گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم 32-قىسىم _ سالماق ئەر

文摘   小说   2024-09-10 13:59   新疆  


 كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

来源:微信读书

مىكرافون ئالدىدا  ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر  ئۈندىدار  ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت 






دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ



ئەپچىدە ئاۋازلىق  11-بۆلۈم  58  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓







ئەپچىدە ئاۋازلىق  10-بۆلۈم  104  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  9-بۆلۈم  112   -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  8-بۆلۈم106 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  7-بۆلۈم115-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓






ئەپچىدە ئاۋازلىق  6-بۆلۈم 104-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓








ئەپچىدە ئاۋازلىق  5-بۆلۈم 110-قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  4-بۆلۈم 105 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓




ئەپچىدە ئاۋازلىق  3-بۆلۈم 100 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم 102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓





ئەپچىدە ئاۋازلىق 1-بۆلۈم  102 -قىسىمغىچە تولۇق يېڭلاندى 

↓↓↓



گۈزەل ھايات 9-بۆلۈم   第9部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ

54

3

21
109876
1514131211
2019181716
2524232221

29

29282726




30





گۈزەل ھايات 8-بۆلۈم   第8部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
9999989796
104103102101100




105



گۈزەل ھايات 7-بۆلۈم   第7部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
 7069686766
7574 73 72 71
8079787776
8584838281
 9089888786
9594
939291
10099989796
105104103102101
110109108107106
115114113112111







گۈزەل ھايات 6-بۆلۈم   第6部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
 104103102101






گۈزەل ھايات 5-بۆلۈم   第5部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
  64 6463 6261
 69    6867 6665
   74 73  72 7170
  797877 7675
   84 8382 8180
8988878685
9493929190
9998979695
104103102101100
  109 108 107  106105




  110






گۈزەل ھايات 4-بۆلۈم   第四部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
40393837
36
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796
105104103102101










گۈزەل ھايات 3-بۆلۈم   第三部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ



54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
706968
6766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796







گۈزەل ھايات 2-بۆلۈم   第二部



قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم   第一部


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
2019181716
2524232221
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
6564636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101



 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

گۈزەل ھايات9-بۆلۈم

32-قىسىم

 



32-قىسىم


كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ كۆلىمى كىچىك بولمىسىمۇ، لېكىن كۈندۈزدىكى   مۇراسىمىغا سېلىشتۇرغاندا، يەنىلا ناھايىتى ئازادە ئېلىپ بېرىلدى.

رەنا دىلارەنى باشلاپ،  مېھمانلار بىلەن بىللە   تۆۋەندە ئورۇنلاشتۇرۇلغان شادلىق نومۇرلىرىنى كۆردى.

شۇنداق.

ئىليارمۇ رەنانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن كەچلىك كۆڭۈل ئېچىشقا پائالىيىتىگە قاتناشتى. ۋە كاتتا ئائىلىنىڭ ئەتىۋارلىق خانقىزىلىق ئورنىدا ئولتۇرغان دىلارەنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ  دىلارەنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىپ، شۇنىڭغا يارىشا ئىش كۆردى.

دىلارە بۈگۈن ئۆزى ھېس قىلغاندەك باش پېرسوناژ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېكراندا كۆپ قېتىم كۆرۈلدى.

 دىلارەنىڭ ھازىر ھامىلىدار ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان، يەنە كېلىپ ئىليار ئىككىسىنىڭ بالىسى.

دىلارەنىڭ كۆرۈنۈشلىرىدە ئەلۋەتتە ئىليارنىڭ سېماسىمۇ بار.

ئۇ ھېلى دىلارەگە مېۋە سويۇپ بەرسە ھېلى چاي تەڭلەپ دىلارەنى ياخشى باقتى.

بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان رەنا بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ  خۇش  بولدى.

باشقا بىر نەچچە رايوندىن كەلگەن مۇھىم شەخسلەر بولسا، بىر-بىرلەپ قەددىنى رۇسلاپ، كۆزلىرىنى قىسىشىپ، ئىليارنى كۆرسىتىپ ئىما قىلىشىپ كۈلۈشۈپ قويۇشتى. 

بۇ قەيەرلەردە كۆمۈلۈپ قالغان ئۈچ ياخشى، بەشتە ئەلا ئەر بولغىيتتى ؟

مۇھەببەت ئىزھار قىلىشتا  شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا ئازراقمۇ تەپ تارتمامدۇ؟

ئۇلار يېنىدا يەنە باشقا ئادەم بارلىقىنى ئويلاپ باققانمىدۇ؟


ئەكرەم ياندا تۇرۇپ، پات-پات چاينى ئالماشتۇرۇشقا ياردەملەشتى، چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە يوق بولۇپ، تەۋرەپمۇ قويمىدى.

بىر نەچچە ئاياللار ئىليارغا ھەۋەس بىلەن قارىشىپ قالدى.

بۇنداق تەمكىن ، سالماق ئەر ھەقىقەتەن  كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىدى.

لېكىن كۆز ئالدىدىكى كۆرۈنۈشلەر ئەكرەمگە   تەسىر قىلماس بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى.

ئۇ ئىلگىرى ئىليار ئەر - ئايال ئىككىسىنىڭ ھازىرقىدەك كۆرۈنۈشلىرىنى كۆپ قېتىم كۆرگەن،  لېكىن قاراپ چىدىيالمىسىمۇ قانداق قىلالايتتى؟

دىلارەمۇ 90 مىنۇتلۇق شادلىق كېچىلىكىنى كۆرۈپ بولغۇچە قانغۇچە يەپ، ئىچىپ قورسىقىنى تويغۇزدى.

كۆپچىلىك بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن،  ئىليارغا ئەگىشىپ زالدىن چىقتى.

رەنا بۇرۇنقىدەك ئۇلارنى بۈگۈن كەچتە ئېلىپ قالماقچى بولغانىدى، لېكىن ئىليار رەت قىلدى.


دىلارەمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي ئېرىنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رەنا ئۆزىنىڭ ئىليارنى تۇتۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلىپ مۇرەسسە قىلىشنى تاللىدى.

بۈگۈن كەچتىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەرخىل ئۇسلۇبىغا ئىگە بىر مەيدان ئويۇننى كۆرگەندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر يەنە بىر ئىشنى مۇزاكىرە قىلىشتى.

- قارىغاندا ئىليار ئەپەندىنىڭ راستتىنلا ئاقپىشمەك بولۇشتا يوشۇرۇن كۈچى باركەن. كۆرۈنۈشتىكى ئاياللارغا ياخشىچاق بولغان قىياپىتىگە قاراڭ، قارىماققا  غەلىتە كۆرۈنىدۇ. 

- شۇنداق! دىلارە ھازىر  ئەتىۋارلىق خانقىز بولۇپ قالدى، ئىليار بولسا ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى، ھوقۇقى يوق، ھەيۋىسىمۇ يوق، ھازىر كاتتا خانقىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالمىسا بولمايدۇ، بولمىسا دىلارە  بىر كۈنى ئۇنىڭ قوڭىغا تېپىپ، يولغا سېلىپ قويسا قانداق قىلىدۇ؟ 

- ئەينى چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئاقپىشماق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى، مەن تېخى قىزىقچىلىق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ھازىر قارىسام، بۇ نەدىمۇ قىزىقچىلىق بولسۇن، ھەقىقەتەن ئاقپىشماق بوپتۇ.  يۈز - ئابرۇيىنىمۇ ئويلىماي، ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى تۇرۇپتۇ. 

- ئىلگىرى  خىجىل بولماي  بوشى مالىيە گۇرۇھىنى   يوقىتىمەن دەپ چوڭ گەپ قىلغان،  ھازىر  ئەتىۋارلىق خانقىزىنى قولغا كەلتۈرۋالغانلىقىدىن ھەقىقەتەن شۇنداق دەسمايىسى بارلىقىغا ئىشەندىم. 

-  ئەينى چاغدا ئۇنىڭغا شۇنچە مەپتۇن بولۇپ يۈرۈپتىمەن! ئەرلەر ھەرقانچە كېلىشكەن بولسىمۇ نېمىگە پايدىسى بار؟ ئاياللارغا تايىنىپ يۇقىرى ئورۇنغا چىققان ئەرلەرنى پەقەت كۆزگە ئىلمايمەن...  

- كىمنى كۆزگە ئىلماي كەتتىڭىز؟  سىناپ بېقىڭ؟ سىزگە شۇنداق پۇرسەت بارمىكەن، كۆزىنىڭ قىرىنى سېلىپ قويامدىكەن؟ دىلارە خانقىز ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، باقالايدۇ،  سىز باقاي دېسىڭىزمۇ دەسمىيىڭىز يوق.  - دېيىشتى  .

كىمنىڭ باشلامچىلىق قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا    شامال يۆنىلىشىنىڭ قاچانلاردا بۇنداق بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگىلى بولمىدى.

ئىلىيارنىڭ بوۋىسى بۇ ئىنكاسلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاچچىقىدا ھوشىدىن كەتكىلى تاس قالدى.

ھەقىقەتەن غەزەپلەندى ھەم نەپرەتلەندى.

-  قالماشمىغان، ئۇ ھازىر قانداق بولۇپ قالدى؟ مۇشۇنداق بىر ئايال ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ نام-ئابرۇيىنى پەس ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان بارمۇ! بۇ دەل ئۇ ئېرىشمەكچى بولغان نەتىجىمۇ؟ !  - دېدى بوۋاي.

 تېلېۋىزورنى كۆرسىتىپ تۇرغان بوۋاينىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ،  چىرايىدىن ئازابلىنىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

- ئۇنىڭغا زادى نېمە بولدى؟ ئۇ ئايالنىڭ نەرى ياخشى، ئۇ ھەتتا ئەرلەرنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئىززەت-ھۆرمىتىنىمۇ قويمىدىغۇ!؟ يارامسىز ئەبلەخ! مەن قانداقسىگە ئۇنىڭدەك بۇنداق يارىماس سولتەكنى بېقىپ چوڭ قىلغان بولغىيتتىم!  - دېدى بوۋاي.

ئەمەلىيەتتە بوۋاي دىلارەنىڭ تۇيۇقسىزلا   ئەتىۋارلىق خانقىزغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، كۆڭلىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق بىر ئاز يوقىلىپ، سالماق بولۇپ قالغانىدى.

ئىلگىرى مەخبۇبەگە ۋە كېرەم ئائىلىسىگە شۇنچە يول قويۇشىدىكى سەۋەبمۇ ئۇلارنىڭ كەينىدە  رەنا خانىمنىڭ  بېقىۋالغان قىزى ئايرۇسنىڭ بارلىقىدىن بولغان، شۇڭا ئۇلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى.

ھازىر كېرەم ئائىلىسى ۋە گۇرۇھىدا تەڭلا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەردى، ئايرۇس خانىممۇ ئويلىمىغان يەردىن موللاق ئاتتى، بوۋاينىڭ ئىلگىرى كۆرسەتكەن ئىزچىللىقى ئەمدىلىكتە  يۇمۇرغا ئايلىنىپ قالدى.

دىلارە رەنا خانىمنىڭ نەۋرە قىزىلىق سالاھىيىتى بىلەن ئىليارغا زور ياردىمى تېگىدۇ.

بوۋاينىڭ دىلارەنى ئېتىراپ قىلىشىنىڭ مۇمكىن بولمايدىغان يېرى يوق.

پەقەت بوۋايغا ئىپادە بىلدۈرۈش پۇرسىتى بولماي تۇرۇپلا، ئىليار ئۇ ئايالغا خۇشامەت قىلىپ، بوۋىسىنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ بولدى.

ئەسلىدە بوۋاينىڭ تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ، دىلارەنى ئېتىراپ قىلىشىمۇ بىر ئاز تەس كېلىۋاتاتتى، ھازىر ئىليار  بىر مۇنچە ئىش تېرىپ قويدى، تېخىمۇ ئېغىز ئاچقۇسى كەلمەي قالدى.

 پەقەت نەۋرىسىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ بەك چوڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، ئىلگىرىكى كەسكىن، دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىمايدىغان سالاپىتىنى يوقىتىپ، ھازىر ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى، ھەممە ئادەمنىڭ ئۇنى مەسخىرە قىلىشى بوۋاينىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.

بوۋاينىڭ نەزىرىدە نەۋرىسىنىڭ بۇنداق بولۇپ قېلىشىغا پۈتۈنلەي دىلارە سەۋەبچى بولدى.

ئەزىمەت ئىشنىڭ ئۇشتۇمتۇت بۇنداق ئۆزگىرىپ كېتىشىنى ئويلىمىغان ئىدى، بۇ ئىشنىڭ ئۇنىڭغا كۆپ ياردىمى بولدى.

ھېچ بولمىغاندا شىركەتتىكى ئىليارغا نىسبەتەن ئىزچىل خام خىيالدا بولۇپ كېلىۋاتقان خىزمەتچىلەر بۇ قېتىمقى كۆپچىلىك پىكرى ئارقىلىق، رېئاللىقنى ئېنىق تونۇپ يەتتى.

شىركەت باشقۇرىمەن دەپ جاپا تارتقاندىن كۆرە، يېنىدىكى ئايالىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، ئەركىن-ئازادە ئۆتكىنى تۈزۈككەن دېگەن ئويغا كەلدى.

- بۇمۇ ئىليارنىڭ تاللىشى، ئۇ ئەزەلدىن جاھىل، ھېچكىم ئۇنىڭ قارارىنى ئاسانلىقچە ئۆزگەرتەلمەيدۇ.  كاتتا خانقىزىنى   ئالغانلىقى بىر ھېسابتا ئۇنىڭ بەختى، ھېچ بولمىغاندا ئۇ ھەقىقەتەن قاتتىقلىق قىلىپ، بوشى مالىيە گۇرۇھىغا تايانمىسىمۇ، كۈنلىرى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمايدىغان بولدى. - دېدى ئەزىمەت. 

بۇ گەپ ئاڭلىماققا ئىليارنىڭ   كاتتا ئائىلىنىڭ ئىچ كۈيئوغلى بولغانلىقى، ئۇنىڭ بۇ ئۆمرىدە ھېچ ئىش قىلمىسىمۇ، ھەتتا ئېرىنچەكلىك قىلىسىمۇ، تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دېگەندەك قىلاتتى.

ھەقىقىي ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئاقپىشماق بولدى.

بۇ گەپ بوۋاينى تېخىمۇ غەزەپلەندۈردى.

- يارىماس سولتەك!  - دەپ تىللاپ قويۇپ، دەلدەڭشىپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ كەتتى!

ئەزىمەت تېلېۋىزور ئېكرانىدا قايتا قويۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ، لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ كۈلۈپ قويۇپ، تىزگىنەكنى ئېلىپ تېلېۋىزورنى ئۆچۈردى.


دىلارە ئىككىنچى كۈنى رەناغا مەركىزى شەھەرگە قايتىش ئويىنى ئېيتتى.

رەنا بىر نەچچە قېتىم تۇتۇپ قېلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا تۇتۇپ قالالمىدى.

-  شىركەتنى ئۆزۈم نازارەت قىلىپ باشقۇمىسام بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن ھازىر ئىليارغا ياتلىق بولدۇم، بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرساممۇ قاملاشمايدۇ، پات-پات كېلىپ سىزنى يوقلاپ تۇرىمەن. ئاپامدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەنسەر ئەپەندىنىڭ تەقى-تۇرقىدىن قارىغاندا، ئاپامغا  ھېچ ئىش قىلمايدۇ،  ئۇزاققا بارمايلا،  ئاپاممۇ سىزنى يوقلاپ كېلىدۇ.  - دېدى دىلارە.

رەنانىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ:

- سىلەر ئەمدىلا قايتىپ كەلدىڭلار، كەلگىنىڭلارغىمۇ ئۇزۇن بولمىدى، ھازىر يەنە بىر-بىرلەپ مېنى تاشلاپ كېتىۋاتىسىلەر... بىزنىڭ بىللە بولغان كۈنلىرىمىز شۇنچە قىسقا تۇرسا،  مەندىن بىر سېكۇنت ئايرىلىپ تۇرساڭلار، مەن سىلەرنى بىر سېكۇنت ئاز كۆرىمەن. دىلارە... - دېدى رەنا.

رەنانىڭ قايغۇلۇق چىرايىغا قاراپ، دىلارەنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى.

رەنانىڭمۇ كۆڭلى يېرىم بولدى. تۇيۇقسىز نەۋرە قىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەقىقەتەن رەشىدە ۋە گۈلشەنگە يەتمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ قالدى.

نېمىلا دېگەن بىلەن شۇنچە يىللاردىن بۇيان، مەيلى ساختا مېھىر - مۇھەببەت بەرسۇن ياكى ساختا مۇئامىلە قىلسۇن، ئۇلارنىڭ مومىسىغا ھەمراھ بولغانلىقى ھەقىقەتەن راست، ئۇنى يالغۇزلۇق ھېس قىلدۇرمىدى.

لېكىن ھازىر...دىلارەنىڭ ئاپىسىمۇ كەتتى، دىلارەمۇ كېتىش ئالدىغا تۇرىدۇ...

بىچارە مومايغا  ئۇۋال ئەمەسمۇ.

ئادەم قېرىغاندا، بەزى سۆز - ھەرىكەتلەردە ئازدۇر-كۆپتۇر بالىلارچە ئىش قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

رەنا لەۋلىرىنى ئۈمچەيتىپ، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكتى، ئاغرىنغان ھالدا دىلارەغا قاراپ:

- دىلارە، كەتمەڭ، بولامدۇ؟  - دېدى.

دىلارە كۆڭلىدە تېخىمۇ خىجىل بولۇپ ئۆكۈندى، ئالدىغا بېرىپ رەنانى قۇچاقلاپ تۇرۇپ:

- مەن ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال قايتىپ كېلىپ سىزگە ھەمراھ بولىمەن.  ئامال قىلىپ ئاپام بىلەن ئالاقىلىشىمەن، ئۇمۇ قايتىپ كېلىپ سىزگە ھەمراھ بولسۇن. - دېدى. 

دىلارەنىڭ قەتئىي نىيەتكە كەلگەنلىكىنى كۆرگەن رەنا  مۇرەسسە قىلىشقا مەجبۇر بولدى.

- ماقۇل، ئەمىسە مەن سىلەرنىڭ قايتىپ كېلىشىڭلارنى كۈتىمەن، سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ۋە قورسىقىڭىزدىكى بالىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭ، ئىشنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال قايتىپ كېلىڭ، بولمىسا مەن خاتىرجەم بولالمايمەن، بىلدىڭىزمۇ؟  - دېدى.

دىلارە بېشىنى لىڭشىتىپ:

- بىلدىم، چوقۇم شۇنداق قىلىمەن. سىزمۇ چوقۇم سالامەتلىكىڭىزنى ئاسرىسىڭىز كېرەك. - دېدى. 

رەنا بېشىنى لىڭشىتىپ، لەۋلىرى تىترەپ گەپ قىلالماي قالدى، ئۇ ئۆزىنىڭ يىغلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرىدى.

دىلارە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ چېچىنى تۈزەشتۈرۈپ، سۇس كۈلۈپ تۇرۇپ:

-  بولدى، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، ھازىر سىزنىڭ جىددىي ۋەزىپىڭىز ئورنىڭىزغا چىقىدىغان ۋارىسنى بالدۇرراق تاللاش، سىز ھەقىقەتەن ئاخىرقى ئۆمرىڭىزنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىڭىز كېرەك. ۋاقتى كەلگەندە ماڭا ياردەم قىلىپ بالىلىرىمنى بېقىشىپ بەرمىسىڭىز بولمايدۇ.  - دېدى.

 ئاشۇ ئىككى ئوماق ئەۋرىسى تىلغا ئېلىنغاندا، رەنانىڭ كۆزلىرى دەرھال يورۇپ :

- چوقۇم شۇنداق بولىدۇ،  ئەۋرىملىرىنى مەن باقماي كىمنى باقىدۇ؟  - دېدى.

دىلارە شۇندىلا خاتىرجەم كۈلەلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەركىزى شەھەردىكى ئىليارنىڭ مومىسى بىلەن گۈلباھار تۇيۇقسىز ھېچقانداق شەپىسىزلا چۈشكۈرۈپ كەتتى.

پاتىمە دەرھال ئەدىيال تېپىپ كېلىپ، موماينىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويۇپ:

- خانىم،  سىرتقا چىقىپ  شامالداپ قالدىڭىزمۇ؟  - دەپ سورىدى.

موماي بۇرۇنىنى سىلاپ قويۇپ:

-  مەن يا ئەخمەق بولمىسام، سىرتتا ھاۋا شۇنچە سوغۇق تۇرسا، مەن نېمىشقا ئۆزۈمنى قىينايمەن. كېلىنئاغچا، بىرەر يەرگە بېرىپ سوغۇق ئۆتكۈزۋالدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى.

گۈلباھارمۇ بۇرۇنىنى سىلاپ بېشىنى چايقاپ:

- ياق، مەن بۇ بىر نەچچە كۈندە سىز بىلەن بىللە ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۆي شۇنچىلىك ئىسسىق تۇرسا، نەدىمۇ زۇكام بولۇپ قالىدىغان پۇرسەت بولسۇن؟  - دېدى.

موماي بېشىنى لىڭشىتىپ:

- شۇنداق، زۇكام بولۇشقا پۇرسەتمۇ يوق، چاقماق چاقسىلا چوقۇم يامغۇر ياغىدىغان ئىش بولمايدۇ، پەقەتلا چۈشكۈرۈپ قالغان ئوخشايمىز، - دېدى. 

- مەنمۇ بىئارام بولمىدىم، زۇكاممۇ بولمىدىم، - دېدى گۈلباھار بېشىنى لىڭشىتىپ، - ئەگەر راستتىنلا چۈشكۈرۈشكە بىر سەۋەب بولىدىغان بولسا، چوقۇم بىزنىڭ  ھېلىقى ئىككى شاكىچىك  بىزنى سېغىنغان ئوخشايدۇ. ۋاييەي مېنىڭ  كېلىنىم، تېخىچە قايتىپ كەلمەيدىغۇ.  - دېدى.

موماي قايتا-قايتا بېشىنى لىڭشىتىپ:

- شۇنداق، قارشى ئېلىش مۇراسىمىمۇ ئاخىرلاشتى، پات يېقىندا قايتىپ كېلىشى كېرەك. ھامىلىدار تۇرۇپ شۇنچە ئالدىراش يۈرىدۇ، نەۋرە كېلىنىم بەك جاپا تارتتى. - دېدى. 

ئىككىيلەن بىر-بىرىگە قارىشىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر سىقىم گازىرنى ئېلىپ چاققاچ داۋاملىق تېلېۋىزور كۆردى.

- بىزنىڭ ئىليارنىڭ ئۆزىنى  بىلىدىغانلىقىنى بۇرۇن بىلمەپتىكىمەن، باشقىلارنى ئەركىلىتىشلىرىمۇ يامان ئەمەس.  - دېدى گۈلباھار.

- بۇ بالا ئاخىرى ئەقلىنى تاپتى، ئەينى چاغدا مەن ئۇنىڭدىن بەك ئەنسىرىگەنىدىم، ئۇنى تېخى ئوغۇل بالىدىن بىرنى خوتۇن قىلىدىغان بولدى دەپ ئويلىغانتىم، راست گەپنى قىلسام شۇنداق قىلسىمۇ  ئېتىراپ قىلماي ئامالىم يوقتى. كىم ئويلىغان دەيسىز، ئۇنىڭ ھەرىكىتى بەك تېز ئىكەن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا دىلارەنىڭ قولغا كەلتۈرۋاپتۇ . بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى ھەرگىز تەپسەم تەۋرىمەس تونۇر دېمەيمەن.  - دېدى موماي.

- دىلارەلا ئەمەس، ھازىر ئەۋرىڭىزمۇ بار بولدى!  - دېدى گۈلباھار.

- ھا، ھا، ھا، توغرا، بۇ ئىش ھەقىقەتەن مۇكاپاتلاشقا ئەرزىيدۇ. - دېدى موماي.

-كىمنى مۇكاپاتلايسىز؟ مۇكاپاتلاشقا توغرا كەلسىمۇ مېنى مۇكاپاتلىسىڭىز بولىدۇ، بۇنداق مۇنەۋۋەر ئوغۇلنى كىم تۇغدى؟ ئاپا، ھە، مېنى نېمە بىلەن مۇكاپاتلايسىز؟ - دېدى گۈلباھار.

- بۇ ئىش سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ تېخى؟  سىز پايدا ئالىدىغانغا بەك ئۇستا جۇمۇ،  نېمىڭىز كەم، ھەر كۈنى مەندىن مۇكاپات تەلەپ قىلىپلا يۈرەمسىز. - دېدى موماي 

- ئاپا سىزنىڭ بېرىدىغان مۇكاپاتىڭىزلا بەرگەن ئاشۇ نەرسەم كەم ، - دېدى گۈلباھار. 

- ئاغزىنىڭ تاتلىقىنى! - دېدى موماي. 

گۈلباھار قاقاقلاپ كۈلۈپ قويدى.

ئۇنىڭ يېنىدىكى پەرھات بوش ئاۋازدا ئېغىز ئېچىپ:

- سىلەر نەۋرەڭلار ۋە كېلىنلىرىڭلارنى سېغىنغان ۋاقتىڭلاردا، نەۋرەڭلار ۋە ئوغلۇڭلارنى باشقىلارنىڭ تىللاپ كەتكەنلىكىنى دەپ ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟ - دېدى.

موماي بىلەن گۈلباھار ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ:

- ئۇلار نېمىنى بىلىدۇ، توردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى   جاھان كۆرمىگەن، خوتۇنىنى ئەتىۋارلاشنى ۋە ئەتىۋارلىنىشنىڭ تەمىنى بىلمەيدىغان كىشىلەركەن.  ئۇلار بىلەن تەڭ تۇرغاننىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟ - دېدى . 

بۇنى ئاڭلىغان پەرھاتنىڭ قوشۇمىسى سەل سۈزۈلدى.

ئۇمۇ قانداقلا بولمىسۇن ئەر كىشى.

ئەرلەرنىڭ بەزى ئويلىرى ئاياللار بىلەن يەنىلا ناھايىتى چوڭ پەرقلىنىدۇ.

ئەرلەر ئۈچۈن نام-ئاتاق يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم.


 

 


  ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


گۈزەل ھايات

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章