گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 24-قىسىم _ بىلدۈرۈپ قويىمەن

文摘   小说   2024-09-02 13:59   新疆  


 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  44  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓



گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21
109876
1514131211
2019181716


232221









گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

24-قىسىم



24-قىسىم

  نېمىنىڭ زەھەرخەندىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويىمەن


دىلارە بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ھەر خىل ئاماللار بىلەن ئاچچىقى كېلىپ قالغان ئىليارنى خۇشال قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. يەنى يۇمۇر ئېيتىپ  پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىليارنىڭ كۆڭلىنى ئالماقچى بولدى.

ئىليار بولسا، شۇ تاپتا ئۆزىنى يوشۇرغۇدەك يەر تاپالماي قالدى.

دىلارەنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ئۈنۈمى بولمىدى ئەمەس، بەلكى ئۇ ھازىرقى دىلارەنىڭ قىلغانلىرىغا چىدىيالماي قالدى.


شۇ تاپتا جىمجىتلىققا چۆمگەن كۇتۇپخانىدا ئولتۇرۇپ بىرنەچچە پارچە ھۆججەتكە ئىمزا قويۇپ، قەلەمنى ئەمدىلا توختىتىشىغادىلارە كىرىپ كەلدى. دىلارە  ساپما كەشىنى سۆرىگىنىچە ئۇششاق قەدەملەر بىلەن ئىليارنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

- ئىليار... - دەپ مۇلايىملىق بىلەن  چاقىردى،  ياخشىچاق بولماقچى بولۇۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.

ئىليار قېشىنى ئېتىپ، ئۇنىڭغا ئېھتىيات بىلەن قارىدى.

دىلارە خىزمەت ئۈستىلىگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى، ئاپئاق، رەتلىك چىشلىرىنى چىقىرىپ:

- خىزمىتىڭىز تۈگىدىمۇ؟ مەن سىزگە يۇمۇر ئېيتىپ بېرەي... - دېدى. 

ئىليار ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۈستەلگە ئەمدىلا قويۇپ قويغان قەلەمنى قولىغا ئېلىپ:

-  خىزمىتىمنى تېخى قىلىپ بولالمىدىم.- دېدى. 

دىلارە قولىنى سوزۇپ ئىليارنىڭ ئوڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:

-  ئىشلەپ بولالمىغان بولسىڭىزمۇ، چوقۇم  ھېرىپ قالغانسىز، بىردەم ئارام ئېلىۋېلىڭ، مەن سىزگە يۇمۇر ئېيتىپ بېرەي، ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ... - دېدى. 

ئىليار بۇ قېتىم گەپ قىلالماي قالدى. ھەر نېمە بولسا، بۇ ۋاقىتتا دىلارەنىڭ تېلېفونى سايراپ كەتتى.

- ۋەي؟ - دېدى دىلارە. 

 - دىلارە خانقىز، سىزنىڭ قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا كىيىدىغان   مۇراسىم كىيىمى ۋە زىبۇ-زىننەتلىرىڭىز پۈتتى،  قاچان كېلىپ سىناپ باقىسىز، مۇۋاپىق بولمىغان يەرلىرى بولسا ئۆزگەرتسەك بولىدۇ. - دېدى. 

دىلارە چېچىنى سىلاپ، دېرىزە سىرتىدىكى ئاسمانغا قارىدى.

تېخى قاراڭغۇ چۈشمىگەنىدى.

- ماقۇل،  سەل تۇرۇپ باراي. - دېدى دىلارە.

- بولىدۇ.  - دېدى قارشى تەرەپ.

تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، دىلارە تېلېفوننى بىر ياققا قويۇپ، قولىنى سوزۇپ قورسىقىنىڭ سەل-پەل تومپىيىپ چىققان قىسمىنى سىلاپ قويدى.

-  سىزنى ئاپىرىپ قوياي.  - دېدى ئىليار.

ئەمدىلا لىفىتقا ئولتۇرۇپ بىنانىڭ ئاستىغا كەلگەندە، بىر مۇنچە ئادەم ئۇنى تونۇۋالدى.

قىلىنغان  قىزغىن پوزىتسىيەگە دىلارە ئانچە كۆنەلمىدى.

- دىلارە خانقىز،  بىز سىزنىڭ قارشى ئېلىش   مۇراسىمىڭىزغا تەقەززا بولۇۋاتىمىز. 

- ئۆيىڭىزگە ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگەنلىكىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن. 

- رەزىللەرنىڭ ئىشلىرى داۋاملىق ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ، ئايرۇس ئانا - بالا چوقۇم جازالىنىدۇ.  - دېيىشتى.

دىلارە سەل-پەل قاپىقىنى سۈزۈپ كۈلۈپ قويدى، بۇ ئىشلارنى، بۇ ئىسىمنى ئۇنىڭ ھازىر پەقەتلا ئاڭلىغۇسى يوق ئىدى.

ھەقىقەتەن كەيپىياتىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتتى.


مېھمانساراينىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى يولۇچىلار يەنىلا سۈرەتكە تارتىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ بىر يەرگە يىغىلىۋېلىپ،  نېمىلەرنى دەۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى، ئەمما دىلارە ئۆزىنىڭ ياكى ئايرۇس ئانا - بالىنىڭ گېپىنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ.

بۇ بىر نەچچەيلەننى ئويلىسىلا، خېلى ياخشى  كېتىۋاتقان كەيپىياتى بىردىنلا بۇزۇلدى.

- مەن تېخى سىزنى  خېلى ئۇزۇن ئوينىشىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن، بۇ قېتىم مۇشۇنداق بولدى قىلامسىز...  شۇنداق ئاسانلا تەن بېرەمسىز؟  - دېدى ئىليار.

دىلارە بېشىنى چايقاپ:

-  تەن بەرمەيمەن. ئايرۇس ئاسانلىقچە قويۇپ بېرىشكە ئەرزىمەيدىغان ئادەم، ئۇ بىر نەچچە ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ھەتتا ئاپامنىمۇ مۇشۇنداق قىلىپ قويدى، ھەتتا ئادەم ياللاپ كۆزدىن يوقاتماقچى بولدى، ئەگەر مۇمكىن بولسا، مەن ئۇنى قاتتىق ئازابلىسام دەيمەن. لېكىن ھازىر ئەھۋال ئوخشىمايدۇ، رەشىدە، گۈلشەن خانقىزلىق سالاھىيىتىدىن قالغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا كاتتا ئائىلىنىڭ پۇشتى، ئەگەر ئىزچىل كەينىگە سۆرەلسە، مومام  قارار چىقىرىشتا ئىككىلىنىپ قالىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، يېڭى يىل كېلەي دەپ قالدى، ئالدىنقى قېتىم مەن كېتىشتىن بۇرۇن، ئايرۇس دوختۇرخانىدا   ئويۇن ئويناپ، ساختا ئانا-بالىلىقنى باھالاتقۇزغان، گەرچە مەن ئاتىكەمنى تەييارلىق قىلىشقا بۇيرۇغان بولساممۇ، لېكىن مېنىڭچە ئۇلار قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا قالايمىقانچىلىق چىقىرىدۇ. گەرچە ئۇلارنى نەق مەيداندا تۇتۇۋېلىپ دەردىمنى چىقارغان بولساممۇ، لېكىن  ... - دېدى دىلارە  ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويۇپ، - ئوبدان ئويلاپ باقسام،    بىرەر قېتىملىق زىياپەتكە تىنچ قاتنىشىپ باقماپتىمەن. بۇ قېتىمقى قارشى ئېلىش مۇراسىمىنىڭ ئاددىي، ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەلۋەتتە، ئۇلارغا  مۇراسىمىدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇش پۇرسىتى بېرىشكە بولمايدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، مەن ھازىر ھامىلىدار بولۇپ قالدىم، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئۇلارنىڭ قارا قولىنى ئىككى بالامغا سۇنمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ، ئۇلارنى بىر كۈن ئارتۇق ئامان  قويسام، مەن ۋە بالىلىرىمغا كېلىدىغان خەتەر شۇنچە كۆپىيىدۇ، ئىشقىلىپ تېگىشلىك جازاسىنى تارتىدۇ، بالدۇرراق ئاخىرلاشسا، مەنمۇ بالدۇرراق قۇتۇلىمەن.  - دېدى.

ئىليار بېشىنى لىڭشىتىپ:

- ھىم. ئۇلارنى بىر كۈن ئارتۇق ئامان قالدۇرۇپ قويسىڭىز، ئۇلارغا بىر كۈن ئارتۇق دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە مەن سىزنىڭ ئۇلارنى كۆرۈپ كۆڭلىڭىز ئېلىشقانلىقىنى ياكى ئادەتتىكىدەك كۆڭلى ئاينىغانلىقىنى  پەرق ئېتەلمەيمەن، مېنىڭ پەرىشان بولۇشىمدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.  - دېدى .

دىلارە  بۇ قېتىم گەپ قىلمىدى.

ئۇ بۇ ئەرگە چىن كۆڭلىدىن قايىل بولدى.

باشقىلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىشتىمۇ مۇشۇنداق غەلىتە سەۋەبلەرنى كۆرسىتەلەيدىغانلىقىغا ئەقلى يەتمىدى.

- بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇپ، بالدۇرراق ئۆيگە قايتايلى. ئېرىڭىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەڭ. - دېدى ئىليار 

دىلارە بۇ قېتىم ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كەتتى.

 ھەر ۋاقىت ئۆزىگە مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان قىلىقنى نەدىن ئۆگىنىۋالغاندۇ؟!

بالىلارنى تەربىيەلەپلا قالماي، يەنە ئېرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەككەن.

- نېمىگە كۈلىسىز؟ - دېدى ئىليار.

- ھېچ ئىش يوق. شۇ سىزنىڭ ھالىڭىزدىن قانداق خەۋەر ئالسام  بولار دەپ.  - دېدى دىلارە.

ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئايرۇس ئانا - بالا ئىككىسىنىڭ ئىشى پۈتۈنلەي ئۇنتۇلۇپ كەتتى، بايا ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كەيپىياتنى ئىليارنىڭ بىر نەچچە ئېغىز سۆزى بىلەن   يوققا چىقتى.

دىلارە ئازراق ئېسىنى يىغقان  چاغدا، ماشىنا مەنزىلگە يېتىپ كەلگەن ئىدى.

ھەممە ئىشلار بىلىپ-بىلمەيلا يۈز بەردى، ئۇنداقتا ئىلگىرى، ئىليار بۇنداق ئىشنى يەنە قانچىلىكنى قىلىپ باققاندۇ؟

چوقۇم  كۆپ قېتىم قىلدى.

نېمىلا دېگەن بىلەن ئىليارنىڭ شۇنچىلىك ئىنچىكە، ئەتراپلىق  ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى دىلارە يەنىلا كۆڭلىدە بىلىدۇ.


مۇراسىم كىيىمى شۇنچىلىك نەپىس ھەم ھەشەمەتلىك بولۇپ،  ئىمكانقەدەر ئۇ يەرگە - بۇ يەرگە يۆتكەپ يۈرمەسلىك ئۈچۈن،  بىۋاسىتە رەنانىڭ قەسىرىگە يەتكۈزۈپ بېرىلدى.

رەنا بىلەن دىلنار، شۇنداقلا نۇردۇن، مۇيەسسەرلەرنىڭ ھەممىسى بار ئىدى.

ئالدىنقى قېتىملىق ئىشتىن كېيىن،  دىلارەنىڭ ئۆتمۈشىنى چۈشەنگەن مۇيەسسەر  دىلارەدىن ئاگاھ بولۇش توسۇقىنى يوقاتتى.

دىلارە كەلگەندە، ئۇ لايىھەلىگۈچى بىلەن بىللە ياتاققا كىرىپ، ئۇنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇشىغا ياردەملەشكەچ:

- بۇ قېتىمقى ئىشتا سىزگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، ئەگەر سىز بولمىغان بولسىڭىز، مەن ئۆمۈر بويى ئايرۇسنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاستىدا ياشاپ، بىر ئۆمۈر خاتىرجەم بولالماي، قورقۇپ يۈرەتتىم.  - دېدى.

دىلارە ئىككى بىلىكىنى كەڭ ئېچىپ تۇردى، لايىھەلىگۈچى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسىنىڭ مۇراسىم كىيىمىنى تەكشۈرۈپ چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

- ماڭا رەھمەت ئېيتماڭ. مەن ئەزەلدىن شەخسىيەتسىز ھالدا سىزگە ياردەم قىلىشنى ئويلاپ باقمىغان. قورسىقىڭىزدىكى بالىدا سەۋەنلىك يوق.  ئۇنىڭ ئۈستىگە كاتتا ئائىلىنىڭ پۇشتى، بۇ ئىككىسى مۇھىم سەۋەب، ئۇنىڭدىن باشقا، سىزنىڭ ئايرۇسنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ بولغانلىقىڭىز، بۇ قېتىم سىزنى ئېلىپ كېتىشىمدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب. ئۇ سىزنىڭ بالىڭىزدىن پايدىلىنىپ ماڭا زىيانكەشلىك قىلماقچى، مەنمۇ سىزنىڭ ھامىلىدار بولغىنىڭىزدىن پايدىلىنىپ قايتۇرما زەربە بەردىم. بۇنداق رەھمەت ئېيتسىڭىز خىجىل بولۇپ قالىمەن. - دېدى دىلارە. 

ئۇ ئەزەلدىن ھېچكىمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى خالىمايدۇ، ساختىلىق قىلىپ ئىلتىپات كۆرسىتىپ يۈرمەيدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلسا، ئۆزىمۇ ئۆزىنى كۆزگە ئىلماي قالىدۇ.

 مۇيەسسەر كۈلۈپ تۇرۇپ:

-سىز بۇنداق سەمىمىي بولمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. نېمىشقا باشقىلارغا سىزنى ياخشى ئادەم ئەمەستەك ھېس قىلدۇرىسىز؟  - دېدى.

دىلارەمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:

-  ياخشى ئادەم بولۇش بەك تەس! مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلمايمەن، لېكىن بۇ باشقىلارنىڭ ماڭا زىيانكەشلىك قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. مېنىڭ ئىچىم بەك تار، ئۆچ - ئاداۋىتىم بولسا چوقۇم ئالىمەن، ئۇنىڭدىن باشقا ھىيلىگەر، ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرمايمەن، شۇڭا  ئەڭ ياخشىسى كۆپچىلىك مېنىڭ چىشىمغا تەگمىگىنى ياخشى، ئەگەر مېنى خاپا قىلىپ قويسا، مەن چوقۇم قايتۇرما زەربە بېرىپ ئۆچ ئالىمەن. بىر ياخشى ئادەم ھەممە ئىشنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئويلانمايلا مۇشۇنداق ئىشنى قىلالامدۇ؟ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، ياخشى ئادەم 99 ياخشى ئىش قىلىپ، بىر ئىشى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالسا، ياخشى ئادەمنىڭ ئىلگىرىكى ئەجىرىنى يوققا چىقىرۋېتىدۇ.  ئەسكى ئادەملەر ئوخشىمايدۇ، بىرەر قېتىم ياخشى ئىش قويغان تەقدىردىمۇ، باشقىلار تەرىپىدىن بىر ئۆمۈر ئەستە ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.  - دېدى.

ئۇنىڭ گەپلىرى ناھايىتى تەمكىن، گەپ قىلغاندىكى تەلەپپۇزى ئادەتتىكىدەك بولدى، چىرايىدا سۇس كۈلكە جىلۋىلەندى.

ئەمما، مۇيەسسەر ھېچقانداق ئاساسسىزلا دۈمبىسىنىڭ مۇزلاپ كەتكەندەك ھېس قىلدى.

دىلارە باشقا ئارتۇق گەپ قىلمىدى.

ئۇنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغىنى ناھايىتى ئېنىق بولدى.

پۇل،   مەنپەئەت، بەك كۆپ نەرسىلەر بىر يەرگە يىغىلسا ئاسانلا بىر ئادەمنىڭ پىسخىكىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.

ئۇ مۇيەسسەرنىڭ بۇ كاتتا ئائىلىدە تۇرالايدىغانلىقىنى،  يەنە ئاۋۋالقىدەكلا خاتىرجەم ھالدا نۇردۇننىڭ ئايالى بولالايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشكە ئامالسىز.

ئۇنىڭ ئالدىدا ئايرۇس تۇرۇپتۇ، ئايرۇسقا ئوخشاش ھەر خىل خىياللارنى قىلىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بار.

دىلارە پەقەت ئەڭ مۇستەھكەم مەيدانىنى ئىپادىلەپ قويدى خالاس.

ئەڭ ياخشىسى سىڭگەن نېنىنى يەپ ئۆتۈشى كېرەك، بولمىسا ئۇ ھەرگىز بولدى قىلمايدۇ.

ياخشى ئادەم بولامدۇ؟

بۇ جەمئىيەتتە، ياخشى ئادەملەر پەقەت باشقىلاردىن پايدىلىنىدىغان، زىيانكەشلىك قىلىدىغان، ئويۇن كۆرىدىغان، باشقىلارغا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ.


دىلارە كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئۆيدىن چىقتى، سىرتتا ساقلاپ تۇرغان چىرايى تۈرۈلۈپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ كۆزلىرىدە   ھەيرانلىق پەيدا بولدى.

چىراغ نۇرى ئاستىدا، مۇراسىم كىيىمىنىڭ ئۈستىدىكى ئالماسلار كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇر چېچىپ تۇراتتى، مەيدىسىدىن پەسكە ساڭگىلاپ تۇرغان مارجاندىن تۇتۇلغان بىر قەۋەت پەردە ئۇنىڭ سەل-پەل كۆتۈرۈلگەن قورسىقىنى پۈتۈنلەي يوشۇرۇپ قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ  ھامىلىدار ئايال ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى.

بويى ئېگىز، زىلۋا، چاچلىرى ئاددىيلا تۈرۈلگەن بولۇپ، بېشىنىڭ چوققىسىدىكى ئالماس، مەرۋايىت قويۇلغان تاج كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ جەلپ قىلاتتى.

خۇددى ئۇ ئىلگىرى دىلارە بولغان بولسا، لېكىن ھازىر مەلىكىگە ئايلىنىپ قالغاندەك قىلاتتى.


كۆپچىلىك ۋۇجۇدىدىكى ئاشۇ  خىل ئۆزگىچە سالاپەتنىڭ ئاخىرى نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلگەندەك بولدى.


رەنا رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، بىر ئايلىنىپ تەپسىلىي قاراپ چىقىپ:

- مانا بۇ  جەمەتىمىزدىكى ھەقىقىي خانقىزى.  - دېدى.

دىلارە سۇسقىنە كۈلۈپ قويۇپ، كۆزىنى بۇراپ يېنىدا تۇرغان ئىليارغا قاراپ يېنىك قېشىنى ئېتىپ قويۇپ:

-  چىرايلىقمىكەن؟  - دەپ سورىدى.

ئىليارنىڭ قاپقارا كۆزلىرى ئۇنىڭغا مىختەك تىكىلدى.  كۆز ئالدىدىكى مانا مۇشۇنداق گۈزەل، ئېسىلزادە ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىنى ئويلاپ قاتتىق ھاياجانلىنىپ:

- چىرايلىقكەن.  - دېدى.

دىلارە تېخىمۇ ئىللىق كۈلۈمسىرەپ:

- سىزنىڭچە ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك جايلار بارمىكەن؟ - دەپ سورىدى.

ئىليار بېشىنى لىڭشىتىپ:

- چاپاندىن بىرسى كەمكەن. - دېدى. 

دىلارە ئاغزىنى ئېچىپ، ئىككى بىلىكىگە قاراپ قويۇپ، لايىھەلىگۈچىگە قاراپ :

- ماڭا راستتىنلا بىر چاپان لازىم بولۇشى مۇمكىن. - دېدى. 

لايىھەلىگۈچى تەڭلىكتە قالدى.

بىر يۈرۈش مۇراسىم كىيىمىنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى پۈتۈن گەۋدىسىدە بولۇپ، گەرچە قىسمەن جەھەتتە يارقىن نۇقتىلار بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي كۆرۈنۈشنى كۆرمىگۈچە ھەقىقىي ئۈنۈمگە يەتكىلى بولمايدۇ.

ئەگەر چاپان كىيىۋالسا، ئۇنداقتا پۈتۈن مۇراسىم كىيىم چاقناش نۇقتىسىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

ياق...

بىر چاپان پۈتۈن مۇراسىم كىيىمىنى دېگۈدەك يېپىۋالىدۇ، ئۇنداقتا بۇ مۇراسىم كىيىمى، ۋاقتى كەلگەندە پەقەت بىر قۇر كىيىم، زىننەت بۇيۇمى بولۇپ قالىدۇ.

ھەقىقەتەن نۇرغۇن پۇل خەجلەپ، كىيىم تىكتۈرۈپ، يوشۇرۇپ قويغاندەك ئىش بولىدۇ.

دىلارە تەبىئىيلا لايىھەلىگۈچىنىڭ دەردىنى بىلىدۇ، ھەقىقەتەن بىر ئاز خىجىللىق ھېس قىلدى، ئىلىيارنىڭ تەلىپى لايىھەلىگۈچىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەقىقەتەن  قىيىن مەسىلە.

ئىليار بىردەم جىمىپ قالغاندىن كېيىن، نەزىرى يېنىدىكى ئۈستەلدىكى قەغەز ۋە قەلەمگە چۈشتى، ئاندىن ئۈستەلگە قاراپ ماڭدى، كۆپچىلىك  گاڭگىراش ئىچىدە بىر نەچچە مىنۇت ساقلىدى، ئۇ قەغەزگە بىر ھازا نېمىلەرنىدۇر سىزىپ، ئاخىرى قەغەزنى يىرتىپ لايىھەلىگۈچىگە سۇنۇپ:

- مۇشۇ بويىچە بىرنى تەييار قىلىپ بېرىڭ، - دېدى. 

لايىھەلىگۈچى گۇمان بىلەن قەغەزنى ئېلىپ، مۇنداقلا بىر قاراپ قويۇپ، جايىدا ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى.

ئىككى سېكۇنت ئۆتمەيلا، چىرايىدا قاتتىق ھاياجان پەيدا بولدى.

ئۇ قەغەزنى يەنە بىر ئازراق يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۈستەلدىكى ئۆزىنىڭ لايىھە چېرتيوژىغا سىنچىلاپ قاراپ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى.

خېلى ئۇزۇندىن كېيىن ئاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىليارغا قاراپ:

 - سىز... ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەنسىز. - دېدى. 

ئىليار تەمكىن قىياپەتتە:

-  ئايالىمنىڭ  ھەر ۋاقىت چىرايلىق تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىم كېرەك. بۇ مۇراسىم كىيىمىنىڭ لايىھەسىنى ياقتۇردۇم. - دېدى.

ئەسلىدە لايىھەلىگۈچىنىڭ كۆڭلىدە بىر ئاز ئاچچىقلىنىش بار ئىدى، نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ ئۆزىنىڭ ئەجىرى سىڭگەن ئەسىرى، لېكىن ھازىر باشقىلارنىڭ ئىدىيەسى قوشۇلۇپ قالىدىغان بولدى.

بۇ خىل ئۆزىنىڭ ساھەسى دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغاندەك تۇيغۇ قەلبىنى چىرمىۋالدى.

ئىليارنىڭ شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق ھەيران قالارلىق لايىھەنى لايىھەلەپ چىققىنىغا ھەم ھەۋەس قىلدى، ھەم ھەسەت قىلدى، شۇنداقلا ئىليارغا چىن كۆڭلىدىن قايىل بولدى.

ھازىر ئۇ چىن كۆڭلىدىن ئېتىراپ قىلغان كىشىنىڭ ئۇنىڭ لايىھە ئەسىرىنى ماختىغانلىقىنى ئاڭلاپ، قەلبىدىكى ئاشۇ سەلبىي كەيپىياتلار شۇ ھامان تارقىلىپ كەتتى.

- سىزنىڭ ئېتىراپ قىلىشىڭىزغا ئېرىشكىنىمدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن. سىزنىڭ بۇ لايىھىڭىز گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈردى، رەھمەت سىزگە.  - دېدى

نېمىلا دېگەن بىلەن قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت قالمىدى، ئەگەر ئۇنى  چاپاندىن بىرنى قايتىدىن لايىھەلەپ ئاندىن تىكىپ ئۈلگۈرتىشكە، ھەقىقەتەن ۋاقىت قىستاپ قالاتتى.

ھازىر تەييار لايىھە بار بولدى، ۋاقىت  ئۇنچە قىستاپ قالمايدۇ.






 

  


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章