كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
91 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
92-قىسىم
92-قىسىم
سېغىنمىدىڭىزمۇ؟
ئارام ئېلىش ئۆيىدە قالغان زىلالە كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، گىرىمىنى سۈرتۈپ، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىن چىقتى، جەسۇر ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئىسكىرۇپكا ۋە ئۈستەلدىكى نەرسىلەرنى يىغىشتۇردى.
يەنە ئۇنىڭ قولىدىكى مۇسابىقىدە كىيگەن كىيىمى سېلىنغان قەغەز خالتىنى ئېلىپ، پەلتوسىنى يېپىنچاقلاپ، بەدىنىگە ھىملاپ قويغاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇكاپات لوڭقىسىنى كۆتۈرۈپ:
- ماڭايلى، ئۆيگە قايتايلى! - دېدى.
زىلالە ئۆزىنىڭ سومكىسىنى كۆتۈرۈپ، كەينىدىن ماڭدى.
جەسۇرنىڭ <ئۆي> دېگىنىنىڭ قەيەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمىدى.
ئىككىيلەن بىرلىكتە ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا كېلىپ، ماشىنىنىڭ قۇلۇپىنى ئاچقاندىن كېيىن زىلالە ئىتتىك مېڭىپ كېلىپ:
- بارلىق نەرسىلىرىمنى داچىغا قايتۇرۇپ كەلدىم، سىزگە قولايلىق بولمىسا، ئۆزۈم ماشىنا توسۇپ قايتسام بولىدۇ. - دېدى.
- نېمە دەۋاتىسىز؟ - دېدى جەسۇر نەرسىلەرنى ئارقا ئورۇندۇققا قويۇپ، ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىپ، - ئەلۋەتتە سىز نەگە بارسىڭىز مەنمۇ شۇ يەرگە بارىمەن، ئەجەبا، مەن بىلەن ئايرىلىپ تۇرماقچىمۇ؟ـ دېدى.
بىنا ئۆيدىكى ھەممە نەرسىسىنى يىغىشتۇرۇپ بولدى، ھەتتا ئاچقۇچنىمۇ قالدۇرۇپ قويدى.
جەسۇر ئۆيگە قايتقان بولسىلا، چوقۇم كۆرىدۇ.
ئەجەبا بۇ بىر نەچچە كۈندە ئۆيگە پەقەت قايتمىدىمۇ؟
- ماشىنىغا چىقىڭ، - دېدى جەسۇر كۈلۈپ تۇرۇپ ئالدىرىتىپ.
زىلالە بېشىنى لىڭشىتىپ، ياردەمچى شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرۇپ:
- مەن تېخى سىزنى مۇسابىقە كۆرگىلى كەلمەيدۇ دەپتىمەن، - دېدى.
- بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن، خوتۇنۇم مۇسابىقىگە قاتناشسا، نېمىشقا كېلىپ مەدەت بەرمەيمەن، - دېدى جەسۇر كۈلۈپ تۇرۇپ بۇرۇنقىغا ئوخشاش تەلەپپۇزدا.
زىلالە بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل بىئارام بولدى.
ئېنىقلا زىبارە بىلەن تېپىشىپ قالغان تۇرۇقلۇق، قانداقمۇ بۇنداق گەپلەرنى ئاغزىدىن چىقىرالايدىغاندۇ؟ دەپ ئويلىدى.
ماشىنا ئايلانما يولدىن بۇرۇلۇپ، داچا رايونىغا بارىدىغان يولغا چىقتى.
جەسۇر ئورۇندۇققا يۆلىنىپ، دېرىزە سىرتىغا قاراپ خىيال سۈرۈۋاتقان زىلالەغا بىر قاراپ قويدى.
زىلالە ئىشنى يوشۇرالايدىغان ئادەم ئەمەس، جەسۇر ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى ئاسانلا سېزىپ قالدى.
- بىلىمەن، بۇ بىر نەچچە كۈندە مەن سىز بىلەن بىللە مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىشىم كېرەك ئىدى، ئەمما بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان شىركەتتە بەك ئالدىراش بولۇپ قالدىم، خوتۇن ، مەندىن خاپا بولۇپ قالماڭ بولامدۇ؟ - دېدى.
ئۇنىڭ ئىپادىسى شۇنچە روشەن بولدىمۇ؟
قولىنى كۆتۈرۈپ، يۈزىنى سىيلىۋېتىپ:
- خاپا بولمىدىم. - دېدى زىلالە چىراي ئىپادىسىنى تەڭشەپ، - ئازراق ھېرىپ قاپتىمەن، - دېدى.
بۈگۈن كەچ، ئەگەر جەسۇر بولمىغان بولسا، مۇسابىقىنى ھەرگىز داۋاملاشتۇرالمايتتى.
مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندىمۇ ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولۇشى كېرەك.
- چۈشەندىم، بۇ بىر نەچچە كۈندە مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن كۆپ جاپا تارتتىڭىز. - دېدى جەسۇر ئوڭ قولىنى سوزۇپ، چېچىنىڭ ئۇچىنى سىيلاپ، - بىردەمدىن كېيىن ئۆيگە قايتقاندا، بىر ئىستاكان ئىسسىق شاكىلاتلىق سۈت قاينىتىپ بېرەي، ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇپ، راھەت ئۇخلىۋېلىڭ! - دېدى.
ئەرنىڭ ئىللىق ئالىقىنى بېشىغا چۈشكەندە زىلالە بېشىنى پەسكە قارىتىپ تۇرۇپ قالدى.
جەسۇرنىڭ مۇلايىملىقىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۆزىنىڭ سوغۇق مۇئامىلە قىلىشى روشەن پەرقلىنىپ، رەھىمسىزلىك قىلغاندەك بىلىندى.
ئەمما ئۆز كۆڭلىنى ئۈزۈل-كېسىل سوۋۇتقاندىلا، زىبارە ئىككىسىنى مۇرادىغا يەتكۈزەلەيدۇ.
-- دىر - دىر
تېلېفون تىترىدى.
زىلالە سومكىسىدىن تېلېفوننى چىقاردى.
ئېكراندا زۆھرەنىڭ ئۇچۇرى كۆرۈندى.
[سۆيۈملۈكۈم، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جەسۇر دىرېكتۇرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىڭ】
كەينىدە يەنە كىچىك چىراي ئىپادىسىمۇ بار ئىدى.
زىلالە ئاچچىق كۈلۈپ قويۇپ، تېلېفوننى سومكىسىغا سېلىپ قويدى.
يان تېلېفونىنىڭ يېنىغا قويۇلغان پۇل قاپچۇقىغا كۆزى چۈشۈپ، ھېلىقى بىر مىليون يۈەنلىك مۇكاپات چېكىنى ئويلاپ قالدى.
ئىلگىرى جەسۇر ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، بۇ مۇسابىقىدە بىر مىليون يۈەن مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مۇسابىقىنى قوللىغان شىركەتمۇ ئۇنىڭ شىركىتى، ئەجەبا ... ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش ئۈچۈنمۇ؟
مۇشۇلارنى ئويلىغان زىلالە يالغاندىن ئازادە تەلەپپۇزدا:
- ھە راست، مۇسابىقىنى قوللىغانلىقىڭىزنى نېمىشقا ماڭا دېمىدىڭىز؟ - دەپ سورىدى.
ئەگەر ئالدىن ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى دەپ قويسا بۇ قىزنىڭ مىجەزى بىلەن، چوقۇم پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ.
جەسۇر زىلالەنىڭ چىراي ئىپادىسىگە ئاستا قاراپ قويۇپ، يېنىك كۈلۈمسىرەپ:
- خوتۇن، بۇنداق كىچىك ئىشقا باش دىرېكتۇر ئۆزى قول تىقىدۇ دەپ ئويلامسىز؟ - دېدى.
دېمىسىمۇ، نەچچە مىليون يۈەنلىك كىچىك ئېلانلارنى جەسۇرنىڭ ئۆزى قارار قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق.
ئۇدۇل كېلىپ قېلىشىمۇ پەقەت بىر تاسادىپىيلىق خالاس.
مۇشۇنداق ئويلىغان زىلالە مۈجمەل كۈلدى، تەبەسسۇمى ئۆزىنى بىئارام قىلدى.
دەرۋەقە، ئۇ يەنە كۆپ ئويلاپ كېتىپتۇ.
زىلالە ھەي زىلالە، ھەقىقەتەن ئۆزىڭىزگە مەپتۇن بولۇپ يۈرىيدىكەنسىز...
جەسۇرنى سىز ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى قىلىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭىزمۇ؟ !
ئەسلىدە، ئۇنىڭدىن ئورۇنلىماقچى بولغان مۇزىكىسىنى قانداق بىلگەنلىكىنى سوراپ باقماقچى بولغان، قارىغاندا ھاجىتى يوقتەك قىلىدۇ.
ماشىنا داچىغا كېلىپ توختىدى.
زىلالە ئىشىكنى ئاچتى، جەسۇر مۇكاپات لوڭقىسى بىلەن ئىسكىرۇپكىنى مېھمانخانىغا ئېلىپ كىردى.
چاپىنىنى سېلىپ كىيىم ئاسقۇچقا ئېسىپ قويغاندىن كېيىن، كاستۇمىنىڭ تۈگمىسىنى يېشىپ، چاپىنىنىمۇ سېلىۋەتتى، كۆزى تېخى ساقايمىغان ئوڭ بىلىكىگە چۈشۈپ:
- خوتۇن، مەن بېرىپ شامپاننى ئاچاي، بىللە تەبرىكلەيلى، ئاندىن ماڭا كىچىك ياتاقنى يىغىشتۇرۇپ بەرسىڭىز، كارىۋىتىڭىز سەل كىچىك، ئىككىمىز قىستىلىپ ياخشى ئۇخلىيالمايدىكەنمىز، - دېدى.
بۇ... ئۇنىڭ بىلەن رەسمىي ئۆي ئايرىپ تۇرماقچىمۇ؟
زىلالە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ:
- بولىدۇ. - دېدى.
ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىققانلىقىنى كۆرگەن جەسۇر يېنىك تىنىپ قويۇپ، ئاشخانىغا كىردى.
بىردەمدىن كېيىن، زىلالە كىچىك ياتاق ئۆينى يىغىشتۇرۇپ، قايتىدىن پەسكە چۈشتى.
جەسۇر شامپاننى ئېچىپ بولغان بولۇپ، ئۈستەلدە ئالايىتەن سېتىۋالغان بىر پارچە تورت تۇراتتى.
ئىككى رومكا شامپان قۇيۇپ، بىرىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ:
- مۇسابىقىدە چېمپىيون بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن، كۆتۈرەيلى! - دېدى.
زىلالە ئۈستەل تەرەپكە بېرىپ، رومكىنى ئېلىپ:
- بۈگۈن كەچ، ياردەم قىلىپ مۇسابىقىنى تاماملاپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. - دەپ ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، بىر يۇتۇم ئىچتى.
- يەنە ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ - دېدى جەسۇر قولىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ يۈزىنى چىمداپ، - ئېرىڭىزگە رەھمەت ئېيتماڭ دېدىمغۇ؟ - دېدى.
زىلالە كۈلۈپ قويۇپ، گەپ قىلمىدى.
- بۈگۈن چېمپىيون بولدىڭىز، سىزنىڭ دېگىنىڭىز ھېساب، سىز بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايمەن. - دېدى جەسۇر تورتنى ئىتتىرىپ، - تېز يەڭ، سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شاكىلاتلىق تورت. - دېدى.
زىلالە ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ، تورتنى ئالدىغا تارتتى.
ئادەتتە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاتلىق تۇرتنىڭ تەمى باشقىچە تېتىدى.
جەسۇر ئۇنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن شامپاننى ئىچكەچ، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ تورت يېيىشىگە قاراپ تۇردى.
كۆزى قىزنىڭ لېۋىگە چۈشكەندە ئازراق ھاياجانلىنىپ قالدى.
بىر نەچچە كۈن كۆرۈشمەي ئۇنى راستتىنلا سېغىندى.
- تەملىكمىكەن؟ - دەپ سورىدى جەسۇر.
- ھەئە. - دېدى زىلالە.
- ئېرىڭىزنىمۇ تېتىپ باققۇسى كېلىۋاتىدۇ، - دېدى جەسۇر.
زىلالە قوشۇق بىلەن بىر چىشلەم تورتنى ئېلىپ سۇندى.
جەسۇر قوشۇقتىكى تورتنى ئېلىش ئۈچۈن ئاغزىنى ئاچتى، قولىدىكى شامپان رومكىسىنى قويۇپ، بېلىدىن تۇتتى. نېپىز پوپايكىسى ئۈستىدىن يېنىك سىلاپ:
- خوتۇن، مېنىڭ يەنە يېگۈم بار! - دېدى.
پوپايكىسى ئايرىپ تۇرسىمۇ ئالىقىنىدىن كېلىۋاتقان ئىسسىقلىقنى ئېنىق ھېس قىلىپ، گېلى ئازراق قىچىشىپ ، تورتنى ئىتتىرىپ بېرىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ:
- ھەممىنى سىزگە بېرەي، چىقىپ ئارام ئالاي. - دېدى.
قارا بۇ قىزنى... قاچماقچىمۇ؟
جەسۇر قولىدىن تارتىپ، قۇچاقلىۋېلىپ:
- نېمە، كۆرۈشمىگىلى نەچچە كۈن بولسىمۇ، ئازراقمۇ سېغىنمىدىڭىزمۇ؟ - دېدى.
زىلالە بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ بىردىنلا ئالاقزەدە بولۇپ كەتتى.
ئۇلار نورمال ئەر-ئايال بولسىمۇ، يەنىلا يۈزى قىزىرىپ كەتتى.
ئۇنداقتا ئۆزى يۈزى قېلىنلىق قىلمىسا بولماپتۇ.
- سېغىنمىدىڭىزمۇ؟ ئۇنداقتا جازالىنىسىز! - دېدى جەسۇر پەس ئاۋازدا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ سۆيۈپ قويدى.
..................................
...........
...
、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar