گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 21-قىسىم _ بىلىشلا كۇپايە

文摘   小说   2024-08-30 13:59   新疆  


 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  38  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓



گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21
109876
1514131211
2019181716









گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

21-قىسىم



21-قىسىم

بىلىشلا كۇپايە

رەنا كەينىگە داجىپ، يېنىك ھەرىكەت قىلدى، ئايرۇس تۇيۇقسىز ئېسىنى يىغىپ، رەنانىڭ كىيىمىنى يەنە بىر قېتىم چىڭ تۇتۇۋېلىپ:

- ئاپا، ئاپا! قانداقلا بولمىسۇن،  بەزى ئىشلاردا ھەقىقەتەن شەخسىي غەرىزىم بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىمەن، لېكىن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ قىلغىنىمنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ.

قانداقلا بولمىسۇن... قانداقلا بولمىسۇن! مېنى بىر قېتىم كەچۈرۋېتىڭ بولامدۇ؟ مۇشۇ بىر قېتىملا، ئاپا، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، بىزنىڭ شۇنچە يىللاردىن بېرى چىن كۆڭلىمىزدىن سىزگە ۋاپادارلىق يەتكۈزگەنلىكىمىزنىڭ يۈزىنى قىلىڭ... - دېدى.

رەشىدەمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، رەناغا يالۋۇرۇپ:

- موما، بۇ ئىش ئائىلىمىزنىڭ شەخسىي ئىشى، بۇنىڭ ئىچىدە تېخى ئېنىقلانمىغان نۇرغۇن ئىشلار بار، بىز ئاۋۋال قەسىرگە قايتىپ بۇ ئىشنى ئوبدان دېيىشەيلى بولامدۇ؟  - دېدى.

دىلارە سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ:

- نېمە؟ ئەمدى قەسىرگە قايتىپ  مۇزاكىرە قىلىشنى بىلدىڭىزمۇ؟ ئائىلىمىزنىڭ شەخسىي ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەنسىز ھە، ئۇنداقتا بايا مەن قايتىپ دېيىشەيلى دېگەندە كىم  تەرىپىدىن توسۇلۇپ قالدىم؟ - دېدى. 

دىلارەنىڭ قاش-كۆزلىرى سوغۇق بولۇپ، قەدەممۇ-قەدەم قىستاپ كېلىپ:

- ئەگەر كاللاڭلاردا قالمىغان بولسا، مەن  ئەسكەرتىپ قوياي.   - دېدى.



-  سىلەر... سىلەر بىزنى شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا توسىۋالدىڭلار.

سىلەر ماشىنىدىكى ھامىلدار ئايالنىڭ ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك ياكى خەتەرلىك ئەمەسلىكىگە قارىماي، كۆپچىلىك ئالدىدا مېنى سىلەرگە چۈشەندۈرۈش بېرىشكە قىستىدىڭلار.

سىلەر يەنە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا يېنىمنى مەجبۇرىي ئاختۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ،  ئۈستۈمگە   ۋارىسىنى قەستلەش جىنايىتىنى ئارتىپ، قاتتىق ئەيىبلەشكە بەل باغلىدىڭلار.

 ئەينى چاغدا مېنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلار كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىغان قىلتاققا چۈشۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ نەق مەيداندا جىنايەت بېكىتىپ، رەددىيە بېرىشكە ئورۇن قالدۇرماسلىقنى ئويلىدىڭلار. 

 ئېنىق ئاڭلىدىڭىزمۇ؟  شۇنچە كۆپ كۆزلەر، شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا مېنى رەسۋا قىلىش سىلەرنىڭ پىلانىڭلار. ھازىر شەخسىي ئىشقا ئايلىنىپ قالدىمۇ؟ قانداق؟ سىلەر  ئانا-بالىنىڭ ئىشى ئائىلىنىڭ شەخسىي ئىشى، ئاپام ئىككىمىزنىڭ كۆپچىلىك ئالدىدا يۈزىمىزنىڭ تۆكىلىشى ھەقلىق ئىش، شۇنداقمۇ؟  - دېدى دىلارە. بۇ قېتىم  راستتىنلا ئاچچىقى كەلدى، ئۇلارنى قويۇپ بېرىش نىيىتىمۇ يوقتەك قىلاتتى.

ئايرۇسنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ:

- مەن ئاپام بىلەن پاراڭلىشىۋاتىمەن، سىز بىلەن ئەمەس! ئاپام مېنى كەچۈرسىلا، سىلەر نېمىگە ھېسابتىڭلار... - دېدى.

-  ئەجەب دۆتكەنسىلەر، بايا دېگەن گەپلىرىڭلارنى ھازىرغىچە ئەسلىيەلمىدىڭلارمۇ؟ 

 ھازىر شۇنچە كۆپ ئادەم قاراپ تۇرۇپتۇ، سىزنىڭ مەسئۇلىيەتتىن قېچىش پۇرسىتىڭىز يوق، بولمىسا ئائىلىمىز بۇ كىشىلەرگە قانداق جاۋاب بېرىدۇ؟  مومامنىڭ ئالدىدا شۇنچە ئۇزۇن تۇرغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنى بىلمەي، ئۆز بېشىمچىلىق قىلساڭلار قانداق بولىدۇ... - دېدى دىلارە.

يەنە رەشىدەنىڭ بايا دېگەن گېپىنى تەكرارلىدى، دىلارە ھازىر ئۇلارغا ئەسلى پېتى قايتۇرۇپ بەردى.

ئايرۇس بىلەن رەشىدە دىلارە ئانا-بالىغا  چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ كەتتى.

دىلارە بىر نەچچە سېكۇنت توختاپ، ئۇلارغا تىكىلىپ تۇرۇپ :

- بۈگۈن رەنا خانىم سىلەرنى كەچۈرسىمۇ نېمە بولماقچىتى؟  پەقەت مەنلا خالىساملا ،  بۇ يەردە پۇت دەسسەپ تۇرالمايسىلەر!  - دېدى دىلارە.

ئايرۇس ئانا-بالا دىلارەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى گېپىنى ئاڭلاپ چىشلىرىنى غۇچۇرلاتقىنىچە تىترەپ:

 - دىلارە... سىز نېمىشقا بۇنداق يولسىزلىق قىلىسىز؟ بۇ ئىشنى سىز قىلمىغان، لېكىن  بىز  قىلغان بولۇشىمىزمۇ ناتايىن... - دېدى. 

- تېخىچە نىيىتىڭىزدىن يانمىدىڭىزمۇ؟ - دېدى دىلارە سوغۇق تەلەپپۇزدا، ئەڭ ئاخىرىدا نەزىرىنى بىر تەرەپتىكى چىرايى تاتىرىپ كەتكەن ئاتالمىش دوختۇرغا قارىتىپ:

- بولمىسا كىيىمىمنى سېلىۋېتىپ  كۆرسىتىپ قوياي، بەدىنىمدە ئاتالمىش ئىپار كۇمىلىچى بارمۇ-يوق؟ تەكشۈرۈپ باقامسىز؟ - دېدى. 

دوختۇرنىڭ ئىككى پۇتى بوشىشىپ:

-  ياق  ... ھاجىتى يوق، رەنا خانىم، بايىقى نۇرنىسا خانىمنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى راست  ... ئايرۇس خانىم مېنى شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغان، ئۇ ماڭا مۇشۇنداق دېسەملا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى،  چۈنكى ئۇ دىلارە خانقىزنىڭ يېنىدا چوقۇم ئىپار كۇمىلىچى بار دەپ جەزملەشتۈردى، شۇڭا مەنمۇ... - دېدى.

نۇرنىسا ئالدىراپ - تېنەپ:

- مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئىپار كۇمىلىچىنى دىلارە خانقىزنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويدۇم، يەنە مۇيەسسەر خانىمنىڭ يانچۇقىغىمۇ سېلىپ قويدۇم، ھەتتا ئۇنىڭغا پىلاننىڭ تاماملانغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر ئەۋەتتىم.  تېلېفونۇمدا يەنە ئۇچۇر خاتىرىسى بار، ئىسپات بولالايدۇ.  - دېدى.

ئىككى ئادەمنىڭ  ئېغىزاكى ئىقرارى بىردەك بولۇپ، ئايرۇس بىلەن رەشىدەنىڭ پىلانى بىۋاسىتە ئاشكارىلىدى.

ئۇلارنىڭ ھېچقانداق مۇتتەھەملىك قىلىش پۇرسىتى قالمىدى.

- ھى...

رەنانىڭ كەيپىياتى مۇرەككەپ بولۇپ، قايغۇلۇق كۈلكە ئاۋازى چەكسىز كىنايە بىلەن تولغانىدى.

- مەن رەنا بۇ ئۆمرىمدە ئەزەلدىن ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئالدىدا نومۇس قىلغۇدەك ئىش قىلىپ باقمىغانىدىم، نەتىجىدە مۇشۇنداق ئاقىۋەتكە قالدىم. مەن ھەقىقەتەن بىر توپ قارا نىيەتلىك ئاچ بۆرە كۈچۈكىنى بېقىپ چوڭ قىپتىمەن، خۇددى زۇلۈككە ئوخشاش، توختىماي قېنىمنى شوراپ، پۈتۈن بەدىنىمنى ۋەيران قىلىپ يىقىتىپ قويماقچى بوپتۇ،  نېمە دېگەن ئېچىنىشلىق...    - دېدى.

ئايرۇسنىڭ چىرايى كۈلدەك تاتىرىپ:

-  ئاپا،  ئۇنداق ئەمەس، راستتىنلا ئۇنداق ئەمەس ... -  دەپ ئىنكار قىلدى، تۇيۇقسىز بىر نەرسىنى ئويلاپ،  بېشىنى بۇراپ، قولىنى كۆتۈرۈپ كەينىدىكى دىلنارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، - ئۇ! چوقۇم ئۇ! يەنە ئۇمۇ بار... چوقۇم ئۇلار ئانا ـ بالا ئىككىسى بىزگە زىيانكەشلىك قىلدى! ئۇ مەندىن نەپرەتلىنىدۇ، شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگەللىۋالغىنىمدىن نەپرەتلىنىدۇ، ھاياتىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىۋالغىنىمغا نەپرەتلىنىدۇ ... ئۇنىڭ كۆڭلى بۇرۇنلا نازارى بولۇشقا تولغان بولسا كېرەك، شۇڭا ئۇ قايتىپ كېلىپ، بارلىق ئاماللار بىلەن مېنى  قوغلاپ چىقارماقچى بولدى ...

نېمىشقا بۇ يەردە بۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ؟ يەنە دىلارەمۇ بار...  ئۇ باشتىن باشلاپ بىزنى گەپكە سېلىپ كەلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى قىلتاق، ئاپا... ئويلاپ بېقىڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتەن مۇكەممەل ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھىيلە - مىكىر، بىزنى مۇشۇنداق مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان دەرىجىگە چۈشۈرۈپ قويدى... - دېدى. 

دىلنار ئايرۇسنىڭ يۈزىنى قېلىن قىلىپ، كەينىگە ئۆرۈلۈپلا ئۆزىنى  چىشلىمەكچى بولغانلىقىغا قاراپ سۇس كۈلۈپ قويۇپ:

- ئايرۇس، ئەگەر مەن سىزنىڭ ئورنىڭىزدا بولسام، ئىش بۇ يەرگە كەلگەندە، دادىل بولۇپ، دو تىكىپ يېڭىلگىنىمگە تەن بېرەتتىم. ھەر قانچە چىڭ تۇرۇپمۇ ئېتىراپ قىلماي، ھەتتا مېنى چىشلەپ قويۇپ بەرمىسىڭىزمۇ نېمە قىلالايتتىڭىز، ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغاندەك ھېس قىلمىدىڭىزمۇ؟ 

ئادەم بولغانىكەن، ۋاز كېچىشكە جۈرئەت قىلىش  كېرەك، سىز ئەسكى ئىشنى قىلىشقا جۈرئەت قىلغانىكەنسىز، مەغلۇبىيەت بولۇپ، دۇچ كېلىدىغان ۋەزىيەتنى ياخشى ئويلىشىپ قويۇشىڭىز كېرەك ئىدى. بۇنداق بولغاندا مەن سىزنى يەنە ئازراق بولسىمۇ كۆزگە ئىلىپ قوياتتىم.  - دېدى.

دىلنار باشتىن-ئاخىر سوغۇققان، تەمكىن قىياپەتتە ئولتۇردى، خۇددى ئۇ بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ئادەم ئەمەستەك، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تەرەپ بولسىمۇ، كەيپىياتىدا ئازراقمۇ داۋالغۇش بولماي ، ئالاھىدە سالماق  كۆرۈنەتتى.

 ئاچچىقتىن ئايرۇسنىڭ لەۋلىرى تىترەپ:

- سىز بۇ يەردە  كەڭ قورساق قىياپەتكە كىرىۋالماڭ... ئەگەر جۈرئىتىڭىز بولسا، نېمىشقا ھازىرغىچە  نېمە ئىش بولغانلىقىنى چۈشەندۈرمەيسىز؟ بۇ قېتىمقى ئىشنىڭ سىز بىلەن ئازراقمۇ مۇناسىۋىتى يوق دېيەلەمسىز؟ !  - دېدى.

دىلنار سۇسقىنا بېشىنى لىڭشىتىپ:

- بۇ ئىشنىڭ مەن بىلەن ئازراق مۇناسىۋىتى بار. - دېدى. 

كۆپچىلىك ھەيرانلىقتا قاراپلا قالدى.  

ھەتتا رەنامۇ ھەيرانلىق بىلەن دىلنارغا قارىدى.

ئايرۇس خۇش بولۇپ، رەناغا قاراپ:

- ئاپا، كۆرگەنسىز، ئۇ ئېتىراپ قىلدى ... - دېدى.

دىلنار كۈلۈپ تۇرۇپ :

- شۇنداق. مەن ئېتىراپ قىلىمەن، ئىشنىڭ تەرەققىي قىلىپ مۇشۇ دەرىجىگە يېتىشى، ھەقىقەتەن مەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇم سىلەرنىڭ كۆزۈڭلارغا سىغمىغان بولسا، سىلەرمۇ بۇنداق ئاماللار بىلەن بىزگە زىيانكەشلىك قىلمىغان بولاتتىڭلار.  - دېدى.

ئايرۇس  ھاڭۋىقىپ تۇرۇپلا قالدى.

 - ئۇنىڭدىن باشقا... - دېدى دىلنار بىردەم تۇرۇۋېلىپ، لەۋلىرىنى ھىمىرىپ قويۇپ، ـ نەتىجىسى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاندىن باشقا، بارلىق پىلانلارنى، مەن قىزىمنى بىر قەدەم بىر قەدەمدىن سىلەرنىڭ پىلانىڭلار بويىچە ئىش قىلىشقا بۇيرۇدۇم، ئانا ـ بالا ئىككىڭلار يول بويى خۇش بولدۇڭلار، ئەجەبا سىلەر ماڭا رەھمەت ئېيتماسلىقىڭلار كېرەكمۇ؟  - دېدى.

ئايرۇسنىڭ كۆزلىرى بىردىنلا يوغىناپ كەتتى، ئۇ ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ:

 - سىزنىڭ... بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟  - دېدى.

دىلنار سۇس كۈلۈپ تۇرۇپ:

-  نۇرنىسا سىز  قورۇققا ئورۇنلاشتۇرغان ئادەملەرنىڭ بىرىغۇ دەيمەن؟ مۇيەسسەر خانىمنىڭ ھامىلىدار بولغىنىغا ئۈچ ئايدىن ئاشتى، سىز پەقەت يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىلا بىلەلمىگەنسىز؟ نېمىشقا بۈگۈن قەسىرگە كىرىپ بۇ ئىشنى تىلغا ئېلىشنى تاللايسىز؟ - دېدى.

ئايرۇس كۆزلىرىنى سەل  قاچۇرۇپ:

- مەن بۇ ئىشنى تېخى يېقىندىلا بىلدىم ... مەن سىزنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى پەقەت بىلەلمىدىم  ... - دېدى.

- سىز ئەلۋەتتە مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى بىلمەيسىز؟  - دېدى دىلنار چاقلىق ئورۇندۇقنى كونترول قىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ، -  سىزنىڭ باشقا يەرگە كۆز - قۇلاق ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىزنىڭ ئاساسى بار، ئاساسى بولمىسا مەن بۇنداق ئىشنى قىلىپ يۈرمەيمەن... - دېدى. 

رەشىدەنىڭ كۆز قارىچۇقى بىر پەس تىترەپ كەتتى.

- گەرچە سىلەرنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە نېمىنى پىلانلىغىنىڭلارنى بىلمىسەممۇ، لېكىن سىلەرنىڭ ئاغزىڭلاردىن مۇيەسسەر خانىمنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلسەملا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە.- دېدى دىلنار.


ئايرۇس دىلنارنىڭ يېقىنلىشىشى ۋە قىلغان سۆزلىرىدىن ئالاقزادىلىك ئىچىدە كەينىگە داجىدى، چىرايىدىن قان دىدارى قالمىدى.

- سىلەرنىڭ ئاچكۆز ھەم ھىيلىگەر مىجەزىڭلارغا ئاساسلانغاندا، نېمىنى پىلانلاۋاتقىنىڭلارنى پەرەز قىلىش تەس ئىش ئەمەس. سىلەرنىڭ پىلانىڭلارنىڭ بارلىقىنى بىلگەن ئىكەنمەن، سىلەرنىڭ بۈگۈن ئەتىگەندىكى ھەربىر ھەرىكىتىڭلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پىلان - مەقسەت بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئېنىق، راست گەپنى قىلسام ... بەك ئېنىق ئاشكارىلاپ قويدۇڭلار. لېكىن  ئۆزۈڭلار ھېس قىلمىدىڭلارمۇ؟ - دېدى دىلنار.

ئۇنىڭ گېپى ئايرۇس بىلەن رەشىدەنى گاڭگىرىتىپ قويدى.

- خالىغانچە بىر باھانە كۆرسىتىپ، دىلارەنى قورۇققا باشلاپ باردىڭىز، دىلارە كەتكەندىن كېيىن، سىز ئاندىن مۇيەسسەر خانىمنىڭ ھامىلىدار بولغانلىق خەۋىرىنى ئاپامغا ئېيتتىڭىز، ئاندىن ئاپامنى  قورۇققا ئېلىپ باردىڭىز، سىز قورۇققا نۇرنىسانى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، مۇيەسسەر خانىمنىڭ قورسىقىدىكى بالىغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغانلىقىڭىزنى ئاشكارىلاپ قويدىڭىز، ئۇنداقتا، دىلارە مۇيەسسەر خانىمنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، چوقۇم ئۇنىڭ ۋە بالىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ، نۇرنىسادىن ھەممە ئىشلارنىڭ پىلان بويىچە ئېلىپ بېرىلغانلىق خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، دىلارە بىلەن مۇيەسسەر خانىمنىڭ قورۇقتىن ئايرىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن قورۇققا بېرىپ يالغاندىن ئالغىلى كەلگەن قىياپەتكە كىرىۋالىدىڭىز، ئاندىن پىلان بويىچە، ھازىرقىدەك  ئادەم ئەڭ كۆپ جايدا دىلارەنىڭ ئالدىنى توسۇپ ئىشنى ئاشكارىلىماقچى بولدىڭىز...  ئاندىن ئالدىن كېلىشىپ قويغان دوختۇردىن پايدىلىنىپ، دىلارەنى نەق مەيداندا تۇتۇپ،  ئۇنىڭ يېنىدىن مۇيەسسەر خانىمنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىپار كۇمىلىچىنى تېپىپ چىقماقچى بولدىڭىز... 

پىلاننى ئىنچىكە، تەرتىپلىك تۈزگەچكە، باشتىن-ئاخىر شۇنداق ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى، سىز ماڭا رەھمەت ئېيتىشىڭىز كېرەك، ئۈن-تىنسىز ھالدا سىلەرنىڭ يول بويى مەغرۇرلىنىپ كەتكىنىڭلارغا قاراپ، خۇددى بىز ئانا-بالا سىلەر ئارزۇ قىلغاندەك، سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن يوقىلىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈردۈم... - دېدى دىلنار.

پىلان راستتىنلا ناھايىتى تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، دىلنار ئېيتقاندەك ناھايىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلغانىدى.

- ئەگەر مەن بىرەر يەردە بىرەر كېلىشمەسلىكنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇپ تۇرمىغان بولسام، ئۇنداقتا دىلارە سىلەرنىڭ پىلانىڭلارنى ئاز-ئازدىن كۆرۈپ يېتىپ، ھازىرقىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان، ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولاتتى. يەنە مېنىڭ  نېمىلەرنى دېيىشىمنى خالايسىز؟ مەن سىلەرنىڭ پىلانىڭلارنى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇپ سۆزلەپ بەرسەم بولىدۇ، لېكىن، سىزنىڭچە راستتىنلا زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ - دېدى دىلنار. 

ئەتراپتىكى ئويۇن كۆرگۈچىلەر بەس-بەستە بېشىنى چايقىدى، دىلنار كۆپ گەپ قىلمىدى، ئەمما ئىشنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، ھەممە ئادەم بىلىپ بولغان ئىشنى ئايرۇس ئانا - بالا باشتىن-ئاخىر ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىدى خالاس.


 


 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章