مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز75-قىسىم - بۇ ئىزنى ئۇ قالدۇردىمۇ

文摘   小说   2024-08-22 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق 96-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766

74737271






 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

75-قىسىم

  

 


  75قىسىم 

بۇ ئىزنى ئۇ قالدۇردىمۇ؟ !


تۈن نىسپىدىن ئۆتۈپ تاڭ ئاتتى.

زىلالە ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، بېشىنىڭ ئازراق ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، قوشۇمىسىنى تۈرۈپ بېشىنى چايقىدى.

 - بېشىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ؟  -  جەسۇر ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىپ، قولىنى سوزۇپ،  چېكىسىنى بېسىپ قويدى.

ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، زىلالەمۇ كۆزىنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ جەسۇرنىڭ يېنىدا ياتقانلىقىنى كۆرۈپ، يۈزى قىزىپ، ئالدىراپ-تېنەپ يوتقاننى تارتىپ يېپىنىپ، ئوتتۇرىدىن بوشلۇق چىقاردى.

 -  بەك ئاغرىۋاتامدۇ؟ - جەسۇر قولىنى سوزۇپ  مۈرىسىدىن تۇتتى، -  ئەنۋەرغا ئازراق دورا ئەكېلىپ بېرىشنى ئېيتايمۇ؟  -  دېدى.

 -  ھاجىتى يوق!  -  زىلالە ئالدىراش ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەدىيالنى تارتىپ بەدىنىگە يۆگەپ.

جەسۇر ئۇنى يەنە جىجىل قىلغۇسى كەلمەي   يېنىك كۈلۈپ قويۇپ تېمىنى يۆتكەپ؛ 

 - بۇ كۆڭلەكنى كىيگىلى بولمايدۇ، ماڭا كىيگۈدەك كىيىم تېپىپ بېرەمسىز؟  -  دېدى.

زىلالە ئۇنىڭ قولىدىكى شاكىلات سۈركۈلۈپ، پۈرلىشىپ كەتكەن كۆڭلەككە  قاراپ:

 - مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ.  -  دېدى.

ئالدىنقى قېتىم   يۈك-تاقلىرىنى ئارانلا ئېلىپ كەتكەن، باشقا نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى داچىدا قالغانىدى.

زىلالە ئۆمەرنىڭ ياتىقىغا كىرىپ، قېپى ئېچىلمىغان يېڭى كۆڭلەكنى تېپىپ ئۇنىڭغا سۇنۇپ:

 -  بۇ ئاكامنىڭ كىيىمى، كىيىپ سىناپ بېقىڭ دەل كېلەمدۇ؟ - دېدى. 

جەسۇر كۆڭلەكنى ئېلىپ،  تۈگمىسىنى ئېچىپ كىيدى.

كۆڭلەكنىڭ كەينى تەرىپىدە يەنە قاتلاق قىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرگەن زىلالە  تارتىپ ئوڭشاپ قويماقچى بولدى.

شۇ جەرياندا جەسۇرنىڭ بېلىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئالىقانچىلىك كېلىدىغان تارتۇققا كۆزى چۈشۈپ قالدى.

تارتۇق رەتلىك كېسىلگەن بولۇپ، ئۆتكۈر نەرسە بىلەن كېسىلگەندەك قىلاتتى.

يېنىدا يەنە تىكىلگەن ئىزمۇ بار بولۇپ، قارىماققا كىشىنى چۆچۈتەتتى.

زىلالە قولىنى سوزۇپ، تارتۇق ئىزىنى سىيلاپ:

  - بۇ... قانداق پەيدا بولغان؟  -  دەپ سورىدى.

جەسۇر كۆڭلىكىنى تارتىپ بېلىنى توسۇۋېلىپ:

  - ھېچ ئىش يوق،  كونا يارا.  -  دېدى.

ئۇنىڭ كۆپ گەپ قىلغۇسى يوقلىقىنى بىلگەن زىلالە   قايتا سورىمىدى.

داچىدا ئۇزۇن مەزگىل ئادەم تۇرمىغاچقا، يېگۈدەك نەرسە يوق ئىدى.

ئىككىيلەن كىيىملىرىنى كىيىپ، ئاددىيلا جابدۇنۇپ بىرلىكتە ماشىنا ھەيدەپ داچا رايونىدىن ئايرىلدى.

زىلالە ئوڭ-سولغا قاراپ، ماشىنىنى يېقىن ئەتراپتىكى ئاشخانىغا تەرەپكە بۇرىدى، ئۇ ئىلگىرى دائىم مۇشۇ ئاشخانىدىن تاماق يەيتتى.

ناشتىلىق بۇيرۇتۇپ ساقلىغان ۋاقىتتا جەسۇر كومپيۇتېر سومكىسىنى ئېچىپ، ئىچىدىن تەشۋىقات ۋارىقىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا سۇندى.

زىلالە قولىغا ئېلىپ، تەشۋىقات ۋارىقىدا  <پاگانىنى ئىسكىرىپكا مۇسابىقىسى>  دېگەن خەت ئېنىق كۆرۈپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ:

 - نېمە دېمەكچى سىز؟  -  دېدى.

 - بۇ ئىسكىرىپكا ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مۇسابىقە، سىناپ باققۇڭىز يوقمۇ؟  -  دېدى.

زىلالە بېشىنى چايقاپ:

  - بۇنداق مۇسابىقىگە قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى ياش بالىلار، مەن ھازىر ... كېچىكىپ قالدىم.  -  دېدى.

 - ئەكبەر بىلەن ئاكىڭىز دوست بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ سىزگە ھەقسىز دەۋا قىلىپ بېرىشىگە قاراپ تۇرالامسىز؟ - دېدى جەسۇر بارمىقىنى چىقىرىپ، تەشۋىقات ۋارىقىنى چېكىپ، - ئەگەر دەرىجىگە ئېرىشسىڭىز، نۇرغۇن مۇكاپات پۇلى بار!  -  دېدى.

زىلالە تەشۋىقات ۋارىقىغا قايتا قاراپ، گەپ قىلمىدى.

ئەينى يىلى  تۇنجى قېتىم بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقاندا، تېخى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تالانتى ۋە ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ،  ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، ئاسىيا شۆبە مۇسابىقە رايونى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن.

كېيىن، ھېلىقى ئىش يۈز بەرگەنلىكتىن، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن يارىلىنىپ مۇسابىقىدىن چېكىندى.

بۇ ئىش زىلالەنىڭ 20 نەچچە يىللىق ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ كۆلەڭگە.

ھەر قېتىم  مۇسابىقە تىلغا ئېلىنسىلا، ئەينى يىللاردىكى ئىشلار ئېسىگە كېلىپ،  مۇسابىقىگە قاتنىشىش كەيپىياتى بولاتتىمۇ؟

 -  قاتناشقىڭىز بولمىسا مەيلى، ھازىر  ئالدىراش ئىشلەۋاتىسىز، ۋاقتىڭىزمۇ يوق. - دېدى جەسۇر ئۇنىڭ قولىدىن تەشۋىقات ۋارىقىنى ئېلىپ،  - ئىشقىلىپ  ئېرىڭىزنىڭ پۇلى بار، مەيلى دادىڭىزنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى بولسۇن ياكى ئەكبەرنىڭ ئادۋوكاتلىق ھەققى بولسۇن،  ياردەم قىلىپ تۆلەپ بېرىمەن، -  دېدى ۋە تەشۋىقات ۋارىقىنى ئىككى قاتلاپ، خالىغانچە ئۈستەلگە تاشلاپ،  - تاماق يەيلى!  -  دېدى.

مۇلازىم ناشتىلىقنى ئېلىپ كەلدى، زىلالە جەسۇر سۇنغان چوكىنى ئېلىپ، كىچىك قاسقان مانتىسىنى ئېلىپ ئاغزىغا سالدى.

ناشتا قىلىۋېتىپ، كۆزى ئىختىيارسىز  ھېلىقى تەشۋىقات ۋارىقىغا چۈشتى.

 مۇسابىقىنى بىر قەدەر چۈشىنىدۇ.

بىر نەچچە يىل ئىلگىرى  مۇسابىقىگە قاتناشقاندا، چېمپىيونلۇق مۇكاپاتى   خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا نەچچە يۈز مىڭ يۈەنگە باراۋەر.

ھازىر بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، مۇكاپات سوممىسىمۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە  كۆپەيدى.

 چېمپىيون بولالمىغان تەقدىردىمۇ، ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرەلىسە ئالىدىغان مۇكاپات ئاز بولمايدۇ.

مەيلى دادىسىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى بولسۇن ياكى ئەكبەرنىڭ ئادۋوكاتلىق ھەققى بولسۇن،  ئۇنىڭ ھازىرقى پۇل يېتىشتۈرەلمەسلىك بېسىمىنى يەڭگىللىتىدۇ.

ھەرخىل خىيال ئىچىدە ئەتىگەنلىك تاماقنىمۇ يەپ بولدى.

جەسۇر ئورنىدىن تۇرۇپ پۇل تۆلىگىلى باردى، زىلالە ئۆزىنىڭ سومكىسى بىلەن ئىسكىرىپكىنى كۆتۈردى.

 ئۈستەلدىكى تەشۋىقات ۋارىقىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، يەنىلا  قولىنى سوزۇپ ئېلىپ يانچۇقىغا سالدى.

پوكەي ئالدىدا تۇرغان جەسۇر بۇرۇلۇپ زىلالەغا  قاراپ قىزچاقنىڭ كىچىك ھەرىكىتىنى كۆرۈپ بېشىنى قارشى تەرەپكە بۇراپ ئازراقمۇ چاندۇرمىدى.

جەسۇرنى شىركەتكە ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن، زىلالە مۇزىكا ئەترىتىگە قايتىپ كەلدى.

كومپيۇتېرنى ئېچىپ، مۇسابىقىنىڭ تىزىملاش ۋاقتى ۋە مۇسابىقە ۋاقتىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتى، ئەلۋەتتە،  مۇكاپات پۇل سوممىسىغىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلدى.

بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىلا مۇكاپات بېرىلىپلا قالماي، دۆلەت ئىچىدىكى رايون  مۇسابىقىسىدىمۇ ياردەم بەرگۈچى تەرەپنىڭ تەمىنلىگەن مۇكاپاتى بار ئىدى.

رايۇن مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات پۇلى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ مۇكاپاتىدىن ئاز ئەمەس، بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەنلەرگە بىر مىليون بېرىلىدىكەن.

بۇ ساننى كۆرگەن زىلالە ئاخىرى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قالدى.

دەل شۇ چاغدا ئۆمەك باشلىقى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ ئىشخانىسىغا كېلىشنى ئېيتتى.

زىلالە ئالدىراش ئورنىدىن تۇرۇپ ئۈستىگە قەۋەتكە چىقتى، ئۇنىڭ كىرگىنىنى كۆرگەن ئۆمەك باشلىقى ئۈستەلدىكى ماتېرىياللارنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ:

 -  بۇ ئۆمەك بېكىتكەن يۈز تۇرانە ئىمتىھان قاتناشقۇچىلارنىڭ ماتېرىيالى،  ئۇلارغا كېلەر دۈشەنبە ۋاقتىدا كېلىپ يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىشنى ئۇقتۇرۇڭ.  -  دېدى.

 - بولىدۇ!- دېدى زىلالە ماتېرىيالنى ئېلىپ، - ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر ئىشنى سىز بىلەن مەسلىھەتلىشىپ باقاي دېگەنتىم.  -  دېدى.

 -  دەڭە، نېمە ئىشتى؟  -  دېدى ئۆمەك باشلىقى.

 زىلالە يېنىك يۆتىلىپ قويۇپ:

- مېنىڭ...  مېنىڭ پاگانىنى ئىسكىرىپكا مۇسابىقىسىگە قاتناشقۇم بار، ۋاقتى كەلگەندە بىر نەچچە كۈن رۇخسەت سورىشىم مۇمكىن، بولامدۇ؟  -  دېدى.

 - ئەلۋەتتە بولىدۇ. - دېدى ئۆمەك باشلىقى كۈلۈپ تۇرۇپ، -  ئاڭلىسام، سىز ئىلگىرى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپتىكەنسىز، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشالماي بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بوپتۇ. خاتىرجەم بولۇڭ، ئۆمەك چوقۇم سىزنىڭ مۇسابىقىڭىزنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ.  -  دېدى.

زىلالە ئوركېستىرنىڭ توختاملىق مۇزىكانتى، ئەگەر  نەتىجىگە ئېرىشەلىسە، ئوركېستىرنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

بۇ مۇزىكا ئەترىتى بىلەن مۇزىكانت تەڭ مەنپەئەتلىنىدىغان ئىش، ئۆمەك باشلىقى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بىر نەچچە كۈن رۇخسەت سورىشىنى ئېغىر ئالمايدۇ.

-  رەھمەت ئۆمەك باشلىقى، خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ئۆمەكنىڭ نورمال خىزمىتىگە دەخلى يەتكۈزمەيمەن.  - دېدى زىلالە.

 - ھېچقىسى يوق، يېقىندا ئۆمەكتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئويۇنمۇ كۆپ ئەمەس،  ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىڭ، بىراق .. - دېدى ئۆمەك باشلىقى مۇلايىملىق بىلەن ئەسكەرتىپ،  - سالامەتلىكىڭىز مۇھىم، بەك چارچاپ كەتمەڭ -  دېدى. 

- خاتىرجەم بولۇڭ، بىلىمەن.  -  دېدى زىلالە ماتېرىيالنى كۆتۈرۈپ  يېنىك قەدەملەر بىلەن چىقىپ كەتتى.

 ئىشخانىسىغا قايتىپ كېلىپلا مۇسابىقە تور بېكىتىگە كىرىپ، ئۇچۇرلىرىنى ئەستايىدىل توشقۇزدى.

 جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، مائۇسنى <تاپشۇرۇش >  كۇنۇپكىسىغا يۆتكىدى.

 چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋېلىپ، ئاخىرىدا يەنىلا مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى باستى.

ماتېرىيال ئاپتوماتىك تاپشۇرۇلدى،  ئېكراندىكى  <تاپشۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى >  دېگەن سۆزگە قاراپ، چوڭقۇر نەپەس ئالدى.

ئەينى يىلى مۇسابىقىدىن چېكىنىش زىلالە ئۈچۈن ئېيتقاندا، كىشىلىك ھاياتتىكى  ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولغان.

بۇ قېتىم قانداقلا بولمىسۇن،  ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرىشى كېرەك.

تىزىمغا ئالدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن،  ئۈستەلدىكى ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار تىزىملىكى بويىچە، بىر-بىرلەپ تېلېفون قىلىپ ئۇقتۇردى.

ئەڭ ئاخىرقىسى دەل زىبارە ئىدى.

بىخەتەر بولۇش ئۈچۈن، زىلالە يەنىلا ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم تېلېفون قىلىپ، يۈز تۇرانە ئىمتىھان ۋاقتىنى رەسمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشنى قارار قىلدى.

قىسقىچە تەرجىمىھالىدىكى تېلېفون نومۇرىنى باسقاچ، زىبارەنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى ئاچتى.

 تۇغۇلغان كۈن دېگەن كاتەكچىگە كۆز چۈشكەن شۇ پەيتتە  تېلېفون تۇرۇپكىسىنى چىڭ تۇتقان قولى بوشلۇقتا قېتىپ قالدى.

 


 

..................................

...........

...


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章