر مۇشت ئۇرغۇسىنى كەلتۈردى.

- ھەقىقەتەن نومۇسسىز ئىكەنسىز.  - دېدى دىلنار.

- ھەئە.  - دېدى ئەنسەر.

ئەنسەرنىڭ قولىدا يەنىلا ھېلىقى مىكروفون بار ئىدى، دىلنارنىڭ غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولغان ئاۋازى ۋە ئەنسەرنىڭ تەمكىن، سالماق پوزىتسىيەسى، مەيلى  قانداق ئۇرسۇن، تىللىسۇن، ھەممىسى پۈتۈن مەيدانغا تارقالدى.

كۆپچىلىك ئاڭلاشقا تېگىشلىكنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلىدى.

شۇڭا يا كۈلۈشنى يا يىغلاشنى بىلەلمەي قالدى.

داڭلىق ئەنسەر ئەپەندىنىڭ بۇنداق ئەر ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمىغانىدى.

رەنانىڭ قىزى بولۇشقا مۇناسىپ، ئۇلارنىڭ چوڭ خانقىزىنىڭ ئەرلەرنى بۇيسۇندۇرۇشتىمۇ ئۆزىگىچە  ئامالى باركەن.

بۇ چاغدا بىر تىك ئۇچار يۇقىرى ئاۋازدا غۇيۇلداپ  ئۇلارنىڭ يېنىدا توختىدى.

دىلنارنىڭ يۈرىكى تىترەپ،  چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ:

- ئەنسەر، مېنى قويۇۋېتىڭ... - دېدى.

- بۇنداق پايدىسى يوق گەپلەرنى قىلماڭ، شامالدىن ئېھتىيات قىلىڭ  - دېدى ئەنسەر.

ئۇ قىلچە توختاپ قالماي، ئۇنى كۆتۈرۈپ تىك ئۇچارغا چىقتى.

رەنا بۇ ئەرنىڭ بۇنداق تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.

قارىغاندا ئۇنىڭ باشتىلا مۇشۇنداق پىلانى بار ئىكەن.

 - دەرھال... ئۇنى توسۇۋېلىڭلار!  - دېدى رەنا.

ئەنسەرنىڭ دىلنارنى مەجبۇرىي ئېلىپ كەتمەكچى بولۇشى، ئۇنى پەقەتلا كۆزگە ئىلمىغانلىق  ئىدى.

نەق مەيداندىكى ياردەمچىلەرنىڭ ھەممىسى ھەرىكەتكە كەلدى، بىراق ئىككىيلەن تىك ئۇچارغا چىقىپ بولغانىدى.

ئۇلار ئەنسەردەك مۇھىم شەخسكە خالىغانچە قول سالالمايدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى چوڭ خانقىزنىڭ   بىخەتەرلىكىنى ئويلىشىشى كېرەك، شۇڭا ئۇلارغىمۇ سەل قىيىنغا چۈشتى.


رەنانىڭ چىرايى قارىداپ كەتتى، ئەمما ئۇ  بىر چەتتە پەرۋاسىزلىق بىلەن   كۈلۈمسىرىگەندەك قاراپ تۇرغان دىلارەگە قاراپ قۇشۇمىسى تۈرۈلدى.

ئاپىسى باشقىلار تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلسە، مۇشۇنداق تەمتىرىمەي، كارايىتى چاغلىق پوزىتسىيە تۇتامدۇ؟

ياكى ئۇ بۇرۇنلا بۇ ئىشنى بىلەمدۇ... 

رەنا يوشۇرۇنچە پەرەز قىلىۋاتقاندا، نەتىجىدە پۈتۈن مەيداندا يەنە ئەنسەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.

- كەچۈرۈڭ، رەنا خانىم، مەن دىلنارنى ۋاقتىنچە ئېلىپ كەتتىم.  ئەينى چاغدا  سىزنىڭ نەۋرە كۈيئوغلىڭىز مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن دىلنارنى يېنىمدىن مەجبۇرىي ئېلىپ كەتكەن، مەن پەقەت ئۇنى قايتىدىن قايتۇرۇپ كەتتىم خالاس. لېكىن يەنىلا سىزنىڭ نەۋرە كۈيئوغلىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن، ماڭا مۇشۇنداق  ئاددىي ھەم پايدىلىق ئۇسۇلنى ئۆگىتىپ قويدى. ئەڭ ئاخىرىدا بۇنداق ئۇسۇلنى قوللىنىشىم ھەقىقەتەن ئامالسىز قالغانلىقىمدىن بولدى، كېيىن چوقۇم ئىشىك ئالدىڭىزغا بېرىپ ئەپۇ سورايمەن. ئاخىرىدا دىلارە خانقىزنى تەبرىكلەيمەن، ۋاقىت چىقىرىپ ئاپىڭىزنى كۆپرەك يوقلاپ كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن. - دېدى.

رەنا، دىلارە  ، ئىليار  گەپ قىلالماي تۇرۇپ قالدى.

ئەكرەم ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويۇپ، خوجايىننىڭ سوغۇق نەپەس ئېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، لېۋىنى چىڭ يۇمۇۋالدى، كۈلگۈسى كەلسىمۇ كۈلۈشكە جۈرئەت قىلالمىدى.

 ئەنسەر ئەپەندىمۇ بەك قالتىسكەن، ئەڭ ئاخىرىدا خوجايىننى ئاشكارىلاشنى ئۇنتۇپ قالمىدى.

راست گەپ، ئالىيجانابلارنىڭ قىساس ئېلىشى ئون يىلدىمۇ كېچىكمەيدۇ، قىساس ئالمىغانلىق ئەمەس، ۋاقىت تېخى پىشىپ يېتىپ كەلمىگەنلىكتىن بولىدۇ.

ئەگەر ئەرلەر ئۆچمەنلىك ساقلىسا، ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ پىخسىق ھەم قورقۇنچلۇق بولۇپ كېتىدۇ.

دىلارەمۇ ئەكرەمغا ئوخشاش ئويدا بولدى.

بەلكىم ئۇ بەزى ئەرلەرنى ئىزچىل خاتا چۈشىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.

بۇنىڭدىن كېيىن پەقەت سىرتقى قىياپىتىگىلا قارىسا بولمايدىكەن.

ئىليار  تىك ئۇچارنىڭ بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تۇيۇقسىز كەسكىن تەلەپپۇزدا:

- ئۇنى جايلىۋېتىڭلار، - دېدى. 

ئەكرەم ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ:

-  ئەپەندىم، ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، ئۇنىڭ يېنىدا يەنە سىزنىڭ سۆيۈملۈك قېيىنئانىڭىزمۇ بار ، - دېدى. 


دىلنار مەجبۇرىي  ئايروپىلانغا ئېلىپ چېقىلدى، چىرايى سۈرلۈك ھەم قورقۇنچلۇق تۈسكە كىرىپ:

- ئەنسەر، مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن مېنى مەجبۇرى ئېلىپ كېتىپ  قانائەت تاپامسىز؟  - دېدى .

ئەنسەر لەۋلىرىنى يۇمۇپ قويۇپ:

-  شۇنداق،   پەقەت يېنىمدا بولسىڭىزلا بولدى، - دېدى.  

دىلنار سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ:

-  بولىدۇ،  بىلدىم، بىر-بىرىمىزنى قىينايمىز شۇنداقمۇ؟ سىز قورقمىغاندىكىن، مەنمۇ ئەلۋەتتە قورقمايمەن، ھازىرقىدىنمۇ بەكرەك بىئارام بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە بەرداشلىق بېرەلەيمەن، ھازىرقى بۇنچىلىك ئىشلار نېمىگە ھېسابتى؟ - دېدى دىلنار. 

ئەنسەر لەۋلىرىنى چىڭ يۇمۇپ، دىلنارنىڭ قاپقارا، چوڭقۇر كۆزلىرىگە قاراپ:

- دىلنار... - دېدى.

- مېنى بۇنداق چاقىرماڭ. - دېدى دىلنار سوغۇق تەلەپپۇزدا، بېشىنى دېرىزە تەرەپكە بۇراپ، -  ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى بۇنداق يېقىنچىلىق قىلىپ چارقىرغۇدەك دەرىجىدە يېقىن ئەمەس دەپ قارايمەن.  - دېدى.


- ياق، بىز ھەقىقەتەن بەك يېقىن! ئىنكار قىلسىڭىز بولمايدۇ، بىز ئىلگىرى ... - دېدى ئەنسەر .

- ئىلگىرى نېمە بولغان؟ - دىلنار ئۇنىڭ سۆزىنى كەسكىنلىك بىلەن بۆلۈپ، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە سوغۇق تەنە بىلەن قاراپ،  - بۇرۇنقى ئىشلارنى دېگەندىن كۆرە، ھازىر مېنى ئايروپىلاندىن تاشلىۋەتكىنىڭىز تۈزۈك، بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.  - دېدى.

ئەنسەرنىڭ سىياھتەك قارا بىر جۈپ كۆزى خۇددى بىر نەرسە ئارىلاشتۇرۋېتىلگەندەك، ئاستا-ئاستا ئالا-بۇلىماچ بولۇپ قالدى.

ئۇ ھەر كۈنى ئۆزىگە، مەيلى كۆز ئالدىدىكى بۇ ئايال قانچىلىك كەسكىن گەپ قىلسۇن، قانداق ئامال قىلىپ ئۇنى يارىلاندۇرۇپ قويسۇن، بۇنچىلىك كىچىك ئىشلار كارى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

چۈنكى  ئۇنىڭ دىلنارغا قايتۇرۇشقا تېگىشلىك  قەرزى بار.

ئۇ بىر ئۆمۈر ۋاقىت سەرپ قىلىپ، دىلنارنىڭ ئۆزىدىن ئاز- ئازدىن ئۆچ ئېلىشنى خالايدۇ.

لېكىن، ئازابنى ھەقىقىي باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، دىلنارنىڭ ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتى، ھەتتا بىر قاراشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن كۆرۈنمەس، ئۆتكۈر نەرسىگە ئوخشايدىغانلىقىنى  ھېس قىلدى.

- سىز مېنىڭ ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىمنى بىلىسىز.  - دېدى ئەنسەر.

دىلنار سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ:

-   راستتىنلا شۇنداق قىلسىڭىزمۇ، مەن ھەرگىز ھەيران قالمايمەن. قانداقلا بولمىسۇن سىزمۇ بىۋاسىتە مېنى يوق قىلىشنى ئويلاپ باققان. - دېدى .

ئۇنىڭ سۆزلىرى خۇددى ئۆتكۈر  نەرسىگە ئوخشاش ئەنسەرنىڭ كۆكرىكىنى تېشىپ ئۆتۈپ كەتتى.

بىر خىل ئۆتكۈر ئاغرىق  نەپەس ئېلىشتا قىينىغاندەك ھېس قىلدۇردى.

دىلنار   ئۇنىڭ قۇچىقىدىن قۇتۇلغان بولۇپ، بېشىنى دېرىزە سىرتىغا بۇراپ، ئۇنىڭغا پەقەت سوغۇق چىرايىنى قالدۇردى.

ئەنسەر ئەمدى گەپ قىلمىدى، يەنە سۆزلەۋەرسە، دىلنارنىڭ تېخىمۇ تەمكىن چىراي ئىپادىسى بىلەن ئۇنى  گەپ-سۆز قىلالمايدىغان قىلىپ قويىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.

دىلنارنىڭ كۆزلىرى سوغۇق ئىدى، ئۇ ئايروپىلان دېرىزىسىنىڭ سىرتىدىكى مەنزىرىگە قارىدى، ئاستىدىكى بەزى جايلار ئاپئاق كۆرۈندى.

قاچانلاردىدۇر يىغىلىپ قالغان قار، يەنە ئەگرى-بۈگرى دەريالاردىن شەكىللەنگەن مۇز دەريالارمۇ بار ئىدى.

بەلكىم يەنە بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، باھار كېلىپ، قار - مۇزلار ئېرىشى مۇمكىن.

ئەمما كىشى قەلبىدىكى قارلىق تاغ ۋە مۇزلۇقلارنى قانداق قىلىپ ئېرىتكىلى بولىدۇ؟

بولمايدۇ، ئون نەچچە يىل بولدى، يەنىلا ئېرىمىدى.

 قايتا - قايتا پەيدا بولغان يارا ئېغىزى  ئاخىرى قار-مۇزلارغا ئايلاندى، قار-مۇزلار ئېرىسە، يارا ئېغىزى چوقۇم يەنە بىر قېتىم ياللۇغلىنىپ قالىدۇ.

ئۇنىڭ چىرايى بىلىنەر-بىلىنمەس چىڭقىلىپ، نەپەس ئېلىشى بارا-بارا سوۋۇدى.

ئىلگىرى بولغان ئىشلارنى...  ئۆتمۈشىنى ھېچكىم تىلغا ئالماسلىقى كېرەك.

بولۇپمۇ بۇ ئەر، ھەرگىز ماس كەلمەيدۇ.

ئەنسەر دىلنارنىڭ بەدىنىدىكى نەپەس ئۆزگىرىشىنى سېزىپ، ئۇنىڭغا يانچە قاراپ، نېپىز لەۋلىرىنى مىدىرلاتتى، لېكىن يەنىلا گەپ قىلىشقا پېتىنالمىدى.

دىلنارنىڭ ھازىرقى ھالىتى بىلەن،  ئېغىز ئاچسا تېخىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ.

ئەمدى گەپنى بىز رەنا بار مەيداندىن ئاڭلايلى.

دىلنار تۇيۇقسىز ئېلىپ كېتىلدى، شۇنچىلىك تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇراسىم  بىر مەھەل قالايمىقانلىشىپ كەتتى.

مېھمانلار ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشىپ، كەيپىياتى خىلمۇخىل، مۇرەككەپ ئوي - پىكىرلەردە بولدى. 

ھەممىسى بۇ قېتىمقى مۇراسىمىدىكى ئويلىمىغان يەردىن چىققان تاسادىپىيلىقتىن بولدى.

ب رايوندىن كەلگەن ئەنسەر ئەپەندى مۇراسىمدا دىلارە خانقىزنىڭ ئاپىسىنى مەجبۇرىي ئېلىپ كەتتى.

بۇ خەۋەر مۇقەررەر ھالدا ھەممىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

رەنانىڭ ئاچچىقتىن چىرايى كۆكىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن دىلارەنىڭ پوزىتسىيەسىنى كۆرۈپ، بىردىنلا كۆڭلى جايىغا چۈشتى.

بۇ ئۇنىڭ كۆرەلمىگىنى ئەمەس، ئۇ دىلنارغا ئورنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن،  بىلىپ-بىلمەيلا دىلنارنىڭ بەزى خىياللىرىنى كۆرۈپ قالغانىدى.

دەسلەپتە دىلنار بۇ تۇيۇقسىز كەلگەن يۈكنىڭ بەك تېز ھەم بەك ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.

كېيىن رەنا دىلنارغا ئېغىر كەلمىگەندەكمۇ ھېس قىلغان، ئەمدى  نېمە ئىش بولغانلىقىنى چۈشەندى.

ئەسلى دىلنار بايىقى ئەنسەر ئىسىملىك ئەرگە بەك ئۆچكەن.

نەپرەت كۆپ ھاللاردا مۇھەببەت ئاساسىغا قۇرۇلغان بولىدۇ.

ئەينى چاغدا قانچىلىك چوڭقۇر سۆيگەن بولسا، ھازىر شۇنچىلىك نەپرەتلىنىدۇ.

بىر ئادەمگە ئۆچ بولۇشنىڭ كەينىدە قانداقلا بولمىسۇن ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدىغان بىر خىل ئۈمىد بار.

بۇنداق ئىشنى دىلنارنى كۆپ چۈشىنىدىغان ئادەم بولغاندىلا ئاندىن بايقىيالايدۇ.

ھازىر ھەممە ئادەم رەنانىڭ بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىنى ساقلاۋاتىدۇ.

بۇ كاتتا ئائىلىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش.

ۋەھالەنكى، رەنا ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى،  مۇراسىمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى بولغان  باسقۇچ ئاخىرلاشتى، ئۇ ئاددىي سۆز قىلىپ، كەچتە يەنە  بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتتى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، كۆپچىلىكنىڭ ۋاقىپ بولۇپ قېلىشىنى ئېيتتى.

گەرچە كۆپچىلىك ناھايىتى قىزىققان بولسىمۇ، لېكىن  كۆپ سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدى.



 

 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章