گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 19-قىسىم _ تەتۈر ئايلىنىش

文摘   小说   2024-08-28 13:59   新疆  


 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  34  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓



گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21
109876
1514131211


181716









گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

19-قىسىم



19-قىسىم

 تەتۈر ئايلىنىش



شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رەنانىڭ بۇ يەرگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، رەشىدە ئالدىراپ-تېنەپ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ:

- موما... - دېدى.

پاق!  قىلغان جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن تەڭ، جىمجىت نەق مەيدان ئادەتتىن تاشقىرى زىلزىلىگە كەلدى.

رەشىدەنىڭ ئاۋازى بىردىنلا توختاپ قالدى، كۆپچىلىكمۇ ھەيرانلىقتىن خېلى ئۇزۇنغىچە ئەسلىگە كېلەلمىدى.

ئويلىمىغان يەردىن قاتتىق تەستەك يەپ يەردە ئولتۇرغان رەشىدەنى كۆرۈپ، ھەممەيلەن ھەيران قالدى ھەم گاڭگىراپ قالدى.

بۇ... زادى قانداق ئىش؟

بۇنى كۆرگەن دىلارە سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ، قولىنى ئاستا قويۇپ، مامۇق چاپاننىڭ ئىككى يېنىدىكى يانچۇقىغا قايتا سېلىپ، رەشىدەگە مەسخىرىلىك قاراپ قويدى.

رەشىدە تەبىئىي ھالدا تاياق يېگەن مەڭزىنى تۇتۇۋېلىپ، ئوخشاشلا ھەيران قالدى.

ئايرۇس ئەڭ ئاۋۋال ئىنكاس قايتۇرۇپ، دەرھال ئالدىغا بېرىپ:

- ئاپا،  خاتالىشىپ قالدىڭىزمۇ؟ رەشىدە ئۇ نېمىنى خاتا قىلدى؟ بۇنداق ئالا كۆڭۈل قىلىپ، بىر تەرەپكە يان باسسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ بۈگۈن خاتا ئىش قىلغىنى ئاۋۇ دىلارە ئىسىملىك ئايال، رەشىدە ئەمەس ... - دېدى.

رەنانىڭ چىرايى قەغەزدەك تاتىرىپ، لەۋلىرى تىترەپ، ئاچچىقى قىرىق گەز ئۆرۈلدى، ئۇ بىلىكىنى ئاستا كۆتۈرۈپ، ئايرۇسنى كۆرسىتىپ، بارماقلىرى تىترەپ:

- سىز... سىز... - دېدى.

 ئاچچىقىدا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالماي، ئاخىرى قولىنى يەنە بىر قېتىم كۆتۈرۈپ ئايرۇسنىڭ يۈزىگە قاتتىق بىر شاپىلاق سالدى.

ئايرۇس بۇنداق بولۇشىنى ئويلىمىغاچقا، كەينىگە ئىككى قەدەم دەلدەڭشىپ داجىدى ،  بەدىنى بىر نەرسىگە تەگدى، ئەمدىلا بەدىنى تۇراقلاشماقچى بولغاندا كېيىنكى سېكۇنتتا كەينىدىكى كۈچ تەرىپىدىن بىر موللاق ئاتتى.

 ئالاقزادىلىك ئىچىدە بېشىنى كۆتۈرۈپ، دىلنارنىڭ كۈلۈمسىرىگەن چىرايىنى كۆردى. كۆزلىرى سوغۇق مەسخىرە بىلەن تولغانىدى.

- ئايرۇس، ئۆزىگە ئۆزى بالا تاپتى دېگەن بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى ئوبدان چۈشىنىشىڭىز كېرەك ئىدى. - دېدى . 

رەشىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، مەڭزىنى ئېتىۋالغان بولۇپ، كۆزلىرىدىن نارازىلىق ۋە غەزەپ چىقىپ تۇراتتى.

- موما! مەن زادى نېمىنى خاتا قىلدىم؟ ! ئېنىقكى ھەممىنى قىلغان ئۇ،  ئۇ مېنىڭ ئىنىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدى... - دېدى. 

ئايرۇس دىلنارنىڭ مەسخىرىسىگە پىسەنت قىلماي، ئورنىدىن تۇرۇپ:

- ئاپا... - دېدى. 

رەنانىڭ چىرايى يەنىمۇ تاتىرىپ، پۈتۈن بەدىنى تىترەپ:

- ئېيتىڭلارچۇ، سىلەر نېمىشقا دىلارەنىڭ يېنىدا چوقۇم ئىپار بار دەپ جەزملەشتۈرىسىلەر؟ باشتىن-ئاخىر،  قەدەممۇ-قەدەم ئىشنى ئۇنىڭغا ئارتىپ قويۇۋاتىسىلەر... ئايرۇس قېنى دەڭە،- دېدى رەنا يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ، - سىلەرنىڭ بۈگۈنكى ھەربىر ھەرىكىتىڭلار بەك ئېنىق بولدى! سىلەر بىر-بىرىڭلارغا پاس بېرىپ،  مېنى قاچانغىچە ئەخمەق قىلماقچى؟ مەن شۇنچە يىللاردىن بېرى سىلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن چىقىرىپ ياخشى مۇئامىلە قىلىپ كەلدىم،  ۋىجدانىڭلارغا يۈز كېلەلەمسىلەر؟ !  - دېدى.

ئايرۇس بىلەن رەشىدە رەنانىڭ قاتتىق ھۆركىرىگىنىدىن ھەيران قالدى.

رەشىدە ئالدىغا چىقىپ، رەنانىڭ قولىنى تۇتماقچى بولۇپ:

- موما، نېمىشقا بۇنداق دەيسىز؟ بىز زادى نېمىنى خاتا قىلدۇق ... - دېدى.

- ماڭا يېقىن كەلمەڭ! - دېدى رەنا. 

- موما ... سىز نېمىشقا بىزگە ئىشەنمەيسىز؟ دوختۇر دىلارەنىڭ بەدىنىگە ئىپارنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى ئېنىق ئېيتتى...  ئۇ ئايال خوجايىنلىق ئورنىڭىزنى تەمە قىلىۋاتىدۇ... - دېدى قاتتىق ئۇۋالچىلىق ئىچىدە.

رەنانىڭ بەدىنى سىلكىنىپ، كۆز ئالدى قاراڭلىشىپ:

- دىلارەنىڭ يېنىدا ئىپار بار دېمەكچىمۇ؟  - دەپ قايتا سورىدى.

رەشىدە بېشىنى لىڭشىتىپ:

- شۇنداق، راست جەزىملەشتۈررەلەيمەن، ئۇنىڭ يېنىنى ئاختۇرساقلا، دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىنىدۇ  ... - دېدى.

-  ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ!  - رەنا رەشىدەنى يەنە بىر كاچات سالدى.

- ئاپا! - ئايرۇس ئالدىغا چىقىپ رەشىدەنى يېنىغا تارتتى.

رەنانىڭ كۆكرەك قەپىسى قاتتىق كۆتۈرۈلۈپ، ئۇدۇلدىكى ئىككى ئانا-بالىغا قاراپ، كۆزىنى يۇمۇپ:

- دىلارەنىڭ يېنىدا ئىپارنىڭ بولۇشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن!  - دېدى.

ئايرۇس بىلەن رەشىدەنىڭ چىرايى قارىداپ:

- نېمە ئۈچۈن؟ ئەگەر ئۇنىڭ يېنىدا ئىپار بولمىسا، ئۇنداقتا مۇيەسسەر سىڭلىم ھازىرقى ئەھۋالىنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟ !   - دېدى.

- نېمە ئۈچۈن؟   - دېدى رەنا كۆزىنى ئاستا ئېچىپ، ئانا-بالا ئىككىسىگە ئېچىنىش ئىچىدە قاراپ.

- ئاپا، بىزگە ئىشىنىڭ، بىر قېتىم ئاختۇرۇپ باقساقلا...  ئۇنىڭ يېنىدىن چوقۇم  چىقىدۇ... - دېدى ئايرۇس يەنىلا ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمما رەنا سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ:

- ئاختۇرۇشنىڭ  ھاجىتى يوق، ئۇنىڭدا  يوق! ئۇ مۇيەسسەرگە ئوخشاشلا بىر ھامىلدار ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانداقسىگە ئۇنداق نەرسىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرىدۇ؟ - دېدى. 

ئايرۇسنىڭ چىرايىدىكى تەشۋىش ۋە نەپرەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى  بىر دەمدىلا قېتىپ قالدى.

پۈتۈن ئادەم خۇددى چاقماق سوقۇۋەتكەن تىرەكتەك  تىترەپ:

- سىز...   سىز نېمە دېدىڭىز؟  - دېدى.

-  مەن ھامىلدار بولۇپ قالدىم. - دېدى دىلارە رەنانىڭ گېپىنى تارتىۋېلىپ، سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ، - ھازىر ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى، چۈنكى مەن ئۆزۈمنى بىلىپ، دۈشمىنىمنىڭ  كۆپلىكىنى ھېس قىلىپ، شۇڭا بۇ ئىشنى ئىزچىل ئاشكارىلىمىدىم...  ئەپسۇس، سىلەرنىڭ بۈگۈنكى پىلانىڭلار ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولدى. - دېدى. 

رەشىدە ھەيرانلىق ئىچىدە دىلارەنىڭ قورسىقىغا قارىدى.

شۇنداق... ئويلاپ باقسا، دىلارە بۇ قېتىم قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كىيىنىش ئۇسلۇبىدا زور ئۆزگىرىش بولدى، دەسلەپتىكى ئورۇق، زىلۋالىقتىن ھازىرقى سەل قۇرساق سېلىپ، كېلەڭسىز ھالەتكە كېلىپ قاپتۇ، ھەتتا ئىليارمۇ ئۇنىڭغا ھەر جەھەتتىن غەمخورلۇق قىلىپ كەلدى.

ئەسلىدە مۇشۇنداق ئىش ئىكەندە...

ئۇنىڭ ئىزچىل ئۆزىگە ئىشەنگەن پوزىتسىيەدە بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن.

رەشىدەنىڭ كۆزى تۇيۇقسىز قېتىپ قالدى.

توغرا ئەمەس... توغرا ئەمەس

- مۇمكىن ئەمەس ، - ئايرۇس بېشىنى چايقاپ، دىلارەنىڭ سۆزىنى بىۋاسىتە ئىنكار قىلدى.

نۇرنىسا ئۇنىڭغا ھەممە ئىشنىڭ پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېنىق ئېيتىپ، چوقۇم چاتاق چىقمايدۇ دېگەنىدىغۇ.

نېمىشقا ئۇنىڭ يېنىغا بۇرۇنلا سېلىپ  قويغان نەرسە يوق بولىدۇ؟

رەشىدەمۇ تەبىئىيلا  ئاپىسىغا ئوخشاش ئويلىدى.

بىر بولسا دىلارە يالغان سۆزلىدى. بىر بولسا ئۇلارنىڭ دەسلەپتىكى پىلانىنى دىلارە بىلىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن...

لېكىن، دىلارە قانداق قىلىپ ئۇنىڭ پىلانىنى ئالدىن پەرەز قىلالايدۇ؟

-  مېنىڭ بەدىنىمدە نېمىشقا ئىپار يوقلۇقىدىن گۇمانلىنىۋاتامسىلەر؟ - دېدى دىلارە ئۇلارغا كۈلۈمسىرەپ قاراپ، تېخىمۇ تەمكىنلىك بىلەن، - دەسلەپتە مېنىڭ يېنىمدىكى ئۇ نەرسە بار ئىدى.  - دېدى.

ھەيرانلىقتىن تېخى ئېسىگە كېلەلمىگەن كىشىلەر يەنە قىزىقىپ قالدى.

- مېنىڭ يېنىمدىلا ئەمەس، مۇيەسسەر خانىمنىڭ يېنىدىمۇ بار، ھەتتا نۇرنىسا خانىم بىزگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن ماشىنىدىمۇ بار.  - دېدى دىلارە بۇرۇنىنى كۆرسىتىپ ،-مېنىڭ پۇراققا ئىنتايىن سەزگۈر ئەتىر تەڭشىگۈچى ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ ياكى  كەسپىمنى كۆزگە ئىلمايۋاتامسىلەر؟ بىر نەچچە خىل پۇراق ئارىلىشىپ كەتكەنگە، مەن بۇلارنى پەرقلەندۈرۈپ بايقىيالمامدىم؟ - دېدى. 

بۇ چاغدا ئاتىكەم ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ پەسكە چۈشتى-دە، قولىدىكى ھىم ئېتىلگەن سۈزۈك خالتىنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا يېيىپ كۆرسىتىپ:

-  بۇ بىزنىڭ خانىم بىلەن مۇيەسسەر خانىمنىڭ كىيىمىدىن ئاختۇرۇپ تېپىلغان نەرسە، يەنى سىلەرنىڭ ئاغزىڭلاردىن چۈشمىگەن ئىپار كۇمىلىچى، بىز باشتىلا بايقاپ قېلىپ، خەتەرنى ۋاقتىدا توختىتىپ، يوشۇرۇپ قويۇلغان ھەممە ئىپارنى تېپىپ خالىتىغا سېلىپ چىڭ چىگىپ قويدۇق.  - دېدى.

كۆپچىلىك ئاتىكەمنىڭ قولىدىكى نەرسىگە ھەيرانلىق ۋە قىزىقىش بىلەن قاراپ تۇرۇشتى.

- بۇ نەرسە راست مەۋجۇت، لېكىن بەدىنىمدىكى پۇراق ئاللىقاچان تارقاپ كەتتى، ھېچقانداق كۈچلۈك پۇراقنىڭ قېپقېلىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا بۇ دوختۇردىن سوراشقا جۈرئەت قىلغانىدىم، سىز بايا نېمىشقا بەدىنىمدە ئىپار بارلىقىغا شۇنچە ئىشەنگەن ئىدىڭىز ؟  - دېدى دىلارە.

دوختۇرنىڭ ئىككى پۇتى بوشىشىپ، دەلدەڭشىپ ئولتۇرۇپ قالدى.

ئايرۇس بىلەن رەشىدەنىڭ چىرايىدىن ئالاقزادىلىك چىقىپ تۇراتتى.

بۇ چاغدا كىشىلەر توپى ئارىسىدىن ئۇزۇن گۈدۈك ئاۋازى ئاڭلاندى.

كۆپچىلىك ئارقا-ئارقىدىن يول بەردى، قىممەت باھالىق قارا رەڭلىك ماشىنا ئاستا-ئاستا كىرىپ كەلدى.

ماشىنا ئەمدىلا توختىتىشىغا، ماشىنا ئىشىكى ئېچىلىپ، ئىليارنىڭ ئېگىز، ئورۇق قامىتى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.

ئارقىدىنلا ئەكرەم ماشىنادىن چۈشۈپ، ئۇدۇل قارشى تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، ماشىنادىن بىر ئادەمنى تارتىپ چىقاردى.

ئۇ دەل ئاللىقاچان رەسۋا بولۇپ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان نۇرنىسا ئىدى.


ئايرۇس بىلەن رەشىدە نۇرنىسانى كۆرگەن شۇ دەقىقىدە، تامدەك تاتىرىپ، جېنى چىقىپ كەتكۈدەك قورقۇپ كەتتى.

 لەۋلىرىنى چىڭ يۇمۇپ، يوغان ئېچىلىپ قالغان كۆزلىرىدىن ئالاقزەدە بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

ئۇلار بىر جۈپ ئەنسىز كۆزلىرىنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا بەك كۆپ نەرسىلەرنى ئاشكارىلاپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، ھەتتا بېشىنىمۇ كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمىدى.

ئەكرەم كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، دىلارەغا قاراپ ھۆرمەت بىلەن بېشىنى لىڭشىتتى.

كېيىنكى سېكۇنتتا، ئۇنىڭ چىرايى بىردىنلا تۇتۇلۇپ، قاپىقىنى تۈرۈپ  قولىدىكى نۇرنىسانى ئالدىغا ئىتتىردى.

نۇرنىسا بىردىنلا ئايرۇس بىلەن رەشىدەنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ باردى.

ئانا - بالا ئىككىيلەن تەبىئىي ھالدا ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمەي بىر نەچچە قەدەم كەينىگە داجىدى .

شۇ دەقىقىدە نۇرنىسا تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى...

كىيىم- كېچەكلىرى جۇل-جۇل، چاچلىرى پاخپايغان تولىمۇ ئوسال ئەھۋالدا ئىدى، ئەگەر دىلارە ئۇنى بايىلا قۇرۇقتا بىر قېتىم كۆرمىگەن بولسا، ئالدىدىكى بۇ ئوسال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئايالنىڭ نۇرنىسا ئىكەنلىكىنى تونۇيالمايتتى.

نۇرنىسا تېخى ئىككى سائەت بۇرۇنلا ئۇنىڭ ئالدىدا كاللا ئوينىتىپ، بىر مۇنچە ئادەمنى قارىتىپ قويۇپ ئويۇن ئويناپ قەستلىگەن زېرەك ئايال ئىكەنلىكى ئېنىق تۇرسىمۇ، ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا بۇ ھالغا چۈشۈپ قالغىنى نېمىسى.

ھەقىقەتەن جاھاننىڭ ئىشلىرىغا بىر نېمە دېمەك تەسكەن.

ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ  ئەكرەمگە قارىدى، ئازراق مازاق ئارىلاش تەلەپپۇزدا:

-  ئەكرەم گەرچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن ئايال كىشى،مۇشۇنداقمۇ قاتتىق قوللۇق قىلامسىز - دېدى. 


ئەكرەم ئوڭايسىزلانغان ھالدا كۈلۈپ قويۇپ، نۇرنىساغا بىر قاراپ قويۇپ:

-   مەنمۇ ئۇنىڭغا قول سالمىدىم ... - دېدى.

دىلارە قېشىنى ئېتىپ قويۇپ:

- ھېچ ئىش قىلمىدىڭىزمۇ؟ ئۇنىڭ بۇ تۇرقىدىن قارىغاندا، ئەگەر سىز راستتىنلا قول سالغان بولسىڭىز،  مېيىپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىنمۇ نېمە؟ - دېدى. 

ئەكرەم دەرھال بېشىنى چايقاپ:

- بۇنىڭ ئىچىدە بىرەر ئۇقۇشماسلىق بولۇشى مۇمكىن، ئۇنى ... مەن ئۇرمىدىم.  - دېدى.

دىلارە قاپىقىنى سۈزۈپ، ئىككى سېكۇنت سۈكۈتكە چۆكتى، تۇيۇقسىز بۇرۇلۇپ ئايرۇس ئانا-بالا ئىككىيلەنگە قارىدى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قاچۇرغان ھالىتىنى كۆرۈپ، لېۋىدە سوغۇق كۈلكە پەيدا بولدى.

 ئاندىن نۇرنىساغا قاراپ، تەمكىن تەلەپپۇزدا :

- ئۇنداقتا غەلىتە ئىش بوپتۇ، مەن ئىككى سائەت بۇرۇن قورۇقتىن ئايرىلغان چاغدا، نۇرنىسا خانىم بىر ئوبدان قېپقالغانىدى، نېمىشقا ئىككى سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تۇيۇقسىزلا بۇنداق بولۇپ قالىدۇ؟ 

قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ۋەزىپىنى مۇكەممەل ئورۇندىغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتلىنىشى كېرەك ئىدى... - دېدى.

شۇ تاپتا نۇرنىسانىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى، ئۇ ئىككى قولى بىلەن يەرنى قاتتىق تۇتۇۋېلىپ، بىردىنلا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئايرۇس بىلەن رەشىدەگە قاراپ:

- ئايرۇس بىلەن رەشىدەنىڭ قىلغان ئىشى، - دېدى .


 

 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章