مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز90-قىسىم - مۇسابىقىدىن ھەيدىلىش

文摘   小说   2024-09-01 14:00   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  10  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281

89888786






 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

90-قىسىم

  


      90قىسىم 

مۇسابىقىدىن ھەيدىلىش!


ئەنۋەر بىرىنچى بولۇپ سەھنىگە چىقتى، كەينىدىن يەنە ئىككى ساقچى بىر ياش قىزنى  ئېلىپ چىقتى.

قىزنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرگەن زىلالە ھەيران بولۇپ:

  - سىز؟   -  دەپ چاقىردى.

سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان بۇ قىز باشقا ئادەم ئەمەس،  زىلالە  ھەمكارلىشىشقا تەكلىپ قىلغان  پىيانىنو چالغۇچى ئىدى.

 زىلالە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

- سىز...  ئەمدى كەلدىڭىزمۇ؟   - دەپ سورىدى.

قىز خىجىل بولغان ھالدا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، ئۇنىڭغا قاراشقا پېتىنالمىدى.

ئۇنىڭ يېنىدىكى كىشى  ئۇنىڭ بىلىكىنى ئىتتىرىپ:

  - ئېنىق دېمەمسىز!؟   -  دېدى.

  -  كەچۈرۈڭ، زىلالە ئاچا. - دېدى قىز شۆلگىيىنى يۇتۇپ،   -  بىر مەھەل گاڭگىراپ ، پۇلنىڭ كەينىگە كىرىپ، نىگارە ئائىلىسىنىڭ پۇلىنى ئېلىپ، سىزنىڭ مۇسابىقىنى تاماملىشىڭىزغا ياردەم قىلغىلى كەلمىدىم.   -  دېدى.

  - سىز! - دېدى نىگارەنىڭ ئاپىسى سەكرەپ چىقىپ، قىزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، -  نېمە دەپ جۆيلىۋاتىسىز، بىز قاچان سىزگە پۇل بەردۇق؟   -  دېدى.

  -  يالغان ئېيتمىدىم. - دېدى قىز بېشىنى كۆتۈرۈپ،   - ئەسلىدە مەن مۇسابىقە مەيدانىغا كېلىپ بولغان، ئۇ ئالدىمنى توسۇپ پەقەت نەق مەيدانغا كىرمەي، زىلالە مۇسابىقىنى تاماملىيالمىسا،  100 مىڭ يۈەن بېرىمەن!   -  دېدى - دە دۈمبىسىدىكى سومكىنى  ئېچىپ،  ئىچىدىن كونۋېرتنى ئېلىپ،  پۇل چېكىنى كۆپچىلىككە كۆرسىتىپ ، - بۇ ماڭا بەرگەن پۇل!   -  دېدى.

زىلالەغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، قىز يەنە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ:

ـ  كەچۈرۈڭ، زىلالە ئاچا،  ئائىلەم بەك نامرات، ئاپام يېقىندا يەنە ئاغرىپ قالدى، مەن... مەن... مېنى كەچۈرۈڭ، راستتىنلا كەچۈرۈڭ.   -  دېدى.

نىگارە ئاپىسىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ، لېۋىنى چىشلەپ بېشىنى تۆۋەن سالدى.

ئاپىسى بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي، سەھنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ مۇتتەھەملىك قىلىپ:

-  ئادەمنى تازىمۇ بوزەك قىلدى، باھالىغۇچىلار، سىلەر بىزگە ياردەم قىلىپ باھالاپ بېرىڭلار، بۇلارنىڭ ھەممىسى جەسۇر بىلەن زىلالەنىڭ بىزگە  قىلغان تۆھمىتى، مەن... مەن ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمىسەم،  زىلالەنىڭ پىيانىنو تەڭكەش قىلغۇچىسى ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىمەن.   يالغان سۆزلەۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى جەسۇر بىلەن زىلالەنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان نەيرىڭى!   -  دېدى.

  -  يالغان ئېيتمىدىم! - دېدى قىز يۇقىرى ئاۋازدا،  - مېنى  زىلالە ئاچامغا  مەكتەپ ئوركېستىر فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى تونۇشتۇرغان، ئۇ چوقۇم مەكتەپ تەرەپتىن  ئۇچۇرغا ئېرىشكەن گەپ، - دېدى.

  - راست يالغان ، يالغان راست بولۇپ قالمايدۇ. - دېدى ئەنۋەر ئېڭىكىنى كۆتۈرۈپ، كۆزىتىش ئاپپاراتىدىكى سۈرەتنى ئېچىپ.

سەھنىگە چىقىشتىن بۇرۇن،  مۇزىكا زالىنىڭ نازارەت قىلىش ئاپپاراتىدىكى سۈرەتلەرنى ئېلىۋالغان ئىدى.

خىزمەتچى خادىملار نازارەت قىلىش ئاپپاراتىدىكى سۈرەتنى مۇسابىقىدە ئىشلىتىلىدىغان چوڭ ئېكرانغا ئۇلىدى، چوڭ ئېكراندا دەرھال قىزنىڭ سىماسى كۆرۈندى.

ئۇ ئەمدىلا كىرىش ئېغىزىغا كەلگەندە، تۇيۇقسىز بىر ئادەم كېلىپ ئالدىنى توسۇپ، پەلەمپەينىڭ يان تەرىپىگە تارتىپ، قولىدىكى ئېغىر كونۋېرتنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

قارشى تەرەپنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىدىن نىگارەنىڭ ئاپىسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

نىگارەنىڭ ئاپىسى  چوڭ ئېكراندىكى ئۆزىگە قاراپ، شۇ ھامان چىرايىدا قان رەڭگى قالمىدى.

 ئەسلىدە ئىشنى چولتا ئويلاپ قويۇپتۇ،  نازارەت قىلىش ئاپپاراتى تەرىپىدىن سۈرەتكە تارتىۋېلىنىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتۇ.

 ئىشنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى بىلگەن نىگارەنىڭ ئاپىسى  دەرھال يالغاندىن يىغلاپ:

 ـ  باھالىغۇچى مۇئەللىملەر، بۇ ... بۇ مېنىڭ شەخسىي قىلمىشىم، قىزىم بىلەن مۇناسىۋەتسىز . سىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن، سىلەر ...  قىزىمنىڭ مۇسابىقە سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرساڭلار بولمايدۇ!   -  دېدى.

- ھەقىقەتەن  نومۇسسىز ئىكەن!   - 

  - شۇنداق، بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ باشقىلارنىڭ مۇسابىقىسىگە تەسىر كۆرسىتىشتەك قىلمىشى ھەقىقەتەن ئەقىلگە سىغمايدۇ.    

  - مۇسابىقىنى ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئۇيۇشتۇرغانمۇ، پەقەت قىزىلا چېمپىيون بولامدىكەن؟ 

سەھنە ئاستىدا بىردىنلا غۇلغۇلا كۆتۈرۈلدى.

- نىگارە دېگەن ئەخلەت، كۆزۈمدىن يوقىلىڭ!   -  دېدى زۆھرە  چىداپ تۇرالماي، سەھنە ئاستىدا تۇرۇپ ۋارقىراپ.

ئايگۈل زۆھرەدەك قەيسەر ئەمەس،  كىرىش ئېغىزىدا تۇرۇپ نىگارەنىڭ ئاپىسى ۋە قىزىغا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ قارىدى.

پاق!

 باھالىغۇچىلار ئورنىدا ئولتۇرغان باش باھالىغۇچى داۋۇت  ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، ئۈستەلنى قاتتىق ئۇرۇپ :

  - بىمەنىلىك، نومۇسسىزلىق!   -  دېدى.

ئەزەلدىن سىپايە بولۇپ كەلگەن بۇ ئادەمنىڭ ئاچچىقىدا چىرايى قارىداپ:

  - سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار بىزگە ھاقارەت قىلغانلىق ، مۇزىكىغا ھاقارەت قىلغانلىق ...   مۇسابىقە   مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىگە ھەرگىز يول قويمايمەن.   -  دېدى - دە  ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، سەھنىدىكى نىگارەنى كۆرسىتىپ:

- سىز مۇسابىقىدىن چىقىپ كېتىڭ، - دېدى.

  -   باھالىغۇچى ... بولمايدۇ، بىزنىڭ نىگارە ئۇ... - دېدى نىگارەنىڭ ئاپىسى  يەنە نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى بولغاندا، نىگارە بەرداشلىق بېرەلمەي، يىغلاپ تۇرۇپ سەھنىدىن يۈگۈرۈپ چۈشۈپ كەتتى.

  - نىگارە، نىگارە!   -  ئاپىسىمۇ سەھنىدىن چۈشۈپ قوغلاش بىلەن ئالدىراش بولدى.

  - زىلالە ئاچا! - دېدى قىز كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا، - مەن راستتىنلا  خىجىلمەن.   - دېدى. 

زىلالە لېۋىنى چىشلەپ، يۈزىنى يانغا تەرەپكە بۇراپ، قاراپمۇ قويمىدى.

ئەمەلىيەتتە ئەينى چاغدا، مۇدىر ئۇنىڭغا جەمئىي ئۈچ پىيانىنو چالغۇچىنى تەۋسىيە قىلغان.

ئۇنىڭ بۇ قىزنى تاللىشىدىكى سەۋەب،  ئائىلىسىدە بىر قەدەر قىيىنچىلىقى بارلىقىنى ئاڭلاپ، پۇل تېپىش پۇرسىتىنى بېرىپ، ئىش ھەققىنى مىڭدىن ئىككى مىڭغا ئۆستۈرۈپ بەرگەن.

نەتىجىدە، قارشى تەرەپ ئۇنىڭغا مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇردى،  قانداقمۇ  ئەپۇ قىلسۇن؟

  - بالدۇر نېمىشقا بىلمىگەن؟  يۈرۈڭ، ئىدارىگە بېرىپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈتۈڭ!   -  دېدى ساقچى.   

ئىككىيلەن قىزنى ئېلىپ سەھنىدىن چۈشتى.

ياندا تۇرغان ئايال رىياسەتچى سەھنىنىڭ مەركىزىگە قايتىپ كېلىپ:

  - بىزنىڭ مۇسابىقىمىز ئەزەلدىن ئادىللىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ، خۇددى داۋۇت ئەپەندى بايا ئېيتقاندەك، بۇ مۇزىكىغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك، بۇنداق ماھىرلار مۇسابىقىگە ئەسلا قاتناشماسلىقى كېرەك. شۇڭا بۇ يەردە، مەن يەنە تەنتەنىلىك ھالدا، ئەسلىدە 4- بولغان ماھىر ئايگۈلنىڭ بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە 3-لىككە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن، مەرھەمەت ئايگۈل!   - دېدى.

ئايگۈل ئەسلىدە سەھنىنىڭ يېنىدا تۇرغان بولۇپ، تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ ئىسمىنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلاپ، سەل ھەيران قېلىپ:

  -  مەن ئۈچىنچى بولدۇممۇ؟   - دېدى.

يېنىدىكى بىر ماھىر ئۇنى يېنىك ئىتتىرگەندىن كېيىن،  ئاندىن ئېسىگە كېلىپ، يوپكىسىنى ئوڭشاپ سەھنىگە چىقىپ زىلالەنىڭ يېنىغا كەلدى.

زىلالە يېقىن دوستىنىڭ قولىدىن تۇتۇپ  كۈلۈمسىرەپ:

  - مۇبارەك بولسۇن!   -  دېدى.

  - ئەمدى بىز مۇسابىقىمىزغا ياردەم بەرگۈچى جەسۇر ئەپەندىنى ئالدىنقى ئۈچ دەرىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بېرىشكەن تەكلىپ قىلىمىز !   -  دېدى رىياسەتچى باشلامچىلىق بىلەن چاۋاك چېلىپ.

نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار دەرھال ئەگىشىپ ئالقىش ياڭراتتى.

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى نىگارەنىڭ ئىشىدىن كېيىن قايتىدىن قىزغىن كەيپىياتقا قايتتى.

خىزمەتچى خادىملار ۋەكىلى ئالاھىدە تەييارلىغان پۇل چېكى مودېلىنى ئېلىپ كەلدى، جەسۇر  ئايگۈل ۋە ئىككىنچى بولغان ماھىرلارنىڭ قولىغا ئايرىم-ئايرىم يەتكۈزدى.

ئاخىرىدا گۈلچەمبىرەكنى ئېلىپ، زىلالەنىڭ بوينىغا تاقاپ، بىر مىليون دېگەن خەت يېزىلغان چەكنى  قولىغا تۇتقۇزۇپ:

  - مۇبارەك بولسۇن!   -  دېدى.

زىلالە ئىككى قولى بىلەن قوبۇل قىلىپ:

  - رەھمەت!   -  دېدى.

جەسۇر بىلىكىنى سوزۇپ، ئۇنى يېنىك قۇچاقلاپ:

  - يەنە ئۇنتۇپ قالدىڭىز...  ئۆزىنىڭ ئېرىگە رەھمەت ئېيتىشقا بولمايدۇ!   -  دېدى.

سەھنە ئاستىدىكى زۆھرە بۇ ئىككىسىگە قاراپ، كۈلۈپ ئاغزى قۇلىقىغا يەتتى.

ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرغان زىبارەنىڭ چىراي ئىپادىسى چوڭقۇرلاشتى.

ئايال رىياسەتچىنىڭ ئاۋازى يەنە بىر قېتىم ياڭرىدى:

   - بىز بىرلىكتە چاۋاك چېلىپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنى تەبرىكلەيلى.   -  دېدى.

--

نەق مەيداندا يەنە بىر قېتىم ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

جەسۇر كۆپچىلىككە قاراپ باش لىڭشىتىپ، سەھنىنىڭ يېنىغا چېكىندى.

  -  تۆۋەندە، شۆبە مۇسابىقە رايونىنىڭ باش باھالىغۇچىسى،   باش مەسئۇلى داۋۇت ئەپەندىنى  ئالدىنقى ئۈچ دەرىجىگە ئېرىشكەن ماھىرغا مۇكاپات لوڭقىسى تارقىتىپ بېرىشكە، شۇنداقلا، بىزنىڭ بۈگۈنكى چېمپىيونىمىزغا پاگانىنى ئىسكىرىپكا دۇنيا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تەكلىپنامىسىنى تارقىتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز!   - دېدى رىياسەتچى.


 


..................................

...........

...


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章