گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 7-قىسىم _جەزملەشتۈرەلەمسىز

文摘   小说   2024-08-21 13:59   新疆  


 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  25  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓



گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21




6





گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

7-قىسىم


 

7-قىسىم

جەزملەشتۈرەلەمسىز


ئايرۇسنىڭ ئىتتىك قەدەملەر بىلەن مېڭىشلىرى ئىختىيارسىز توختاپ قالدى، ھەتتا كەينىگە ئىككى قەدەم داجىدى.

دىلنارنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىنىپ تۇراتتى.

كۇتۇپخانىدا بىر خىل غەلىتە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى.

ھېچكىم گەپ قىلمىدى.

دىلنارنىڭ ئايرۇسقا ئادەتتىكىدەك سۇسقىنە  پەرۋاسىز ۋە سالماقلىق بىلەن  قارىغان كۆزلىرى ئايرۇس ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئۆتكۈر نەرسىگە ئوخشاش   پۈتۈن بەدىنىگە سانجىلىپ يارا قىلىۋەتتى.

ئايرۇس ئالاقزادىلىك ئىچىدە نەزەر دائىرىسىنى قايتۇرۇۋالدى، ئۇياق-بۇياققا قاراپ ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدى.

كاللىسىمۇ قالايمىقان بولۇپ كەتتى.

ئەمما دىلنار  يەنىلا سۇس كۈلۈپ قويۇپ:

-  قانداق؟ كۆرۈشمىگىلى نەچچە ئون يىل بولغان قەدىناس دوستۇم، كۆرۈشكەندە ماڭا سالام قىلىپمۇ قويمىدىڭىزغۇ؟  - دېدى.

ئايرۇسنىڭ بەدىنى قېتىپلا قالدى،   دىلنارنىڭ گېپىدىن قورقۇپ كەتكەندەك تۈگۈلۈپ قالدى، ئاندىن ئاپىسى  رەناغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى، دىلنارغا قاراپ :

- دىلنار... بۇ راستتىنلا سىزمۇ؟  - دېدى.

دىلنار سۇس كۈلۈمسىرەپ، ئۇنىڭ ئۇياق-بۇياققا قېچىپ تۇرغان كۆزلىرىگە خېلىغىچە تىكىلىپ تۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن ئاستاغىنا :

- سىزنىڭچە مەن بولسام بولامدۇ بولمامدۇ؟  - دېدى.

ئەمما ئايرۇسنىڭ بەدىنى قېتىپ مىدىرلاشقا جۈرئەت قىلالمىدى، پېشانىسىدىن ئىنچىكە تەر تامچىلىرى سىرغىپ چىقتى.

دىلنارنىڭ كۆزى خۇددى تۈمەن جىڭ ئېغىرلىقتىكى سىرلىق تۆمۈردەك بەدىنىنى بېسىۋالغاندەك بولدى.

كەينىدىنلا ئىشىكتىن كىرگەن رەشىدەمۇ دىلنارنىڭ بەدىنىدىن تاراۋاتقان كۆرۈنمەس ، غايەت زور بېسىم كۈچىدىن چۆچۈپ، بىر مەھەل گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.

بۇ ئايال دىلارەدىنمۇ خەتەرلىك ئىكەن.

دىلارەنى تۇنجى قېتىم كۆرگىنىدە، ئۇنى تەنھا، ھاكاۋۇر، ئاسانلىقچە يېقىنلاشقىلى بولمايدىغان تۇيغۇ بەرگەنىدى.

ئەمما دىلارە مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋەتسىز كىشىگە  كۆزىدە بولسىمۇ ئۇچرىشىش پۇرسىتى بەرمەيتتى، بەلكىم بۇ ئۇنىڭ يېشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، شۇنداقلا  ئۇنىڭ ئالاھىدە ھۈنىرىنى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ خىل يوشۇرۇن سالاپەت، ئۇنىڭ يېشىغا ماس كەلمەيدىغان دەرىجىدە چوڭقۇر ئىدى.

لېكىن دىلنار ئوخشىمايدۇ، ئۇ نېمە بولمىسۇن دىلارەدىن 20 نەچچە يىل ئارتۇق ياشىدى، ئۇ ھېچنېمە دېمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۇرغۇپ چىققان كۈچلۈك كەيپىياتنى ئەتراپتىكى ھەممە ئادەم ئېنىق ھېس قىلالايدۇ.

يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، دادىسىنىڭ ئىشى سەۋەبلىك ئاپىسىنىڭ  كۆڭلى پاراكەندە بولدى، ھازىر دىلنار بىلەن ئۇچراشقاندا ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشىدىن ئەلۋەتتە ساقلانغىلى بولمايدۇ.

ئايرۇس ھەقىقەتەن دىلنارغا قانداق يۈزلىنىشنى بىلمەيدۇ.

ئۇنىڭ كۆزلىرى،  ئاددىي بىر جۈملە سۆزىگە ئوخشاش، خۇددى قارشى تەرەپنىڭ ئىچىدىكىنى پۈتۈنلەي كۆرۈپ تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى.

- سىزنىڭ نېمە دېگىنىڭىزنى بىلمىدىم... - دېدى ئايرۇس.

دىلنارنىڭ قايتۇرۇپ سورىغان سوئالىغا ئايرۇس ئامالسىز جاۋاب بەردى.

دىلنار سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ:

-  قارىغاندا مەن بىر تەرەپلىمە ھالدا ئارتۇقچە ئويلاپ كېتىپتىمەن. 30 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ،  بىر قاراپلا سىزنى تونۇيالىدىم، لېكىن سىز ... ئېسىلزادىلەر ئۇنتۇغاق كېلىدىكەن، - دېدى. 

ئايرۇسنىڭ پۈتۈن بەدىنى تىترەپ، غەيرەتكە كېلىپ دىلنارغا يەنە بىر قېتىم قارىغىنىدا، ئۇنىڭ سوغۇق تەبەسسۇم بىلەن ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ دىلنارنىڭ قولىدىكى ھۆججەتكە قارىۋالدى.

ئۇ بىردەم ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى، دىلنارنىڭ پوزىتسىيەسىدىن خېلىلا گاڭگىراپ قالغانىدى.

ئۇ دەسلەپتە دىلنارنىڭ نەق مەيداندا ئۇنىڭ بىلەن ھېسابلىشىپ قېلىشىدىن قورققانىدى.

لېكىن دىلنار ھازىرغىچە ھېچنېمە دېمىدى، بۇنىڭ بىلەن ئايرۇسنى تېخىمۇ بىئارام قىلدى.

ئەمما، بۇ چاغدا،  نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدى، بارلىق گۇمان ۋە ئەنسىزلىك  قەلبىدە لەيلەپ يۈرەتتى.

- سىلەر نېمە قىلغىلى كەلدىڭلار؟  - دېدى رەنا.

بۇنداق غەلىتە كەيپىياتنى ئۆي ئىچىدىكى ھەرقانداق ئادەم ھېس قىلالايدۇ. ھەتتا رەنامۇ ئىختىيارسىز تەرلەپ كەتتى.

نەتىجىدە، دىلنار ھېچنېمە دېمىدى، ئايرۇسمۇ گاڭگىراپ قالدى، ئەمما بەزى ئىشلارنى بۇ سورۇندا تىلغا ئېلىشقا بولمايدۇ.

رەنانىڭ كەسكىن سوئالى ئالدىدا، ئايرۇس دەرھال ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ:

-مەن  .... ئاپا... - دېدى.

- موما!   - رەشىدە ئايرۇسنىڭ گېپىنى بۆلۈپ، رەنانىڭ يېنىغا كېلىپ، ئېڭىشىپ ئۇنىڭ ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، ئىككى قولىنى تىزىغا قويۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ خۇشامەت قىلىش نەزىرى بىلەن قاراپ، -  موما. ھاۋا بارغانسېرى سوۋۇپ كېتىۋاتىدۇ، قېلىنراق كىيىنىۋېلىڭ ... مەيلى سىز مەندىن قانچىلىك خاپا بولۇڭ، لېكىن مېنىڭ بۇ ئۆمرۈمدە پەقەت سىز بىرلا موما بار، شۇڭا سىز مېنى ئۇرسىڭىزمۇ، تىللىسىڭىزمۇ مەيلى،  پەقەت  كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاچچىقىڭىز  يېنىپ  مېنى يەنىلا  نەۋرە قىزىڭىزدەك كۆرۈپ، تاشلىۋەتمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن... - دېدى.

رەنانىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى، ئۇ رەشىدەنىڭ چىرايىغا قاراپ، لەۋلىرىنى يۇمۇپ، كۆزلىرىدىن مۇرەككەپ نۇر چاقناپ:

- بۇ يەرگە يولسىزلىق قىلغىلى كەلدىڭىزمۇ؟  - دېدى.

رەشىدە بېشىنى لىڭشىتىپ:

- شۇنداق، چۈنكى مېنىڭ يولسىزلىق قىلىشتىن باشقا ئامالىم يوق، مەن سىزنىڭ مېنى راستتىنلا تاشلىۋېتىشىڭىزدىن ئەنسىرەيمەن، شۇڭا مەن ھازىر ھەممە ئىشنى قىلىشتىن يانمايمەن.  - دېدى.

دىلارە يەنىلا ساپادا ئولتۇراتتى، بىر تەرەپتىن مېۋە يېگەچ،  يەنە بىر تەرەپتىن  رەشىدەنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىدا رەنانىڭ ۋاپادار، چېچەن نەۋرە قىزى بولۇۋاتقان ئويۇنى كۆردى.

دېمىسىمۇ توغرا، ياشانغانلار ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئادەمگە يېپىشىپ تۇرغان نەۋرىلەرگە ئامراق.

رەشىدەنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭغا ناھايىتى تونۇشتەك بىلىندى.

رەشىدە قولىنى سوزۇپ بۇرۇنىنى يېنىك ئۇۋۇلىدى، دىلارە كۈلۈپ قويۇپ، قولىدىكى مېۋىنى بىرنى چىشلىدى.

رەشىدە زۇكامدىن تېخى ساقايمىدى،  زۇكامدىن پايدىلىنىپ رەنانىڭ ئىچى ئاغرىتىشىنى قوزغىماقچى بولۇۋاتامدۇ؟

ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ھېسسىياتىنى قوزغاشنى بىلىدىكەن.

رەنا  ئۇنىڭغا قاراپ، قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ:

- ئاغرىپ قالغاندىكىن ئۆيدە ياۋاشلىق بىلەن ئولتۇرسىڭىز بولمامدۇ، كۆڭلۈمنى بىسارامجان قىلىدىغان ئىشلار  ئازمىتى؟ !  - دېدى.

رەشىدە خۇشال ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ:

- سىز ھازىرمۇ ئاچچىقلىنىۋاتسىڭىز، مەن قانداقمۇ ئۆيدە خاتىرجەم ، ياۋاشلىق بىلەن ئولتۇرالايمەن؟   - دېدى.

دىلارە رەشىدەنىڭ شۇنچە يىللاردىن بېرى   باش كۆتۈرۈپ چىقىشىنىڭمۇ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى.

بىر چەتتە تۇرغان دىلارەنىڭ نەزىرىنى سەزگەن رەشىدە بۇرۇلۇپ قارىدى.

ئىككى جۈپ كۆز بوشلۇقتا ئۇچراشقاندا، ئۇنىڭغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتتى، ئاندىن نەزىرىنى ئۇنىڭ قولىدىكى مېۋىگە قاراتتى.

تۇيۇقسىز بىر نەرسىنى ئويلىغاندەك:

- موما، ئېسىمدە قېلىشىچە، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى قورۇقتا نۇرغۇن قىش پەسىللىك مېۋىلەر بار ئىدى،  سىز ئۇ يەردىن چىقىدىغان قىزىل بانان ۋە ئاپېلسىننى  ياخشى كۆرەتتىڭىز، ھازىر پارنىكتىكى ئۇ مېۋىلەردىن  ھوسۇل ئالىدىغان ۋاقىت، مېنىڭ ھازىر قىلىدىغان باشقا ئىشىممۇ يوق، بولمىسا مەن ھازىرلا سىزگە ئازراق ئۈزۈپ ئەپكېلىپ بېرەي بولامدۇ؟  - دېدى.

- رەشىدە! 

ئايرۇس تۇيۇقسىز پەس ئاۋازدا غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدى، رەشىدەنىڭ كۆزلىرى چاقناپ قورقۇپ كەتكەندەك قىلاتتى.

رەنا بۇرۇلۇپ ئايرۇسقا قارىدى، ئايرۇس رەنانىڭ كۆزلىرىدىن سەل ئۆزىنى قاچۇرۇپ:

- مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ... بۇنداق ئىشقا  تېلېفون ئۇرۇپ، باشقىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئەكىرىپ بېرىشنى ئېيتساقلا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۆزى ئاتايىتەن بىر قېتىم بېرىپ كېلىشى ھاجەتسىز.   - دېدى.

رەنا  ئايرۇسقا بىردەم تىكىلىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، ئاخىرى رەشىدەگە سوغۇق ئاۋازدا :

- بېرىشنى خالىسىڭىز بېرىپ كېلىڭ، شۇ باھانىدە دادىڭىزنىمۇ چاقىرىپ كېلىڭ. - دېدى. 

- ئاپا! - دېدى ئايرۇس. بىردىنلا چىرايى تاتىرىپ كەتتى.

- قانداق؟ ! مەن جىيەنىمنى ئۆيگە قايتىپ ئاچىسى بىلەن كۆرۈشتۈرمەكچى بولساممۇ يەنە سىزنىڭ چىرايىڭىزغا قاراپ ئىش قىلىمەنمۇ؟ !  - دېدى رەنا.

ئايرۇس بېشىنى چايقاپ:

- ياقەي... ئاپا... - دېدى.

رەنا قاپىقىنى تۈرۈپ رەشىدەگە قاراپ:

- بۇ قېتىم بارغاندا چوقۇم دادىڭىزنى بىللە ئېلىپ كېلىڭ، ئۇنىڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغان باشقا ئىشلىرىم بار!  - دېدى.

رەشىدە سەل ئەنسىرەپ ئايرۇسقا قارىدى، ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزىنى ئەيىبلەپ، ئەنسىزلىك بىلەن ئورنىدىن تۇردى.

 بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يېنىدىكى دىلارەگە قاراپ، ئاستاغىنا :

- دىلارە... ئاچا،  مەن بىلەن بىللە بارامسىز، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى قورۇق بەك چىرايلىق، بىز يەنە مومامغا  ئازراق يېڭى مېۋىلەردىن ئۈزۈپ كېلىمىز، سىز ئۇ قۇرۇقنى كۆرۈپ باقمىدىڭىزغۇ دەيمەن؟ - دېدى.

دىلارە قېشىنى ئېتىپ،  بىلىنەر-بىلىنمەس ھىجىيىپ قويۇپ:

-  سىز بىلەن بىللە بارامدىم؟ راست دەۋاتامسىز؟  - دېدى.



رەشىدە بېشىنى لىڭشىتىپ:

- بىرەر قولايسىزلىق بارمۇ؟  - دېدى.

دىلارە سوغۇق كۈلۈپ قويدى،  ساپادا قىيسىيىپ ئولتۇرۇپ، قولىدا مېۋە تۇتۇپ بەئەينى ئوماق كىچىك قىزچاقلارغىلا ئوخشاپ قالغانىدى.

قولايسىزلىق؟

ھازىر ئۇنىڭدەك بىكارچى ئادەم يوق!

مومىسىغا ئۆز قولى بىلەن مېۋە ئۈزۈپ ئەپكېلىپ بېرىپ ۋاپادارلىقىنى بىلدۈرۈشكە، ئۇنىڭ بۇ ھالىتى قولايسىز بولۇپ قالامدۇ؟

بىر ئاز كۆزىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ ئويلىنىپ،  كۆزدىكى سىرلىق ئىپادىنى ھېچكىمگە كۆرسەتمەي يوقىتىپ، ئاندىن يەنە بېشىنى كۆتۈرۈپ:

- سىزنىڭچە، مەن ھەرىكەت قىلىش قولايسىز ئادەمگە ئوخشامدىكەنمەن؟ - دېدى. 

رەشىدە  قېتىپ قالغان چىرايىغا زورىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ:

- ئۇنداقتا ياخشى،  بىللە بارايلى.  - دېدى.

دىلارە قولىدىكى مېۋىنى ئاغزىغا سالدى، ئاندىن ئاستا-ئاستا تۈز ئولتۇرۇپ، رەشىدەگە بىر ھازا قاراپ تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ:

- بارساممۇ بولىدۇ، ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاش نىيىتى يامان شوپۇرغا ئۇچرىشىپ قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن، ناۋادا بۇ قېتىم بېرىپ قايتىپ كېلەلمىسەم، ھەقىقەتەن ئەرزىمەيدىغان ئىش بولىدۇ. - دېدى. 

كونا ئىشنى يەنە قايتا تىلغا ئالدى.

رەشىدەنىڭ چىرايى بىردىنلا قېتىپ قالدى.

رەنانىڭ چىرايىمۇ ئۆڭۈپ:

- يېڭى ئۈزۈلگەن مېۋىنى  يېسەممۇ، يېمىسەممۇ بولۇۋېرىدۇ، دىلارە سىز يەنىلا ياۋاشلىق بىلەن ئۆيدە ئولتۇرۇڭ.   - دېدى.

دىلارە كۈلۈپ تۇرۇپ رەشىدەگە قاراپ:

-  ھاۋا ھەقىقەتەن سوغۇق، ۋاپادارلىق كۆرسىتىش پۇرسىتىمۇ مۇشۇ بىر قېتىم بولمايدۇ! كېلەر قېتىم ... كېلەر قېتىم بارساممۇ كېچىكمەيمەن. - دېدى.  

دىلارە گەپ ئارىلىقتا بىردەم تۇرۇپ قالدى، لېكىن رەشىدە بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي:

- ئىشىڭىز بولسا بوپتۇ،  ئۆزۈم  بارساممۇ بولىدۇ... - دېدى.

ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ، ئورنىدىن تۇردى.

ئۇ ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرغاندا، پۈتۈن بەدىنى سەل-پەل تەۋرىنىپ، خۇددى يەرگە يىقىلىپ كېتىدىغاندەك ئىرغاڭلاپ كەتتى.

- رەشىدە! سىز تېخى زۇكامدىن ساقايمىدىڭىز، بولدى غەلۋە قىلماڭ؟ !  - دېدى ئايرۇس سەل تىت-تىت بولۇپ.

رەشىدە بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ:

- بۇ بىر نەچچە كۈن دەل ئۇ يەرنىڭ مېۋىلىرى پىشىدىغان ئەڭ ياخشى پەيت، قولدىن بېرىپ قويسام بەكلا ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ ئۆيدە بىكار تۇرسام، مومامغا بىرەر ئىش قىلىپ بەرگىنىم ياخشى ئەمەسمۇ، كۆڭلۈممۇ ئەمىن تېپىپ قالىدىكەن،  - دېدى. 

گەپنىغۇ ھەقىقەتەن چىرايلىق قىلدى.

ھەتتا دىلارەمۇ تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلغىلى  تاس قالدى.

- دىلارە، سىزمۇ  بىللە بېرىڭ.  - گەپ قىلىۋاتقىنى بايا ئىزچىل سۈكۈتتە تۇرغان دىلنار ئىدى.

ئۇنىڭ تۇيۇقسىز بۇنداق گەپ قىلىشى ئۆيدىكى ھەممە ئادەمنىڭ نەزىرىنى بىر يەرگە يىغدى.

رەشىدە بىلەن ئايرۇس ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئېھتىيات بىلەن قارىدى.

ئۇ قەلىمى بىلەن ھۆججەتنىڭ مەلۇم يېرىگە تەمكىنلىك بىلەن بەلگە قويۇپ، ئاندىن ئاستاغىنا:

- ئىشقىلىپ سىزنىڭمۇ قىلىدىغان باشقا ئىشىڭىز يوق. ئۇنىڭدىن كۆرە... سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كېلىڭ.  - دېدى دىلنار ھۆججەتتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۇدۇل دىلارەگە قاراپ.

ئانا-بالا ئىككىسى مانا مۇشۇنداق بىر-بىرىگە بىردەم قارىشىپ تۇرغاندىن كېيىن، دىلارە  بۇرۇلۇپ رەشىدەگە قاراپ قوشۇمىسىنى سۈزۈپ بېشىنى لىڭشىتىپ:

- بولىدۇ، مېنى ئۆزىڭىز تەكلىپ قىلغان ئىكەنسىز، بىر قېتىم بارسام ھېچقىسى يوق، - دېدى.



 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章