كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
来源:微信读书
مىكرافون ئالدىدا ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەر ئۈندىدار ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى سالونى تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا بولمايدۇ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
دويىن نومرىمىز : ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ
داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
↓↓↓
گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 第9部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 2 | 1 | |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
29 | 28 | 27 | 26 | |
گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم 第8部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم 第7部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم 第6部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم 第5部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم 第四部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم 第三部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم 第二部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم 第一部
قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ
5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
10 | 9 | 8 | 7 | 6 |
15 | 14 | 13 | 12 | 11 |
20 | 19 | 18 | 17 | 16 |
25 | 24 | 23 | 22 | 21 |
30 | 29 | 28 | 27 | 26 |
35 | 34 | 33 | 32 | 31 |
40 | 39 | 38 | 37 | 36 |
45 | 44 | 43 | 42 | 41 |
50 | 49 | 48 | 47 | 46 |
55 | 54 | 53 | 52 | 51 |
60 | 59 | 58 | 57 | 56 |
65 | 64 | 63 | 62 | 61 |
70 | 69 | 68 | 67 | 66 |
75 | 74 | 73 | 72 | 71 |
80 | 79 | 78 | 77 | 76 |
85 | 84 | 83 | 82 | 81 |
90 | 89 | 88 | 87 | 86 |
95 | 94 | 93 | 92 | 91 |
100 | 99 | 98 | 97 | 96 |
102 | 101 |
كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات9-بۆلۈم
31-قىسىم
31-قىسىم
بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنى ئاڭلاپ، سەھنە ئاستىدىكىلەر تەنتەنە قىلىشتى.
دىلارە ئىزچىل شۇ يەردە تۇرۇپ تەرتىپنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كۈتتى، ئەڭ ئاخىرىدا رەناغا ئەگىشىپ سەھنىدىن چۈشتى.
بىر توپ مېھمانلار رەناغا گۇمان بىلەن قارىدى، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئىشنى ھەل قىلىش نىيىتى يوقلۇقىنى كۆرۈپ يەتتى.
كېيىنكى نۆۋەتلىك ئايال خوجايىننىڭ ئىشى ئاخىرلاشتى.
دەماللىققا خەۋىرى يوق.
ئەمدىلا خانقىزلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن دىلارە رەنانىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىر-بىرلەپ سالاملىشىپ، ئۇلارنى ئارام ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. قەسىرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دىلارە قاتتىق ئۇھ تارتتى.
بىر قىسىم يۇقىرى قاتلامدىكىلەر رەناغا ئەگىشىپ ئىشخانىغا كىردى.
چوڭ خانقىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەنلىكى كاتتا ئائىلىنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىگە دەخلى يەتكۈزگەن ئېغىر ئىش ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، رەنا ئەمدىلا تۇيۇقسىز ئورنىنى قىزىغا بوشىتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، نەق مەيداندا چوڭ خانقىزنى نامزات قىلىپ بېكىتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئىش كۆپچىلىككە نىسبەتەن بەكلا تۇيۇقسىز بىلىندى.
بۇنداق ئىشلارنى رەنا ئۇلار بىلەن ياخشى مەسلىھەتلىشىشى كېرەك ئىدى.
بۇ يەردىكى ئىشلار سەل قالايمىقان بولغان ئەھۋالدا، مەركىزى شەھەردە، بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە كۆرۈلگەن كۈتۈلمىگەن ئىشلار زور زىلزىلە پەيدا قىلدى.
ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە تور ئەھلىنىڭ بۇ ئىشقا بەرگەن باھاسى خىلمۇ-خىل بولدى.
- ئۇ قاچانلار ب رايوندىكى ئەنسەر ئەپەندى بىلەن چېتىلىپ قالدى؟
- دولقۇن بىلەن توي قىلىشتىن بۇرۇنلا تونۇشامدىغاندۇ ياكى تويدىن كېيىن تونۇشقانمىدۇ؟ قانداقلا بولمىسۇن، دولقۇننىڭ بېشىغا يەنە بىر يېشىل قالپاق كىيدۈرۈلدى...
- ئۇنداق بولۇشى ناتايىن، ئارىلىقتا دىلنارنىڭ نەچچە يىل ھايات-ماماتلىقىنى ھېچكىم بىلمەي، ئىز-دېرىكى بولمىغانغۇ؟ ئۇنىڭ بۇ مەزگىلدە ئەنسەر ئەپەندى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىغا بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. ئۇ چاغدا، دولقۇن ھېلىقى مەلىكە ئىسىملىك ئايال بىلەن تېپىشىۋالغان...
- ھەي، سىز دېمىسىڭىز مەلىكەدەك ئۈچىنچى شەخسنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن، ئۇ شۇ چاغدا دولقۇن بىلەن قانداق تېپىشىپ قالغان بولغىيتتى؟ ئۇلار توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا دولقۇننىڭ مەلىكە بىلەن تېپىشىپ قالغان بولۇشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن، بولمىسا ئۇ لەيلىنىڭ ئۆزىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىگە قانداقمۇ ئىشىنىدۇ؟ دىلارە خانقىز بىلەن لەيلىنىڭ يېشى پەرقلەنمەيدىغان تۇرسا...
- ھە راست، راستلا شۇنداق ئىكەن.
- بىراق يەنىلا دىلنار بولۇشقا مۇناسىپكەن، ئويلىمىغان يەردىن كاتتا شەخس ئەنسەر ئەپەندى بىلەنمۇ ئالاقىسى بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنسەر ئەپەندىنىڭ تۇرقىدىن قارىغاندا، ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.
- بىراق ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرەر ئۇقۇشماسلىق باردەكمۇ قىلىدۇ.
- شۇنداق...
- ھازىر ئويلىسام بەك ھاياجانلىنىۋاتىمەن. ئەينى چاغدا ھەممە ئادەم مەسخىرە قىلغان ھېلىقى سېسىق نامى پۇر كەتكەن دولقۇن ئائىلىسىنىڭ چوڭ خانقىزى ئەمدىلىكتە تۇيۇقسىزلا كاتتا ئائىلىنىڭ ئەزىز خانقىز بولۇپ قالدى. ئەينى چاغدا لەيلى ھەممە يەردە ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىپ، دىلارە خانقىزنىڭ ئۆيىنى بۇلاپ، بولغۇسى ئېرىنى تارتىۋېلىپ، دولقۇن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن. ھازىر دىلارە ئەزىز خانقىزغا ئايلاندى، دولقۇن ئائىلىسىنىڭ چوڭ خانقىزى بولۇشقا ئەزەلدىن كۆڭۈل بۆلۈپ باقمىغانغۇ دەيمەن...
- بۇ قانچىلىك ئىشتى. دولقۇن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئامراقلىقى نېمىگە ھېسابتى؟ دىلارە خانقىز ئۆزى يالغۇز دولقۇن ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىۋەتتىغۇ مانا؟ خەق ئۆزى باي ئائىلىنى قۇرۇپ چىقالايدۇ، ئۆزى ئەسلىدىلا كاتتا ئائىلىنىڭ خانقىزى. دولقۇن ئائىلىسىنىڭ ئەتىۋارلىشىغا خۇشتار ئەمەس، يەنە ھېلىقى ئەلى ھەقىقەتەن تاۋۇزنى تاشلاپ كۈنجۈت تېرىپ يۈرۈپتۇ! بىر ئوبدان كاتتا خانقىزنى تاشلاپ، مەلىكەنىڭ قايسى بىر ياۋايى ئەردىن تۇغقان، دادىسىنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيدىغان ياۋايى مەخلۇق بىلەن توي قىلدى، نېمىدېگەن كۈلكىلىك...
- ئاڭلىسام ھازىر لەيلى دوختۇرخانىدا يېتىۋېلىپ ياخشى يەپ-ئىچىپ يۈرۈپتۇ، ئەلى ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى بېقىۋېتىپتۇ، ھا، ھا، ھا، ھەقىقەتەن جازاسىنى تارتتى... - دېيىشتى تورداشلار.
شۇ تاپتا ئەلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن دولقۇن ئائىلىسىدىكىلەرنى پەقەت چوڭقۇر پۇشايمان ئوراپ تۇراتتى.
ھەقىقىي خانقىز ئۇلار تەرىپىدىن بالاخور دەپ قارالدى.
ئەمما ھەقىقىي بالاخور لەيلىنى ئەتىۋارلاپ بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ، ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن، دىلارەگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئىشلارنى قىلدى.
ئۇلار ھەتتا دىلارەنىڭ ئالدىدا ئەپۇ قىلىشىنى ئۆتۈنگەن گەپلەرنىمۇ ئېغىزىدىن چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، ھەتتا ئۇنى كۆرۈشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ.
دىلارە بىلەن ئۇلار ھازىر پۈتۈنلەي بىر دۇنيانىڭ ئادىمى ئەمەس.
ئۇلار، ئۆز قولى بىلەن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن.
بۇ ئىش، ئۇلارنىڭ بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلىشىغا يېتىدۇ.
رەنا يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارغا ھەمراھ بولۇپ چۈشلۈك تاماق يېگەندىن كېيىن، كەچتە پۈتۈن شەھەردە بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
ياتاققا ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن ئىليار قارا يوللۇق كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىۋالغان بولۇپ، پۈتۈن بەدىنىدىن قويۇق، كۈچلۈك سالاپەت چىقىپ تۇراتتى.
دىلارە ئىليارنىڭ ساپ قارا ، كۈل رەڭدىن باشقا كاستۇم-بۇرۇلكا كىيگىنىنى كەمدىن-كەم كۆرەتتى، ئاق رەڭلىك كاستىيۇمى تېخىمۇ ئاز ئۇچرايتتى.
يوللۇق كاستۇم-بۇرۇلكىسىدىن ئېسىدە قېلىشىچە پەقەت بىرسىلا باردەك قىلاتتى.
بۈگۈنكى ئىلياردىن بىر خىل كۈچلۈك پۇراق ئۇرۇلۇپ دىلارەنى ھەيران قالدۇردى.
بىراق، ئىليار ئۇنى كۆرگەن شۇ دەقىقىدە، ئۇنىڭغا قاراپ سۇس كۈلۈمسىرەپ، قولىنى ئالدىغا قويۇپ، سەل-پەل ئېگىلىپ:
- قايتىپ كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز، سۆيۈملۈك دىلارە خانقىز. - دېدى.
دىلارە ئاغزىنى سەل ئېچىپ قاراپ تۇرۇپ قېلىپ، ئاخىرى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ:
- بۇ نېمە قىلغىنىڭىز... - دەپ سورىدى.
ئىليار ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ، قۇچىقىغا تارتىپ، كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ:
- بۈگۈن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەقىقىي خانقىز بولغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمەن. - دېدى.
دىلارە كۈلۈپ تۇرۇپ:
- بۇ پەقەت مۇراسىمنىڭ بىر جەريانى، بۇ سالاھىيەت ھېچنېمىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. سىز بەك پەرۋا قىلىپ كەتمەڭ. - دېدى.
- ئەلۋەتتە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ، لېكىن مەن ناھايىتى خۇشال. - دېدى ئىليار.
- ھە؟ - دېدى دىلارە چۈشەنمەي.
- بۇنىڭدىن كېيىن باشقىلارنىڭ دائىم سىزنى ئويلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمىسەممۇ بولىدۇ. خانقىزلىق سالاھىيىتىڭىز، تەبىئىي ھالدا سىزگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىكلەرنى تېجەپ بېرەلەيدۇ، - دېدى ئىليار.
دىلارە قېشىنى ئېتىپ قويۇپ:
- سىزنىڭ ئازراقمۇ ئەنسىرمىگەنلىكىڭىز ئەسلىدە، مۇشۇ ئىش ئۈچۈنمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- بولمىسا يەنە باشقا ئىش بارمىتى؟ - دېدى ئىليار.
- مېنىڭ ھازىرقى سالاھىيىتىمنىڭ سىزگە بەزى بېسىملارنى ئېلىپ كېلىشىدىن ئەنسىرەپ باقمىدىڭىزمۇ، مەسىلەن، ئەگەر سىزدىن ئىچ كۈيئوغۇل بولۇشنى تەلەپ قىلسا قانداق قىلىسىز؟ - دەپ سورىدى دىلارە.
ئىليار ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويۇپ:
- مېنىڭچە رەنا خانىم ماڭا بۇ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويمايدۇ. - دېدى.
دىلارە ئۇنىڭغا قاراپ قويدى.
ھەقىقەتەن شۇنداق.
ئۇ مومىسىنىڭ ئىليارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدە روشەن ھۆرمەت بارلىقىنى باشتىلا ھېس قىلغان.
بەلكىم دىلارە سەۋەبلىك ئىليارغا بولغان پوزىتسىيەدە ئازراق ئۆزگىرىش بولغان بولۇشى مۇمكىن.
لېكىن، ئۇ ھەمىشە ئىليارنى بۇنداق ئاددىي ئادەم ئەمەس دەپ ئويلايدۇ.
ئىليارنىڭ يوشۇرۇن سالاھىيىتىنى بىلىشكە تېگىشلىك ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بىلىشى، بىلىشكە تېگىشلىك بولمىغان ئادەم پەقەت بىلمەسلىكى مۇمكىن.
سالاھىيىتى ئاشكارىلىنىپ قالسا، چوقۇم بىر قىسىم زۆرۈر بولمىغان ئاۋارىچىلىكلەر كېلىپ چىقىدۇ.
ئۆزىگە دۈشمەننى تېپىش بەك ئاسان، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.
ئىليار چوقۇم يەنە باشقا ئىشلارنى ئۇنىڭغا تولۇق ئېيتىپ بەرمىدى.
بولمىسا رەشىدە، گۈلشەن ئۇنىڭغا ئۇنچىۋالا ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت ئىزھار قىلمىغان بولاتتى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىليارنىڭ قىلىۋاتقان سودىسىنىڭ زور پايدىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، بەزى مۇنتىزىم كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرمىسا، ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ.
-ئىليار... سىزنىڭ مەن بىلمەيدىغان يەنە باشقا ئىشىڭىز بارمۇ؟ - دەپ سورىدى دىلارە.
ئۇنىڭ تۇيۇقسىز گۇمانلىنىشى ئىليارنى سۇس كۈلدۈرۈۋەتتى.
- قانداقسىگە بۇنداق گۇماندا بولۇپ قالدىڭىز؟ - دېدى ئىليار.
دىلارە بېشىنى لىڭشىتىپ:
- بىۋاسىتە سېزىم. - دېدى.
ئىليار قېشىنى ئېتىپ قويۇپ، دىلارەنىڭ پېشانىسىگە بىرنى نوقۇپ قويۇپ:
- قورقۇنچلۇق ئايال. - دېدى.
دىلارەنىڭ كۆزلىرى چاقناپ:
- ئۇنداقتا توغرا ئويلاپتىمەن، شۇنداقمۇ؟ سىز دەرۋەقە مەندىن يەنە باشقا ئىشلىرىڭىزنى يوشۇردىڭىز، شۇنداقمۇ؟ شۇنچە كۆپ سودىلارنى قىلىپسىز، پۇلچۇ؟ ھېچ بولمىغاندا بىرەر پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەت قۇرۇش كېرەكقۇ دەيمەن؟ بولمىسا ئىسراپچىلىق بولمامدۇ؟ پۇل بىلەن پۇل تېپىش ئەڭ ئاقىلانىلىك ... - دېدى.
ئىليار لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ:
- مەن سىزنى باقالايمەن. - دېدى.
دىلارە ئاغزىنى ئۇچلاپ، ئىليارنى تارتىپ كارىۋاتتا ئولتۇرغۇزۇپ:
- لېكىن مەن سىزنىڭ مېنىڭ ئاچكۆزلۈكۈمنى قاندۇرالماسلىقىڭىزدىن ئەنسىرەيمەن. - دېدى.
ئىليار ئايىغىنى سېلىۋېتىپ، دىلارەنىڭ ئاپئاق، سىلىق پۇتلىرىنى تىزىغا قويۇپ:
- ئۇنداقتا ماڭا دەڭە، قانچىلىك پۇل بىلەن ئاچكۆزلۈكىڭىزنى قاندۇرغىلى بولىدۇ؟ - دېدى.
- ئېنىق ئەمەس، ھېچ بولمىغاندا، سىلەرنىڭ بوشى مالىيە گۇرۇھىنىڭ پۇلىدىن كۆپ بولۇشى كېرەك! - دېدى دىلارە.
ئىليار لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ، ئۇنىڭ پۇتلىرىنى تۇتۇپ:
- ھىم، بۇنىڭدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىز مېنىڭ قىلىۋاتقان سودامغا سەل قاراپ قاپسىز. - دېدى.
دىلارە ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدى، بىر جۈپ كۆزلىرىدىن ھەيرانلىق چىقىپ تۇراتتى.
- زادى قانچىلىك چوڭ؟ - دەپ سورىدى دىلارە.
ئىليار ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ:
- چوقۇم ... سىزنىڭ يولدىن چىقىش پۇرسىتىڭىز بولمايدىغان دەرىجىدە ، - دېدى.
دىلارە بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، خۇشال ھالدا ئىككى پۇتىنى لىڭشىتتى.
ئىليار ئىنچىكە پاچىقىنى تۇتۇۋېلىپ:
- مىدىرلىماڭ. - دېدى.
دىلارە دەرھال مىدىرلاشتىن توختاپ:
- سىز ئۆزىڭىزنى دۇنيادىكى بىرىنچى باي دېمەكچىمۇ؟ - دەپ سورىدى.
ئىليار ئۇنىڭغا بىر قارىۋېتىپ:
- كىم سىزگە شۇنداق دېدى؟ - دەپ سورىدى.
- ئۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئۇنداقتا بايىقى گېپىڭىزنىڭ مەنىسى نېمە؟ بىرىنچى بولمىسىڭىز، قانداقسىگە يولدىن چىقىش پۇرسىتىم بولمايدۇ؟ - دېدى دىلارە.
- مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، مېنىڭ ئالدىمغا تىزىلغانلار 70-80 ياشلاردىكى كىشىلەر، ئۇلارنىڭ قورسىقى يوغان، ياكى چاچ سىزىقى كەينىگە سۈرۈلگەن ئاي پاڭباش، ياكى چىرايى سەتلىشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمدى ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ، مۇشۇنداق ئادەملەرگە كۆزىڭىز چۈشۈپ تالاغا قاراپ قالامسىز... - دېدى ئىليار.
دىلارە دەرھال قەتئىيلىك بىلەن بېشىنى چايقاپ:
- ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ! مەن يەنىلا ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچكە بەكرەك مايىل. بەدەن شەكلى، چىراي مۇتلەق كۆپ قىسىمنى يەنى 90 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ. - دېدى.
ئۆزىنىڭ بايىقى گېپىنىڭ ئانچە توغرا ئەمەسلىكىنى بۇرۇنلا ھېس قىلغان ئىدى. نېمىشقا تۇيۇقسىز يولدىن چىقىدىغان گەپلەرنى قىلىپ يۈرىدۇ؟
ئۇ ئەلۋەتتە ئۆزىنى يولدىن چىقىپ كېتىشىم مۇمكىن دېمىدى، مۇشۇنداق دېمىسە ئۇ بۇ ئەرنىڭ ۋاقتى كەلگەندە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى قانداق پەرەز قىلالايدۇ.
قەتئىيلىك بىلەن ياق دېيىش ئارقىلىق ئىليارغا خۇشامەت قىلىپ قويدى.
مۇتلەق مۇكەممەل بولغان تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى بولدى.
ئىليار قولىنى ئۇنىڭ يەنە بىر پۇتىغا يۆتكەپ، ئىككى قېتىم ئۇۋۇلاپ، ئۇنىڭغا قارىدى، قاپقارا كۆزلىرى نېمىشقىدۇر بىر ئاز سوغۇق ئىدى.
- دېمەك، ئەينى چاغدا ئەلىنىڭ چىرايىنى دەپ مۇھەببەتلەشكەنمۇ؟ - دەپ سورىدى ئىليار.
دىلارە بۇ قېتىم نېمە دېيىشىنى بىلەلمىدى.
بۇ ئەرنىڭ كاللىسىدا نېمە ئويلىدىغانلىقىنى ھەقىقەتەن چۈشەنمەك تەس.
ئىليار دىلارەگە قارىدى .
- چىراي مەسىلىسىگە كەلسەك... ئەلىمۇ... سەت ئەمەس... - دېدى دېدى دىلارە.
كەيپىيات بىر ئاز ئۆزگەردى، دىلارە ئىلىيارنىڭ قولىنىڭ كۈچىنىڭ خېلىلا ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېنىق ھېس قىلدى.
بېشى بىردەمدىلا ئۇيۇشۇپ، ئالدىراپ - تېنەپ:
- مەن راست گەپنى قىلدىم! بىراق سىز ئەلىدىن نەچچە ھەسسە كېلىشكەن! - دېدى.
ئىليار كۆزىنى قىسىپ قويدى، خەتەر يەنىلا بۇرۇنقىدەك كۈچلۈك ئىدى.
دىلارەنىڭ ئاۋازى بارا-بارا پەسلەپ:
- ئۇنىڭدىن ... نەچچە يۈز ھەسسە كېلىشكەن. - دېدى.
ئىليارنىڭ چىرايى سەل-پەل يۇمشاپ، قولىدىكى كۈچ سەل بوشىدى.
- مېنى ھېلىقى داشقال بىلەن سېلىشتۇرماڭ. - دېدى ئىليار.
دىلارە بۇ گەپنى بەك تونۇش ھېس قىلدى.
- ھىم. -دېدى دىلارە.
- كېيىنكى قەدەمدە قانداق پىلانىڭىز بار؟ - دەپ سورىدى ئىليار بىر ئاز سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن.
دىلارە ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويۇپ:
- مەركىزى شەھەرگە قايتايلى! - دېدى.
ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر
گۈزەل ھايات
مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت
بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،
ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.
ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇلغان.
بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى، ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
تەۋسىيە 推荐
更多内容
生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场
艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视
asalatasar