مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز91-قىسىم - يېقىن دوست

文摘   小说   2024-09-02 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  12  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786






 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

91-قىسىم

  


 



  91-قىسىم 

يېقىن دوست


كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، باش باھالىغۇچى داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ،  سەھنىگە چىقتى.

ئالدى بىلەن ئۈچ لوڭقىنى ئۈچىنچى بولغان ئايگۈل ۋە ئىككىنچى بولغان  ماھىرغا تارقىتىپ بەردى.

مۇراسىم خانقىزى يەنە بىر پەتنۇسنى كۆتۈرۈپ كەلدى، پەتنۇسقا ئالتۇن رەڭلىك لېنتا بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە تەكلىپنامىسى سېلىنغانىدى.

شۆبە مۇسابىقە رايونىدىكى مۇكاپات لوڭقىسىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ نېپىز بىر ۋاراق قەغەز تېخىمۇ قىممەتلىك.

داۋۇت مۇراسىم خانقىزىنىڭ قولىدىكى پەتنۇستىكى  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ تەكلىپنامىسىنى ئىككى قولىدا تۇتۇپ زىلالەنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

- زىلالە خانقىز، مەن سىزنىڭ ۋېنا مۇزىكا زالىدا تېخىمۇ قالتىس ئىپادىڭىزنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن!   -  دېدى.

دەسلەپكى تاللاشتىن تارتىپ بۈگۈنكى مۇسابىقىگىچە، زىلالە داۋۇتتا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

مۇسابىقىگە ئۇدا تۆت يىل مەسئۇل بولغان داۋۇت تۇنجى قېتىم ئۆزى ئۇزاقتىن ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن ئىقتىدارلىق ماھىرنى ئۇچراتتى.

زىلالە بىر قولىدا مۇكاپات لوڭقىسىنى، يەنە بىر قولىدا تەكلىپنامىنى ئېلىپ داۋۇتقا، ئاندىن چوڭقۇر ئېڭىشىپ باھالىغۇچى ۋە تاماشىبىنلارغا سالام بېرىپ:

  - كۆپچىلىككە رەھمەت، كۆپچىلىكنىڭ ماڭا بۇ پۇرسەتنى بەرگەنلىكىگە رەھمەت، مەنمۇ سىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەسلىككە تىرىشىمەن!   -دېدى.

كۆپچىلىك بىرلىكتە  زىلالە ئۈچۈن ئالقىش ياڭراتتى.

يېنىدا تۇرغان ئايگۈل، پەستە ئولتۇرغان زۆھرە قاتارلىقلارنىڭ  كۆز چانىقى ئىختىيارسىز قىزىرىپ نەمدەلدى.

جەسۇر سەھنىنىڭ بىر تەرىپىدە تۇرۇپ، كۈچەپ چاۋاك چالدى.

زىلالەنىڭ پارقىراپ تۇرغان كۆزلىرىگە تىكىلگەن كۆزلىرىدىن خۇشاللىق ھەم ئىچ ئاغرىتىش چىقىپ تۇراتتى.

ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ تەكلىپنامىسىنى ئالدى.

زىلالە ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەھمىيىتى ھەرگىزمۇ ئادەتتىكىچە ئەمەس.

ئاخىرىدا، نىگارەدىن باشقا مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق ماھىرلارمۇ قايتىدىن سەھنىگە تەكلىپ قىلىندى.

جەسۇرمۇ داۋۇت تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنىپ كۆپچىلىك زىلالەنى ئورىۋېلىپ ئوپچە سۈرەتكە چۈشتى.

  -  مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىرلارنى تەبرىكلەيمىز، زىلالە خانقىزنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىنى  ئۈمىد قىلىمىز ، بۇ قېتىمقى پاگانىنى دۇنيا ئىسكىرىپكا مۇسابىقىسىنىڭ تارماق مۇسابىقە رايونىدىكى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. كۆپچىلىك كېلەر يىلى كۆرۈشەيلى!   -  ئايال رىياسەتچىنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ئىچىدە، پەردە يېپىلدى.

تاراتقۇلار خېلى بۇرۇنلا سەھنىگە چىقىپ، ئاپپاراتلىرىنى زىلالەغا توغرىلاپ بولغانىدى.

- زىلالە خانقىز، ئاڭلىسام، سىزگە زىيانكەشلىك قىلغان نىگارە سىزنىڭ بۇرۇنقى بولغۇسى يولدىشىڭىزنىڭ سىڭلىسى ئىكەن، شۇنداقمۇ؟    

  - بۇنداق قىلىش ئارقىلىق سىزنىڭ توينى قايتۇرۋەتكەنلىكىڭىزدىن ئۆچ ئالماقچى بولدىمۇ؟  

- بايا سىزگە پىيانىنو تەڭكەش قىلىپ بەرگەن جەسۇر ئەپەندى ئىككىڭلارنىڭ قانداق مۇناسىۋىتىڭلار بار!    

بۇ تېما  زىلالەنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىگە قارىغاندا،  تېخىمۇ قىزىقتۇراتتى، ئەلۋەتتە بۇ تېما تېخىمۇ كۆپ ئۆسەك سۆز قىممىتىگە ئىگە.

جەسۇر كۆز ئىشارىسى قىلدى، ئەنۋەر بىر نەچچە ئامانلىق ساقلىغۇچىنى باشلاپ ۋاقتىدا يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇلارنى ئايرىپ:

- زىلالە خانقىز ئارام ئېلىشقا موھتاج، كۆپچىلىك يول بېرىڭلار!

سۈرەتكە تارتىشقا بولمايدۇ، يول بېرىڭلار!   -  دېدى.

ئۇلارنى ئايرىۋەتكەندىن كېيىن، جەسۇر چوڭ قەدەم بىلەن كېلىپ، زىلالەنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ،  مۇسابىقە زالىدىن ئارام ئېلىش ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى.

  - زىلالە! - ئايگۈل بىرىنچى بولۇپ كېلىپ، - سىزنى تەبرىكلەيمەن،  سىزنىڭ چېمپىيون بولالايدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم، - دېدى.

  - جېنىم دوستۇم!   -  ئايگۈلنىڭ  گېپىنى تۈگىتىشىگە، زۆھرە ئالدىراپ-تېنەپ ئارام كىرىپ ، زىلالەنى قۇچاقلاپ ، پېشانىسىگە سۆيۈپ،  ئۆزى مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىنمۇ بەكرەك ھاياجانلىنىپ،   - مەن نېمە دېدىم، سىز ئەڭ قالتىس! ئەلۋەتتە ... - دېدى زۆھرە   جەسۇرغا قاراپ،   - بۈگۈن كەچ،   جەسۇر باش دېرىكتورمۇ چوڭ تۆھپە قوشتى، بايىقى قەھرىماننىڭ ساھىبجامالنى قۇتقۇزغاندىكى كېلىشكەن ھالىتىگە گەپ كەتمەيدۇ. يەنە تېخى،  سەھنىدە ئويۇن قويغان ۋاقتىڭلار خۇددى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك، ياق... ئاجايىپ ماسلاشقان ھەمراھلارغا ئوخشىدىڭلار... - دېدى.  

ئۇنىڭ سۆزلىگەنسېرى مۇبالىغە قىلىۋەتكەنلىكىنى كۆرگەن  زىلالە يېڭىدىن تارتىپ:

- زۆھرە، قالايمىقان سۆزلىمەڭ.   -  دېدى.

  -  قانداق قالايمىقان سۆزلەپتىمەن؟ - دېدى  زۆھرە مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ، جەسۇرغا قاراپ كۆزىنى چىمچىقلىتىپ،  - مېنىڭ دېگىنىم راستقۇ جەسۇر باش دىرېكتور، - دېدى.  

جەسۇر ئېغىز ئېچىشتىن بۇرۇن،  مۇلايىم، يېقىملىق قىز بالىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:

- زىلالە...  مۇبارەك بولسۇن!    

ئۈچەيلەن  تەڭلا بېشىنى بۇراپ، زىبارەنىڭ  ئانچە يىراق بولمىغان جايدا تۇرغانلىقىدىن سەل ھەيران قالدى.

- بۈگۈن كەچ زىلالەنىڭ  چېمپىيون بولۇشى ئاسان ئەمەس. - دېدى زىبارە ئالدىغا بىر قەدەم ئېلىپ، جەسۇرنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ بىلىكىگە ئېسىلىپ، چىرايلىق كۈلۈمسىرەپ:

- جەسۇر ئاكا، بىز زىلالەنى ياخشىراق تەبرىكلىسەك قانداق؟   - دېدى.

  - زىبارە خانقىز، - دېدى زۆھرە كېلىپ، ئۇنىڭ جەسۇرغا يۆلىنىپ تۇرغان قولىنى تارتىپ،  - ئەر-خوتۇن ئىككىسى كۆرۈشمىگىلى نەچچە كۈن بولدى، ئىككى كىشىلىك دۇنياسىغا لامپۇچكا بولۇپ كىرىۋالمىساق ياخشى بولارمىكىن، سىزنىڭچىچۇ؟   -  دېدى ۋە زىبارەغا  گەپ قىلىش پۇرسىتى بەرمەي، زىلالە بىلەن جەسۇرغا قول پۇلاڭلىتىپ، زىبارەنى تارتىپ ئېلىپ مېڭىپ:

  - ئىككىڭلار ئىككى كىشىلىك دۇنيادىن ياخشى ھوزۇرلانساڭلار بولىدۇ، بىز سىلەرنى ھەرگىز ئاۋارە قىلمايمىز.   -  دېدى.

ئەنۋەرنىڭ يەنىلا جايىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭمۇ دۈمبىسىگە بىرنى ئۇرۇپ:

  - يەنە سىزمۇ بار...  بۇ يەردە ماشىنا توسۇش ئاسان ئەمەس، مېنى ئاپىرىپ قويۇڭ!   -  دېدى.

ئەنۋەر ئورنىدىن مىدىر-سىدىر قىلماي:

   - مەن  يەنە...   -  دېدى.

  - يەنە نېمە،  گۈزەل قىزنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇشتىنمۇ مۇھىم ئىش بارمۇ؟ - دېدى زۆھرە ئالىيىپ قويۇپ،  بىلىكىدىن تارتىپ، ـ  قۇرۇق گەپ قىلماڭ، تېز بولۇڭ!   - دېدى.

جەسۇر ئەنۋەرنىڭ سەل ئىككىلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئېڭىكىنى كۆتۈرۈپ:

- باشقا ئىشلارنى ئەتە دېيىشەيلى، سىز زۆھرەنى ئاپىرىپ قويۇڭ.   -  دېدى.

  - بولىدۇ، - دېدى ئەنۋەر بېشىنى لىڭشىتىپ، زۆھرەگە ئەگىشىپ چىقىش ئېغىزىغا قاراپ ماڭدى.

يول بويى زىبارەنى تەڭ ئارام ئېلىش ئۆيىدىن ئېلىپ چىققان زۆھرە كارىدورنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە كەلگەندە توختاپ:

  - زىبارە خانقىز بەك ئالدىراش، شۇڭا ۋاقتىڭىزنى ئالمايلى. بىراق... - دېدى  ۋە  قاپىقىنى تۈرۈپ، بېشىدىن تارتىپ يۇقىرى-تۆۋەن قاراپ چىقىپ، - زىلالەنىڭ كۆڭلى يۇمشاق، لېكىن مەن ئوخشىمايمەن، ئەگەر كىم  دوستۇمنى بوزەك قىلىشقا جۈرئەت قىلسا، بىرىنچى بولۇپ مەن قوشۇلمايمەن، زىبارە خانقىز مەقسىتىمنى چۈشەنگەنسىز؟   - دېدى.

ئۇنىڭ زىبارەغا ھۇجۇم قىلغىنىنى كۆرگەن ئەنۋەر زۆھرەنىڭ بىلىكىنى تارتىپ:

  -  نېمە قىلىۋاتىسىز؟ بۇياق جەسۇر دىرېكتورنىڭ دوستى.   - دېدى.

  - ئۇ جەسۇرنىڭ دوستى بولغاچقا،  ئەسكەرتىپ قويدۇم. - دېدى زۆھرە ئەنۋەرنىڭ قولىنى سىلكىپ، زىبارەغا قايتىدىن بۇرۇلۇپ،   - دوست دېگەن لايىقىدا بولۇشى كېرەك، جەسۇر توي قىلىپ بولدى، خوتۇنى بار ئادەم بىلدىڭىزمۇ... - دېدى. 

زىبارە پەسكە قاراپ تۇرۇپ:

   - خاتا چۈشىنىپ قاپسىز، مەن پەقەت جەسۇر ئاكامغا... - دېدى.

زۆھرە ئۇنىڭ بۇنداق گەپ يورغىلىتىشلىرىنى بىلمەي قالامتى؟

ـ  بولدى قىلىڭا،  ھېچنېمىنى خاتا قىلمىغان ئاق نېلۇپەردەك تۇرۇۋالماڭ، زىبارە، سىزگە ئەسكەرتىپ قوياي، ئەگەر زىلالەنىڭ بەختىنى نابۇت قىلىشقا پېتىنسىڭىز، مەن ... - دېدى.

زۆھرەنىڭ بارغانسېرى قاملاشمىغان گەپلەرنى قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان ئەنۋەر  بىلىكىدىن تارتىپ، بىنادىن سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ:

  - زىبارە خانقىزنىڭ ئاكىسى بىلەن جەسۇر دىرېكتور تەقدىرداش ئاكا-ئۇكىلار، زىبارە خانقىز جەسۇر دىرېكتورنىڭ سىڭلىسىغا ئوخشايدۇ، نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىسىز!   -  دېدى.

  -  مەن قالايمىقان سۆزلىدىممۇ تېخى؟  ھېلىمۇ ياردەمچىسى بولغىنىڭىز ـ  دېدى زۆھرە ئالىيىپ قويۇپ،   -  شۇنچە ئېنىق تۇرسىمۇ كۆرۈپ يېتەلمىدىڭىزمۇ؟ نېمە  ئاكا-سىڭىل دېگەن، بۇنداق ئىشنى كۆپ كۆرگەن. ئۇنىڭ جەسۇرغا باشقىچە نىيىتى بار!   -  دېدى.

 ئەنۋەر  بىلىكىنى سىلكىپ:

- قارىسام، سىزنىڭ ئىچىڭىز بەك تاركەن!   -  دېدى.

  - ئىچىم تارمىكەن؟ - دېدى زۆھرە ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ، ـ  قارىسام سىز ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان ساراڭكەنسىز!   -  دېدى.

ئەنۋەرنىڭ  ئاچچىقىدا تىلى گاچىلىشىپ:

   - سىز!   -  دېدى.

  - ماڭا نېمە بوپتۇ؟! ـ  زۆھرە قولىنى كۆتۈرۈپ مەيدىسىگە نوقۇپ تۇرۇپ، ـ  سىزگە دەپ قوياي، مەن زىلالەنىڭ يېقىن دوستى. كىم بىزنىڭ زىلالەنى بوزەك قىلىشقا جۈرئەت قىلسا، جەسۇر بولغان تەقدىردىمۇ،  ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيمەن!   -  دېدى.

ئىككىيلەن گەپ تالىشىپ يۈرۈپ ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىپمۇ قالدى، زۆھرە ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىپ،  ياردەمچى شوپۇر ئورنىدا ئولتۇردى.

 ئىشىك سىرتىدا تۇرغان ئەنۋەرگە قاراپ، ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى چېكىپ:

  - نېمىنى ساقلاۋاتىسىز، ماشىنىغا چىقىڭ!   -  دېدى.

جەسۇر ئاپىرىپ قويۇشنى ئېيتتى، نارازى بولسىمۇ ئامال يوق، ماشىنىنىڭ ئالدى تەرىپىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، شوپۇر ئورنىدا ئولتۇرۇپ،  يەنىلا ئاغرىنماي تۇرالماي:

  - راستتىنلا چۈشەنمىدىم، زىلالە خانقىزدەك ياخشى قىزنىڭ قانداقسىگە سىزدەك  دوستى بولىدۇ، - دېدى.  

زۆھرە ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە يۆلىنىپ، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاپ:

  - ئەلۋەتتە مەن زىلالەغا ئوخشاش مۇنەۋۋەر بولغانلىقىم ئۈچۈن - دە ، - دېدى.  

  - مۇنەۋۋەر؟ - دېدى ئەنۋەر مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ، - شۇنچە مۇنەۋۋەر تۇرۇپ، نېمىشقا ئوغۇل دوستىڭىز يوق، مانا مەن ئاپىرىپ قويۇۋاتىمەن، ھەي توختاڭ... زۆھرە خانقىز مېنى ياقتۇرۇپ قالمىغانسىز؟   -  دېدى.

  - سىزنى ئاپىرىپ قويۇڭ دېگىنىم سىزنى كۆزگە ئىلغىنىمدىن بولدى!  - دېدى زۆھرە ئۇنىڭغا يانتۇ قاراپ قويۇپ،- خاتىرجەم بولۇڭ، دۇنيادىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى يوق بولۇپ كەتسىمۇ، سىزنى ياقتۇرۇپ قالمايمەن.   -  دېدى.

 ئۆلگۈر قىز!

ئەنۋەر ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي تىت-تىت بولۇپ:

   - ئۇنداق بولسا، سىزمۇ خاتىرىڭىزنى جەم قىلىڭ، مەن ھەمجىنىس بولۇشقا رازىكى، سىزدەك قىزنى قوغلاشمايمەن، - دېدى.  

  - ئەسلىدە  GAY ئىكەنسىز-دە!  - دېدى زۆھرە بىردىنلا چۈشەنگەندەك بولۇپ، -  سىزنىڭ بۇ ھالىتىڭىزدىن قارىغاندا، چوقۇم ئايال كىشىنى رولىنى ئالىسىڭىزغۇ دەيمەن،- دېدى.

ئەنۋەرنىڭ چىرايى ئاچچىقىدا قارىداپ:

- ئۇنداق ئەمەس.   -  دېدى.

  -  ئەر كىشىنىڭ رولىنى ئالسىڭىزمۇ ئۇدۇللا دېسىڭىز بولىدۇ، نېمىشقا بۇنداق ۋارقىرايسىز، - دېدى زۆھرە. 

ئەنۋەر ئاغزىنى ئېچىپ، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالماي ھاڭۋىقىپ قالدى.

زۆھرە مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈمسىرەپ، ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىنى راھەت ھالەتكە تەڭشەپ:

  -   نېمە تۇرىسىز، ماشىنىنى ھەيدەڭ.   -  دېدى.

ئۇنىڭ بىلەن تاكاللىشىۋاتامدۇ تېخى؟

 20 نەچچە يىل ياشاپ، تېخى بىرەر كىمگە گەپتە ئۇتتۇرۇپ باقمىدى.

بىچارە ئەنۋەر گەپ قىلالماي قالدى.

بۇ دۇنيادا قانداقسىگە بۇنداق غەرەز ئۇقمايدىغان قىز بولىدۇ؟!

 




..................................

...........

...


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章