مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز93-قىسىم - يۈرەك تارىنى چەكتى

文摘   小说   2024-09-05 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  14  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786



9291


 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

93-قىسىم

  


 


93-قىسىم  

يۈرەك تارىنى چەكتى


جەسۇرنىڭ سۆيۈشى ئويلىمىغان يەردىن چىقتى، زىلالە ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمەي قالدى.

 شاكىلاتنىڭ تاتلىق تەمى، يەنە ئازراق شامپاننىڭ پۇرىقى ئارىلىشىپ، پۈتۈن بەدەندىكى سەزگۈ نېرۋىلىرى لېۋىگە يىغىلىپ قالغاندەك ئىدى.

 ھەر بىر قېتىملىق نازۇك تېگىشىش  يۈرەك تارىنى چەكتى.


ئەسلىدە، جەسۇر سۆيۈپ قويۇشنىلا ئويلىغان، لېكىن  تەبىئىي ھالدا تېخىمۇ كۆپ نەرسىگە ئېرىشىشنى ئويلىدى.

زىلالە ئىككى پۇتىنىڭ بوشىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئورنىدىن تۇرالماي ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتۇۋالدى.

بىراق دەل بىلىكىدىكى يارىنى تۇتۇۋالغاچقا، ئاغرىقتىن جەسۇر ئېسىگە كەلدى.

زىلالەنى قويۇپ بېرىپ، چوڭقۇر  نەپەس ئالدى.

زىلالە ئۇنىڭدىكى  نورمالسىزلىقنى ھېس قىلىپ،  :

  -  نېمە بولدى؟   -  دەپ سورىدى.

  -  ھېچقىسى يوق. - دېدى جەسۇر ئۇنىڭ ئالىقىنىدىن بىلىكىنى چىقىرىپ، كۆزىنى ئەپقېچىپ، ـ  بەك كەچ بولۇپ كەتتى،  بېرىپ ئارام ئېلىڭ.   -  دېدى.

زىلالە ئىككى سېكۇنت ھاڭۋىقىپ تۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ ،  لېۋىنى چىشلەپ، بىر قەدەم چېكىنىپ:

  -  خەيرىلىك كەچ.   -  دېدى.

گېپىنى تۈگىتىپ، بۇرۇلۇپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ، ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىردى.

تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ  گىرىمىنى يۇيىۋېتىشكە تەييارلىق قىلدى.

كۆڭلىدە  دەرۋەقە، جەسۇر ،مەندىن زېرىكىپتۇ.... ھەتتا، يېقىنلىشىشنىمۇ خالىمىدى.دەپ ئويلاپ ئۈمۈدىسىزلەندى.


يۈزىنى يۇيۇپ قالايمىقان خىياللىرىنى چۆرۈپ تاشلىماقچى بولۇپ    تۇرۇبىنى ئېچىپ قولىنى ئۇزاتتى.

ئەمما  ئالىقىنىدىكى قىزغۇچ رەڭگىگە دىققەت قىلىپ، گۇمان بىلەن سول قولىنى كۆتۈردى.

ئالىقىنىدا روشەن قىزىل داغ بار ئىدى.

 ئالىقىنىغا تەپسىلىي قاراپ، يارا ئىزى بارلىقىنى بايقىمىدى.

يارىلانغان ئادەم ئۇ ئەمەس.

زىلالە بايىقى ئەھۋالنى ئەسلەپ جەسۇرنىڭ بىلىكىنى تۇتقان ۋاقتىدا تۇيۇقسىز توختاپ قالغانلىقىنى يادىغا ئالدى. ئەجەبا ... جەسۇر يارىلاندىمۇ؟

ئەنسىرەپ جۈمەكنى ئېتىۋېتىپ، بۇرۇلۇپلا ياتاق ئۆيىدىن چىقتى.

 كىچىك ياتاق ئۆينىڭ چىراغنىڭ يورۇق تۇرغانلىقىغا دىققەت قىلىپ، تېز قەدەم بىلەن بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى.

ياتاقتىكى كارىۋات يېنىدا، جەسۇر كۆڭلىكىنى سېلىۋېتىپ، قولىدىكى داكىنى ئېھتىيات بىلەن يېشىۋاتقان بولۇپ، داكىدىكى قىزىل رەڭ ئوچۇق كۆرۈنۈپ قالدى.

 ئىشىكنى ئاچقان ئاۋازىنى ئاڭلىغان جەسۇر كۆڭلىكىنى يېپىپ بىلىكىنى توسۇۋېلىپ:

  -  نېمە دەپ كىردىڭىز؟   -  دەپ سورىدى.

زىلالە ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، چوڭ-چوڭ قەدەملەر بىلەن يۈگۈرۈپ كېلىپ،  بىلىكىنى تۇتۇپ،  توسۇۋالغان كۆڭلەكنى تارتتى.

بۇ قېتىم  ئېنىق كۆردى.

داكىنىڭ بىر تەرىپى پۈتۈنلەي قىزىلغا بويۇلۇپ كېتىپتۇ.

  - نېمە ئىش بولدى؟   -  دەپ سورىدى زىلالە.

يوشۇرالمايدىغانلىقىنى بىلگەن جەسۇر پەرۋاسىزلىق بىلەن گەپنى باشقا ياققا بۇراپ:

  - ھېچ ئىش يوق، تېرەم ئازراق سۈرۈلۈپ كەتتى.   -  دېدى.

  -  مەن قاراپ باقاي. - دېدى زىلالە داكىنى تارتىپ.

- ھېچقىسى يوق، خوتۇن   -  جەسۇر قولىنى كۆتۈرۈپ توسماقچى بولغاندا،  ئىتتىرۋەتتى.

ئاندىن ئېھتىيات بىلەن داكىنى يېشىپ،  بىلىكىدىكى قارا رەڭلىك يىپتا تىكىلگەن ، يەنە تېخى قىزىرىپ ئېشىپ  تۇرغان يارا ئېغىزىنى كۆرۈپ، ئىچى ئاغرىپ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

  - ھېچ ئىش بولمىدىمۇ تېخى؟ - دېدى غەزەپلەنگەن ھالدا ئالىيىپ.  كەينىگە بۇرۇلۇپ جەسۇرنىڭ كۆڭلىكىنى ئېلىپ مۈرىسىگە يېپىپ، - يۈرۈڭ، مەن سىزنى دوختۇرخانىغا ئاپىراي!   -  دېدى.

- خوتۇن، بۇنداق قىلمىساقمۇ بولىدۇ، - دېدى جەسۇر ئۇنىڭ بىلىكىنى تۇتۇۋېلىپ، - خېلى ياخشى بولۇپ قالدىم، دوختۇرخانىغا بېرىشنىڭ  ھاجىتى يوق، دېزىنفېكسىيە قىلىپ تېڭىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.   -  دېدى.

  - بىراق شۇنچە ئېغىر تۇرسا، ناۋادا يۇقۇملىنىپ قالسا ... - دېدى زىلالە.  

  - ئۇنتۇپ قالماڭ، ئىككىمىز شامپان ئىچتۇق، ماشىنا ھەيدىسەك بولمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا نەدىمۇ تاكسى تاپقىلى بولسۇن؟ - دېدى جەسۇر كۈلۈپ تۇرۇپ،   - راستتىنلا ھېچ ئىش يوق،  ئازراق داكا  بىلەن  تېڭىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ، -  دېدى.    

زىلالە  يارىسىغا تەپسىلىي قاراپ چىقتى.

بىر نەچچە كۈنلۈك كۈتۈنۈش ئارقىلىق، يارا ئېغىزىنىڭ ئىششىقى خېلى يېنىپ قالغان، بايا چىڭ تۇتۇۋالغانلىقى ئۈچۈن يارا ئېغىزى يېرىلىپ كەتكەن بولۇپ، ئانچە ئېغىر ئەمەستەك قىلاتتى.

پەقەت تىكىلگەن ئۇرۇن قاناپ كەتكەچكە قارىماققا ئازراق قورقۇنچلۇق كۆرۈنەتتى.   

  -  بولىدۇ، ئەمىسە ئولتۇرۇپ ساقلاپ تۇرۇڭ.   -  دېدى زىلالە .

جەسۇرنى يۆلەپ كارىۋاتقا چىقىرىپ ئولتۇرغۇزغان دىن كېيىن،  كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئالدىراپ-تېنەپ پەسكە چۈشۈپ، دورا ساندۇقىنى تاپتى.

 دورا پاختىسىنى ئېلىپ،  ئاۋايلاپ يارا ئەتراپىدىكى قىزىل داغنى سۈرتتى.

جەسۇرنىڭ يارىسى جەينىكىگە يېقىن بولۇپ،  مۇزىكا چالغاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن يىرتىلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

بۇ خىل ئېھتىماللىقنى ئويلاپ، زىلالەنىڭ ھەم ئىچى ئاغرىدى ھەم ئاچچىقى كەلدى.

  - يارىلانغان تۇرۇقلۇق، نېمىشقا يەنە ماڭا ياردەم قىلىپ مۇسابىقىگە قاتنىشىسىز؟   -  دەپ سورىدى.

جەسۇر يەنىلا ئەركىن تەلەپپۇزدا:

   - بۇنداق يېنىك يارا نەدىمۇ خوتۇنۇمنىڭ مۇسابىقىسىدىن مۇھىم بولسۇن.   -  دېدى.

 زىلالە بىرنى ئالىيىپ قويۇپ، داكىنى ئېلىپ يۆگەپ، پىلاستىر بىلەن مۇقىملاشتۇرۇپ:

- دوختۇر  دورا يېزىپ بەردىمۇ؟   - دەپ سورىدى.

  -  ئۈستەل ئۈستىدە.   -  دېدى جەسۇر.

زىلالە ئەخلەتلەرنى يىغىشتۇرۇپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىغاندىن كېيىن،   قولىنى پاكىز يۇيۇپ،  بىر ئىستاكان سۇ  بىلەن ئۈستەلدىكى ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسىنى ئېلىپ :

  -  بۇنى يەۋېلىڭ.     -  دېدى.

  -  بولىدۇ خوتۇن!   - دېدى جەسۇر كۈلۈپ تۇرۇپ  دورىنى ئالماي، بېغىشىدىن تۇتۇپ تارتىپ،  ئۇدۇللا ئاغزىغا ئېلىپ باردى.

لەۋلىرى ئالىقىنىغا سۈركەلگەندە زىلالەنىڭ بىلىكى ھەش-پەش دېگۈچە يۇمشاپ كەتتى.

ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشىپ، ئىستاكاننى سۇندى.

جەسۇر يەنە بېغىشىدىن تۇتۇپ، ئىككى يۇتۇم  ئىچىپ، ئاغزىدىكى دورىنى يۇتۇپ:

- راستتىنلا خاپا بولدىڭىزمۇ؟   -  دەپ سورىدى.

 زىلالە بېشىنى ساڭگىلىتىپ:

- ياق، مېنىڭ ئەسلىدىمۇ سىزنىڭ ئىشىڭىزنى باشقۇرۇش سالاھىيىتىم يوق.   -  دېدى.

  - جۆيلۈمەڭ، - دېدى جەسۇر ئۇنىڭ قولىدىكى ئىستاكاننى ئېلىپ، كارىۋات بېشىدىكى ئىشكاپقا قويۇپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، - ماڭا مەسئۇل بولىمەن دېگەنىدىڭىز، نەچچە كۈندىلا گېپىڭىزدىن يېنىۋالدىڭىزمۇ؟   -  دېدى.

زىلالە بۇ تېمىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىماي، يۈزىنى يانغا بۇراپ:

  - قولىڭىز قانداق يارىلاندى؟   -  دەپ سورىدى.

  - ھېچقىسى يوق، ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۇرۇۋالدىم. - دېدى جەسۇر.

 يارىسىنى ئېنىقلا تىككەن تۇرۇقلۇق يەنە ئۇرۇۋالدىم دېگىنى نېمىسى؟

ئىككىيلەن بىللە تۇرغىلىمۇ شۇنچە ئۇزۇن بولدى،  ئۇنى ھەقىقىي ياخشى كۆرمىسىمۇ،  بىر ئېغىز راست گەپ قىلىشىنىمۇ خالىمامدۇ؟

زىلالەنىڭ قەلبى ئازار يەپ ئاچچىقى كېلىپ،   بېلىگە يۆگىشىپ تۇرغان قولىنى ئىتتىرىۋېتىپ،  ئورنىدىن تۇرۇپ:

  - راست گەپ قىلغۇڭىز بولمىسا بوپتۇ، مېنى بۇنداق ئالدىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق!   -  دېدى - دە ئۈستەلدىكى دورا ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ، بۇرۇلۇپ ماڭدى.

  - خوتۇن!  - ئۇنىڭ راستتىنلا ئاچچىقى كەلگەنلىكىنى كۆرگەن جەسۇر قولىنى سوزۇپ  بىلىكىدىن تۇتۇۋېلىپ:

-   مېنىڭ سىزنى ئەنسىرەتكۈم يوق.   - دېدى.

  -  ھېچقىسى يوق، ئىختىيارىڭىز.   -  دېدى زىلالە  بىلىكىنى سىلكىپ، چوڭ قەدەم بىلەن ئىشىكتىن ئېتىلىپ چىقتى.

مۇشۇ كۈنلەردە،  ئىزچىل مىجەزىگە چىداپ كەلدى.

 بۇ قېتىم راستتىنلا چىدىيالمىدى.

  - زىلالە، چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلاڭ. - دېدى جەسۇر كارىدورغا قوغلاپ چىقىپ، - ئالدىنقى ھەپتە تاللاش مۇسابىقىگە قاتناشقان كۈنى كەچتە، ئۆمەرنىڭ ئولتۇراق رايون تۈرىگە مۇناسىۋەتلىك مال تەمىنلىگۈچىنى ئىزدەپ بارغاندا يارىلاندىم.  - دېدى.

پەلەمپەي ئېغىزىغا كېلىپ بولغان زىلالە بىردىنلا توختاپ قالدى.

ئالدىنقى ھەپتە تاللاش مۇسابىقىگە قاتناشقان كۈنى كەچتە،  زىبارەنى ئەمەس، بەلكى مال تەمىنلىگۈچىنى ئىزدەپ باردىمۇ؟


 


..................................

...........

...


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章