گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 28-قىسىم _ ئىككىنچى مۇھىم ئىش

文摘   小说   2024-09-06 13:59   新疆  


 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  50  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓



گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21
109876
1514131211
2019181716
2524232221



2726









گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

28-قىسىم

 



28-قىسىم

ئىككىنچى مۇھىم ئىش

ئەمدى گەپنى دىلارە تەرەپتىن ئاڭلايلى

مۇراسىم ۋاقتىمۇ ئەسلىدىكى پىلان بويىچە داۋاملاشتى، توپتوغرا 90 مىنۇتتا، شەھەرنى بىر ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن  قايتىپ كەلدى.

ماشىنا ئاستا-ئاستا قورۇققا كىردى، ئىشىك يېپىلغان شۇ دەقىقىدە، دىلارە مۇراسىم ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئاندىن خاتىرجەم بولدى.

گەرچە كېيىن ئاستا-ئاستا ئاممىنىڭ قىزغىنلىقىغا كۆنۈپ قالغان بولسىمۇ، يول بويى ھېرىپ كەتتى.


ئازراق سۇ ئىچىۋالغاندىن كېيىن، گىرىمچىك دىلارەگە ياردەملىشىپ قايتىدىن تولۇقلاپ گىرىم قىلىپ قويدى.

ئارىلىقتا يەنە دەم ئېلىشقا ۋاقىت بېرىلدى.


دىلنار بىلەن دىلارە ئارام ئېلىش ئۆيىدە بىللە ئارام ئالدى.

گىرىم ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان دىلارە ئەينەكتىكى ئۆزىگە قاراپ، پەرۋاسىز كۆرۈنەتتى.

بۇ قېتىمقى  مۇراسىم  ئۇنىڭغا نىسبەتەن پەقەت بىر رەسمىيەت،  ۋەزىپىنى تاماملاۋاتىدۇ.

ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ يەنىلا ئۇ، ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

دىلنار سەل قاپىقىنى سۈزۈپ :

-  مۇراسىمدىن كېيىن نېمە ئىش قىلماقچى بولۇۋاتىسىز؟  - دەپ سورىدى.

دىلارە گىرىم ئەينىكىدىكى دىلنارغا قاراپ، سالماقلىق بىلەن :

- مەركىزى شەھەرگە قايتىپ، شىركەتنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئاندىن ياۋاشلىق بىلەن ئۆيدە بالىلىرىمنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلىمەن. - دېدى.

دىلنار قوشۇمىسىنى تۈرۈپ:

- بېشىڭىزدىكى خانقىزلىق سالاھىيىتىنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىز.   - دېدى.

- خانقىز بولغان ئادەم بىرەر ئىش قىلىشى كېرەكمۇ؟ - دېدى دىلارە سۇسقىنە كۈلۈپ قويۇپ، -  ئەگەر  يېتىشەلمەي قالسىڭىز، ئەھۋالغا قاراپ سىزگە ئازراق  ياردەم قىلسام بولىدۇ، - دېدى. 

دىلنارنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى.

دىلارە ئۇنىڭغا بىردەم قاراپ تۇرۇۋېتىپ:

- ئەگەر قىلغۇڭىز بولمىسا، مېنىڭچە مومام سىزنى زورلىمايدۇ. مېنىڭچە، ئۇنىڭ ئايال خوجايىنلىق ئورنىنى سىزگە ئۆتۈنۈپ بەرگۈسى بار، بەلكىم سىزگە تولۇقلاپ بەرگۈسى كەلگەندۇ. گەرچە بۇ ئورۇندا ئولتۇرۇش جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن ئايرۇس ئانا-بالا شۇنچە ئۇزۇن تەمە قىلغان، تەبىئىيكى ئۇلارنى جەلپ قىلىدىغان ئامىللار كۆپ، قانداقلا بولمىسۇن ئەڭ يۇقىرى تەمىناتقا ئىگە ئورۇن. - دېدى. 

دىلنارنىڭ چىرايى سەل-پەل ئۆڭۈپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا قوشۇمىسى تۈرۈلدى.

دىلارە ئۇنىڭغا خېلىغىچە تىكىلىپ قارىدى، لەۋلىرىدە سۇس كۈلكە پەيدا بولۇپ:

-  ئەگەر  ... - دەپ ئەمدىلا ئېغىز ئاچقاندا، كۆزلىرى چاقناپ ،گېپىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى.

دىلنار ئۇنىڭغا قاراپ:

-  نېمە دېمەكچى بولغانتىڭىز؟ - دەپ سورىدى.

دىلارە بىردەم سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن ئاستا ئېغىز ئېچىپ:

-  مومامنىڭ بۇ ئورۇننى سىزگە بېرىشنى ئويلىشىدىكى سەۋەب، سىزنىڭ مۇشۇنداق ئىقتىدارىڭىزنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەنلىكىدىن بولسا كېرەك. سىزنىڭمۇ ھازىر قىلىدىغان باشقا ئىشىڭىز يوق.  كۈن بويى بىكار يۈرگىچە، بۇ ئورۇندا ئولتۇرۇشمۇ، سىزگە نىسبەتەن بەك تەس ئىش ئەمەس، مەن بىلىمەن، سىز ئەزەلدىن بىكار تۇرىدىغان ئادەم ئەمەس. پەقەت...  

- سىزنىڭ ئالاھىدە سەۋەبىڭىز بولمىسا ... - دىلارە گېپىنى تېزلا تۈگىتىپ، چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ دىلنارغا قارىدى.

دىلنار ئۇنىڭغا بىردەم تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، تۇيۇقسىز سوغۇق كۈلۈپ قويدى.

- مېنىڭ نېمە سەۋەبىم بولاتتى؟ - دېدى. 

دىلارە قېشىنى ئېتىپ، ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەينەككە قاراپ ئۇچىسىدىكى مۇراسىم كىيىمىنى تۈزەشتۈرۈپ، ئالدىغا ساڭگىلاپ تۇرغان ئۈنچە - مەرۋايىت تۇتۇلغان پەردىگە قاراپ، ئالدىرىماي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ :

- مومام پۈتۈن ھاياتىنى مۇشۇ ئورۇنغا بېغىشلىدى، بۇنداق كاتتا مەرتىۋىلىك ئادەم تەبىئىي ھالدا بەك كۆپ چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. بولۇپمۇ  ئادەتتىكى كىشىلەر ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان مۇھەببەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. گەرچە گېپىم سەل ئېغىر كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئورۇندا ئولتۇرسا، مۇھەببەتتىن ۋاز كەچكەن بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق. ئەجەبا، بىرەر  كاتتا  خوجايىن   ئۆزى  ئىشىك ئالدىڭىزغا كېلىپ كۈيۈئوغۇل بولۇپ بېرەمدۇ؟  - دېدى.

دىلارەنىڭ باشتىن - ئاخىر كۈلۈمسىرىگەن ھالدا قىلغان سۆزلىرى دىلنارنىڭ چىرايىنى بارغانسېرى قارىدىتىۋەتتى.

بىر ھازادىن كېيىن،  سوغۇققىنە تەلەپپۇزدا:

-   دۈمبىىڭىز قىچىشىپ قالدى، شۇنداقمۇ؟ مېنى مۇشۇنداق مازاق قىلىشقا پېتىنىۋاتامسىز؟ مەن سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە قاچانلاردا مۇھەببەت ئوغرىسى بولۇپ قالدىم؟ ئەر كىشى بولمىسا  ياشىيالمايمەنمۇ؟  - دېدى.

دىلارە قېشىنى ئېتىپ قويۇپ، ئاپىسىنىڭ  كايىشلىرىغا ئانچە پەرۋا قىلماي:

- ئۇنداق بولمىسا، مەن كۆپ ئويلاپ كەتكەن ئوخشايمەن. ئۇنداقتا سىزنىڭ بۇ ئىشنى رەت قىلىدىغان باشقا سەۋەبىڭىزمۇ يوق ئىكەن... - دېدى.  

دىلنار بىردەم سۈكۈتكە چۆمۈپ، ئاخىرى ئورۇندۇقنىڭ تۇتقۇچىنى تىرەپ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ:

- بىراق سىزنىڭ دېگىنىڭىز توغرا، مومىڭىز ماڭا ئىشەنگەن ئىكەن، مەن خۇش بولۇشۇم كېرەك. قالغان ئۆمرۈمنى بىكار ئۆتكۈزمەيمەن، ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا،  بۇ ھەقىقەتەن يامان ئەمەس تاللاش. - دېدى. 

دىلارە ئۇنىڭغا جىمجىت قاراپ، بېشىنى لىڭشىتىپ:

-  چۈشەنسىڭىزلا بولدى. - دېدى.

يەنە بىر ئاز ئارام ئالغاندىن كېيىن، رەنا ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ كەلدى.

ئۇ دىلارەنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئىككى قولىنى ئۇنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ كۈلۈپ تۇرۇپ:

- بەك كۈچەپ كەتمەڭ، جىددىيلەشمەڭ، چارچىسىڭىز ماڭا دەڭ، ئۆزىڭىزنى زورلىماڭ، -  دېدى. 

دىلارە بېشىنى لىڭشىتىپ:

- بىلىمەن.  - دېدى.

رەنا يەنە بىر قېتىم دىلنارغا قارىدى، ئەمما ئۇنىڭ چىرايىنىڭ ئانچە چىرايلىق ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ:

- دىلنار، سىزگە نېمە بولدى؟ ھېرىپ قالدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى. 

دىلنار بېشىنى چايقاپ:

- ياقەي، - دېدى. 

- ھىم، ۋاقىت توشاي دەپ قالدى، تەييارلىق قىلىڭلار، سىرتتا نۇرغۇن مۇھىم مېھمانلار ساقلاۋاتىدۇ، ئەڭ ئاخىرقى ھالقىدا يەنىلا ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك.  - دېدى رەنا.

- ھىم ، - دېدى دىلنار. 

- مەن ئاۋۋال ئۇلارنى كۈتۈۋالاي، سىلەر بىر نەچچە مىنۇت ئارام ئېلىپ ئاندىن چىقىڭلار.  - دېدى رەنا.

 رەنا گېپىنى تۈگىتىپ،  ئارقىغا يېنىپ  چىقىپ كەتتى.

بىر ئازدىن كىيىن دىلارە بىلەن دىلنار سىرتقا چىقتى.

ئۇلارنىڭ چىققانلىقىنى كۆرۈپ،رەنا مېھرىبانلىق بىلەن ئۇلارغا قول پۇلاڭلاتتى.

ئىككىيلەن ئاستا كېلىپ، رەنانىڭ ئوڭ-سول قولىنى تۇتتى.

- بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن مۇھىم مېھمانلار، سەل تۇرۇپ تاماق يەيدىغان چاغدا، مەن سىلەرگە بىر-بىرلەپ تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي ... - دېدى رەنا. 

شۇنداق قىلىپ ئۇلار سىرتقا چىقتى.

دىلنار ئىشىكتىن چىقىشىغىلا بىرەر ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلغان، ئۇنىڭ ئالتىنچى تۇيغۇسىدا  خەتەرلىك ئىش بولىدىغاندەك بىلىندى.

 لېكىن، شۇنچە قاتتىق قوغدىلىدىغان بۇ جاي ۋە سورۇندا، ئۇ بىۋاسىتە سېزىمىدىكى خەۋپنىڭ زادى نەدىن كېلىدىغانلىقىنى زادىلا ئويلاپ يېتەلمىدى؟

رەنا، دىلنار ۋە دىلارەنىڭ سىماسى ئاستا-ئاستا پەيدا بولغاندا،  تۇيۇقسىز چۇقان كۆتۈرگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.

رەنا سەھنە ئاستىغا قاراپ قول پۇلاڭلاتتى، سەھنە ئاستىدىكى كىشىلەر يۇقىرى ئاۋازدا جاۋاب قايتۇردى.

 - كۆپچىلىكنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان مېنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە ئېتىراپ قىلغانلىقىغا رەھمەت،   مەن رەنا، سىلەرگە باشتىن-ئاخىر مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن! بۈگۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر كۈن، ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم بىر كۈن، مەن ھاياجان ۋە خۇشاللىقىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن! - دېدى.

گەپ ئارىلىقىدا بىر ئاز توختاپ قالغاندىن كېيىن، سەھنە ئاستىدىكى كىشىلەر تەبىئىي ھالدا يۇقىرى ئاۋازدا چۇقان كۆتۈرۈپ ئىنكاس قايتۇردى.

رەنا كۈلۈپ قويۇپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:

- كۆپچىلىكمۇ بىلىسىلەر، مەندىن ئايرىلغىلى ئۇزۇن يىل بولغان قىزىم ھازىر ساق-سالامەت قايتىپ كەلدى، تېخى ماڭا  ئەقىللىك، ئاق كۆڭۈل نەۋرە قىزدىن بىرنى  ئېلىپ كەلدى. مېنىڭچە بۇ دۇنيادا، مېنى ھازىرقىدىنمۇ بەختلىك ھېس قىلدۇرىدىغان ھېچقانداق ئىش يوق.  ئۇلار قايتىدىن مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەلدى! 

بۈگۈن، مەن نەۋرەمنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن بۇ مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەردىم، ئۇ ئىلگىرى نۇرغۇن ئۇۋالچىلىق ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، لېكىن مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، مەن ئۇنىڭ ھەرقانداق زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا يول قويمايمەن.  مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىلگىرى ئۇنى ئالدىغان، ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلغان، ھاقارەتلىگەن، ئۇنى كۆزگە ئىلمىغان ھەر قانداق ئادەمگە ئۇلارنىڭ زادى قانچىلىك ھاماقەتلىك قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن، مەن ئىگە بولغان ھەرقانداق نەرسە، ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولىدۇ، يوق نەرسىنى، مەن ئەڭ زور تىرىشچانلىقىم بىلەن  تەييار قىلىپ بېرىمەن. ئۇ چوقۇم ھەممە ئادەمدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئادەم بولىدۇ! 

ئۇ مېنىڭ ئەڭ قەدىرلىك ھەم بىردىنبىر نەۋرەم، بۈگۈن مەن ئۇنىڭغا كاتتا ئائىلىمىزدىكى بىردىنبىر خانقىز دېگەن نامنى بېرىمەن!  - دېدى.

سەھنە ئاستىدا ھاياجانلىق ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى، رەنانىڭ ئۆز ھېسسىياتى بىلەن قىلغان بەزى سۆزلىرىگە قارىتا كەڭ قورساقلىق بىلەن چۈشىنىدىغانلىقىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.


- كېيىنكى ئۆمرىڭىزدە، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىز بولۇڭ،  بەختلىك  بولۇڭ، قايغۇ-ھەسرەت، كۆز يېشى، جاپا-مۇشەققەت، بالا-قازادىن خالىي بولۇڭ،  مەڭگۈ مېنىڭ ئەتىۋارلىق بالام بولۇڭ. - دېدى رەنا دىلارەگە قاراپ.

دىلارە كۈلۈمسىرىدى، بۇ تىلەكنىڭ بەكلا مۇكەممەل بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى، كىشىلىك ھاياتنىڭ ئىشلىرى قانداقمۇ  بۇنداق ئوڭۇشلۇق بولسۇن، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە، ھېچكىم ئۇنىڭدەك تەلەيلىك ۋە بەختلىك بولالمايدۇ.

بىراق، ئۇ  مومىسىنىڭ ئەڭ سەمىمىي، شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇ ئۆمرىدىكى ئەڭ ئاچكۆزلۈك بىلەن ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن تىلەكلىرى  . 

- رەھمەت سىزگە، موما. - دېدى دىلارە. 

رەنا پۈتۈن سۆيگۈسى بىلەن ئىككى قولىنى كەڭرى ئېچىپ چىڭ قۇچاقلاپ، بېشىنى يانچە قىلىپ مەڭزىگە سۆيۈپ قويۇپ:

- سىز  بۇلارغا  ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك. - دېدى. 

دىلارە پەقەت خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى.

ئىككىيلەن سەل ئارىلىق قالدۇرغاندىن كېيىن، رەنا دىلارەنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئالدىغا بىر نەچچە قەدەم مېڭىپ:

- بۈگۈن، كاتتا ئائىلىمىزنىڭ بىردىنبىر خانقىزىغا  ھەممىڭلارنىڭ بەخت - ئامەت تىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، - دەپ سۆز ئاياغلاشتۇردى.

جىمجىت سەھنىدە  يەنە بىر قېتىم يۇقىرى ئاۋاز ئالقىش ياڭرىدى!

- دىلارە خانقىز! 

- دىلارە خانقىز! 

سەھنە ئاستىدىكى ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە ياڭرىدى .

ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىن، ئۇ قولىنى كۆتۈرۈپ جىمجىتلىقنى ئىشارەت قىلىپ:

- بۈگۈنكى  مۇراسىم  ئارقىلىق، مېنىڭ ئېلان قىلىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئىشىم بار!  - دېدى.


سەھنە ئاستىدىكىلەر قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، دىلارە   دىلنارغا قاراپ قويدى.


رەنا بۇرۇلۇپ دىلنارغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ: 

- ئەمەلىيەتتە بۇ خەۋەرنى سىلەرمۇ بىلىسىلەر. مەن ياشىنىپ قالدىم،ئىگىلىكىمىز ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا سەل قىينىلىپ قالدىم،  شۇڭا، بۇ ئورۇندا ئولتۇرسام، ھەقىقىي نۇقسانسىز بولالايدىغانلىقىمغا كاپالەتلىك قىلالمايمەن، گەرچە ئايرىلىش سۆزىنى ئېيتقۇم بولمىسىمۇ، لېكىن رېئاللىققا يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولدۇم  ... - دېدى.

- رەنا خانىم...  

سەھنە ئاستىدىكى كىشىلەر خاتىرجەمسىزلىنىشكە باشلىدى، ئارقا-ئارقىدىن رەنانى چاقىرىشقا باشلىدى.

ئۇنىڭ گېپى مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، كۆپچىلىك ئۇنىڭ كېيىنكى گېپىنى پەرەز قىلالايتتى.

رەنا گەرچە ئايال كىشى بولسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىك ئۇنىڭ قانچىلىك ئىقتىدارى بارلىقىنى بىلەتتى.

باشقۇرۇش ئىستىلى ئەزەلدىن ئوچۇق.

ئۇنىڭ ھامان بىر كۈنى ئورنىنى بوشىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، لېكىن بۇنداق تۇيۇقسىز بولۇپ قېلىشىنى ھېچكىم ئويلىمىغانىدى.

- شۇنداق، مەن ھەقىقەتەن ئورنۇمنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىم كېرەك. - دېدى رەنا.

سەھنە ئاستىدا بىر پەس ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولدى.

- بىراق، كۆپچىلىك ئالدىرىماڭلار، مەن ئورنۇمنى ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن دېگەن ئىكەنمەن، تەبىئىيلا مېنى رازى قىلغۇدەك  باشقۇرۇش  ئىقتىدارى بار نامزاتنى تېپىپ چىقالايمەن... - دېدى رەنا. 

سەھنە ئاستىدىكىلەر جىمىپ قالدى.

كېيىنكى قېتىملىق ئايال خوجايىننىڭ زادى كىم ئىكەنلىكىگە بەك قىزىقىشتى.


 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章