مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز102-قىسىم - مەنمۇ سىزدىن پايدىلاندىم

文摘   小说   2024-09-08 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  20  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796




101


 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

102-قىسىم

  


102-قىسىم

مەنمۇ سىزدىن پايدىلاندىم


زىلالە بىلەن مېھمانخانىغا كىرگەندىن كېيىن، جەسۇر دەرھال ئاشخانىغا كىرىپ، توڭلاتقۇنى ئېچىپ:

- كەچتە نېمە يەيمىز، قاراپ باقاي، خوتۇن، تۈگرە يىگىڭىز بارمۇ ياكى ئۈگرە  ئىچكىڭىز بارمۇ؟  -  دەپ سورىدى.

زىلالە يېنىغا كېلىپ، بىلىكىدىن تۇتۇپ:

- ئەنسىرىمەڭ، باشقا كۈنى بېرىپ ئەكبەر ئاكامغا ئوبدانراق چۈشەندۈرۈپ قوياي.  -  دېدى.

 -  ئەكبەر بىلەن بولغان ئىشىمىزغا ئارىلاشمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، - دېدى جەسۇر كەينىگە بۇرۇلۇپ،  يۈزىنى سىيلاپ، ـ زىلالە، سىز راستتىنلا پۇشايمان قىلمامسىز؟  -  دەپ سورىدى.

زىلالە بېشىنى يېنىك لىڭشىتتى.

- خۇددى ئەكبەر ئېيتقاندەك سىزدىن پايدىلىنىپ،  ئالداپ،  قالايمىقان مۇئامىلە قىلىپ تاشلىۋېتىشىمدىن قورقمامسىز!  -  دەپ سورىدى.

زىلالە بېشىنى كۆتۈرۈپ، تەمكىن تەلەپپۇزدا :

 - ئۇ كۈنى كەچتە سىزنى ئىزدەپ بارغاندا، سىزدىن پايدىلانماقچى بولدۇم، بىز ئىلگىرى  تونۇشمايتتۇق، سىزنىڭ ئەسلىدىمۇ ماڭا ياردەم قىلغۇدەك ئالاھىدە سەۋەبىڭىزمۇ يوق ئىدى.  -  دېدى.

 جەسۇر ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ :

  - شۇڭىچۇ... سىزمۇ مەندىن پايدىلىنىۋاتامسىز؟ -  دەپ سورىدى.  

 -  بۇرۇن شۇنداقتى، ھازىر ئۇنداق ئەمەس. - دېدى زىلالە  كۈلۈپ تۇرۇپ،  - ھازىر مەن سىز بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتىمەن.  -  دېدى.

جەسۇر قولىنى سوزۇپ ئۇنى قۇچاقلىدى، بېشىنى  چاچلىرىغا تىقىپ، خېلى بىر ۋاقىتتىن كېيىن يۈزىنى كۆتۈرۈپ، قايتىدىن كۈلۈمسىرەپ:

 -   تۈگرىمۇ ياكى ئۈگرىمۇ؟  -  دەپ سورىدى.

- تۈگرە!  - دېدى زىلالە يەنىلا ئازراق شەخسىي غەرەز بىلەن.

ئۇ زىبارەنىڭ جەسۇر ئەتكەن ئۈگرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇڭا  ئوخشىمايدىغاننى تاللىدى.

 - بولىدۇ.  سىزگە تۈگرە پىشۇرۇپ بېرەي!  -  دېدى جەسۇر توڭلاتقۇدىن توڭلىتىلغان تۈگرىنى ئېلىپ، كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئۇستىلىق بىلەن تەييارلىدى.

زىلالە ياندا تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەپچىل ھەرىكەتلىرىگە قاراپ ھەيران قېلىپ:

- سىز راستلا قىلالامسىز؟  - دەپ سورىدى.  

- ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاپامدىن ئۆگەنگەن، ئاپام تاماقنى بەك ئوخشىتىدۇ. كىچىكىمدىن تارتىپ،  ئۇ ئەتكەن تاماقنى ياخشى كۆرەتتىم، 

ئاپام تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىۋالسا، ھەرقانچە نامرات بولسىمۇ ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالمايدۇ دېگەن، - دېدى.  

 - سىزدەك باي ئائىلىنىڭ بايۋەچچىسى، قانداقسىگە نامرات ھېسابلىنىسىز؟  -  دېدى زىلالە.

 - مېنىڭ فامىلەم  ئاپامنىڭكى بىلەن ئوخشاش، ماڭا پىيانىنونى ئۇ ئۆگەتكەن. - دېدى جەسۇر چوكىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ،  - بۇلارنى دېيىشمەيلى، تاماق يەيلى! -  دېدى. 

ئىلگىرى جەسۇر مەكتەپ ئالماشقاندا، مەكتەپتە بەزى ئۆسەك سۆزلەرمۇ تارقالغانىدى.

زىلالە كىچىكىدىنلا ياخشى ئائىلە تەربىيەسى ئالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى چاغدا  پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىسكىرىپكا چېلىشقا بېرىلىپ كەتكەچكە، بۇنداق پىتنە-پاساتلارغا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيتتى، شۇڭا جەسۇرنىڭ ئائىلىسىدىكى ئىشلارنى  بىلمەيتتى.

بۇ جەسۇرنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ ئالدىدا ئاپىسىنى، ئۆزىنىڭ ئائىلە ئىشلىرىنى تىلغا ئېلىشى.

كىمنىڭ ھاياتىدا، تىلغا ئېلىشنى خالىمايدىغان ئىشى يوق دەيسىز؟

ئۇنىڭ كۆپ سۆزلىگۈسى يوقلىقىنى بىلىپ، زىلالەمۇ قايتا سۈرۈشتۈرمىدى.

كىچىكىدىن تارتىپلا دادىسى ئۇنىڭغا  ھەرقانچە  ياخشى دوست بولسىمۇ، قارشى تەرەپنىڭ شەخسىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەر-ئايالنىڭمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

 بىر تال تۈگرىنى ئېلىپ تېتىپ بېقىپ، زوقلانغان ھالدا كۆزلىرىنى قىسىپ تۇرۇپ:

  - ئېرىم ئەتكەن تۈگرە بەك يېيىشلىك ئىكەن!  -  دېدى.

جەسۇر  ئۈستەلنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

 - ئۇنداقتا كۆپرەك يەڭ.  -  دېدى.

 ئەر  ئايال ئىككىسى  ئۈستەلنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئولتۇردى.

تاماقنى ئەستايىدىللىق بىلەن يەپ، ئاندا-ساندا بىر نەچچە ئېغىز پاراڭلاشتى، جىمجىتلىق ھەر ئىككىلىسىنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قوياتتى.

ئاندا-ساندا بېشىنى كۆتۈرۈپ، قارشى تەرەپ بىلەن قارىشىپ قارىغاندا تەبىئىي ھالدا كۈلۈمسىرىدى.

زىلالە تۈگرىنى چىشلەپ، ئۇدۇلدىكى جەسۇرغا  قاراپ، تەبىئىي ھالدا دادىسى بىلەن ئاپىسىنى ئويلىدى.

بىر ئۆيدە ئىككى ئادەم ئۈچ ۋاق تاماقنى تەڭ يەيدۇ.

ئەگەر ئۇ جەسۇر بىلەن داۋاملىق چىقىشىپ ئۆتسە، ياكى...ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بىللە ئۆتسە...

بۇمۇ بولىدىكەن!

ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇزىكا ئەترىتىدىكى خىزمىتىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغان زىلالە ئالايىتەن ۋاقىت چىقىرىپ، دوختۇرخانىغا بېرىپ دادىسىنى يوقلىدى.

ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى تاماقنى كۆتۈرۈپ  كىرىپ دادىسىنىڭ كارىۋات بېشىغا يۆلىنىپ،    دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئوڭ قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ:

 - دادا! -  ھەيران بولغان ھالدا ئېتىلىپ كېلىپ، -  سىز... ئولتۇرالايدىغان بولدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.  

 - زى...زىلا... - دېدى دادىسى ئوڭ قولىنى سوزۇپ، ئۇنىڭ يۈزىنى تۇتۇپ، دوختۇرغا قاراپ، - مېنىڭ... قىزىم!  -  دېدى.

 -  بىلىمەن، سىزنىڭ قىزىڭىز شۇنداقمۇ؟  - دېدى  دوختۇر تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىلالەغا ئوڭ قولىنى سۇنۇپ، -  ياخشىمۇسىز، مەن دادىڭىزنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرى، ئىسىمىم ئەكرەم، - دېدى.

 - بىلىمەن، مۇدىر تېلېفوندا  دېگەن. - دېدى زىلالە قارشى تەرەپ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، -  جاپا چەكتىڭىز. - دېدى.

دادىسى ئوسماننىڭ سالامەتلىكى يېقىندىن بۇيان ياخشى ئەسلىگە كەلگەچكە، دوختۇرخانا باشلىقى  سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى قايتىدىن تۈزۈپ چىقتى.

بۇ ياش دوختۇر ئوسماننىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەسئۇل بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇنىڭ ئۆز  ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.

ئەكرەم دوختۇر ئوسماننىڭ بۈگۈنكى مەشىقىنى تاماملىغاندىن كېيىن، زىلالە ئۇنى ئەدەپ بىلەن ئۇزىتىپ چىقتى.

دادىسى ئاڭلىمايدىغان يەرگە كەلگەندە،  پەس ئاۋازدا:

- ئەكرەم دوختۇر، قاراڭ دادامنىڭ ھازىرقى ھالىتى بويىچە، تەخمىنەن قانچىلىك ۋاقىتتا دوختۇرخانىدىن چىقسا بولىدۇ؟  -  دەپ سورىدى.

 -  تەجرىبەمگە ئاساسلانغاندا،  يەنە بىر-ئىككى ئايدىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقسا بولىدۇ، بىراق... - دېدى ئەكرەم دوختۇر كۈلۈپ تۇرۇپ، - دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، چوقۇم بىر ئادەم مەخسۇس پەرۋىش قىلىپ كۈتۈشى كېرەك.  - دېدى.

- بەك ياخشى بولدى، رەھمەت سىزگە.  -  دېدى زىلالە مىننەتدارلىقنى بىلدۈرۈپ.

 ئەكرەم دوختۇرنىڭ يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، كېسەلخانىغا قايتماقچى بولغاندا كارىدوردا تونۇش ئاۋاز ياڭرىدى.

 - زىلالە!   

زىلالە قەدىمىنى توختىتىپ، كەينىگە ئۆرۈلدى.

ئەكبەر  ئاكا-سىڭىللار بىر قىسىم ئوزۇقلۇق ۋە مېۋىلەرنى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتاتتى.

زىلالە ئىككىسىنىڭ دادىسىنى يوقلاپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ،  ئۇلارنى كېسەلخانىغا باشلاپ كىرىپ:

- دادا، قاراڭ كىم كەلدى؟  - دېدى.

ئوسمان ئىككىسىگە قاراپ بېشىنى چايقىدى.

زىلالە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تونۇشتۇرۇپ:

  - بۇ ئاكامنىڭ يېقىن دوستى ئەكبەر، بىزنىڭ قوشنىمىز، كىچىك ۋاقتىمدا دائىم بىزنىڭ ئۆيگە ئوينىغىلى كىرەتتى، ئېسىڭىزدىمۇ؟  - دېدى.

ئوسمان ئەكبەرگە سىنچىلاپ قاراپ:

 - كىچىك  بۇدۇشقاق؟ !  -  دېدى.

- شۇنداق، مەن شۇ!  - دېدى ئەكبەر كۈلۈپ تۇرۇپ ئوسماننىڭ قولىدىن تۇتۇپ، ـ سىڭلىم ئىككىمىز ئالايىتەن سىزنى يوقلاپ كەلدۇق.  -  دېدى.

بىر نەچچەيلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا، ئەكبەرنىڭ تېلېفونى سايراپ كەتتى.

ئېكراندىكى نومۇرغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقىپ تېلېفوننى ئالدى.

زىلالە چايدىن قۇيۇپ، زىبارەنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

 قولىدىكى داكىغا دىققەت قىلىپ، كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا:

  - قولىڭىز قانداقراق؟  - دەپ سورىدى.  

زىبارە ئوڭ قولىنى سوزۇپ:

 - خېلى ياخشى بولۇپ قالدىم.  -  دېدى.

 قولىنى سوزۇشىغا ئەگىشىپ، زىبارەنىڭ يەڭلىرىدىن كۈمۈش رەڭلىك بىلەيزۈك چىقىپ قالدى.

زىلالە بىر قاراپلا بىلەزۈكنىڭ تونۇش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، يەنىمۇ سىنچىلاپ قارىغان چاغدا، ئەكبەر ئالدىراپ كېسەلخانىغا كىرىپ:

 -  زىلالە، بۇياققا چىقىڭە.  -  دېدى.

- دادا،  چىقىپ كىرەي، ھازىرلا  كېلىمەن.  -  زىلالە دادىسىغا دەپ قويۇپ، ئەكبەرگە ئەگىشىپ كارىدورنىڭ ئاخىرىغا كېلىپ:

 -  بىرەر ئىش بولدىمۇ؟  -  دەپ سورىدى.

ئەكبەر قوشۇمىسىنى تۈردى،  بىر ئاز ئىلاجسىزلىق ئىچىدە:

- مەن بايا تېلېفوندا ئاكىڭىز بىلەن كۆرۈشتۈم،  ئاكىڭىز نارازىلىق ئەرزى بېرىشتىن ۋاز كەچتى!  -  دېدى.

 - نېمە؟ - دېدى زىلالە ئۆز ئورنىدا قېتىپ قېلىپ، -  بۇ مۇمكىن ئەمەس، ئاكامنىڭ نارازىلىق ئەرزى قىلىشتىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن ئەمەس، بۇ ئۇنىڭ دېلونى ئاغدۇرىدىغان بىردىنبىر پۇرسىتى.  -  دېدى.

ئۆمەر نارازىلىق ئەرزى قىلىشتىن ۋاز كەچسە،  دېلونىڭ خاراكتېرى پۈتۈنلەي بېكىتىلىپ، دېلونى ئاغدۇرۇش مۇمكىنچىلىكى يوقلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

كەلگۈسىدە بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆمەر   مۇددىتى توشۇپ ئاندىن چىقىدۇ.

ئۇ يەنە بىر ئۆمۈر بىنانىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىدىكى باش جىنايەتچىسى بولۇشتەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، يەنە   ئۆزى ئۆتكۈزمىگەن خاتالىقىنى يۇيالمايدۇ،  تېخىمۇ مۇھىمى بىنا لايىھەلەش خىزمىتىنى قىلىشقا مەڭگۈ پۇرسەت چىقمايدۇ.

ئاكىسىنىڭ ھاياتى ئۈزۈل-كېسىل ۋەيران بولىدۇ.



 


..................................

...........

...


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章