مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز 2-بۆلۈم 1-قىسىم _ پەسكەش ئەبلەخ

文摘   小说   2024-09-09 13:59   新疆  

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

来源:百度小说

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەر بەيدۇ   ئوقۇشلۇق سۇپىسىدىكى   شۇ ناملىق ئەسەرگە ئاساسەن ئاسالەت ئەسەرلىرى  سالونى  تەرىپىدىن  ئۆزلەشتۈرۈپ ،تەھرىرلىنىپ، ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلاندى.ئاسالەت ئەسەر سالونى،ئاسالەت ئەپچىسىدىن  باشقا ھەرقانداق سۇپىلارنىڭ تارقىتىشىغا  بولمايدۇ !

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەڭ ياخشى مەزمۇنلىرىمىز سىز 

ئۈچۈن.بىزنى قوللاپ قويۇڭ رەھمەت  





دويىن  نومرىمىز :  ASALATFM دەپ ئىزدەپ قوشۋىلىڭ قىسقا مەزمۇنلار يولىنىدۇ


داۋامى بار. تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ كۈندە مۇشۇ ۋاقىتتا بىر قىسىمدىن يوللىنىدۇ




ئەپچىدە ئاۋازلىق  2-بۆلۈم  24  -قىسىمغىچە   يېڭلاندى 

↓↓↓



ئەپچىدە ئاۋازلىق 102-قىسىم توپلام يوللاندى 

↓↓↓




مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز    


قايسى قىسمنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز قىسىم ساننى بىسىپ ئاڭلاڭ


54321
109876
1514131211
 20  19  18 1716
2524 23 22 21
3029282726
3534333231
4039383736
4544434241
5049484746
5554535251
6059585756
 65 64636261
7069686766
7574737271
8079787776
8584838281
9089888786
9594939291
10099989796



102101


 

كۆپ قىسىملىق ئاۋازلىق ئەسەر

مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

2-بۆلۈم

1 -قىسىم

   

  

 پەسكەش ئەبلەخ!


 - زىلالە، ئالدىرىماڭ. - دېدى ئەكبەر ئۇنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، -   دەرھال ئۆمەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئېنىق سوراپ باقايلى.  -  دېدى .

 - بولىدۇ!- دېدى زىلالە بېشىنى لىڭشىتىپ، - مەن... مەن دادامغا دەپ قوياي.  -  دېدى.

ئىككىيلەن بىللە كېسەلخانىغا قايتىپ كەلدى، زىلالە ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىغا دادىسىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشنى تاپىلىدى.

ئەلۋەتتە، دادىسىغا راست گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى، پەقەت مۇزىكا ئەترىتىدە ئازراق جىددىي ئىش بارلىقىنى ئېيتتى.

 ئۈچەيلەن بىرلىكتە كېسەلخانىدىن چىقتى، ئەكبەر  تاكسى توسۇپ زىبارەنى يولغا سېلىپ قويۇپ، زىلالەنى ئېلىپ ئالدىراپ-تېنەپ ئۆمەرنىڭ قېشىغا كەلدى.

زىلالە ئائىلە تاۋابىئاتى بولغاچقا،  بەلگىلىگەن يوقلاش كۈنىدىن باشقا ۋاقىتلاردا ئۆمەرنى كۆرۈشى مۇمكىن ئەمەس.

ئەكبەر ئۆمەرنىڭ ئادۋوكاتى، خىزمەتچى خادىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئاخىرى  ئۆمەر بىلەن كۆرۈشۈشكە رۇخسەت ئالدى.

زىلالە سىرتتا  تىت-تىت بولۇپ كۈتتى.

قىسقىغىنا ئون مىنۇت.

 بىر يىلدەك ئاستا ئۆتتى.

ئاخىر كارىدورنىڭ تۆمۈر ئىشىكى ئېچىلىپ، ئەكبەر كومپيۇتېر سومكىسىنى كۆتۈرۈپ چىقتى.

- ئەكبەر ئاكا!  - زىلالە يۈگۈرۈپ كېلىپ، - قانداق بولدى؟  - دەپ سورىدى.

- ئاكىڭىز سىزنىڭ جەسۇر بىلەن بولغان ئىشىڭىزنى بىلىپ قاپتۇ، ئۇ... ئۇ  سىزگە ۋاز كەچكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن جەسۇرغا ياخشىچاق بولمىسىڭىزمۇ بولىدىغانلىقىنى، ئاجرىشىپ كېتىپ، ئەركىن-ئازادە ياشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇشۇمنى ئېيتتى، - دېدى.  

 زىلالە ئەكبەرنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇۋېلىپ:

 ـ  بۇنى ... ئاكام قانداق بىلگەندۇ، سىز ئۇنىڭغا دېگەنمىتىڭىز؟  -  دەپ سورىدى.

 - زىلالە، مەن راستتىنلا ئۇنىڭغا سىزنىڭ ئىشىڭىزنى دەپ باقمىدىم. - دېدى  ئەكبەر ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ، - ماڭا ئىشىنىڭ.  -  دېدى.

 -   سىزگە ئىشەنمىگەنلىكىم ئەمەس، مەن پەقەت ... - دېدى زىلالە چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، ـ يەنە باشقا ئامال بارمۇ،  نارازىلىق ئەرزى قىلىشتىن باشقا ئامال بارمۇ، ئاكامنىڭ دېلونى ئاغدۇرۇشىغا ياردەم قىلالامسىز؟  -  دېدى .

ئەكبەر بېشىنى چايقىدى.

 بەلگىلىمە بويىچە، دېلودىكى دەۋالاشقۇچىلار نارازىلىق ئەرزى قىلىشتىن ۋاز كەچسە، جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان بولىدۇ، ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان دېلوغا قايتا سوت ئېچىلمايدۇ.

زىلالەنىڭ قولى سىيرىلىپ چۈشۈپ، كۆز چانىقى قىزىرىپ:

 - قانداقسىگە بۇنداق بولىدۇ؟  -  دېدى.

ئۇ شۇنچە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئاكىسىنىڭ دېلونى ئاغدۇرۇشىغا ياردەم قىلماقچى بولدى.

مۇشۇ كۈنلەردە جەسۇر بىلەن ئەكبەر  ھەر خىل ئاماللار بىلەن يىپ ئۇچىنى تەكشۈردى، دېلودا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىشقا ئاز قالغاندا ئاكىسى تۇيۇقسىز نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشتىن ۋاز كەچتى.

بۇنى ئۇ قانداقمۇ قوبۇل قىلالىسۇن؟

 - زىلالە، ئالدىرىماڭ، -  دېدى ئەكبەر سەل ئويلىنىپ، - بايا خىزمەتچىلەردىن سوراپ باقتىم، قارشى تەرەپ ئاكىڭىزنىڭ چۈشتىن بۇرۇن بىر پارچە خەت تاپشۇرۋالغانلىقىنى ئېيتتى.  - دېدى.  

 - خەت؟ كىم ئەۋەتىپتۇ؟  - دېدى زىلالە.

 -  بۇ ئېنىق ئەمەس، بۇ جىنايەتچىنىڭ شەخسىيىتىگە تەۋە، ئۇلار ماڭا دەپ بەرمەيدۇ. - دېدى ئەكبەر ئەستايىدىللىق بىلەن ئەسكەرتىپ ،  -  تەپسىلىي ئويلاپ بېقىڭ، بىزدىن باشقا، يەنە كىم  جەسۇر ئىككىڭلارنىڭ ئىشىنى بىلىدۇ ھەم ئاكىڭىزغا دېيىشى مۇمكىن؟  - دېدى.

زىلالە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئويلانغاندىن كېيىن، تۇيۇقسىز بىر ئادەمنى ئېسىگە ئېلىپ:

 -  ئۇ، چوقۇم ھېلىقى ئەبلەخ.  -  دېدى.

 -  دېمەكچى بولغىنىڭىز ... - دېدى ئەكبەر.

 - قەيسەر! - دېدى زىلالە بىردىنلا كەينىگە بۇرۇلۇپ ئىشىك ئالدىغا ئېتىلىپ، - مەن ھازىرلا  بېرىپ ئۇنى ئىزدەيمەن!  - دېدى.

 - زىلالە!  -  ئەكبەر  دەرۋازىدىن قوغلاپ چىققاندا، زىلالە   ماشىنىنى ھەيدەپ يولغا چىقىپ بولغانىدى.

ئەكبەر ماشىنىنى ھەيدەپ قوغلاپ كەلدى، نېمىلا دېگەن بىلەن بىر قەدەم كېچىكىپ قالغاچقا، زىلالە ناھايىتى تېزلا ئۇزاپ كەتتى.

 ماشىنا شۇنچە كۆپ ماشىنا ئېقىمى ئارىسىدا غايىب بولدى، ئەكبەرنىڭ قۇشۇمىسى تۈرۈلدى.

زىلالەنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش بولغاچقا، ئەكبەر باشقا ئىشلارغا پەرۋا قىلماي، دەرھال يان تېلېفونىنى چىقىرىپ جەسۇرغا تېلېفون قىلىپ:

- مەندىن خاپا بولۇپ قالغىنىڭىزنى بىلىمەن، ھازىر بۇلارنى دېيىشمەيلى، بۇ قېتىم زىلالە ئۈچۈن تېلېفون قىلدىم.  - دېدى.  

ئىشنىڭ زىلالەغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان جەسۇر جىددىي تەلەپپۇزدا:

 - زىلالەغا نېمە بولدى؟  - دەپ سورىدى.

 - ئۆمەر سىزنىڭ زىلالە بىلەن بولغان ئىشىڭىزنى بىلىپ، نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشتىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلدى، زىلالە  ئاچچىقىدا قەيسەرنى ئىزدەپ ماڭدى.  -  دېدى ئەكبەر.

 -  نېمىشقا ئۇنى توسىمايسىز، قەيسەرنىڭ قانداق نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ - دېدى جەسۇر  يۇقىرى ئاۋازدا،  - ئەكبەر،   نېمىگە ئاساسلىنىپ زىلالە ئىككىمىزنىڭ ئىشىغا ئارلىشىسىز؟  -  دېدى.

- جەسۇر، خاتا چۈشەنمەڭ،  ئۆمەرگە مەن دېمىدىم.  - دېدى ئەكبەر.

 - ئەڭ ياخشىسى دېمىگەن بولۇڭ!  -  جەسۇر تېلېفوننى بىۋاسىتە يەرگە ئېتىپ چېقىۋەتتى.

ئەكبەر قولىنى كۆتۈرۈپ چېكىسىنى بېسىپ، زىلالەنىڭ نومۇرىنى تېپىپ:

 -  زىلالە، سىز نەدە، ھەرگىز ھاياجانلانماڭ.  - دېدى.

زىلالەنىڭ ماشىنىسى تىيەننىڭ سارىيىغا كىرىپ بولغانىدى.

- ئەكبەر ئاكا، بۇ ئىش بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن.  -  دېدى .

تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن،  لېفىتقا چىقىپ، قەيسەرنىڭ ئىشخانىسى تۇرۇشلۇق قەۋەتنى باستى.

بىردەمدىن كېيىن، لىفىت مەنزىل قەۋەتكە چىقىپ ئېچىلدى.

بىر نەچچە خىزمەتچى زىلالەنىڭ ئاچچىقىدا لىفىتتىن چىققانلىقىنى كۆرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يول بېرىپ:

 - زىلالە خانقىز.  - 

- زىلالە خانقىز ياخشىمۇ سىز.  - دېيىشىتى.  

زىلالە بىلەن جەسۇرنىڭ توي قىلغانلىقىنى، جەسۇرنىڭ تيەننىڭ شىركىتىگە  كىرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ زىلالەغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدە  180 گىرادۇسلۇق چوڭ بۇرۇلۇش بولدى.

زىلالە كۆپچىلىككە پىسەنت قىلماي، چوڭ قەدەم بىلەن كارىدوردىن ئۆتۈپ، ئۇدۇل قەيسەرنىڭ ئىشخانىسىغا كېلىپ، ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئاچتى.

ئىشخانىدا ئادەم يوق ئىدى.

بىر خىزمەتچى يۈگۈرۈپ كېلىپ، زىلالەغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ:

- زىلالە خانقىز، قەيسەر دىرېكتور... ئۇ يوق!  -  دېدى.

- نەگە كەتتى؟  -  دەپ سورىدى زىلالە.

 -   مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن.  -  خىزمەتچىنىڭ سۆزى تۈگىشىگە، كارىدوردا قەيسەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.

 - كىم مېنى ئىزدەيدىكەن؟    

ئۇ ئىشخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ، خىزمەت ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا تۇرغان زىلالەنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ، بىر جۈپ كۆزى يورۇپ:

 -  زىلالە،  كەلدىڭىزمۇ، ھېلىقى...   تېز... بۇياققا كېلىپ ئولتۇرۇڭ!  -  دېدى.

زىلالە ئولتۇرماي، ئۈستەلدىكى ساپال قەلەم سالغۇچنى قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا قارىتىپ  ئاتتى.

قەيسەر يانچە بۇلۇۋىدى، قەلەم سالغۇچ ئىشىك رامكىسىغا ئۇرۇلۇپ پارە-پارە بولۇپ چېچىلدى.

 قەيسەر ئالاقزادىلىك ئىچىدە كەينىگە ئىككى قەدەم داجىپ:

- سىز... بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟  -  دېدى.

زىلالە بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى،  قولىغا چىققۇدەك نەرسىنىڭ ھەممىسىنى بىراق چېقىپ:

 - قەيسەر، مەن سىزگە دەپ قوياي .  - دېدى قىپقىزىل كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ، ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، تىترىگەن ھالدا قەيسەرنى كۆرسىتىپ ،- ئەگەر ئاكامنىڭ دېلوسىنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىدەك ئىمكانىيەت بولمىسا، سېنى بوش قويۇۋەتمەيمەن!  -  دېدى.

 -  كېسىلىڭىز بارمۇ؟ - دېدى قەيسەر ئەتراپنى ئورىۋالغان خىزمەتچىلەرگە قاراپ،  - ئاكىڭىزنىڭ دېلوسىنى ئۇ ئۆزى تاپقان، مەن بىلەن نېمە ئالاقىسى؟ -  دېدى. 

 - قۇرۇق گەپ! - دېدى زىلالە ئىچى ئاچچىق بولۇپ، -  ئەگەر ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلمىغان بولسىڭىز، ئۇ تۈرمىدە ياتامتى؟ ئەگەر  ئۇنىڭغا جەسۇر ئىككىمىزنىڭ توي قىلغانلىقىمىزنى دېمىگەن بولسىڭىز،  نارازىلىق ئەرزىدىن ۋاز كېچەمتى؟  -  دېدى.

ئۆمەرنىڭ نارازىلىق ئەرزىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئاڭلىغان قەيسەرمۇ چۆچۈپ:

 -   نارازىلىق ئەرزى بېرىشتىن ۋاز كەچتىمۇ؟  -  دەپ سورىدى.

ئەمدىلىكتە ئاكىسىنىڭ دېلوسىنى  ئاغدۇرۇش پۇرسىتى قالمىدى،  تېخى يەنە ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالغىنى قارا.

زىلالە ئاچچىقتىن ساراڭ بولايلا دەپ قالدى.

 - ۋۇ ئەبلەخ    ... مەن...  

ئوڭ-سولغا قاراپ، قەلەم سالغۇچتىن چۈشۈپ قالغان  قەغەز كېسىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قايچىنى كۆرۈپ قالدى.

ۋە ئۇنى قولىغا ئېلىپ، چوڭ قەدەم بىلەن ئېتىلىپ كېلىپ، قەيسەرنى تامغا بېسىپ قولىدىكىنى گېلىغا تىرەپ:

- ھۇ ئەبلەخ!  -  دېدى.

 - زىلالە،  ھاياجانلانماڭ! - دېدى قەيسەر   قورققىنىدىن چىرايى تاتىرىپ، -   راستتىنلا مەن بىلەن ئالاقىسى يوق، بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى  بىلمەيمەن  -  دېدى.

ياندىكى خىزمەتچى خادىملارمۇ بىرەر كېلىشمەسلىك چىقىشتىن قورقۇپ:

- زىلالە خانقىز، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ!  

- شۇنداق زىلالە خانقىز، گەپ بولسا... ئالدىرىماي دەڭ!  - دەپ نەسىھەت قىلىشتى.






...


、 ئاڭلاۋاتقىنىڭلا كۆپ قىسىم ئاۋازلىق ئەسەر


مانا بۇنى سۆيۈش دەيمىز

مىكرافون ئالدىدا : ئاسالەت مەمەت


بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سالونىمىزدا بولسۇن،

ئەسەرنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بىزنى قوللاش يۈزىسىدىن چەمبىركىڭىزگە يوللىۋەتكەندىن كىيىن  ئاستىدىكى 在看 دېگەن خەتنى بېسىپ قويۇڭ، سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز.

  ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى   ئويدۇرۇلغان.

بۇ ئەسەر ئاسالەت ئاۋازلىق ئەسەرلىرى خاس ئۈندىدار سالونى،  ئاسالەت ئەسەر ئەپچىمىزدە  تارقىتىلىدۇ. باشقا سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.



تەۋسىيە  推荐


گۈزەل ھايات 1-بۆلۈم _  توپلام








更多内容


生活常识 | 正能量 | 时尚 | 情感 | 职场


艺术 | 自我提升 | 日常 | 影视



 

asalatasar 


Asalat asar
AsalatFM ئاسالەت خاس ئۈندىدار سالونى
 最新文章