مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز95-قىسىم - مەخپى نۇمۇرنىڭ سىرى

文摘   小说   2024-09-06 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  16  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786


939291






 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

94-قىسىم

  


-95 قىسىم

مەخپى نۇمۇرنىڭ سىرى


 ياتاق ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن زىلالە جەسۇرغا ياردەملىشىپ كۆڭلىكىنى سالغۇزۇپ قويدى.

بۇ  جەرياندا ئۇنىڭ بېلىدىكى تارتۇقنى كۆرۈپ، زىلالە بارمىقىنى سوزۇپ، تارتۇقنى سىيلاپ:

- سىز بۇرۇن زىبارە بىلەن مۇھەببەتلىشىپ باققانمۇ؟   -  دەپ سورىدى.

  - زىبارە؟  - دېدى جەسۇر ئۇنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇۋېلىپ، - ئۇ سىزگە نېمە دېدى؟   - دەپ سورىدى.

زىلالە بېشىنى چايقاپ:

  -  پەقەت ئازراق قىزىقىپ قالدىم.   - دېدى.

  - مەن ئەكبەر ئاكا-سىڭىللار بىلەن تونۇشقىلى ھەقىقەتەن ئۇزۇن بولدى، لېكىن زىبارە بىلەن ئارىمىزدا ئالاھىدە مۇناسىۋەت يوق، - دېدى جەسۇر  بىلىكىدىن تارتىپ،  قۇچىقىدا ئولتۇرغۇزۇپ، - زىلالە، ماڭا ئىشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.   - دېدى.

 زىلالە كىرپىكىنى ساڭگىلىتىپ:

- مەن ... ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىڭ 9-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.   -  دېدى.

  - ئۇنداقتا،  مەخپىي نومۇرۇمنى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى دەپ بىلىپ قالدىڭىزمۇ؟   -  دەپ سورىدى جەسۇر.

زىلالە بېشىنى لىڭشىتتى.

جەسۇر ئاۋۋال چۆچۈپ كەتتى، كېيىن بېشىنى يېنىك چايقاپ:

- 9-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاپامنىڭ ۋاپات بولغان كۈنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە... -  كۆز ئالدىدىكى زىلالەنىڭ چىرايىغا قاراپ،  -  بۇ كۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم بىر كۈن.   -  دېدى.

ئۇ كۈنى، ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئادەمدىن ئايرىلىپ قالدى.

شۇ كۈنى،  ھاياتىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئادەم بىلەن ئۇچراشتى.

بۇ كۈن جەسۇرغا نىسبەتەن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.

زىلالە تېڭىرقاپ قالدى.

 نۇرغۇن ئېھتىماللىقلارنى تەسەۋۋۇر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ سانلارنىڭ جەسۇرنىڭ ئاپىسىنىڭ ۋاپات بولغان كۈنى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

  - كەچۈرۈڭ، جەسۇر، مەن ... - دېدى زىلالە.

جەسۇر ھېچنېمە دېمەي، سۆيۈپ قويۇپ:

  - مەن دېگەن، سىزنىڭ مەندىن كەچۈرۈم سورىشىڭىزنى ياقتۇرمايمەن،  ئۇنىڭدىن سۆيۈپ قويۇڭ!   -  دېدى.

زىلالە ئۇنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرىگە قاراپ، ئېڭىشىپ مەڭزىگە سۆيۈپ قويدى.

شۇ كۈنى كەچتە، جەسۇر يەنىلا زىلالە بىلەن بىللە، چوڭ ياتاق ئۆيدە ئۇخلىدى.

تيەننىڭ گۇرۇھىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، جەسۇرنىڭ قول ئاستىدىكى شىركەت ئىككىدىن ئۈچكە ئۆزگەردى.

 خىزمەتتىن باشقا، يەنە ئۆمەرنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ، ھەر كۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە ئالدىراش ئىشلىدى.

بۇ بىر نەچچە كۈندە يارىلانغان بولسىمۇ ياخشى ئارام ئالالمىغاچقا زىلالەنى قۇچاقلاپ،  ناھايىتى تېزلا تاتلىق ئۇخلاپ قالدى.

زىلالە ئۇنىڭ مەيدىسىگە بېشىنى قويۇپ  ئۇخلىيالمىدى.

 كارىۋات بېشىدىكى ئىشكاپتىكى چىراغ نۇرىدا، بېشىنى كۆتۈرۈپ  جەسۇرنىڭ  كېلىشكەن يۈزىگە تىكىلىپ قارىدى.

باشقىلار ئاۋۋال مۇھەببەتلىشىپ ئاندىن توي قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار ئاۋۋال توي قىلىپ ئاندىن مۇھەببەتلەشتى.

مۇھەببەتلىشەيلى دېگەنغۇ... ئۇخلاپ قالدىغۇ؟

زىلالە ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ قويدى.

بولدىلا ! 

ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى باشتىلا باشقا ئەر-ئاياللارغا ئوخشىمايتتى.

مەيلى قايسى خىل تەرتىپ بولسۇن، پەقەت  ئۇنىڭغا چىن كۆڭلىدىن مۇئامىلە قىلسىلا كۇپايە.

قولىنى كۆتۈرۈپ، جەسۇرنىڭ پېشانىسىنى يېنىك تۇتۇپ، يارا ئېغىزى ياللۇغلىنىپ قىزىپ قالمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، يۈرىكىمۇ ئورنىغا چۈشتى.

بېشىنى قايتىدىن جەسۇرنىڭ مەيدىسىگە قويۇپ، كۆزىنى يۇمدى.

 تۈنۈگۈن بەك كەچ بولۇپ كەتكەچكە، يان تېلېفوننى ياتاق ئۆيگە ئېلىپ كىرىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغانىدى.

ئىككىنچى كۈنى سەھەردە، ئىككىلىسى ئېزىلىپ ئۇخلاپ قالدى.

ئويغاندا، ئەتىگەن سائەت توققۇزغا ئاز قالغانىدى.

زىلالە ئورنىدىن تۇرۇپ، دەرھال ئۇنىڭ بىلىكىدىكى داكىنى تەكشۈردى، ئاندىن كارىۋات بېشىدىكى ئىشكاپقا قويۇلغان سائەتكە قاراپ ، ئىتتىك ئورنىدىن تۇرۇپ:

  - تۈگەشتىم،  كېچىكىپ قالىدىغان بولدۇم!   -  دېدى - دە  ئالدىراپ-تېنەپ كارىۋاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ، ئەدىيالنى يۆگەپ تازىلىق ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدى، نېمىدۇر ئېسىگە ئېلىپ، يەنە يۈگۈرۈپ قايتىپ كېلىپ، كىيىم قويۇش ئۆيىدىن بىر قۇر كىيىم ئالدى.

جەسۇر كارىۋات بېشىغا يۆلىنىپ، ئۇنىڭ ئەدىيالنى يۆگەپ كۆز ئالدىدا چېپىپ يۈرگىنىگە قاراپ، ئىختىيارسىز يېنىك كۈلۈپ قويدى.

 ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇنچا لۆڭگىسىنى بېلىگە يۆگىدى.

كىيىملىرىنى كۆتۈرۈپ يۇيۇنماقچى بولغان زىلالەنى تۇتۇۋېلىپ، ئېڭىشىپ بوينىغا سۆيۈپ:

  - يامىنى كەلسە، بۈگۈن بىر كۈن دەم ئېلىڭ، ئۇنتۇپ قالماڭ بۈگۈن بىزنىڭ رەسمىي مۇھەببەتلەشكەن تۇنجى كۈنىمىز، سىز مەندەك ھەم ئېرىڭىز ھەم ئوغۇل دوستىڭىزغا ھەمراھ بولۇشىڭىز كېرەك،   -  دېدى.

  - بۈگۈن ھەقىقەتەن بولمايدۇ. - دېدى زىلالە ئۇنى مۇلايىملىق بىلەن ئىتتىرىپ، - بۈگۈن ئۆمەكتە ئۈنگە ئالىدىغان خىزمەت بار، مەن ھازىر ئىسكىرىپكا گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى،  قاتناشمىسام بولمايدۇ.   - دېدى.

  - ئۇنداق بولسا مەيلى، - دېدى جەسۇر لېۋىنى يېنىك چىشلەپ،    -  ئۇنداقتا كەچتە بىللە تاماق يېسەك بولامدۇ؟   - دەپ سورىدى. 

  -  بۇنىڭدا چاتاق يوق.   -  دېدى زىلالە.

- ماقۇل، ئەمىسە قويۇپ بېرەي.   -  دېدى جەسۇر قولىنى بوشىتىپ، زىلالە كىيىملىرىنى ئېلىپ تازىلىق ئۆيىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ باردى، ئاندىن يەنە كەينىگە ئۆرۈلۈپ:

- ھە راست، ئاكامنىڭ ياتىقىغا كىرىپ كىيگۈدەك  كىيىم تېپىپ كىيىپ تۇرۇڭ،  يەنە، يارىڭىزدىن ئېھتىيات قىلىڭ.   -  دېدى.

- ئۇقتۇم، خوتۇن!  - دېدى جەسۇر كۈلۈپ تۇرۇپ ئېڭىكىنى كۆتۈرۈپ،   -  مەن بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، تېز بېرىپ يۇيۇنۇڭ.   -  دېدى.

ۋاقىت ئادەمنى ساقلاپ تۇرمايدۇ، زىلالە  ئالدىراپ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.

ئۇ يۇيۇنۇپ بولغاندا، جەسۇرمۇ ئاكىسىنىڭ ھۇجرىسىدىن بىر يۈرۈش كىيىم تېپىپ كىيىۋالغان بولۇپ،  پىشۇرغان شاكىلاتلىق سۈتنى، ئىسسىق ساقلاش قاچىسىغا قاچىلاۋاتاتتى.

ئىسسىق ساقلاش قاچىسى بىلەن بولكىنى قەغەز خالتىغا سېلىپ،  قولىغا تۇتقۇزۇپ:

  -  ماشىنىڭىزنى نەدە توختاتتىڭىز،  كۆرمىدىمغۇ؟   -  دەپ سورىدى.

 زىلالە ئاستىنقى لېۋىنى چىشلەپ،  خىجىل بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەسلىدە ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ تۇرماقچى بولغانلىقىنى ئېيتالماي،  يالغان سۆزلەشكە مەجبۇر بولۇپ:

  - ئالدىنقى قېتىم نەرسە - كېرەكلىرىمنى ئالغىلى بارغاندا، ئاچقۇچ  ئېھتىياتسىزلىقتىن بىنادىكى ئۆيدە سولىنىپ قالدى، - دېدى. 

  - ھۇ ئەخمەق!   -  دېدى جەسۇر كۈلۈپ،   -  يۈرۈڭ، سىزنى ئاپىرىپ قوياي!   -  دېدى.

  -   ھاجىتى يوق،  تاكسى توسساملا بولىدۇ، قولىڭىز يارىلانغان تۇرسا ماشىنا ھەيدىمەي تۇرۇڭ، - دېدى. 

- خاتىرجەم بولۇڭ، تۈنۈگۈن كەچتىمۇ ھەيدەپ كەلدىمغۇ؟   - دېدى جەسۇر ئۇنىڭغا قاراپ  كۆزلىرىنى قىسىپ.

  

شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەن بىللە جەسۇرنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ، ئۈن ئېلىش مەيدانىغا يېتىپ كەلگەندە دەل توققۇز يېرىم بولدى.

مۇزىكا ئۆمىكىدىكى ئۈنگە ئېلىشقا كەلگەن بىر نەچچە ئىسكىرۇپچىنىڭ ھەممىسى كېلىپ ، بىرىنچى قەۋەتتىكى زالدا زىلالەنى ساقلاۋاتاتتى.

زىبارەمۇ ئۆزىنىڭ ئىسكىرىپكىسىنى كۆتۈرۈپ، كىشىلەر ئارىسىدا تۇراتتى.

زىلالە ئالدىراپ-تېنەپ ئىسكىرىپكىنى كۆتۈرۈپ ماشىنىدىن چۈشۈپ، پەلەمپەيگە چىقىپ:

  - كەچۈرۈڭلار، كېچىكىپ قالدىم.   - دېدى.

ئايگۈل مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىنى كۆپچىلىككە ئېيتىپ بەرگەن بولۇپ، زىلالەنى كۆرۈپلا كۆپچىلىك بىرلىكتە  قارشى ئېلىپ، بەس-بەستە  تەبرىكلىدى.

ئۆمەكتىكى  ياش مۇزىكانت ئۇنىڭ بوينىدىكى سۆيگەن ئىزغا دىققەت قىلىپ:

- زىلالە، بوينىڭىزغا نېمە بولدى؟   -  دەپ سورىدى.

زىلالە قولىنى كۆتۈرۈپ بوينىنى سىيلاپ،جەسۇر قالدۇرۇپ قويغان ئىز ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ، مەڭزى بىردىنلا قىزىرىپ،  چاپىنىنىڭ ياقىسىنى كۆتۈرۈپ بوينىنى توسۇۋېلىپ:

  -  ھېچ ئىش يوق!   -  دېدى. ئەتىگەندە ئالدىراپ ئويما ياقىلىق پوپايكىسىنى كىيىۋالغىنى نېمىسى.

بىر چەتتە تۇرغان ئايگۈل مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ:

- قارىغاندا، ئاخشام جەسۇر دىرېكتور  جاپالىق تەبرىكلەپتۇ!   -  دېدى.

كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى نېمە ئىش بولغانلىقىنى پەرەز قىلىپ، سىرلىق كۈلۈشتى.

زىلالە يۈزلىرى قىزارغان ھالدا :

  - نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىسىز، يۈرۈڭ، ئۈنگە ئېلىشقا بارايلى؟ !   - دېدى.

 گېپى تۈگىمەيلا كەينىدىن جەسۇرنىڭ :

  -  خوتۇن، توختاڭ...  - دېگەن ئاۋازى ياڭرىدى.



 


..................................

...........

...


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章