كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
来源:百度小说
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر بەيدۇ ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
81 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
82-قىسىم
82-قىسىم لەۋ سۇرۇخ ئىزى (2)
زىبارەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ جەسۇرمۇ باشقا گەپ قىلالماي:
- ئەكبەر ئۇدۇل ئۆيگە كەلسۇن، مەن خېلى كۆپ سەي كۆكتات سېتىۋالدىم. - دېدى.
- ماقۇل، مەن تېلېفون قىلاي. - دېدى زىبارە تېلېفوننى تۇتۇپ مېھمانخانىنىڭ دېرىزىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى، جەسۇر زىلالەنىڭ مۈرىسىدىن تۇتۇپ، ئېڭىشىپ مەڭزىگە سۆيۈپ قويۇپ:
- كەچتە قانداق قورۇما يېگۈڭىز بار؟ - دەپ سورىدى.
- نېمە بولسا بولۇۋېرىدۇ. - دېدى زىلالە قولىنى مۈرىسىدىن چۈشۈرۈپ، - ھېرىپ قالدىم، بېرىپ كىيىم ئالماشتۇرۇپ چىقاي. - دېدى.
- ئەمىسە ياخشى ئارام ئېلىڭ، كەچلىك تاماقنى ماڭا تاپشۇرۇڭ. - دېدى - دە بۇرۇلۇپ ئاشخانىغا كىردى.
- شۇنداق، زىلالە بۈگۈن جاپا چەكتىڭىز، كەچلىك تاماقنى جەسۇر ئاكام ئىككىمىز قىلايلى، كۆكتات يۇيۇشقا مەن بەك ئۇستا! - دېدى زىبارە.
بىر ئەر، بىر ئايال كەينى-كەينىدىن ئاشخانىغا كىردى، زىلالە ئاشخانىنىڭ يۆنىلىشىگە بىر قاراپ قويۇپ، بۇرۇلۇپ ياتاق ئۆيگە ماڭدى.
ئۇ ئىككىسىنىڭ ھازىرقى يېقىنچىلىق ھالىتىگە دەخلى قىلىشنى خالىماي، قەستەن سۆرەلمىلىك قىلىپ، ئەكبەر يېتىپ كەلگۈچە ياتاق ئۆيدىن چىقمىدى.
شۇ كۈنى كەچتە، تۆتەيلەن بىرلىكتە تەبرىكلەپ، كەچ سائەت 11 دىن ئاشقاندا، ئەكبەر ئاكا-سىڭىل بىللە كەتتى.
زىلالە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستەلدىكى قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇشتى، جەسۇرمۇ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئۈستەلدىكى كۆكتاتلارنى توڭلاتقۇغا سالدى، ئاندىن زىلالەنىڭ يېنىغا كېلىپ بېلىدىن قۇچاقلاپ، ئېڭىشىپ بوينىغا سۆيدى، قولىمۇ خالىغانچە ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى .
زىلالە پەس ئاۋازدا ئاغرىنىپ:
- مەن تېخى قاچا - قۇچىلارنى يۇيمىدىم! - دېدى.
جەسۇر ئۇنىڭ بېلىدىكى چىگىلگەن پەرتۇقنى يېشىپ، بوينىنى چىشلەپ، سەل بوغۇق ئاۋازدا:
- ئەتە ئەتىگەندە ھەدەش كېلىپ يۇيۇۋەتسە بولىدۇ، گەپ ئاڭلاڭ! - دېدى.
زىلالە رەت قىلىشقا ئامالسىز قېلىپ، قولىدىكى قاچىنى قويدى.
مۇشۇنى كۈتۈپ تۇرغان جەسۇر ئېڭىشىپ ئۇنى كۆتۈرۈپ، ياتاق ئۆيگە ئېلىپ كىردى.
ئۇنىڭ سۆيۈشىدىن تەسىرلەنگەن زىلالەمۇ قولىنى سوزۇپ بوينىدىن قۇچاقلىدى.
بارماقلىرى ئىختىيارسىز ھالدا جەسۇرنىڭ قىسقا چاچلىرىنى سىلاپ، بىر قولى بىلەن ياقىسىدىن تۇتۇتتى. تۇتتىيۇ تۇيۇقسىز كۆينىكىنىڭ ياقىسىدىكى نورمالسىزلىقنى بايقاپ، سىنچىلاپ قاراپ، لەۋ سۇرۇخ ئىزى ئىكەنلىكىنى بىلدى.
ئۇ ئەزەلدىن بۇنداق رەڭلىك لەۋ سۇرۇخ ئىشلەتمەيدۇ.
كاللىسىدا يەنە بىر قېتىم جەسۇر بىلەن زىبارەنىڭ قۇچاقلىشىپ تۇرغان كۆرۈنۈشى پەيدا بولدى.
زىبارەنىڭ مۇشۇنداق رەڭلىك لەۋ سۇرۇخ سۈرۈۋالغانلىقىنى كۆرگەن.
نېمە سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمىدى، تۇيۇقسىز خاپا بولدى.
ئەرلەر زادى قانداق قىلىپ بەدىنى بىلەن قەلبىنى ئايرىيالايدۇ؟
ئېرىشمەكچى بولغىنى ئېنىقلا زىبارە تۇرسا، نېمىشقا يەنە ئۇنىڭغا بۇنداق يېقىنچىلىق قىلىدۇ؟
ئويلىغانىسرى رايى يانغان زىلارە جەسۇرنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ يۈزىنى بىر يانغا بۇراپ:
- بۈگۈن سەل چارچاپ قالدىم، بالدۇرراق ئارام ئالغۇم بار. - دېدى.
جەسۇر يۈزىنى ئۇنىڭ مەيدىسىگە قويۇپ:
- باشقا كۈنى تولۇقلاپ بېرىسىز ھە. - دېدى.
كۆزى قىيمىسىمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ :
- ئەمسە بالدۇرراق ئۇخلاڭ، چىقىپ ئازراق خىزمەتنى بىر تەرەپ قىلىۋېتەي! - دېدى - دە ئورنىدىن تۇرۇپ، مېھمانخانىنىڭ تازىلىق ئۆيىگە بېرىپ سوغۇق سۇدا يۈزىنى يۇدى.
ئاندىن كۇتۇپخانىغا كىرىپ ئىشىكنى تاقاپ، كىتاب ئۈستىلىنىڭ كەينىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردى.
بۇ چاغدا ئۈستەلدىكى تېلېفون تۇيۇقسىز تىترەپ كەتتى.
ئېكراندىكى ئەنۋەرنىڭ نومۇرىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، سەل ئاچچىقى كەلگەندەك تەلەپپۇزدا:
- نېمە ئىش! - دەپ سورىدى.
ئەنۋەر ئۇنىڭ تەلەپپۇزىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىپ، يېنىك يۆتىلىپ قويۇپ:
- جەسۇر دىرېكتور، سىزنى قەستەن ئاۋارە قىلغىنىم يوق. - دېدى.
- دەڭە! - دېدى جەسۇر.
- ئىلگىرى سىز تەكشۈرمەكچى بولغان بىر قانچە مال بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئىچىدىن بىرەيلەننى تاپتىم. - دېدى.
زىلالە قەيسەرنىڭ قولىدىن ھېلىقى جەدۋەلنى ئالغاندىن كېيىن، جەسۇر ئەنۋەرنى تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى.
بىر نەچچە مال بىلەن تەمىنلىگۈچى تيەننىڭ شىركىتىدە ۋەقە يۈز بېرىپ، چېتىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشقانىدى.
ئەنۋەر ئاران تەستە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنى تېپىپ، كېچىكتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالماي، دەرھال جەسۇرغا خەۋەر قىلدى.
ئۆمەرنىڭ دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش بولغاچقا، جەسۇر قەددىنى رۇسلاپ:
- قەيەردە؟ - دەپ سورىدى.
- مۇشۇ شەھەردىكەن. شەھەر ئەتراپىغا يوشۇرۇنۇۋاپتۇ، ئادرېسىنى ئېنىق جەزملەشتۈردۈم. - دېدى ئەنۋەر.
- ئادرېسنى ماڭا ئەۋەتىپ بېرىڭ، ئۇدۇل شۇ يەردە كۆرۈشەيلى. - دېدى جەسۇر.
ئەگەر مال تەمىنلىگۈچىنىڭ ئاغزىدىن بەزى ئىسپاتلارغا ئېرىشەلىسە، قايتا سوت ئېچىلغاندا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
جەسۇر كىتابخانىدىن چوڭ قەدەم بىلەن چىقىپ، بۇرۇلۇپ ياتاق ئۆينىڭ يۆنىلىشىگە قارىدى.
زىلالەنى ئۇخلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ، كىرىپ ئاۋارە قىلىشنى خالىمىدى.
يەڭگىل قەدەملەر بىلەن چاپىنىنى ۋە ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ ئىشىكتىن چىقتى.
ياتاق ئۆيدىكى كارىۋاتتا ياتقان زىلالە بىر نەچچە قېتىم ئۆرۈلۈپ، پەقەتلا ئۇخلىيالمىدى.
جەسۇرغا ئاچچىقلىنىدىغان نېمە سالاھىيىتى بار؟
ئۇنىڭ قانداق ئايالنى ياخشى كۆرۈشى ئەسلىدىنلا ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى.
ئۇلار پەقەت توختاملىق توي قىلدى.
ئۇخلىيالمىغانلىقتىن يېتىۋېرىشنى خالىماي، چاچلىرىنى قاماللاپ، بىر ھازا ئىككىلەنگەندىن كېيىن، يەنىلا كۇتۇپخانىغا كەلدى.
جەسۇرنى رازى قىلىش ئەسلىدىنلا ئۇنىڭ مەجبۇرىيىتى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، جەسۇر شۇنچە كۆپ ئىشلارنى قىلغان تۇرسا، رەت قىلىشقا ئاساسى يوق.
زىلالە چېچىنى تۈزەشتۈرۈپ، ئىشىكنى يېنىك چېكىپ:
- كىرسەم بولامدۇ؟ - دېدى.
ئىشىك ئىچىدىن ھېچقانداق ئىنكاس كەلمىدى.
زىلالە ئىشىكنى ئېچىپ، قۇپقۇرۇق ئۆيگە قاراپ تۇرۇپلا قالدى.
شۇنچە كەچ بولۇپ كەتسىمۇ، زىبارەنى ئىزدەپ كەتكەنمىدۇ؟
زىلالە ئاستىنقى كالپۇكىنى چىشلەپ، بۇرۇلۇپ ياتاق ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.
تارتمىنى ئېچىپ، ئىككى تال ئۇيقۇ دورىسىنى ئاغزىغا سېلىپ، كۈچەپ قۇرۇق يۇتۇپ كۆزىنى يۇمدى.
تابلېتكا كېكىردىكىگە چاپلىشىپ دېگۈدەك تەستە ئۆتتى.
ئېغىزىنىڭ ئىچى ياق... يۈرىكى ئاچچىق بولۇپ قالدى.
..................................
...........
...
、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar