كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 2 | 1 | |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
16 |
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
17-قىسىم
17-قىسىم
دوختۇر دەل ۋاقتىدا كەلدى
- بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ - دېدى دىلارە. كۆزلىرى رەشىدەگە تىكىلىپ، - مېنىڭ سىزگە قانداق چۈشەنچە بېرىشىمنى خالايسىز؟ بىلمىدىم، بۇ يەردىكى قايسى ئىش ئۈچۈن سىزگە چۈشەندۈرۈش بېرىشىم كېرەك، - دېدى.
رەشىدە لېۋىنى چىڭ يۇمۇپ تۇرۇۋېتىپ:
- بايا دېگەن گەپلىرىمنىڭ ھەممىسى شۇنداق چۈشىنىشلىك بولدى دەپ قارايمەن، يەنە نېمىگە خۇپسەنلىك قىلىسىز؟ - دېدى.
دىلارە سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ:
- نېمىگە خۇپسەنلىك قىپتىمەن، مەن سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە نېمىنى خاتا قىلغانلىقىمنى پەقەت بىلەلمىدىم، سىز ماڭا چۈشەندۈرۈش بېرىڭ دېگەن ئىكەنسىز، يەنى مەندىن جاۋاب ئالماقچى بولغاندىكىن، ئەلۋەتتە ماڭا قەيەردە خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى ئېيتىپ بېرىشىڭىز كېرەكقۇ، شۇندىلا بۇ ئىشنى سىزگە چۈشەندۈرۈپ قويالايمەن ئەمەسمۇ؟ - دېدى.
رەشىدە ئىككى قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ، دىلارەنىڭ كۆزىگە غەزەپ بىلەن قارىدى.
دىلارە شۇنچە ئەقىللىك تۇرۇپ، ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن دېسە، كىم ئىشىنىدۇ!
دىلارە پەقەت ئۆز قۇلىقى بىلەن بەزى گەپلەرنىڭ ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققانلىقىنى ئاڭلىماقچى خالاس.
ئەگەر بۇرۇن بولغان بولسا، رەشىدەمۇ تەبىئىيلا دېمەيتتى.
لېكىن ھازىر، بۇ قېتىملىق پىلان - ئورۇنلاشتۇرۇش ئېنىقكى دىلارەنى يوقىتىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتى، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ۋاز كەچسە، كېلەر قېتىم قاچان پۇرسەت بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
- مۇيەسسەر ھەدە سىز بىلەن بىللە مېڭىپ، مۇشۇنداق ئىش چىققان بولغاندىكىن، بىرەر چۈشەنچە بېرىشىڭىز زۆرۈر ئەمەسمۇ؟ مەن بۈگۈن پەقەت سىزنى ئىككى سېۋەت مېۋە ئۈزۈپ كەلگەچ، دادامغا ئۇنى ئېلىپ قەسىرگە قايتىپ كېلىشنى ئۇقتۇرۇپ قويسۇن دەپ ئەۋەتكەن، سىز نېمىشقا مۇيەسسەر ھەدەمنى بىللە ئېلىپ ماڭدىڭىز؟ ئەگەر ئۇ ھازىرمۇ قورۇقتا بولغان بولسا، بۇنداق ئىش ئەسلا يۈز بەرمىگەن بولاتتى... - دېدى رەشىدە.
- قانداق ئىش يۈز بېرىپتۇ؟ - دېدى دىلارە ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈۋېتىپ، رەشىدە تۇيۇقسىز گەپتە تۇتۇلۇپ قېلىپ:
- بىر ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقى ئاغرىسا، قورسىقىدىكى بالىغا بىرەر كېلىشمەسلىك بولۇپ قالمىسىلا، يەنە نېمە ئىش بولاتتى؟ - دېدى.
كۆپچىلىك بېشىنى لىڭشىتىپ، نەزىرىنى دىلارەگە قاراتتى.
دىلارەنىڭ چىرايى سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن يەنە روشەن مەسخىرە بار ئىدى.
- سىز ھەقىقەتەن ئەقىللىك ئىكەنسىز، ھامىلىدار ئايالنىڭ قورسىقى ئاغرىسا، چوقۇم قورسىقىدىكى بالىدا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. شۇنداق، ھازىر ئۇنىڭ قورسىقى ھەقىقەتەن بىئارام بولۇۋاتىدۇ، بىراق ھازىرقى ئەھۋالدا ئەڭ مۇھىمى ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپارساق توغرا بولاتتى، لېكىن سىز بۇ يەردە پەۋقۇلادە تەشۋىشلىنىپ، مەندىن بىر ئىشنى سۈرۈشتۈرمىسىنى قىلىۋاتىسىز، سىز زادى قايسىسى مۇھىم، قايسىسى مۇھىم ئەمەسلىكىنى ئايرىيالمامسىز؟
قانداق؟ شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا، سىلەر ماڭا تۆھمەت قىلىپ، ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالىغا بىرەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىشىنى مەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ چىڭ تۇرۇۋالماقچىمۇ؟
سىز مېنى مۇشۇنداقلا ۋەيران قىلماقچىمۇ؟ خانقىزلىق سالاھىيىتىدىن قالدۇرۇلغانلىقىڭىزغا تەن بەرمەيۋاتامسىز ياكى بۇ قېتىمقى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مېنى قوغلاپ چىقىرىپ، سېسىق نامىمنى پۇر كەتكۈزۈپ، شەرمەندە قىلماقچىمۇ؟ مومامنىڭ ئالدىدا ئەپتى - بەشىرىمنى ئاشكارىلاپ، مومامنى مەندىن ئۈمىدسىزلەندۈپ، ئاندىن سىلەرنىڭ ئۇنىڭ كۆيۈنۈشىگە ئەڭ ئەرزىيدىغان ئادەم ئىكەنلىكىڭلارنى بىلدۈرۈپ قويماقچىمۇ؟ - دېدى دىلارە.
ئۇلار مۇشۇ مەقسەتتە بولغان ئىكەن، دىلارەمۇ ئېغىزدىن چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ.
بولمىسا ئەتراپتىكى ھېچنېمىنى بىلمەي تۇرۇپ ئويۇن كۆرۈۋاتقان ئادەملەر ھەقىقەتەن رەشىدە تەرىپىدىن بۇرنىدىن يېتىلەپ مېڭىپ كېتىدۇ.
رەشىدە دىلارەنىڭ گەپنى بۇنداق ئۇدۇللا قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.
ئۇ بۇ ئىشنى قەستەن يوشۇرۇنچە داۋاملاشتۇرغانىدى، ئەمما دىلارەنىڭ ئۇدۇل تۈز قىلغان گەپلىرى ئۇنى تېخىمۇ خىجىل قىلدى.
دىلارەنىڭ ئۇچۇق ئېيتقان ھەر بىر سۆز-جۈملىلەر ئۇنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئىدى.
ھازىر ئۇ خۇددى يالىڭاچلىنىپ كىيىمسىز قالغاندەك ھەممە ئاممىنىڭ مەسخىرىسىگە قالدى.
ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئەمەلگە ئاشقان تەقدىردىمۇ، كۆچىلىكنىڭ نەزىرىدە ياخشى تەسىر قالدۇرالمايدىغان بولدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ دىلارە تەرىپىدىن قەدەممۇ-قەدەم مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى بايقىدى.
ئىش بۇ دەرىجىگە بارغاندا ھېچنېمىگە قارىماي يۈز ئۆرۈپ، مەقسىتىگە يەتمەكچى بولدى.
- ئاغزىڭىزغا كەلگەننى جۆيلىمەڭ! مەن ھازىر پەقەت بولۇۋاتقان ئىش ئۈستىدە گەپ قىلىۋاتىمەن! نېمىشقا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ مېنىڭ ئۈستۈمگە مەينەت سۇ چاچىسىز؟ ئەگەر راستتىنلا ۋىجدانىڭىز بولسا، ھېچ ئىش قىلمىغان بولسىڭىز، چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىزلا بولىدىغۇ... - دېدى رەشىدە.
- ئىش ئۈستىدە توختالغان بولسىڭىز، ئالدى بىلەن مۇيەسسەر خانىمنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشىمىز كېرەكقۇ، دوختۇرخانىدا بېرىپ خەتەردىن كېيىن چۈشەندۈرۈش بەرسەم تامامەن بولىدۇ، لېكىن ھازىر ئەمەس، دەرھاللا دوختۇرخانىغا بېرىشىمىز كېرەك! ھازىر ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالا خېلى ياخشى، سىز بۇ يەردە ماڭا چاپلىشىۋېلىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۋاتىسىز، رەشىدە خانقىز، سىز زادى نېمە قىلماقچى؟ ئەگەر مۇشۇنداق تالاش - تارتىش قىلىپ مۇيەسسەر خانىمنىڭ راستتىنلا داۋالىنىشنىڭ ئالتۇن ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈپ قويۇپ بىرەر مەسىلە چىقىپ قالسا، بۇ ئاقىۋەتنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟ - دېدى دىلارە.
رەشىدەنىڭ چىرايى سەتلىشىپ كەتتى.
يەنە نېمىلەرنىدۇر دېيىش ئۈستىدە تەمشەلگەندە، ئەتراپنى ئورىۋالغان كىشىلەرمۇ قوشۇلۇپ غۇلغۇلا قىلىشقا باشلىدى.
- شۇنداق، دىلارە خانقىز نەچچە قېتىم دەپ بولدى، ھازىر ئەڭ جىددىي ئىش ھامىلدار ئايالنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش، زادى نېمە ئىش بولغانلىقىغا كەلسەك، ھامىلدار ئايالنىڭ ساق-سالامەت ئىكەنلىكى بېكىتىلگەندىن كېيىن ئاندىن سۈرۈشتە قىلساق كېچىكمەيدىغاندۇ؟
- شۇنداق، نېمىشقا بۇنداق ۋاقىتتا بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ چىڭ تۇتۇۋالىدۇ؟ ئەجەبا بىر ئادەمنىڭ ياق ئىككى ئادەمنىڭ ھايات تېخىمۇ مۇھىم ئەمەسمۇ؟
- رەشىدە خانقىزنى ئەزەلدىن ئىشلارنى ئەتراپلىق ئويلاپ، ئىنچىكە ئىش قىلىدۇ دەپ ھېس قىلىپ كەلگەنىدىم، نېمىشقا يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭ قەلبىمدىكى ئوبرازىغا ماس كەلمەيدىغان تەرەپلىرىنىڭ كۆپلىكىنى ھېس قىلىپ قالىمەن؟
- بۇ ئىشنىڭ راستتىنلا دىلارە خانقىز بىلەن ئالاقىسى يوققۇ دەيمەن، قانداقلا بولمىسۇن، ھامىلىدار ئايالنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنى نەچچە قېتىم تەشەببۇس قىلىپ بولدى! - دېيىشتى.
ئىشنى ياندىن كۆزىتىپ تۇرغۇچىلار تەبىئىيلا ئەڭ ئېنىق كۆرەلەيدۇ.
بۇ ئىشتا يوشۇرۇنچە قىلىنغان ھىيلە-مىكىر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى ئادەمنىڭ ھاياتى تېخىمۇ مۇھىم.
رەشىدە ھازىر دىلارەنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىشلەپ تارتىپ قويۇپ بەرمىدى، ھەقىقەتەن چەكتىن ئېشىپ كەتتى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بايا دىلارەنىڭ گېپىنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئېنىق ئاڭلاپ تۇردى.
بىلىنەر-بىلىنمەس تەسىر كۆرسىتىش سەۋەبىدىن رەشىدەنى دىلارەنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن، ۋاسىتە تاللىمايۋاتقاندەك ھېس قىلىشتى.
رەشىدە خىجىلچىلىقتا قاتتىق غەزەپلەندى، ئۇنىڭ داۋاملىق دىلارەنى تۇتۇپ تۇرغۇدەك ھېچقانداق ئاساسى قالمىدى.
ئەگەر دىلارە بۇ يەردىن ئايرىلسا، پىلاننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
ئۇ بۇرۇلۇپ ئايرۇسقا قارىدى، چىرايى ئاللىبۇرۇن قارىداپ تۇتۇلۇپ كەتكەنىدى.
ئايرۇس قوشۇمىسىنى چىڭ تۈرۈپ، قول سائىتىگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، غەزەپكە تولغان كۆزلىرىدىن سوغۇق نۇر چاقنىدى.
دەل مۇشۇ چاغدا، كىشىلەر توپى ئىچىدە يەنە بىر قېتىم قاتتىق زىلزىلە پەيدا بولدى.
كۆپچىلىك كەينىگە بۇرۇلۇپ، قەددى قامىتى كېلىشكەن ئەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
خېلى بۇرۇنلا كىشىلەر توپى سىرتىدا تۇرۇپ دىلارە ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئىكەنلىكىنى، ماشىنىدا يەنە قورسىقى ئاغرىۋاتقان بىرەيلەننىڭ بارلىقىنى بۇلۇنغان غۇلغۇلىدىن بىلىپ بولغانىدى.
ھامىلىدار ئايال...
مۇيەسسەردىن باشقا يەنە كىم بولاتتى؟
ئايرۇس ئەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆزلىرى ئالاقزەدە بولۇپ، دەرھال ئۇنىڭغا قاراپ مېڭىپ:
- نۇردۇن، سىز قانداق قىلىپ... - دېدى.
نۇردۇن ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمىدى، ماشىنىنىڭ سىرتىدا تۇرسىمۇ مۇيەسسەرنىڭ نالە قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى، چىرقىرىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇدۇل دىلارەنىڭ كەينىدىكى ماشىنىغا قاراپ ماڭدى.
نەتىجىدە دىلارە تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنىپ:
- ھازىر بارغىنىڭىزنىڭمۇ پايدىسى يوق، ماشىنا ئىشىكىنى ئاچسىڭىز سوغۇق شامال كىرىپ كېتىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئۇنىڭغا سوغۇق ئۆتۈپ قالمىسۇن. - دېدى.
نۇردۇننىڭ بىر جۈپ قارامتۇل قوي كۆزلىرىدىن شۇ تاپتا سوغۇق نۇر چاقناپ تۇراتتى، دىلارە شۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا يوچۇق بولسا قېچىپ كىرىپ كەتكۈدەك بولدى.
لېكىن دىلارەنىڭ چىرايىدا ھېچقانداق داۋالغۇش بولمىدى.
- نۇردۇن، سىز ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، - رەنانىڭ ئاگاھلاندۇرۇش ئاۋازى ياندىن كۆتۈرۈلدى.
نۇردۇننىڭ بەدىنىدىكى دۈشمەنلىك ھەيۋىسى ئازراقمۇ پەسەيمىدى.
بۇ چاغدا كىشىلەر توپى ئارىسىدىن يەنە بىر ئادەم يۈگۈرۈپ كەلدى.
بۇ ئادەمنى كۆرۈپ، ئايرۇسنىڭ جىددىيلەشكەن چىرايى ئاخىرى بوشىدى.
- رەنا خانىم، ئايرۇس خانىم... راستتىنلا سىلەركەنسىلەرغۇ؟ ! - دېدى كەلگەن ئادەم ئوتتۇرا ياشلىق ئەر.
رەنانىڭ ئىنكاسىنى كۈتمەيلا، ئايرۇس دەرھال ئالدىغا بېرىپ، كەلگەن ئادەمنىڭ بىلىكىنى تۇتۇۋېلىپ، تەشۋىشلەنگەن ھالدا :
- دوختۇر، ماشىنىدا بىر ھامىلىدار ئايالنىڭ قورسىقى تۇيۇقسىز ئاغرىپ كەتتى، تېز بېرىپ قاراپ بېقىڭ، بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ - دېدى.
رەنا دوختۇرنى كۆرۈپ، چىرايىدا چوڭ ئۈمىد پەيدا بولدى.
دوختۇر ئارقا-ئارقىدىن بېشىنى لىڭشىتىپ:
- ماقۇل، ماقۇل، ھازىرلا باراي، - دېدى.
دىلارە ئاتالمىش تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بۇ دوختۇرنى ئۈن-تىنسىز توسۇۋالدى.
مۇزدەك سوغۇق كۆزلىرى ئوقيادەك ئۆتكۈر ئىدى.
ئايرۇس ئالدىغا ئىككى قەدەم ئېلىپ:
- دىلارە، بۇياق داڭلىق دوختۇر، ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا مۇيەسسەر سىڭلىمنىڭ ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك ياكى ئەمەسلىكىنى، دوختۇرخانىغا ئاپىرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ھازىرقى ئازابىنى يەڭگىللىتىدىغان بىرەر تەدبىر بار-يوقلۇقىنى كۆرۈپ باقسۇن، ئادەمنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش، بىزگە قانداق پىكىرىڭىز بولسىمۇ، ئاۋۋال بىر ياققا قويۇپ تۇرۇڭ، بولامدۇ؟ - دېدى.
دىلارە ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ، ئىككى سېكۇنت جىمىپ قالدى، ھەممە ئادەم ئۇنى مۇرەسسە قىلمايدۇ دەپ ئويلىغان چاغدا، ئۇ يەنىلا يانغا ئۆتۈپ، دوختۇرغا يول بەردى.
ئايرۇس خۇش بولۇپ، دوختۇرنى ئىتتىرىپ ماشىنىنىڭ يېنىغا كەلدى.
بىر چەتتە تۇرغان نۇردۇننىڭ بىلىكىنى رەنا تۇتۇپ تۇرۇۋالغانىدى.
رەنانىڭ چىرايىدىن شۇ تاپتا ماشىنادىكى مۇيەسسەردىن ئەنسىرەشتىن باشقا ھېچقانداق ئىپادە كۆرۈنمەيتتى.
رەشىدەمۇ ئالدىغا ئىككى قەدەم ئېلىپ ماڭدى، ئەمما ئۇنىڭ كۆزى دىلارەگە ئۇزۇنغىچە تىكىلدى.
ھەرخىل گۇماندا بولۇپ، قوشۇمىسى قاتتىق تۈرۈلدى.
بايا ئېنىقلا قاتتىق پوزىتسىيە بىلەن ھېچكىمنىڭ ماشىنىنى ئېچىشىغا يول قويمىغان، مانا ئەمدى خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى...
ئەجەبا راستتىنلا قارشى تەرەپ دوختۇر بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟
گەرچە بۇ سەۋەبنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا بىر يەرلىرىنىڭ نورمال ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى.
دوختۇر ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ، مۇيەسسەرنىڭ ئورۇندۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرغانلىقىنى، نازۇك بەش ئەزاسىنىڭ ئاغرىقتىن قورۇلۇپ قالغانلىقىنى، چىرايىنىڭ تاتىرىپ، پېشانىسى ۋە بۇرۇنىنىڭ ئۇچىدىن تەر چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.
- ئاغرىپ كەتتى... قورسىقىم بەك ئاغرىپ كەتتى... بالام... بالامنى قۇتقۇزۇڭلار ... - دېدى مۇيەسسەر.
ئۇ ئازابلانغان ھالدا ئىڭراپ، ماشىنا ئىشىكىنىڭ ئېچىلغان ھامان ھېچنېمە بىلەن كارى بولماي دوختۇرنى چىڭ تۇتۇۋالدى.
ئاتىكەممۇ چىرايى تاتارغان ھالدا مۇيەسسەرنىڭ مۈرىسىنى چىڭ تۇتۇپ، تەسەللى بېرىپ:
- ھېچقىسى يوق، ھېچقىسى يوق، دوختۇر كەلدى... - دېدى.
رەشىدە بىلەن ئايرۇس ماشىنادا يانچە يېتىپ، چىرايىدىن قاتتىق ئازابلانغانلىقى چىقىپ تۇرغان مۇيەسسەرنى كۆرۈپ، كۆزلىرىگە مەسخىرە ۋە سوغۇق كۈلكە يوشۇرۇندى.
بالىسىنى قۇتقۇزۋالامدۇ؟
قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟
قايسى نورمال ئايال ئېرنىڭ باشقا بىر ئايالدىن تۇغۇلغان بالىسىنى قىلچە ئىككىلەنمەستىن قوبۇل قىلالايدۇ؟
ئۇنىڭ ئۈستىگە، تۇغۇلىدىغان بالا ئوغۇل بولۇشى مۇمكىن.
بالىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇنىڭ ۋە قىزلىرىنىڭ ئورنىغا تەھدىت سالمامدۇ؟
بۇ مۇتلەق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشقا بولىدىغان بالا ئەمەس.
- ئاغرىپ كەتتى... دوختۇر، بالامنى قۇتقۇزىۋېلىڭ ... - مۇيەسسەرنىڭ ئېچىنىشلىق ئاۋازى ئاڭلاندى، نۇردۇننىڭ پېشانىسىدىكى كۆك تومۇرلار بۆرتۈپ چىقتى.
بىلىكىدىكى چىڭ مۇسكۇللار چىڭقىلىپ، چاپاننىڭ يېڭىنى تېشىۋەتكىلى تاسلا قالدى.
لېكىن رەنا يەنىلا ئۇنى چىڭ تارتىپ، مۇشتىمىنىڭ چىڭ تۈرۈلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، كۆڭلىدە ھەيران قالدى.
ھەش-پەش دېگۈچە، ئەينى يىلى ئۆزىنىڭ نۇردۇن بىلەن مۇيەسسەر ئىككىسىنىڭ توي قىلغانلىقنى ئىنكار قىلىپ قوبۇل قىلمىغانلىقىنىڭ، ھەقىقەتەن خاتا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىگە خىجىللىق قوشۇلۇپ، تېخىمۇ سەتلىشىپ كەتتى.
- نۇردۇن، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، ئەگەر مۇيەسسەر بۇ قېتىم بەرداشلىق بېرەلىسە، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەرنى ھەرگىز توسىمايمەن، ھەرقانداق ئىشنى توسىمايمەن، ئەمدى سىلەرنىڭ ئىشىڭلارغا ئارىلاشمايمەن! مۇيەسسەرگە چوقۇم ھېچ ئىش بولمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ... - دېدى.
ئۇنىڭ ۋەدىسى ئاڭلىغان ئايرۇس چىشىنى چىشلەپ ئىزىۋەتكىلى تاس قالدى.
رەشىدە ئالدىغا بېرىپ پەس ئاۋازدا:
- موما، دادا، ئەنسىرىمەڭ، مۇيەسسەر ھەدەمگە چوقۇم ھېچ ئىش بولمايدۇ ، - دېدى
رەنا ئۇنىڭغا سۇسلا قاراپ قويۇپ، بېشىنى يېنىك لىڭشىتتى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar