كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
3 | 2 | 1 | ||
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
2-بۆلۈم
4 -قىسىم
4-قىسىم
مېھمانساراينىڭ 603 - نومۇرلۇق ئۆيىدە سىزنى ساقلايمەن
زىبارەنىڭ بىلىكىدىكى ئۆزىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بىلەزۈكنى كۆرگەن زىلالە بىر نەچچە سېكۇنت ھاڭۋىقىپ، ناھايىتى تېزلا ئېسىگە كېلىپ:
- يەنە باشقا ئادەم بارمۇ؟ - دېدى.
ھەر بىر ماركىدىكى ئوخشاش پاسوندىكى زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىدىن قانچىسى بارلىقىنى بىلگىلىمۇ بولمايدۇ، شۇڭا زىلالە كۆپ ئويلاپ كەتمىدى.
باشقا بىر نەچچە مۇزىكانت بىر-بىرىگە قارىشىپ، بېشىنى چايقىدى.
زىلالەنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكىگە قاتنىشىش ياش مۇزىكانتلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېپىلغۇسىز پۇرسەت.
لېكىن، يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكىنىڭ نومۇرلىرى كۆپ بولغاچقا، ھەممىلا ئادەمنىڭ بۇ پۇرسەتكە ئېرىشىش ئىقتىدارى بولمايدۇ.
زىلالە قولىدىكى جەدۋەلگە قارىۋېتىپ:
- ھازىر پەقەت زىبارە بىلەن ئايگۈللا تەلەپكە ئۇيغۇن، ئىككىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلەپ بېقىڭلار؟ - دېدى.
زىبارە ئايگۈلغا يانچە قاراپ قويۇپ:
- مەن تېخى يېقىندىلا مۇزىكا ئۆمىكىگە كەلدىم، ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئانچە پىششىق ئەمەس، يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكىگە يەنىلا ئايگۈل مەسئۇل بولسۇن، - دېدى.
بۇنداق تەستە قولغا كېلىدىغان پۇرسەتنى زىبارە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قويۇپ بەردى، ئايگۈل سەل خىجىل بولۇپ قېلىپ:
- بولمايدۇ، بولمايدۇ، ھەممەيلەن ئۆمەكتىكى مۇزىكانتلار، ئادىل رىقابەتلەشسەكلا بولدى. - دېدى.
- مەن ئەستايىدىل گەپ قىلدىم، - دېدى زىبارە كۈلۈپ تۇرۇپ ئايگۈلگە قاراپ، - يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزىلىدىغان ۋاقتىدا، مېنىڭ باشقا ئورۇنلاشتۇرۇشۇم بار، بولمىسا مەنمۇ سىز بىلەن تالىشاتتىم، - دېدى.
ئايگۈل بىلەن زىبارە ناھايىتى مۇنەۋۋەر ئىسكىرىپكىچى، زىلالە ئەسلىدە قانداق تاللاشنى بىلەلمەي قالغان ئىدى.
زىبارەنىڭ باشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بارلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇمۇ خاتىرجەم بولدى.
- شۇنداق بولغاندىكىن، ئايگۈل مېنىڭ ئورنۇمدا ، بۇ يىلقى يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكىگە مەسئۇل بولسۇن. - دېدى.
- زىبارەنىڭ ماڭا بۇنداق تەستە كېلىدىغان پۇرسەتنى ئۆتۈنۈپ بەرگىنىگە رەھمەت. - دېدى ئايگۈل زىبارەغا مىننەتدارلىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ ، - خاتىرجەم بولۇڭ، مەن چوقۇم پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن، سىزنى ۋە مۇزىكا ئۆمىكىنى ھەرگىز نومۇسقا قويمايمەن، - دېدى.
- بولىدۇ، مەن سىزنىڭ ئەمەلىي كۈچىڭىزگە ئىشىنىمەن. - دېدى زىلالە ماتېرىيالنى ئېلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ، - ئەمىسە شۇنداق بولسۇن، ھازىرلا بېرىپ ئۆمەك باشلىقىغا خەۋەر قىلاي - دېدى.
- توختاپ تۇرۇڭ، مەن سىز بىلەن بىللە باراي. - دېدى زىبارە سومكىسىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ، - مېنىڭمۇ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ كادىرلار بۆلۈمىگە بارىدىغان ئىشىم بارتى، - دېدى.
ئىككىيلەن بىللە ئۈستىگە چىققاندا، زىبارە يېقىنچىلىق قىلىپ زىلالەنىڭ بىلىكىنى تۇتۇۋېلىپ:
- بىلەيزۈكۈم بوشاپ قاپتۇ، زىلالە، ياردەم قىلىپ قايتىدىن تاقاپ قويامسىز؟ - دېدى.
زىلالە ماقۇل بولۇپ، بىلەيزۈكىنى ئېچىپ، چوڭ كىچىكلىكنى تەڭشەپ:
- مۇشۇنداق بولسا بولامدۇ؟ - دەپ سورىدى.
- ھەئە بولدى. - دېدىزىبارە قولىنى پۇلاڭلىتىپ ، - زىلالە، خاپا بولمىغانسىز؟ - دېدى.
- نېمىگە خاپا بولىمەن؟ - دېدى زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ، - مۇزىكا كېچىلىكىگە قاتنىشىش قاتناشماسلىق سىزنىڭ شەخسىي ئەركىنلىكىڭىز، - دېدى.
- مېنىڭ دېگىنىم بۇ ئەمەس... - دېدى زىبارە قولىنى سوزۇپ، بىلەزۈكنى تۈزەشتۈرۈپ، - جەسۇر ئاكام بىلەن بولغان ئىشىمنى دەۋاتىمەن. - دېدى.
- سىز بىلەن جەسۇرنىڭ؟ - دېدى زىلالە قەدىمىنى توختىتىپ، - بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
زىبارە ھەيران بولۇپ:
ـ جەسۇر ئاكا سىزگە دېمىدىمۇ، بۇ بىلەزۈكنى ئۇ ماڭا سوۋغا قىلغان. - دېدى.
زىلالە گاڭگىراپ قالدى، ئۇ ئەسلىدە ھېلىقى پۇت زەنجىرنى ئالايىتەن سېتىۋېلىپ ئۆزىگە سوۋغا قىلغان ئوخشايدۇ دەپ قالغان، ئويلىمىغان يەردىن زىبارەغىمۇ ئوخشاش نەرسىنى سوۋغا قىپتۇ.
كۆڭلى بىر ئاز غەش بولغان بولسىمۇ، چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي:
- جەسۇر بىلەن ئەكبەر ئادۋۇكات ياخشى ئاكا-ئۇكىلار، سىز ئەكبەرنىڭ سىڭلىسى، يەنە جەسۇرنىڭمۇ سىڭلىسى، ئاكىسى سىڭلىسىغا بىلەيزۈك سوۋغا قىلسا، يەڭگىڭىز بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنچە پىخسىقلىق قىلمايمەن، - دېدى.
زىبارە كۈلۈپ تۇرۇپ:
- كۆڭلىڭىزگە ئالمىسىڭىزلا بولدى. - دېدى.
ئۇلار پاراڭلىشىپ، ئىككىنچى قەۋەتكىمۇ چىقىپ قالدى، زىلالە توختاپ ئوڭ تەرەپنى كۆرسىتىپ:
- كادىرلار بۆلۈمىنىڭ ئىشخانىسى ئاۋۇ تەرەپتە. - دېدى.
زىبارە يېنىدىكى ئىشخانىغا قاراپ:
- ئەمىسە ئىشخانىغا كىرىپ چىقاي، سەل تۇرۇپ كۆرۈشەيلى - دېدى - دە زىلالەغا قولىنى پۇلاڭلىتىپ، بۇرۇلۇپ كادىرلار بۆلۈمىنىڭ ئىشخانىسىغا قاراپ ماڭدى.
زىلالە ماتېرىيالنى ئېلىپ ئۆمەك باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كېلىپ، يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈپ:
- ئايگۈل ناھايىتى تالانتلىق مۇزىكانت، مەن ئۇنىڭ مۇزىكا كېچىلىكىدىكى مۇزىكىلارنى چوقۇم ياخشى ئورۇنلىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. - دېدى.
ئۆمەك باشلىقى دىليار كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتىپ:
- ئايگۈل دېگەن بۇ بالا سەمىمىي ھەم تىرىشچان، ھەقىقەتەن ياخشى تاللاش، ئەمىسە شۇنداق بولسۇن، ۋاقتىڭىز بولسا، ئۇنىڭغا كۆپرەك يېتەكچىلىك قىلىپ قويۇڭ. - دېدى.
- چاتاق يوق. - دېدى زىلالە كۈلۈپ تۇرۇپ.
ئۆمەك باشلىقى بىلەن خوشلىشىپ، ئىككىنچى قەۋەتتىن ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىغا قايتىپ كېلىپ ئىشىكنى ئاچتى.
بىر قاراپلا خىزمەت ئۈستىلىنىڭ كەينىدە ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ يازغان نوتىسىغا قاراۋاتقان جەسۇرنى كۆرۈپ:
- سىز نېمە دەپ كەلدىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
- بۈگۈن شىركەتتە باشقا ئىش يوق، ئالايىتەن سىزنى ئالغىلى كەلدىم. - دېدى جەسۇر ۋاقىتقا قاراپ، - ماڭسىڭىز بولامدۇ؟ - دېدى.
- سەل ساقلاپ تۇرۇڭ. - دېدى زىلالە ئۈستەلدىكى قولدا يازغان نوتىلارنى يىغىشتۇرۇپ، رەتلەپ سومكىسىغا سېلىپ، - ماڭايلى! - دېدى.
ئىككىيلەن ئىشخانىدىن چىققاندا، زىبارەمۇ مۇزىكا ئەترىتىدىن چىققانىدى.
ئۇ جەسۇرنى كۆرۈپ، يېڭىنى تارتىپ، سول بېغىشىدىكى بىلەزۈكنى يېپىپ:
- جەسۇر ئاكا، دەل ۋاقتىدا كەلدىڭىز، ئاكامنىڭ بۈگۈن كەچتە ئىشى چىقىپ قېلىپ مېنى ئالغىلى كېلەلمىدى، مەن سىلەرنىڭ ماشىناڭلارغا ئولتۇرسام بولامدۇ؟ - دەپ سورىدى.
جەسۇر تەمكىن ئاۋازدا:
- زىلالە ئىككىمىز سىرتقا چىقىپ تاماق يەيمىز، يولىمىز بىر ئەمەس، - دېدى.
- ئىشقىلىپ مەن قايتىپ كەتسەممۇ ئۆزۈم يالغۇز تاماق يەيمەن، بەك زېرىكىشلىك، بولمىسا مەن سىلەرنى تاماققا تەكلىپ قىلاي، ئاڭلىسام بۇ ئەتراپتىكى غەربچە ئاشخانىنىڭ قورۇمىلىرى بەك ياخشىكەن، جەسۇر ئاكا قۇلۇلىگە ئامراقتىڭىزغۇ! - دېدى زىبارە كۈلۈپ تۇرۇپ جەسۇرنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ، ـ زىلالە، كۆڭلىڭىزگە ئالمايدىغانسىز؟ - دېدى.
زىلالەنىڭ نەزىرى زىبارەنىڭ جەسۇرنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇۋالغان قولىنى سىيپاپ ئۆتۈپ:
- مېنىڭچە، باشقا كۈنى بولسۇن، مەن غەربچە تاماق يېيىشنى ياخشى كۆرمەيمەن. - دېدى.
زىبارە بۇرۇنقىدەكلا ساددا چىراي ئىپادىسى بىلەن:
- ھېچقىسى يوق، ئۇنداقتا بىز يەرلىك تاماق يەيلى ، - دېدى.
جەسۇر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، زىبارەنىڭ قولىدىن بىلىكىنى چىقىرىپ:
- مەن ئەر-خوتۇنلار يۈرۈشلۈك تامىقى بۇيرۇتتۇم، ئورۇن قوشۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر غەربچە تاماق يېيىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئەنۋەر سىزگە ھەمراھ بولۇپ بارسا بولىدۇ. - دېدى.
زىبارە بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن قارىدى ۋە بىر ھازادىن كېيىن كۈلۈمسىرەپ قويۇپ:
- ماقۇل، ئۇقتۇم، ئەمىسە جەسۇر ئاكامغا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرمەي، تامىقىڭلار كۆڭۈللۈك بولسۇن. - دېدى.
ئىككىيلەن ماشىنىغا چىقىپ بولغاندىن كېيىن، يول بويىدا تۇرۇپ قول پۇلاڭلاتتى.
لەۋلىرىدە كۈلكە بولسىمۇ، كۈلكىسى كۆزلىرىدە ئىپادىلەنمىدى.
جەسۇر ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي، ماشىنىنى ھەيدەپ چوڭ يولغا چىقتى.
زىلالە ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىدىن زىبارەنىڭ كۆلەڭگىسى يىتكەندىن كېيىن:
- ئاكامنىڭ ئىشى ئېنىقلاندىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
جەسۇر قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، بېشىنى يېنىك چايقاپ:
- ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، ئالدىرىماڭ، يەنە بىر نەچچە كۈن ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن چوقۇم تەكشۈرۈپ چىقىمەن. - دېدى.
خەتنىڭ ئىشىنى جەسۇر قايتا-قايتا ئويلانغاندىن كېيىن، يەنىلا ئاۋۋال زىلالەغا ئېيتماسلىقنى قارار قىلدى.
ھازىر خەتنى زادى كىمنىڭ ئەۋەتكەنلىكى ئېنىق ئەمەس.
جەسۇرمۇ چىن كۆڭلىدىن ئەكبەرنىڭ بۇنداق پەسكەش ئىشنى قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ.
ئەگەر بۇنداق يېنىكلىك بىلەن زىلالەغا دېسە، خاتا چۈشىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
ئىككىيلەن بىرلىكتە ئالدىن زاكاز قىلغان ئاشخانىغا كېلىپ، تاماقنىڭ چىقىشنى كۈتۈۋاتقاندا، جەسۇرنىڭ يانفونى تۇيۇقسىز سايراپ كەتتى.
ئېكراندا ئەكبەر ئەۋەتكەن ئۈندىدار ئۇچۇرى كۆرۈندى.
- يۆلەي مېھمانخانىسى، 603 - نومۇرلۇق ئۆيدە سىزنى ساقلايمەن.
- تامىقىڭلار چىقتى...
كۈتكۈچى كېلىپ،بۇيرۇتقان تاماقنى ئۈستەلگە قويدى.
جەسۇر يانفوننى قۇلۇپلاپ يانچۇقىغا سېلىپ:
- خوتۇن، مېنىڭ سىرتقا چىقىدىغان ئازراق ئىشىم بار، سەل تۇرۇپ تاماق يەپ بولۇپ، ئۆزىڭىز ماشىنا ھەيدەپ كەتسىڭىز بولامدۇ؟ - دېدى.
- تاماق يەپ بولۇپ بارسىڭىز ئۈلگۈرەلەمسىز؟ ئەگەر ئۈلگۈرەلمىسىڭىز، ھازىرلا بېرىڭ، ماڭا ھېچ ئىش بولمايدۇ. - دېدى زىلالە.
- ھەر قانچە مۇھىم ئىش بولسىمۇ، يەنىلا ئايالىمغا ھەمراھ بولۇپ تاماق يېيىشىم كېرەك. - دېدى جەسۇر ئۈستەلدىكى چۈچۈمەل بېلىقنى ئالدىغا ئىتتىرىپ،- قېنى، ئىسسىقىدا يەڭ، - دېدى.
ئۇنىڭ ئىشىغا دەخلى يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن زىلالە كېچىكتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالماي، كەچلىك تاماقنى ناھايىتى تېزلا يەپ بولدى.
ئىككىيلەن تاماقخانىدىن چىققاندا، زىلالە ئالايىتەن ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ:
- ئىشىڭىز بولسا ماشىنا ھەيدەپ بارسىڭىز قولايلىق بولىدۇ. - دېدى.
- يەنىلا سىز ماڭا كۆيۈنىسىز. - دېدى جەسۇر زىلالەنى يول بويىغا ئاپىرىپ، تاكسى توسۇپ بېرىپ:
- ئۆيگە بېرىپ تېلېفون قىلىشنى ئۇنۇتماڭ! - دېدى.
زىلالە قولىنى پۇلاڭلىتىپلا كېتىپ قالدى، جەسۇر زىلالەنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ يۆلەي مېھمانخانىسىغا قاراپ ماڭدى.
603-نومۇرلۇق ياتاققا كېلىپ، ئىشىكنى چەكتى.
بىردەمدىن كېيىن، ئىشىك ئىچىدىن ئېچىلىپ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولغىنى ئەكبەر ئەمەس، بەلكى زىبارە بولدى.
、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar